
كانادادا تۇرۇپ قالغىلى 14 يىل بولغان بىر جۇڭگولۇق ئۇيغۇر قىزى تۇغقان يوقلىغىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئالغان تەسىراتلىرىنى مۇنداق يېزىپتۇ.
1.ھېچكىم ‹‹يانفۇننى چوڭ بىلىپ ››كەتمەيدىكەن، مەن ماڭغاندا تېخى بىزنىڭ باشلىقنىڭ ب پ ئاپاراتىمۇ يوقتى.
2. تۇرمۇش ياخشىلىنىپتۇ، بايلار باي بوپتۇ، كەمبەغەللەر تالادا قاپتۇ.
3. مۇھىت خېلىلا بۇلغۇنۇپتۇ، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى يوقكەن، ھەممىسى‹‹ ئامال يوق›› دىيىشىدىكەن.
4. يېڭى سوزلەر بارلىققا كەپتۇ. مەسىلەن: ‹‹ رەڭلىك ئولتۇرۇش ››، ‹‹ ئا ئا چە پۇل تۆلەش›› دىگەندەك.
5. خەنزۇچە سەۋيە كۆتۈرۈلۈپتۇ، ھەممە ئادەم سىىزگە تىلىفۇن نۇمۇرىنى ‹‹ ياۋ سەن سەن جىيۇ›› دەپ ئېيتىپ بېرىدىكەن.
6. ئويۇن- تاماشا دۆڭلۈشۈپتۇ، ئەرلەرنىڭ سورۇندىن يانغاندا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى، تىلفۇن ئۇرۇپ ‹‹ چىقىڭە ›› دىيىش ئىكەن، سورۇننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ‹‹ دوستلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭە، بىز x x x رېستۇراندا›› دەيدىكەن.
7. چەتئەللىكلەر كۆپىيىپتۇ، ھېچكىم پاكىستانلىقلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئەزەربەجانلىقلارغا قىزلار ئامراق ئىكەن، ‹‹ قاش- كۆزى جايىدا››مىش، غەرىپتىن كەلگەنلەرگە يەنىلا ھۆرمەت يۇقۇرى ئىكەن.
8. ‹‹ قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ››، ‹‹ پىچىغى كەسمەيدىغان ›› باشلىقلارنى‹‹ بۇنداق›› دىيىش ئازىيىپتۇ، ھازىر، ‹‹ بىڭسى باركەن›› دىيىشىدىكەن.
9. بۇرۇن ‹‹ گويرۇ لاغمەن ›› تى، ھازىر ‹‹ ئۆي لاغمىنى›› دەپ ئاشخانىلاردا بويرۇتۇدىكەن.
10. ياشلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ قەنت سىيىش كېسىلى ›› ، ‹‹ جىگىرىنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلى›› كۆپىيىپتۇ.
11. ھەممە ئادەم تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان بۇلۇپ كېتىپتۇ.
12. ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم كۆپىيىپتۇ، ياغلىق چىگىدىغان ئاياللار كۆپىيىپتۇ.
13. ‹‹ ماشىنا ئالاي دىگەنتىم ›› ، بۇ سورۇنلاردا دىيىلىدىغان مۇھىم گەپكەن.
14. ‹‹ دابازا ›› دىگەن جاي پەيدا بوپتۇ.
15. جەنۇپتىن چىققان ئۇيغيرلار كۆپىيىپتۇ، ئۈرۈمچىلىكلەر ئۇچرىغان ئادەمنى ‹‹ ئالتى شەھەرلىكلەر ›› دىيىشىدىكەن.
16. ئۆپكە- ھېسىپنى ئۆيدە قۇيىدىغان ئىشلار ئاساسەن تۈگەپتۇ، بازارغا بېرىپ يەيدىكەنمىز.
17. توي- تۈكۈنلەر رېستۇراندا بۇلىدىكەن.
18. ھەممە نەرسە ‹‹ جىئا ›› دىيىشىدىكەن، ئالدى بىلەن ‹‹ جىڭىمۇ ياكى جاسىمۇ›› دەپ سورايدىكەن،
19. ھەممە ئادەم ‹‹ بالامنى چەئەلدە ئوقۇتىمەن ›› دىيىشىدىكەن.
20. بۇرۇن سورۇنلاردا يىگىتلەر ‹‹ شاڭخو ئوينايتتى، ھازىر بولسا سورۇنلاردا‹‹ لەتىپە›› ئېيتىشىدىكەن.
21. بىرسىنىڭ ئېرىنى بىرسى تارتىۋالسا، بۇرۇن نۇمۇس قىلاتتى، ھازىر‹‹ بىڭسىم بارمىكەن ›› دىيىشىدىكەن.
22. كۇرىيە دۇنيادىكى ‹‹ ئەڭ مودا دۆلەت ›› مىش، ‹‹ كارامەت تەرەققى قىلغانمىش››، ئادەملىرى ئەڭ ‹‹ ئەدەپلىك ›› مىش
23. ‹‹ خۇڭفاڭ›› ۋە ‹‹ خىيفاڭ›› چەتئەل ھاراقلىرى سىمۋولى ئىكەن.
24. قارا ئاداش ئاۋۇ كۈنى‹‹ دىبا›› دا دەپ گەپ باشلايدىكەنمىز،
25. ئۆزبەكچە ئاھاڭدىكى ناخشىلار ، مۇڭلۇق ناخشىلارغا ئۇيغۇرلار دۈم چۈشۈپتۇ، خەنزۇلار ئىچكىرىدىن مېھمانلىرى كەلسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا ئاپارماي قويمايدىكەن. 27. قاچا لاغمەن دۆڭكۆرۈكتىن چىكىنىپتۇ، تاپماق تەس ئىكەن.
28. ھەممىسى كەتتى دىيىشىدىكەن.
29. ھەممە ئادەم بىر ئاي توڭلاتقۇغا قويمىسىمۇ بۇزۇلمايدىغان سۈت ئىچىدىكەن.
30. بىر سورۇىدا ئولتۇرغان ئون ئادەمدىن سەككىز ئادەمنىڭ بالىسى خەنزۇچىدا ئوقۇيدىكەن.
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
ئالىملار يېڭىدىن بىر كېچىك پىلانتىنى بايقىدى
كەلگۈسى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز ئىش
ئاياللار كۆپ پۇل تاپالايدىغان توققۇز خىل كەسىپ
ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن
تالانت يېتىشتۈرۈشتىن بارلىققا كېلەمدۇ؟
2012-يىلدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان يەتتە كەسىپ
قانداق خىزمەتچىلەر دائىم رۇخسەت سورايدۇ؟
گېن كەمتۈكلۈكى ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتالمايدىكەن
قىش پەسلى بولمىسا ئىنسانلار قانداق قىلاتتى؟
[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش
[پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
[پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
پاھىشىنىڭ مۇھەببىتى
بىر قىسىم پاھىشە ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم پاھىشىۋاز ئوقۇتقۇچىلار (چوقۇم كۆرۈڭ)
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
بىز ئەجداد روھىغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇق (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى)
QQدىكى "ئوۋچى"لار (ھېكايە)
![[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش](../../d/file/edebiyat/yumur/small14d737efbf2363c036253cf6f0fa5ea31384853530.jpg)