كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 30 ياشقا كىرەي دەپ قالدىم ، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى مەكتەپتىن ئۆيگە ،ئۆيدىن مەكـتەپكە قاتناش بىلەن ئۆتۈپتۇ ، ئاتا - ئانام چىڭ تۇتقاچقىمۇ شۇنداق ئاددى - ساددى چوڭ بولدۇم ،مۇشۇ يىشىمغا كەلگىچە بىرەرسى بىلەن يۇرۇپمۇ باقمىدىم ، ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم ،ئەمدى ئۇلار ئالدىراتقىلى تۇردى ، كۈندە بىرسىنى تۇنۇشتۇرىدۇ ، مەن ئۇنىمايمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئاپامدىن تىل ئىشتىمەن .
- چىرايلىق ياسىنىپ يۇرمەمسەن ،سۆرىلىپ يۇرسەڭ كىم قارايدۇ ؟ تالا تۇزگە چىقمامسەن ؟ دوستلىرىڭ بىلەن ئايلىنىپ كىرسەڭ بولىدىغۇ ؟
كۇندە دەيدىغان گېپى شۇ ،مەن ئىشتىن چۇشۇپلا تاماقنى يەپ بولوپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىمەن .
ئۆيدە ئولتۇروپ ئۆگىنىپ قالسا تالاغا چىقىشمۇ خوشياقمايدىكەن . بۇگۇنمۇ ئاپام يەنە كوتولدىغىلى تۇردى . شۇ ئارىدا خىزمەتدىشىم ھەم دوستۇم يۇلتۇز تېلېغۇن قىلىپ قالدى .
- نىمە بولدى ؟يەنە تىل ئاڭلىدىڭما ؟سەنمۇزە ، چىقە ، جىمجىتراق يەرگە بېرىپ ئولتۇروپ كېلەيلى .
پەقەت چىققۇم يوق ، لېكىن ئاپامنىڭ ئاغزى ھېچ بېسىقىدىغاندەك ئەمەس . شۇنىڭ بىلەن دوستۇم بىلەن سىرىتقا چىقتىم . ئىككىمىز مۇھىتى ياخشى جىمجىت بىر قەھۋەخانىدا ئولتۇردۇق ، مەن ئۇنىڭغا قاقشاپ بەردىم .
- سەنمۇ تازىمۇ بىر داۋۇخور ، ئاداش ، سەندە نىمەكەم ؟ چىراي دىسە چىراي بار ، بەدەن شەكلىڭمۇ شۇنداق چىرايلىق ، خىزمەت ئورنۇڭ ۋە ئەخلاقىڭ ياخشى ،شۇنىسى ، بەك مەتۇ يۇرىسەن ، پۇلۇڭ بولغاندىن كېيىن ياسىنىپ يۇرمەمسەن ، چوڭ خوتۇنلاردەك يۈرۈپ ... ھازىرچۇ قاپاق پۇل ئەمەس ، باراڭ پۇل ، خەق بىرىنىچى قېتىم قەلبىڭنى كۆرمەيدۇ ،تاشقى قىياپىتىڭغاقارايدۇ . بۇنى بىلەمسەن ؟
- قانداق قىلىمەن، ئەمىسە ؟
- ياسنىپ يۇرمەمسەن ،چىرايلىق كىيىم كېي ، ئېچىلىپلا كېتىسەن ،چاچلرىڭنى ئوڭشاتقىن ،ئەتە ئىشىڭ بولمىسا شەنبە بولغاندىن كېيىن مەن چىقىشىپ بېرەي .
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇنىڭغا سەپسالدىم ،ئۇ چىرايلىق بولمىسمۇ شۇنداق مودا ، مىجەزى شۇنداق ئوچۇق ،ئۇنى قوغلىشىدىغانلارمۇ خېلىلا كۆپ ئىدى .
- ئاداش ، نېمە دەپ تۇنۇشتۇرغانلارغا ئۇنىمايسەن ؟ ئاپاڭ تۇنۇگۇن ماڭا شۇنداق قاخشاپ كەتتى ، سېنى ئولتۇرۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن ، شۇ .
- سېنى يا باشقا قىزلارغا ئوخشىمىسا دەيدۇ .
- مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ،نىمەدەيمەن ؟
ئەتىسى يۇلتۇز بىلەن چاچلىرىمىنى ئوڭشاتتىم ، ئاياغ ، كىيىم ، سومكا ، گىرىم بۇيۇملىرى ئاپتىمەن ، ئۆيدىكىلەر شۇنداق خوش بولدى ، خۇددى مەن ئەتىلا ئەرگە تىگىدىغاندەك .
كېيىن ۋاقتىم چىقسلا ھۆسۇن تۇزەش ، ياسىنىش توغرسىدىكى ژورناللارنى ئېلىپ ئوقوپ خېلى بىلىملىك بولۇپ قالدىم ، ياسنىشقىمۇ ئۇستا بولۇپ قالدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقسىز مۇئەللىمىم يۇلتۇز بار تۇرسا ، بازار چۆگىلەشكە ئامراق بولۇپ قالدىممىكىن ، بىكار بولۇپ قالساملا سودا سارايلارنى چۆگىلەيمەن ، مۇشۇنداق قىلسام ، كاللامدىكى خىياللار يوقاپ قالىدىكەن ، بۇگۇن ئىشتىن چۇشۇپ كەلسەم ئاپام تويغا بېرىپ كەپتىكەن ،مەن توغرىلىق چوڭ جىدەل چىقتى .
- قاچانغىچە باقىمىز ،ئەرگە تېگىشتىن قوقىدىغان بىرەر ئىشىڭ بارمىتى يا ،سەنچىلىك ۋاقتىمىزدا سىلەر ئىڭەككە يەتكەن ،قاچانغىچە بىزنى ئارام ئالغۇزۇشمايسەن ؟ خەقنىڭ قىزلىرىنى ئالىدىكەنغۇ ؟
دۇنيادىكى ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن تىللىدى ،شۇنداق يىغلىدىم ، شۇنچىلىك ئولتۇرۇپ ئۇدۇل كەلگەن بىرسىگە تىگىپ كەتكۇم كەلمىدى ، قانداقمۇ قىلارمەن ،يامانلاپ يۇلتۇزنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم ، بۇ قېتىملىق يامانلىشم تەقدىرىمنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتىۋىتىشىنى بىلمەپتىمەن .