• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-08-07
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

    مەنزىل مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
    تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.

    ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
    ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

    گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
    تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

    بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
    كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

    ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
    زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

    جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
    ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.

    ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
    ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

    كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
    ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب. ئادىرسىمىز

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت