ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

خان جەمەت مادىرىد كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2:2 بارىسلونا بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كىيىن،مۇرنىئونىڭ بىر باياناتچىسى پارامىس Twitterدا(بىلوگ)ئالۋېسنى "ئىسپانىيەگە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى،تېخى كۆزەينەك تاقاپ زىيالىدەك بولىۋاپتۇ،ئەپسۇس بۇ كىچىك قۇلاق ئېشەك كۆزەينەك تاقىۋالسىمۇ بەرىبىر دوكتۇر بولالمايدۇ،يەنىلا بىر ئېشەك"دەپ مەسخىرە قىپتۇ.
ئالۋېس زىيارەتتە بۇ توغۇرلۇق سۆز قىلىپ " شاللىنىپ كەتكەنلەر بېرىپ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ،بىراق كەينىدىن غوتۇلدىماق پەقەت قورقۇنچاقنىڭ ئىشى "دەپتۇ.