• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مۇھاببەت ئەنە شۇنداق داۋاملاشقان ...

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
     

     

     

    مۇھاببەت ئەنە شۇنداق داۋاملاشقان ...

     



    ئىلاۋە
    ئەسىرىمنىڭ بېشىنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن ، ئەمما بۇ ئەسەرنى چۇقۇم يېزىشنى قارار قىلدىم ، ئاخىرىنى چىقىرالىسام شۇنىڭ ئۈزى ئەڭ چوڭ غەلبە بۇلىشى مۇمكىن ...داۋاملاشقان ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بەرھەق.ئەمما بۇ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ جەريانى ئادەمنى ھەم ئويلاندۇرىدىغان ھەم خۇشال قىلىدىغان ھەم ........
     
    مۇھاببەت ئەنە شۇنداق باشلانغان

     
    ھەممە جىمجىت ، ئۇ ئەمدىلا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ھەممە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئۇقۇۋاتقان مەكتىپىدىن يەنە بىرمەكتەپكە توغرىسىنى ئېيتقانداق تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىغا ئۇقۇشقا كىردى ، باشقا ساۋاقداشلىرى بولسا بۇرۇنقى مەكتىپىدە ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى ، ئۇ ئۈزىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىستىكى شۇنداقلا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە بۇ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كەلگەن ئىدى .
    سىنىپقا كىردى ، نۇرغۇنلىغان ناتۇنۇش كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئىدى ، ئۇ ھازىر ئۈزىنى گويا بىر توپ قوي ئارىسىغا كىرىپ قالغان بۆرىدەك ھىس قىلىپ قالدى ، كىچىكىدىن ۋۇجۇدىدا بار بولغان بىر خىل خوشچاقچاقلىقمۇ ھازىر ئۇنىڭغا ياردەم بىرەلمەيۋاتاتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئوت ئالغان نىمە قىلارىنى قالغان مۇشۇ پەيتتە مۇمكىن بولسا بۇ سىنىپتىن ئارقىغا ئۆرىلىپلام چىقىپ كەتكۈسى بار ئىدى ...دەرس سۆزلەۋاتقان مۇئەللىم ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى ، ئەمما ئۇ نەدىمۇ ئولتۇرالىسۇن ، نەگە بېرىپ قايسى ئۇرۇندا ئولتۇرۇش( چۈنكى ئۇ تېخى بۇ سىنىپقا تۇنجى قېتىملام كىردى ھەم ھېلىقى مۇئەللىم ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى ئۇخمايدۇ )تىن ئىبارەت بىر چوڭ سۇئال ئۇنىڭ كاللىسىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتكەن مۇشۇ دەقىقىلەردە يان تەرەپتىن چىققان بىر قىزنىڭ كىلىڭ بۇيەردە بىكار ئۇرۇن بار دىگەن سۈزىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك سۈيۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئۈزى ۋە بىر خۇدالام بىلەتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ بۇ سىنىپنىڭ شۇنداقلا بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇپ كەتتى ، دەسلەپكى يېتىرقاشلار بىر - بىرىدىن تارتىنىشلار ئۇنىڭ خۇشچاقچاقلىقى شۇنداقلا ئەتراپىدىكى يىڭىدىن تۇنۇشقا دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن نەلەرگىدۇر يۇقاپ ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرخىل ئالاھىدە ئىشنەچ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ئالماشقان ئىدى .مانا ئويناپ يۈرۈپ ، ئۈگىنىش قىلىپ دىگەندەك ئاشۇ مىنۇتلارغا بىر يىل بۇلاي دىدى .قەيسەر شۇ چاغدا پۈتۈن سىنىپنىڭ كۈزى بۇلۇپ قالغان ئىدى .دەسلەپ ھېچكىمنى تۇنىماي نەدە ئولتۇرۇشنى بىلەلمىگەن قەيسەر ئەمدى ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان ھەممە بىر خىل ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بالىغا ئايلانغان ئىدى .
    ھايات لەززىتى مۇھەببەتتە،ئىنسان قىممىتى مۇھەببەتتە،تۇرمۇش سىنىقى،ياشلىق تىلىكى يەنە شۇ مۇھەببەتتە ، ھەممە ئادەم اللا ئاتا قىلغان مۇشتۇمدەك يۈرەكنىڭ ئالامچە سۆيگۈ ھارارىتىدە مۇھاببەتنى ئۈزىنىڭ ئەمىلىيتىدە ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن .بۇ ئەكىس ئىتىش ئەمدىلام تۇلۇق ئىككىنجى يىللىققا چىقاي دىگەن قەيسەرنىڭ يۈرىكىدىمۇ ئەكىس ئىتىشكە باشلىدى ، ئۇ قوشنا سىنىپتىكى ئۈزى بىلەن پارالىل ئۇقۇيدىغان بىر قىزنى ھەر قېتىم بىريەرلەردە ئۇچرىتىپلام قالاتتى ، سىنىپتىكى ئەڭ شوخ ئەتراپىدىكى قىزلار ئەڭ كۆپ چاقچاق قىلىپ قىزلار نەزىرىدە نىمانچە يامان بالا بۇ دەپ نام ئالغان ۋۇجۇدىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق قەيسەر بۇ قېتىم ئۈزىنىڭ قەيسەرلىكىنى ئۇ قىز ئالدىدا چىقىرالمىدى ، بۇ قىزغا قانداق گەپ قىلىپ قانداق تۇنۇشۇش ئۇنىڭغا نىسپەتەن بىر سۇئال بۇلۇپ تۇراتتى .

    شۇنداق قىلىپ بۇ ماۋسۇملۇق ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ئۇقۇشنى توختىتىپ ھەركۈنى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇقۇغۇچىلارنى ئىختىيارى تەكرارغا ئۇرۇنلاشتۇردى .قەيسەرنىڭ يىللىقىدىكىلەرمۇ بۇ تەكرارغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى ، قەيسەر چىن كۆڭلىدىن ئېيتقاندا بۇ تەكراردىن تۇلىمۇ رازىمەن ئىدى . چۈنكى قوشنا يىللىقتىكى ھېلىقى قىزمۇ ھەركۈنى ئۇ يەر بۇيەرلەردە ئۈگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالىدىغان قەيسەر مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تۇنىشىۋېلىشنى ئازۇ قىلىپ يۈرەتتى ، بىراق ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇ ئويلىرىنى ھېچكىم بىلمىگەن ئىدى .
    قەيسەرنى ئۈزىگە بۇنچە رام قىلىۋالغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى زىلالە بۇلۇپ ئۇمۇ قەيسەرگە ئوخشاش ئۈزىنىڭ كەلگۈسى مەنزىلىدىكى ئالى مەكتەپكە كىرىش يۇلىدىكى كۆۋرۈككە ئىنتىلىپ ياشاۋاتقان بىز قىز ئىدى .ئۇ دوستلىرى ۋە تۇنۇش - بىلىشلىرى ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئۈزى بىلەن پارالىل باشقا بىر سىنىپنىڭ ئۈگىنىش ھەيئىتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى .
    يېرىم يىل ئۇقۇش ھاياتىدا ئەجىبا ئۈزىنىڭ بۇرۇن نىمىشقا ئۇ قىزنى كۈرۈپمۇ باقمىغانلىقىنى ھازىر نىمىشقا كۈندە ئۇنىڭغا نەچچە رەت ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ قەيسەرنىڭ كاللىسى خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولغان ئىدى .
    نەچچە كۈن بولدى ، ئىنىقىنى ئېيتقاندا بۇ تىرىشچان ئۇقۇغۇچى قەيسەرنىڭ كاللىسىغا تۈزۈك دەرس كىرمەيۋاتاتتى ، ئۈگىنىش قىلىشقا چىملىقلاردا تەكرار قىلىۋاتىمەن دىگەندىن كۈرە ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئەمدى زىلالىنى كۈزىتىۋاتىمەن دىگىنى تۈزۈك ئىدى .

     

    ئادەتتە شۇنداق خۇشچاقچاق قەيسەر ئەمدى جىمغۇرلىشىپ بەك جىق خىيالغا چۈشۈپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى ، زىلالە ئۇنىڭ خىيالى ئىدى ، كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن ھاينى - ھۇيت دەپ بولغۇچە بىر ھەپتىلىك ئۈگىنىش ئاخىرلىشىپ كەتتى ، بەزى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى قانداق قىلغاندا ئەڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئادەم ئۈزى بىلەلمەي قالغاندا گاھىدا بۇنداق ئىشلار ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىش يۇلىغا ماڭىدىكەن ، كىچىكلىكتىكى بىر بىرىسىدىن يېتىرقاش ۋە تۇنۇشمايدىغان ھەتتا بۇرۇن ئۇچرىشىپمۇ باقمىغان (بەلكىم ئۇچراشقاندۇ ، بىراق دىققەت قىلىشمىغاچقا شۇنداق تۇيغۇ بىرىشى بەرھەق ) بۇ ئىككەيلەن تەقدىرنىڭ ئۇچراشتۇرىشى قەيسەرنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى. ئۇ ئادەتتە ئۇيۇنغا ئامراق ئۈزى خوشچاقچاق دەرستە ياخشى بالا بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپ ئۇقۇشقا قىززىقاتتى ۋە ئانچە - مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قۇيىدىغان ئادىتى بار ئىدى . قەيسەر ئۈزىنىڭ خاتىرىسىگە زىلالە بىلەن تۇنۇشۇش ۋە ئۇنى ئۇچرىتىش جەريانىدىكى مىنۇتلارنى ئەسلەپ سۈيۈنۈش ئىلكىدە مۇنۇ شىئېرنى يېزىپ قويدى .

    بىز ئۇچراشقان ئاشۇ ياز كۈنى ،
    بىر - بىرىمىزنى تۇنمايتتۇق ئەبەت .
    يۈرىكىمگە چۈشتى نىگاھىڭ ،
    قاراپ قۇيۇپ كىتىشتۇق پەقەت .


    شۇنداق ئۇلار ئۇچراشقاندا قىسقىسى زىلالە قەيسەرگە ئۇچرىغاندا ئۇ جىددى سىنىپقا مېڭىۋاتاتتى ، مەكتەپ كىچىك ئىشىكى ئۇدۇلىدا ئۇ زىلالە بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدى ، بىرسى چىقىۋاتقان بىرسى كىرىۋاتقان بولغاچقا قەيسەر زىلالە بىلەن يول تالىشىپ قالغان ئىدى . ئادەتتە ئانچە باشقىلارغا يول بىرىپ كەتمەيدىغان چاقچاقچى بۇ يىگىت ئەمدى ئۈزىچە ھاڭۋېقىپ قالغاندەكلا بوپ قالغان ئىدى ، نەچچە سىكۇت پەقەت نەچچە سىكۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇچرىشىش ئۇنىڭ يۈرىكىدە تاتلىق بىر سىزىمنى ئويغاتقان ئىدى ، ئۈزىمۇ بۇ سىزىمنىڭ قانداق سىزىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىپ بۇلالمايتتى ؛ تەقدىردىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئارغامچىغا مەھكەم ئېسىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان بىز ئىنسانلارنىڭ ئەزاسى بولمىش قەيسەر بىلەن زىلالەنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تۇنۇشىشى شۇنداق بىر جەريانلارغا يۈزلەنگەن ئىدى .
    ئىمتاھان باشلىنىپ كەتتى ، راستنى ئېيتقانداق قەيسەرنىڭ ھازىرقى كەيپىياتى تۇلىمۇ ياخشى ئىدى ، ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ شوخلىشىپ كىتىۋاتاتتى ، نەچچە كۈن ئاۋالقى خىيالچانلىقنىڭ ئورنىغا ئەمدى كۈلكە يۈگۈرگەن ئىدى .ئەمما بۇ تۇنۇشۇشنىڭ قەيسەرگە راستىنلام خۇشاللىق ئەكىلىش ياكى قايغۇ بىلەن ئازاپ ئەكىلىش ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى ، ئۇمۇ بۇلارنى ئويلاپ باقمىدى ، قىسقىسى ئەمدى ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ قەلبىدە زىلالەگە نىسپەتەن بىر خىل ھىسيات شەكىللەنگەن ئىدى ، ئۇ بۇرۇن ئەتراپىدىكى ياخشى كۈرىمەن ، پالانىنى ياخشى كۈرىمەن ، پۇكۇنىنى ياقتۇرۇپ قالدىم دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىسا بۇنىڭ بىر خىل ئۈزىگە يات ئۇقۇمدەك ھىس قىلاتتى ، ياخشى كۈرۈش - يۈرۈش ، مۇھاببەت - سۆيگۈ دىگەنلەر ئۇنىڭ نەزىرىدە تېخى ئۈزى دىمەتلىكلەرنىڭ ئويلايدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى ، توۋۋا ئەمدىچۇ تۇنجى ئۇچرىشىش ، ئارقا - ئارقىدىن داۋاملىق ئۇچرىشىپ قېلىش كۈندە خىيال قىلىش بىلەن ئەمدى ئۇ ئۈزىمۇ بىلمەي- سەزمەيلام مۇھاببەتنىڭ ئارغامچىسىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى .تۇنجى مۇھاببەت ، تۇنجى ياخشى كۈرۈش ئۇنىڭ ئەقلىنى لال قىلغان ئىدى .
     
