• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قايدىسەن! (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-08-07
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قايدىسەن!

    ئەي،ماڭا ئوتلار سېلىپ،ئەقلىمنى ئالغان قايدىسەن؟
    بېشىمغا غەم ياغدۇرۇپ.كويلارغا سالغان قايدىسەن؟

    بارمىدى يا بىر ئۆچۈڭ،يالغۇز ماڭا يەتتى كۈچۈڭ،
    يوقلىمايسەنغۇ كېلىپ،تۈنلەردە بالىجان قايدىسەن؟

    بۇ جاھان تار كەلدىمۇ،ھەمراھ بولۇش ھاركەلدىمۇ،
    دەردى دەۋران ئۈستىگە ئىشقىڭنى قوشقان قايدىسەن؟

    سەنسىز زۇلمەتتۇر بۇ جاھان،نۇر ئېمەر سەندىن قاچان،
    سەن ئۈچۈن تىكلىدى جان،بولمامسەن قالقان،قايدىسەن؟

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.P5kئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت