• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئالامەت سالام خەت - مەن سىنى ياخشى كۈرىمەن!

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاھ سۆيۈملۇك مايمۇنەم:
    سىزگە كۆيۈپ يۈرگىلى مانا توپتوغرا 2 كۈن بولدى، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيۈپ كۆسەي بولۇپ كىتەيلا دىدىم، كىچىچە سىزنى ئويلاپ يوتقىنىمغا سىيىپ قويغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن، سىز نى تولا ئويلاپ تاماقمۇ گىلىمدىن ئۆتمەس بولدى، شۇنداقتىمۇ 3 كىلو سەمىرىپ كېتىپتىمەن، سىزنىڭ شۇ كۆزىڭىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم، سىزنىڭ شۇ 1مېتىر 40 كىلىدىغان بويېڭىزنى سېغىندىم، سىزنىڭ دەرس ۋاقتىدا خورەك تارتىپ ئۇخلىشىڭىز نى سېغىنىدىم، سىزنى كۈندىلا كۆرسەم دەيمەن، سىز بىلەن كۈندە خۇددى كەڭ دالىلاردىكى بىر جۈپ موزايلاردەك بىللە سەيلە قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، قاراڭ ،مەن سىزنى دەپ ھەتتا شېئىر يازىدىغان بولۇپ كەتتىم، مانا مەن سىز گە مېنىڭ "قېلىنلار" گېزىتىنىڭ "داپشاقلار" بىتىدىكى "ئىزا تارتماي يازىۋىرىمەن" دىگەن سەھىپىسىگە ئىلان قىلغان شېئىرىمنى مۇھەببىتىمنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە سىزگە ھەدىيە قىلماقچى:


    سىز بۇلۇت، مەن يامغۇر.
    سىز سۈيقاش، مەن چامغۇر.
    سىز تام، مەن مىخ.
    سىز كاۋاپ، مەن زىخ.
    سىز ئوقۇغۇچي ،مەن پارتا
    سىز پۇتبول،مەن ۋارتا
    سىز ۋىنتا ،مەن ئامبۇر
    سىز ھۈسەنجان،مەن تەمبۇر
    سىز ياقا،مەن ئىتەك
    سىز ئاياق،مەن پىتەك
    مەن پەرھات،سىز شېرىن
    سىز ئۆپكە،مەن قېرىن
    سىز قازان،مەن كورا
    سىز كىسەل،مەن دورا
    سىز ئۈزۈك،مەن ھالقا،
    سىز بۇرۇن ،مەن ماڭقا،
    مەن پۇشقاق،سىز ياقا
    مەن ئىشەك،سىز تاقا،
    سىز ئوت، مەن پاختا،
    كۆيۈېاتىمەن شۇ تاپتا.
    مەن ئوت ،سىز پاختا
    مەن راست،سىز ساختا،
    سىز كۆمۈر،مەن مەش
    سىز چىكىت،مەن پەش،
    سەن دېرىزە مەن پەردە
    سەن ئاسماندا مەن يەردە،
    سىزقەلەم مەن سىيا
    سىز ئۇغۇت مەن گىيا،
    مەن يىڭنە سىز يىپ
    مەن كىيىم سىز پىت
    مەن كۆز سىز چاپاق
    مەن تاۋۇز سىز شاپاق،
    سىز ھايۋان مەن ئادەم،
    سىز قىلىڭ مەن ماڭدەم.
    سىز سەنەم مەن غىرىپ،
    سىز ئىلىپ مەن قىلىپ.
    سىز پۇل مەن بانكا،
    سىز يول مەن تانكا.
    سىز يەلكەن مەن لەڭگە،
    سىز تاماكا مەن بەڭگە،
    سىز شامال،مەن غازاڭ.
    سىز چۆمۈچ،مەن قازان.
    سىز موزاي مەن ئوت،
    سىز پۇتبول،مەن پۇت.
    سىز ئۆمۈچۈك مەن چىۋىن
    سىز مۈشۈك مەن چاشقان
    سىز ئىشىك مەن قۇلۇپ
    سىز ئوغرى مەن ساقچى
    سىز تۇمان مەن جاھان
    سىز بۇلۇت مەن ئاي
    سىز تىرناق مەن كىر
    سىز مەينەت مەن پاكىز
    سىز مۈشۈك مەن چاشقان
    سىز ئىت مەن كىت ،
    سىز ئارزۇ،مەن تىلەك
    سىز ئەپكەش ،مەن چىلەك
    سىز قازان،مەن تۇۋاق
    سىز بۆشۈك،مەن بۇۋاق
    سىز چارە،مەن ئامال
    سىز سالقىن،مەن شامال،
    سىز قونچاق مەن كىرپىك
    مەن چاپان سىز يىرتىق .
    سىز مىجەز مەن چىقىشقاق
    مەن دۇمبە سىز قىتىشقاق .
    مەن ئۇيغۇر سىز قازاق .
    سىز يۇمۇر مەن مازاق
    مەن مۇزىكا سىز ناخشا،
    مەن كىۋەزلىك سىز پاختا.
    سىز ئىگىزدە مەن پەستە ،
    مەن تۇرىمەن بىر چەتتە،
    سىز كەتسىڭىز ھەۋەستە،
    مەن قالىمەن ھەسرەتتە.
    سز يۇرەك مەن ئوقيا
    سز زەھەر مەن دارا
    سىز دىخان مەن كادىر
    سىز ئۇچۇق، مەن پۇچۇق،
    سىز قەلەم،مەن دەپتەر،
    سىز ئۇۋا ،مەن كەپتەر.
    سز يازغۇچى،مەن كىتاب.
    سىزنىڭ دەردىڭىزدە مەن بىتاپ.
    سىز ماۋزۇ مەن تىما ،
    سىز پارول مەن مىما،
    مەن قارا يەكشەنبە سىز كاشتان ،
    سىز چاپان مەن ئىشتان،
    سىز دۇتتا مەن راۋاپ ،
    سىز زىخ مەن كاۋاپ .
    سىز ئوت مەن پىراق ،
    مەن پەرۋانە سىز چىراق .
    سىز ئىلھام ،مەن شېئىر،
    سىز سۆيگۈ ،مەن مىھىر.
    سىز ساما،مەن پەرۋاز،
    سىز ناخشا مەن ئاۋاز.
    سىز ئېقىن ،مەن سۈزۈك...
    سىز ياقۇت، مەن ئۈزۈك.
    مەن خالىسخان سىز ئالما
    مەن ئالدىراش سىز لالما
    مەن ماشىنا سىز رول
    مەن بودى سىز دول
    مەن تۇرپان سىز كارىز
    مەن زۇكام، سىز سارىس
    مەن چەيدو سىز ئەمبەل
    مەن تۈزسىزىق سىز چەمبەر
    مەن ئۈزۈم سىز باراڭ
    مەن ئوڭ سىز ساراڭ
    مەن باش سىز تۇماق
    مەن چىرايلىق سىز ئۇماق،
    سىز راۋاپ،مەن دۇتار.
    سىز گۈل،مەن خۇمار.
    سىز چاچ،مەن تاغاق،
    سىز خەت ،مەن باغاق.
    مەن دول سىز بودى
    سىز شالى مەن ئوۋدى،
    مەن داغ سىز سەپكۈن
    مەن ئابلىكىم سىز كەلكۈن،
    مەن قالتىس سىز نوچى
    مەن كەمتەر سىز پوچى،
    مەن يانفۇن سىز باتارىيە،
    سىز مۇكاپات.مەن لاتارىيە،
    سىز چاشقان،مەن مۆشۇك.
    قاچالمىسىڭىز مەن تۆشۇك،
    سىز ياماق،مەن تۆشۈك
    سىز بوۋاق،مەن بۆشۈك،
    سىز ئۇماچ،مەن ھالۋا
    سىز ئەخمەق،مەن كالۋا
    سىز ياڭاق،مەن بادام
    سىز ئېراق،مەن سادام،
    سىز پولو مەن گۆش
    مەن يۈرەك سىز تۆش .
    سىز ئۆت مەن تاش
    مەن قەلەم سىز قاش،
    مەن كۆز سىز ياش
    سىز چاچ مەن باش،
    سىز لەغمەن مەن چوكا
    مەن ھاراق سىز بوتكا،
    سىز كىتاپ مەن خەت
    سىز قۇر مەن بەت،
    سىز ئاياق مەن پۇت
    ئۇ ئوغرى سەن تۇت،
    سىز قېرى مەن ياش
    بېشىڭغا ئاتايمۇ تاش،

    ئېھ سۆيۈملۈك مايمۇنەم،شېئىرىمنى ئوقۇپ ،تەسىرلەنگەن بولسىڭىز تىزدىن مىنى قۇبۇل قىلىڭ ، ئەگەر ياقتۇرمىسىڭىز شىئىرىم ئىلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئىناۋەتسز!


    ئادىرسىمىز

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت