ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يىڭى پۇتبول ئويۇنىنىڭ موقاۋا رەسىمى
ئامېرىكا EA كومپيۇتېر ئويۇننى شىركىتىنىڭ FIFA نامىدىكى پۇتبول ئويۇنلىرى كۆپلىگەن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ۋە كومپيۇتېر ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا ئىنتايىن تونۇش.بۇ شىركەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك ئويۇننىڭ يىڭى نۇسخىسىنى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
EA شىركىتى 6-سېنتەبىر ئۆز تور بېتىدە ئويۇننىڭ يىڭى نۇسخىسى ھەققىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ،FIFA13 كە كىرگۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە كوماندىلارنىڭ تىزىملىكى جەزملەشتۈردى.ئويۇننىڭ يىڭى نۇسخىسىغا ھەر قايسى بىرلەشمىلەردىكى كۇلۇبلاردىن باشقا يەنە 46 دۆلەتنىڭ دۆلەت كوماندىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،جۇڭگولۇق مەستانىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئويۇننىڭ يىڭى نۇسخىسىدا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى يوق ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە FIFA12 دىن تارتىپلا ئويۇنغا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ،بۇ ھەقتە شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى فۇچىياڭ چۈشەنچە بېرىپ:«شىركىتىمىز نامىدىكىFIFA يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىغا كىرگۈزۈلگەن دۆلەت كوماندىسى ئەمەلىيەتتىكى شۇ دۆلەت ۋە رايوندىكى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھوقۇق بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئويۇنغا كىرگۈزۈلىدۇ.جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا EA شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى توختام 1997-يىلدىن 2011 يىلغىچە تۈزۈلگەن بولۇپ،يىڭىدىن توختام تۈزۈلمىگەچكە ئويۇنغا كىرگۈزۈلمىگەن» دېدى. ئۇ يەنە توردا تارقىلىپ يۈرگەن«جۇڭگو كوماندىسىنىڭ سەۋىيىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە كىرگۈزۈلمىگەن»دېگەن قاراشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى،بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە سودا ھەمكارلىقى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.