    ئادەم بەزى ئىشلارنى ئويلىيالىسىمۇ ئەمما قىلالىشى ئاسانغا توختىمايدىكەن ، بەزىدە بىر ئىشلارنىڭ ھەل بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۈزىمۇ ھىس قىلماي قالىدىكەن ، قەيسەر ئۇنىڭغا قانچە قېتىم تۇنۇشۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ كىلىشنى ئويلىسىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقاندا ،قىسقىسى ئۇنىڭغا ئىككى ئىلىك گەپ قىلىپ ئۈزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقىسى بارلىقىنى دىيەلمەيۋاتقاندا ئۈزىمۇ بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن دوست بوپ قالدى ، كۈندە ئۇچرىتىش ، كۈندە تەلمۈرۈش داۋاملىشۋاتقان ئاشۇ كۈنلەردە قەيسەرنىڭ دوستى ئەنۋەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇلار تۇنۇشۇپ قالدى ، ھەممە كەچلىك تەكرارغا مېڭىۋاتقان ئىدى ، ئەنۋەر شۇنداقلا قەيسەر ۋە بىر قانچە ساۋاقداشلىرى ئۇقۇتۇش بىناسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان شۇ مىنۇتلاردا ئەنۋەر تۇيۇقسىز زىلالەنى چاقىرىپ قالدى ، ئەنۋەرنىڭ ئەسلىدىلا قەيسەرگە ياردەم بەرگۈسى ئۇنى تىزراق زىلالە بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇش ئارزۇسى بار ئىدى ، شۇ يەردە بىردەم پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلار تۇنۇشۇپ قالدى ، شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى قانداق تۇنۇشۇشنى بىلمەي بېشى قېتىپ كەتكەن قەيسەرنىڭ بۇ ئىشنىڭ ئۈزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇلۇپ قالغانلىقىغا ھەيرانلىقى ھەم خوشلىقى بار ئىدى ، بىر پارالىل بولغاچقا ئۇلارنىڭ پاراڭ تىمىسى ھەم تۇنۇش بىلىشلىرى ئاساسەن دىگۈدەك ئوخشاش چىقاتتى ، كەچلىك تەكرارغا قوڭغىراق چېلىنغاندا ئۇلار بىرگە سىنىپقا ماڭدى يولدا پاراڭ سېلىشقاچ ماڭدى ، ئەتىسى ئەتتىگەن قەيسەرگە زىلالە يەنە ئۇچرىدى ، شۇ چاغدا قەيسەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا سالام قىلدى ، ئاشۇ پاراڭ ، بىر قېتىملىق تەشەببۇسكارلىق سالىمى ئۇلارنى تەبىئلام تۇنۇشۇش قەدەملىرىگە باشلىغان ئىدى ....


    تۇنجى خەت


     
    قەيسەر زىلالە بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن ئۈزى بىلەن پارالىل ئۇقىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئۈزىدىنمۇ قېلىشمۇغۇدەك دەرىجىدە خۇشچاقچاق قىزچاق ئىكەنلىكىنى بىلدى ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ، مەيلى ئۈگىنىش ياكى باشقا ئىش بولسۇن پۈتۈن زىھنى بىلەن شۇ ئىشقا كىرىشىپ قىلىشلىرى ...ئىشقىلىپ زىلالەنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنى كۈنسىرى ئۈزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئېشىپ بېرىۋاتاتتى ،ھايات دىگەن تۇلىمۇ قىززىق ھەم غەلىتە بۇلىدىكەن ،قۇمدەك سۆزلەيدىغان بۇ قەيسەر يىگىت ئەمدى گەرچە زىلالە بىلەن تۇنۇشىۋالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنداق جىق سۆزلىيەلمەيۋاتاتتى ، بەزىدە ئۈزىنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا قاملاشتۇرالمىغاندەك ھىس قىلسا ، بەزىدە ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە قىزىرىپ يۈزلىرىنىڭ ئوت كەتكەندەك بوپ كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ كىتەتتى ، بىراق زىلالە بولسا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز زىناقلىرىنى ئوينىتىپ كۈلگۈنىچە قەيسەرگە چاقچاق قىلىپ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بەرگەندەك قىلاتتى .
      مەۋسۈملۈك ئىمتاھان باشلىنىپ كىتىشى ، مەكتەپتىكى جىددىلىك سەۋەپلىك ئەمدى ئۇلار بۇرۇنقىدەك جىق سۆزلىشىپ يۈرەلمەيتتى ، راستنى دىگەندەك ئۇلار بىر يەرگە كەلسە قەيسەرنىڭ تىلى يەنە تۇتىلاتتى،دىمەكچى بولغانلىرىنى ئۇنتۇپ ئۈزىنىڭ نىمىلەرنى دەپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيتتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ پارىڭى يەنىلا قىززىقارلىق ھەم كۈڭۈللۈك بۇلاتتى ،بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بۇ قەيسەرنىڭ گەپ تىشەرلىكىمۇ رول ئويناپ بىرەتتى . شۇنداق قىلىپ تەتىلگە قۇيىۋېتىدىغان كۈنى قەيسەر ئۇنىڭغا بىر پارچە قەلىپ ئىزھارى سۆزى يېزىشنى ئويلاپ ئەتتىگىنى ئۈيىدىن بىرگە ئالغاچ كەلگەن قەغەزگە سىنىپتا ئولتۇرۇپ زىلالە بىلەن خىيالى سىرداشقاچ خەت يېزىپ ئۇنى زىلالەدىن ئۇقۇش ئۈچۈن ئالغان كىتابىنىڭ ئىچىگە سېلىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇنىڭغا بىرىپ خۇشاللىق ئىچىدە ئۈيىگە قايتتى ؛ئەنە زىلالە قەيسەر قايتۇرۇپ بەرگەن كىتاپنى ئاچتى ، قەيەرلەرگىدۇر تىقىپ قويغان ۋاراقلارنى ئۇقۇماقتا ...قەيسەرگە باشقا نەزەر بىلەن كۆز تىكمەكتە ....قەيسەر ئۈيىگە قايتقاچ خىلمۇ - خىل خىياللارنى قىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي يۈگۈرگىسى ، توۋلىغۇسى كىلىپ كەتكەن ئىدى .
     
    چۈشلۈك تاماق يەپ بولغان زىلالە كىتاپلىرىنى رەتلەۋېتىپ ، قەيسەر قايتۇرۇپ بەرگەن روماننى كىتاپ ئىشكابىغا سېلىۋېتىش ئۈچۈن سومكىسدىن ئېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز كىتاپ ئىچىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن قاتلاقلىق ۋاراقچىگە كۈزى چۈشۈپ قالدى ، ئۇ تۇرۇپلام قەيسەرنىڭ نەرسىسى بولسا ئۇنتۇپ قالدىمۇ قانداق دىگىنىچە ئۇ قاتلاقلىق ۋاراقنى قۇلىغا ئالدى ، ئۈستىگە يېزىلغان «دوستىڭىز قەيسەردىن»دىگەن خەتنى كۈرۈپ بۇنىڭ ئۈزىگە كەلگەن خەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاستا قاتلاقلىق ۋاراقچىنى ئاچتى :

                                            ئەسسالامۇ ئەلەيكوم  !

      دوستۇم زىلالە ياخشىمۇسىز ؟ ياخشى تۇرىۋاتقىنىڭىزنى كۈندە كۈرۈپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ ئەمما سىزدىن يەنە ئەھۋال سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ ، راستنى دىسەم مەن سىزنىڭ ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ياخشى تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . شۇ تاپتا بۇ خېتىمنى كۈرۈپ گاڭگىراپ قېلىشىڭىز ، بىز كۈندە كۈرىشىپ تۇرساق ئۇنىڭ ماڭا ئايرىم خەت يېزىپ دىگۈدەك قانداق مۇھىم  گىپى باردۇر دەپ ئويلىشىڭىز ھەتتا مىنىڭ خەتلىرىمگە سۇئال نەزىرى بىلەن قارىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما سىز مەيلى نىمىنى ئويلىماڭ مىنىڭ بۇ خەتنى يازغۇم كىلىۋاتىدۇ .تەلىپىم ئاخىرغىچە ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى سورايمەن .

