ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
چېلسى ئارقا مۇداپىئەچىسى ئالىكىس PSGغا يۆتكىلىپتۇ

شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 4:30دە،فىرانسىيە پارىژ سايىنت-جېرمەن كۇلۇبى ھۆكۈمەت تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ 29ياشقا كىرگەن بىرازىلىيەلىك ئارقا مۇداپىئەچى ئالىكىسنى چېلسى كۇلۇبىدىن بۇ كۇلۇبقا ئىككى يېرىم يىللىق توختام بىلەن يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.چېلسى كۇلۇبىنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا يۆتكىلىش باھاسى تەخمىنەن 5مىلىيون ياۋرو ئەتىراپىدا ئىكەن.
ئالىكىس 2004-يىلى سانتوس كۇلۇبىدىن چېلسىغا يۆتكىلىپ،3يىل ئەيىنخوۋىن كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىۋەتكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا،چېلسى كۇلۇبى ئۈچۈن جەمئىي 85مەيدان مۇسابىقىغە چۈشۈپ،خېلى كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئالىكىس ھازىر ئۆزىنىڭ فىرانسىيدىكى بۇ كۇلۇبقا كەلگەنلىكىدىن خوشال ئىكەن.