ھېلىقى نىمە دەپ ئاتايدىغان ياشلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە باردى:
1. ھېلىقى ياش Bچاۋ ئۆيىدە…
دوختۇر: تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەتنى يېتەرلىك يىغىپ كېلىڭ، مانداق بولغاندا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ!
ھېلىقى ياش: ھىم، ماقۇلە……
15 مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى ياش يوغان خالتىدا لىق بوتۇلكا سۇيۇقلۇق كۆتىرىپ كەلدى:
- دوختۇر، ماۋۇنى ئون ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى…يىتەمدۇ، يىتەمدۇ……تەمدۇ…دۇ…
ئەگەر دوختۇردا تاپانچا بولغان بولسا ئېتىۋېتەتتى…
2. ھېلىقى ياش رېنتىگىندە…
دوختۇر: قېنى، چاپىنىڭىزنى سېلىپ، ئاپاراتنىڭ كەينىدە تۇرۇڭ!
ھېلىقى ياش: ھە مانا…
دوختۇر: ۋوي، نېمە ئاغىنىڭىزنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىسىز؟
ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئاراپات……پات…پات…پات…
دوختۇر:پات پات پاتىرۇگىت!!!!(街头霸王)
3. قان تەكشۈرۈش بۆلىمىدە…
دوختۇر: يېڭىڭىزنى تۈرۈپ، بىلىكىڭىزنى مايەرگە قويۇڭ!
ھېلىقى ياش: مەن بۈگۈن كالتەڭ يەڭ كىيگەن
دوختۇر: ئۇنداق بولسا قولنى مايەرگە قويۇڭ
ھېلىقى ياش: ئوڭ قولمۇ سول قول؟
دوختۇر: مەيلى، قايسى قول بولسا بولىدۇ!
ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ قولىنى قويسام بولامدۇ؟
دوختۇر: ئۇف…كېيىنكىسى!
4. بەدەن تەكشۈرۈش ئۆيىدە
دوختۇر: كىيىملىرىڭىزنى سېلىۋىتىپ كىرىڭ
ھېلىقى ياش: ھە، مانا كىردىم!
دوختۇر: ۋاييەي، كىم سىزنى قىپيالىڭاچ كىرىڭ دېدى…ۋاي…
ھېلىقى ياش: نەدە قىپيالىڭاچ؟! پۇتۇمدا پايپاق بارغۇ…
دوختۇر: شىيا يى گى!
5. كۆز تەكشۈرۈش ئۆيى
دوختۇر: ئاۋۇ سىزىقنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كۆزىڭىزنى ئېتىڭ!
ھېلىقى ياش: مانا…
دوختۇر: ۋاي ۋۇي، مەن سىزنى ئىككىلا كۆزىڭىزنى ئېتىڭ دىمىدىم، بىرلا كۆزىڭىزنى ئېتىۋالسىڭىز بولدى
ھېلىقى ياش: مانداق دەڭە، ھە مانا
دوختۇر: بەلگىلەرنىڭ قەيەرگە قارايدىغانلىقنى دەپ بېرىسىز، ماۋۇ…
ھېلىقى ياش: شەرققە
دوختۇر: ئوڭ سول دىسىڭىزلا بولدى، مانى دەپ بېقىڭە…
ھېلىقى ياش: مانى…
دوختۇر: ئۇف، قەيەرگە قارايدۇ شۇنى دەڭ
ھېلىقى ياش: شۇنى…
دوختۇر: ئۇف…بولدى، چىقىپ كىتىڭ!
6. قان بېسىم ئۆلچەش ئۆيىدە…
دوختۇر: قولىڭىزنى ئۈستەلگە قويۇڭ، يەڭلىرىڭىزنى يۇقىرىغا چىقىرىڭ!
ھېلىقى ياش: ئىككىنچى قەۋەتكىما؟
دوختۇر: ھە؟! مانداق بىلەككچە بولسا بولدى، ئەمدى ئۆلچەيمەن، ئاۋاز چىقارماي تۇرۇڭ، ھە بولدى، ئۆلچەپ بولدۇم، 70/110 ئىكەن.
ھېلىقى ياش: دوختۇر خاپا بولماي 70 نى 90 قىلىپ قويامسىز؟ ئۆيدىكىلەر بەك تۆۋەن نۇمۇر ئاپسەن دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن…
دوختۇر: مەن بۇلتۇر سائەت سېتىۋالدىم
7. ئېغىرلىق ۋە ئېگىزلىك ئۆلچەش ئۆيى
دوختۇر: ئاياقنى سېلىپ ئاۋۇ تارازىغا چىقىڭ
ھېلىقى ياش: پايپاقنىمۇ سالامدىم؟
دوختۇر: ياق بولدى، پايپاقنى سالماڭ
ھېلىقى ياش: ئېگىزدە بىشىم قاياتتى، زوڭزىيىپ ئولتۇرسام بولامدۇ…
دوختۇر: خەپ…
8. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۆيى
دوختۇر: كىرىڭ بولىڭە، ھە، ئاۋۇ تام تەرەپتە تۇرۇپ مەن نېمە دىسەم شۇنى تەكرارلايسىز ھە؟
ھېلىقى ياش: ماقۇل
دوختۇر: باشلايلى ھە
ھېلىقى ياش: باشلايلى ھە
دوختۇر: بۇنى دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
ھېلىقى ياش: بۇنى دىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
دوختۇر: بولدى قىلىڭ!
ھېلىقى ياش: بولدى قىلىڭ!
دوختۇر: ھەي يىگىت!
ھېلىقى ياش: ئادۇگىت!
دوختۇر: چىقە ئاداش!!
شۇنىڭ بىلەن 2B يىگىتنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشى تۈگىدى…
[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش
[پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
[پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
پاھىشىنىڭ مۇھەببىتى
بىر قىسىم پاھىشە ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم پاھىشىۋاز ئوقۇتقۇچىلار (چوقۇم كۆرۈڭ)
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
بىز ئەجداد روھىغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇق (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى)
QQدىكى "ئوۋچى"لار (ھېكايە)![[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش](../../d/file/edebiyat/yumur/small14d737efbf2363c036253cf6f0fa5ea31384853530.jpg)
![[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش](../../d/file/edebiyat/yumur/small14d737efbf2363c036253cf6f0fa5ea31384853530.jpg)