• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • پىچاق ئاسقان ئەر!(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-06-23
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    پىچاق ئاسقان ئەر!
    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت


    زور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت،
    ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى.
    ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم،
    ئۇنىڭ كۆك يالقۇنلۇق چوڭقۇر كۆزىنى.
    رەستىنى تىرىتىپ كېلەر ئۇ گۈس گۈس،
    ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم.
    كۆڭلىكى ۋەرت - ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار،
    چىڭقالغان بەستىگە چىدالماي ھەردەم.
    سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا،
    ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاپ :
    ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
    ۋە يۈز يىل كىيىنكى ئەسلەنگەن ئازاپ.


    Rvqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.

    Rvqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
    Rvqئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت