ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۈچ ئايلىق بولغان قىز بوۋاق ئېلىنا (Elena) «مۆجىزە بوۋاق» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى نەپسى توختاپ قالغان ۋە يۈرەك سوقۇشىمۇ توختاپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن تۇغۇلغان، تېخىمۇ ھەيران قالارلىق شۇكى، ئېلىنا تۇغۇلغاندىن كىيىن، نەپسى ۋە يۈرىكى توختاپ قالغان ئانا قايتىدىن تىرىلىپ قالغان. ئېلىنانىڭ ئانىسى ئېرىكا (Erica) بۇ يىل 32 ياش بولۇپ، مىسسۇرى شىتاتىنىڭ تېكساس شەھىرى (Texas City) دە ئولتۇرۇشلۇق بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، بۇ يىل 2-ئايدا ھامىلدار ھالەتتە مەكتەپتە دەرس ئۆتىۋاتقان ئېرىكا تۇيۇقسىز ئايلىنىپ چۈشىدۇ.
ئېرىكا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ تۈرىكى تۇيۇقسىز سوقۇشتىن توختاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار جىددىي ئوپىراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى قارار قىلىدۇ. تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئانا قازا قىلغاندىن كېيىن بالىنى يېرىپ ئېلىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئېرىكا مۇنداق دېدى:«دوختۇر ماڭا بالام تۇغۇلغان ۋاقىتتا مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مەن بىر قەھرىمان بىلەن توي قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ قىزىممۇ بىر قەھرىمان.» بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن دوختۇرلار قايتىدىن ئېرىكانى قۇتۇلدۇرۇشقا كىرىشكەن. كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، ئېرىكانىڭ يۈرەك سوقۇشى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېرىكانى بەش كۈن ھوشسىز ھالەتتە ساقلىغان. ئېلىنا تۇغۇلغاندىن كىيىن دوختۇرىانىدا ئىككى ھەپتە بېقىلغان، بىراق ھازىر ئۇنىڭ نەپەسلىنىشى نورمال بولۇپ، ئۆزى سۈت ئىمەلەيدىكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگىرام 620 گىرام بولۇپ، يەنىلا نەپەسلىنىشكە ياردەم بەرگۈچى ئۈسكىنە ئارقىلىق نەپەسلىنىدىكەن، بىراق دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.
بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۇچۇر تورىدىكى مەلۇم بىر پىروگراممىدا زىيارەتتە بولدى. ئېرىكانىڭ يولدىشى مۇنداق دېدى:«بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق، چۈنكى بىزنىڭ ناھايىتى قالتىس بىر قىزىمىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئايالىم سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
ئالىملار يېڭىدىن بىر كېچىك پىلانتىنى بايقىدى
كەلگۈسى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز ئىش
ئاياللار كۆپ پۇل تاپالايدىغان توققۇز خىل كەسىپ
ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن
تالانت يېتىشتۈرۈشتىن بارلىققا كېلەمدۇ؟
2012-يىلدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان يەتتە كەسىپ
قانداق خىزمەتچىلەر دائىم رۇخسەت سورايدۇ؟
گېن كەمتۈكلۈكى ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتالمايدىكەن
قىش پەسلى بولمىسا ئىنسانلار قانداق قىلاتتى؟
[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش
[پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
[پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
پاھىشىنىڭ مۇھەببىتى
بىر قىسىم پاھىشە ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم پاھىشىۋاز ئوقۇتقۇچىلار (چوقۇم كۆرۈڭ)
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
بىز ئەجداد روھىغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇق (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى)
QQدىكى "ئوۋچى"لار (ھېكايە)
![[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش](../../d/file/edebiyat/yumur/small14d737efbf2363c036253cf6f0fa5ea31384853530.jpg)