          شۇتاپتا ئالدىمىزدا بىزنى تاتلىق خىياللار بىلەن ئەركىلەتكۈچى ، گۈزەل ئىستىقبال مەنزىلىمىزگە يەتكۈزگۈچى ، كەلگۈسى يۇلىمىزنىڭ جەريانى شۇنداقلا قايسىمىزنىڭ قەيەرلەرگە بېرىشىمىزغا بىرنىمە دىمەك تەس بولغان بىر مەيدان «جەڭگاھ» بولغان ھەممە ئىنتىلىدىغان ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۈتۈش  كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ، ئىمتاھان ، ئۇقۇش ،جەمىيەت ، كىشىل مۇناسىۋەت ، دوستلۇق بۇلار بىر - بىرىنى بىلەن تۇلىمۇ زىچلىشىپ كەتكەن نەرسىلەر ئىكەن ؛شۇتاپتا كاللامدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئەكىس ئىتىۋاتىدۇ ، ئالدىمدىكى ئاز ۋاقىتتىن كىيىن بىز ياماشماقچى بولغان بۇ داۋانغا بولغان ئۆز ئىشەنچىم ھەرگىزمۇ سۇسلاشقىنى يوق ،پەقەي ئۆزلىكسىز تىرىشىپ ، ئۆز نىشانىم بۇيىچە داۋاملىق ئىلگىرلىيەلىسەملا چۇقۇم داۋاندىن ئاشقانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىگە كىرەلىشىمگە ئىشەنچىم كامىل ؛ سىزنى كۈزىتىۋاتىمەن ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپرىن ئېيتقۇم كىلىدۇ ، ئىشىنىمەنكى ئۇزۇنغا قالماي  غەلبە ئىشىكىدە مەغرۇرلارچە تۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىزنى ئالدى بىلەن ئۇچرىتىشىم ئىنىق . دوستلۇق گۈلىمىزنىڭ تېخىمۇ پۈرەكلەپ ئاشۇ مەغرۇرانە مەيدانلاردا بىزگە ھەمرا بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، ئۈگىنىش ۋە دوستلۇق گەرچە باشقا - باشقا دۇنيا بولسىمۇ ئەمما ئادەمنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئۆزگىچە دۇنيا ئىكەن ،ئۇ شۇنداق قۇدرەتلىك ئىكەنكى كىشى قەلبىنى ئادەمنىڭ كۆڭلى باشقىچە قىلىپ قۇيالايدىكەن ، بەلكىم ھاياتنىڭ رەڭگارەڭلىكى ھەر خىل ئىشلارغا توشقانلىقىنىڭ بىر تەرىپى شۇ بولسا كىرەك . گەرچە بۇرۇن بىز تۇنۇشمىغان بولساقمۇ ئەمما تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىز تۇنۇشۇپ  دوست بۇلۇپ قالدۇق ، مەن بۇ دوستلۇق تەرەققى قىلىشىنى ، مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل بۇلىشىنى ، خۇشپۇرىقىدا ئەتراپىدىكىلەرنى مەستخۇش قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ، سىزنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى راستنى ئېيتقاندا مەن بىلمەيمەن ئەمما نەزىرىمدىكى زىلالە مەن ئۈچۈن مەن پەخىرلىنىدىغان ، ھەممەيلەنگە ئۈلگە بولغۇدەك بىر قىز ، قايسىدۇر بىر ئەدىپ :<<ھاياتلىق ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا كىلىدۇ ، ئەگەر ئىككىنچى قېتىم كەلگەن بولسا ئىدى ، ئۇ چاغدا ھاياتلىقنىڭ بۇنچە قىممىتى بولماس ئىدى >>دەپ تۇلىمۇ توغرا ئيېتقان ئىكەن ، مۇشۇ قىممەتلىك ھاياتلىقىمدا بىزنىڭ بىرگە ئىلگىرلەۋاتقانلىقىمىزدىن ئۈزەمنى تۇلىمۇ مەغرۇرلۇق تۇيغۇسى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ ؛
    ھەش - پەش دىگۈچە  بۇ يىللىق ئۇقۇشىمىزمۇ تۈگەپ كىتىپتۇ ، يىللارنىڭ ئۈتىشى تىز دىسە ئانچە ھىس قىلماپتىكەنمەن ،ھەقىقەتەن تىز ئىكەن جۇمۇ ، مەن سىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئۈگىنىپ ھازىرقى روھىڭىز بۇيىچە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .ھەي كىينچە بىر مەكتەپكە ئۈتۈپ قالساق نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە ! ئۇ چاغدا مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ بىرى ئەمەلگە ئاشقان ھىسابلىناتتى ....ھەرقاچان مىنىڭ بۇ خەتلىرىمنى ئۇقۇۋېتىپ ھەي مىنىڭ بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئالدىڭىزغۇ دەپ كەتتىڭىزغۇ دەپ كىتىشىڭىز مۇمكىن ، بىراق بەزىدە سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلسەم تىلىم تۇتۇلۇپ قالىدىكەن ، بەلكىم مەن سەل كەمسۆز بولسام كىرەك شۇڭا سىزگە بۈگۈن بولسىمۇ خەت يېزىپ بەزى گەپلەرنى دىگۈم كىلىپ كىتابىىڭىز ئىچىگە سىزدىن رۇخسەتسىز مۇنۇ يازمامنى سېلىپ قويدۇم ، ئەمدى ئۇقۇماي دىسىڭىزمۇ ئۇقۇپ بولدىڭىز ئاللا خالىسا كۈنلەرنىڭ تىنىمىز ساق سالامەت بولسا مىنىڭ گەپلىرىم تېخى تۈگەپ قالمايدۇ ، مۇھىمى مەن ھازىر بىزنىڭ ساپ سەمىمى ، سادىق دوستلاردىن بۇلۇپ چىقىپ ئالدىمىزدىكى داۋانغا بىرلىكتە يامىشىمىزنى سورايمەن .
    خوش ئۈزىڭىزنى ئاسراڭ ، تەتىلنى كۈڭۈللۈك ئـۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن ،

            دەپ : دوستىڭىز قەيسەردىن


    ئادىرسىمىز

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت