مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى ئاران يۆتكەپ شۇنداق ئاستا مېڭىۋاتىمەن . ئەتىراپىمدىكى ھەممە نەرسىلەر بىلەن كارىم يوق ، ئۇياق-بۇياقلارغا خۇددىي بىرسىنى ئىزدىگەندەك قاراپ قويىمەن . ئەمما نېمىگە قارىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . شۇنداق قىلىپ باغچىنىڭ خلۋەت جايىغا كىلىپ بىر ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم ، ۋە كۆزۈمنى بىر نوقتىغا تىككىنىمچە بۇرۇنقى كەچمىشلەر خۇددى كىنو ئېكرانىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى...
مەن ئىسىمنى بىلسەملا دادام كىسەلنىڭ ئاسارىتىدە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىكەنتۇق ، ئاچام بولسا تۇغما مېيىپ ، چوڭ ئاچام بولسا ئاللىقاچانلا ياتلىق بۇلۇپ بولغان ئىدى . مەن ، ئىنىم ، سىڭلىم ئۈچىلىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتۇق ، شۇ چاغلاردا ئانام ئۇچىمىزگە تاپسا يىگىلى يوق ، يەنە كىلىپ دادام دورىدىن ئايرلسىلا ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كىتەتتى . ئانام شۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا قاتتىق ئىشلەيتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتە ھەر مەۋسۇمدا كىلىدىغان ئوقۇش خىراجەت ھەققى بەكلا بېشىمنى قاتۇراتتى . دېمىسىمۇ ئۈچ بالىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئەمەسمۇ . ئەمىليەتتە بۇمۇ خىلى بىر يەرگە بېرىپ قالاتتى . بۇنداق چاغلاردا مەن مەكتەپكە ئۈچ كۈن بارسام ئىككى كۈن بارماي ، باشقىلارغا مەدىكارلىققا ئىشلەيتىم ، ئۆزۈم كىچىك بولساممۇ خېلى ئىشلارنى قىلالايتىم . ياز ۋاقتى بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىدا تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ، قىش ۋاقتى بولسا غوزا (كىۋەزنىڭ پىشىدىغان ۋاقتىدا ئۈلگۈرمەي ئۈششۈك چۈشۈپ كەتكەچكە شۇ پىتىچە ئۈزۈپ ، قولدا يېرىپ پاختىسىنى ئالىمىز )تېرىپ پۇل تېپىپ مىنىڭ ۋە ئۇكىلىرىمنىڭ مەكتەپ خىراجىتىمنى ئۆزۈم ھەل قىلاتتم . تېخى ئانچە-مۇنچە ئۆيگىمۇ ياردىمىم تىگىپ قالاتتى . مەكتەپكە تولۇق بارماسلىق تۈپەيلى ئوقۇققۇچىلىرىم ماڭا ئاچچىقى بولسا دەرىستىكى ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلىرىم ۋە تەشكللەش ئىقتىدارىمنىڭ ياخشى بۇلۇشى سەۋەپ ئۇلارنىڭ مەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن قارىشىغا مۇيەسسەر بۇلاتتم . كۈنلەر مۇشۇ تەرقىدە بىر-بىرنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى ، مەنمۇ يىلدىن -يىلغا چوڭ بولدۇم . ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يوق پەقەت ئاپام يىلدىن-يىلغا كۈچىدىن قىلىۋاتاتتى ، دادامنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقىلى تۇردى ، ئىنى-سىڭىللىرىممۇ چوڭ بولغان بىلەن مەندەك كۈيۈمى يوق ئىدى، ئۇلارغا مەكتەپتىن ئوقۇش پۇلى دەپ بولغۇچە ئۆيگە كىلىپ دادام -ئاپامنى پىرقىرتىۋىتەتتى . ئەممە مەن ئۇنداق ئەمەس ئىدىم ھېلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ . بىر كۈنى مەكتەپتىن ئوقۇش خىراجىتىنى تاپشۇرمىغانلارنى مەكتەپتىكى نەق مەيدان زالىغا چىقىرىپ قويغان ئىدى . خىجىللىقىمدا مەكتەپتىن ئايرىلىپلا ئۆلىۋالماقچى بولغان ئىدىم ، لېىكىن ئۆيدىكى بىچارە ئانامنى ، كۈندىن-كۈنگە كىسەل چىرماپ ئەھۋالى ئېغىرلىشىۋاتقان دادامنى ئويلاپ بۇ نىيىتىمدىن يانغان ئىدىم .
مىنىڭ دەرىستىكى نەتىجىلىرىممۇ ئالاھىدە ياخشى ئىدى .بىردە مانا مۇشۇنداق تەنقىد ئاڭلىسام بىردە مەكتەپتىكىلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى ئىدىم.شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچنى ئاخىرى پۇتتى،مەن تۇلۇقسىزغا چىقتىم ، بۇ ھاياتىمدا بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى . مەن بۇ مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ماڭا بېسىممۇ كۆپەيدى ، بىراق بەك خۇشال ئىدىم ئۆزۈمچە بىرخىل چوڭ بۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەپقالغان ئىدىم .
دەرۋەقە تولۇقسىز ھاياتىم بىر قەدەر تىز ھەم بىر ئاز مەنىلىك ئۆتتى ، ئۇچاغلاردا گەپنىڭ راستىنى دىسەم قانداق ياشىسا مەنىلىك بولىدۇ تازا بىلىپ كەتمەيتىم ، پەقەت ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بىز گە ھەسىرەت بىلەن ۋاقىت بىكارغا ئۆتمىسۇن مەنىلىك بولسۇن كىيىنچە ئۆزۈڭلارغىمۇ ماڭىمۇ يۈز كىلەلىشىڭلار كىرەك قاقشىغىنى ئىسىمدە .
ئائىشە -0997 : مەن ئىشقا ماڭىدىغان ۋاقىت بوپقالدى داۋامىنى كەچتە يوللايمەن! باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ماڭا ئىجادىيەت سەھنىسىدىن بىر كىشلىك ئورۇن بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن رەھمەت!
تەستىقلىغۇچى ئېلاۋىسى : ھۆرمەتلىك ئائىشە -0997 ، گەرچە ئەسىرىڭىزدە ئىملا خاتالىقى ساقلانغان بولسىمۇ ، ياخشى يېزىلغان ، يىزا تۇمۇشى ، بىر ئائىلىدىكى تەڭقىسلىق ياىشى بايان قىلىنىپتۇ ، ماۋزۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۆزگەتىلدى. ئادەمدە چىدام - غەيرەت بولغاندىلا ھەقىقىي بەخىتكە ئېرشكىلى بولىدۇ ، بوشاشماڭ ، ئاقيول ئۇيغۇر ئۇنۋېرسال تورى سىزگە ھەرۋاقىت ئوچۇق .