بىر ئادەمنىڭ سەھەردىكى ھەركەتلىرىدىن شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي خارەكتىرىنى بىلگىلى بولىدۇ .
1. ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغانلار ئۈمۈدۋار خارەكتىرگە ئىگە ، ھەر قانداق ئىشنى ئىشەنچ بىلەن قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ، ئالاقىلىشىشقا ماھىر ھەم ئامما ئارسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ ، دەەپ قارايدۇ.
2. باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا ئورنىدىن تۇرىدىغان ،كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلاركونكېرت ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خارەكتېرغا ئىگە ، پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمايدۇ ، ئىشلىرىنى تېز ھەل قىلىدۇ ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
3. سەھەر ئويغۇنۇپ بولۇپ تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار كەلگۈسى توغۇرلۇق بىرەر پىلانى بولمىغان ، بارىغا شۈكرى قىلىدىغان ، ئەپلەپ –سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ،خارەكتېرگە ئىگە .
4. سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ بولغان تۇرۇقلۇق ، يەنە بىر ئاز ئۇخلىۋىلىشنى ، بىر ئاز كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلايدىغانلار ئىش قىلىشتا پاسسىپ كېلىدۇ، تۇرمۇشتىن راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تىلۋىزور ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى نەرسە دەپ قارايدۇ .
5.سەھەردە باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايدىغان ، ئالدى بىلەن بەخىرامان ئولتۇرۇپ بىرەر ئىستاكان چاي ئىچىشنى ئويلايدىغانلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئۆزىنى ئاسىرىيالايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى سىرىنى ھۆرمەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
6. سەھەردە ئالدىراپ –تىنەيدىغان ھەم ئەتىگەنلىك تامىغىنىمۇ يېمەيدىغانلار قۈرئەتلىك كېلىدۇ .
7. ئورنىدىن تۇرۇپلا ھەركەتلىنىپ كېتىدىغانلار تەلەپچان كېلىدۇ ، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىدۇ ، قىلغان .ئىشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ .