<<  ئامىرىكا ۋەيران بولاي دىدىمۇ ؟! ( ئاخىرقى بۆلەك ) | باش بەت | بىر دېھقاننىڭ مائارىپ نازارىتىگە يازغان ئۇيغۇرچە خېتى ( ئاخىرقى بۆلەك )  >>
  • ئامىرىكا ۋەيران بولاي دىدىمۇ ؟! ( دەسلەپكى بۆلەك)

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37343626.html

    ئامىرىكا ۋەيران بولاي دىدىمۇ ؟!

     (......مۇستەقىل قوغداش ئىگىلىگى يىمىرىلدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددى ئەشيالارنىڭ دۆلەتلەر ئارا توشۇش تەنەرقىدىن باشقا قىممىتى، ھەقىقى يەر شارىلىشىدۇ. بۇ بەلكىم ئىقتىسادنىڭ ئىنتىرناتسىئوناللىشىشىدۇر........)

     

    تەڭرى تاغلىرى ئېتىگى بىلەن تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قېتى ئوتتۇرىسىدا ھېساپسىز مۇساپە بولسىمۇ ،بىراق ئامىرىكا دۆلىتى بىلەن مەندەك بىر دېھقاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر-ئالاقە بۈگۈنكى كۈندە كۈنسېرى قويۇقلىشىپ بارماقتا. ئامىرىكىدا قۇياش چىقىپ،ئەتىسىلا بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ تاڭ ئاتقاندەك ئۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەر تېزلا بىزنىڭ ئەتراپىمنزدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.

    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چەت يېزىسىدا ياشاۋاتقان بىردېھقاننىڭ ئامىرىكىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتكە بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىسى تەبىئى ھالدىلا تېلىۋىزور ،گېزىت خەۋەرلىرىدىكى بايانلار ئاساسىدا بولىدۇ.بەزى ئاتالغۇلاردىكى غەرپنىڭ ئاۋانگارت ۋەكىلى سانىلىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ دۇنيادا يۈرگۈزىۋاتقان ئويۇنلىرى ،ئۇرۇشلىرىغا كەسپى بوياقچىلارنىڭ بەرگەن رەڭلىرىگە قاراپ باھا بېرىدىغىنىمىز تەبىئى.

    ئامىرىكىلىق بىلەن مېنىڭ قانداشلىق ۋە ياكى دىنداشلىق مۇناسىۋىتىم يوق.بىراق ئورتاق دۇنيادا ئورتاق بولمىغان نۇرغۇن ئامىللار بولغىنىدەك ،يەنە كۆپلىگەن ئورتاقلىقلارمۇ مەۋجۇت بولىدۇ . بىز ياشاۋاتقان رايوندىكى دۇنيا ئۇقىمى بىلەن ئامىرىكىچە تەپەككۈر ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرق ئۇلارنىڭ بىزگە قىزىقىشى بىلەن بىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئۇلارغا ھەۋەس ۋە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىشىمىزغا تۈرتكە بولغان . ئامىرىكىلىقلار بىلەن نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە نۇقتىلىق قارشىلىشىشقا كۈچەۋاتقان ئەللەرنىڭ يادرولۇق زىدىيىتى نەتىجىسىگە بولغان دىققەت،  بىزدە غەيرى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىچىدىكى تېڭىرقاشنى شەكىللەندۈرگەن.

    مەن قانداقتۇ ئامىرىكىنىڭ دۇمبىقىنى چېلىش مەقسىتىدىكى خوشامەت بىلەن ئەمەس بەلكى رىئاللىقنى توغرا تونۇش ئىقتىدارى يىگىلەش سەۋەبىدىن مەسىلىلەرگە خاتا دىئاگىنوز قويۇپ سالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقچى .

    ھەممىمىزگە ئايان .پەقەت نەزەر دائىرىسى تار ،نامەرت ئادەم بولمىسىلا، باشقىلارنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىدۇ.

    ئۇنداقتا بۇ دۆلەت بەزى سىياسىئونلار ئېيتقاندەك ھالاك بولۇش باسقۇچىغا بېرىپ قالدىمۇ ؟

    بۇ قېتىمقى ئىقتىسادى كىرزىس ئامىرىكىنىڭ ھالاكىتىنىڭ بىشارىتىمۇ ؟

     

    مارشال پىلانى ۋە بىرايتون ئورمان سېستىمىسى يىغىنىدىن باشلانغان يەر شارى ئىقتىسادىنى گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىن بۈگۈنكى ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىغا قەدەر بولغان جەرياندىن بىز بۇ دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈللىنىش ۋە كونتۇرۇل قىلىش لايىھەسىنىڭ مۇتلەق ئۈنۈم قازانغانلىقىنى ھېس قىلىۋالالايمىز.

    ئامىرىكىنىڭ ئالدىنقى يۈز يىللىق ئىقتىسادى تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيادا شەكلەن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش قەدىمى ئاساسەن ئورۇنلىنىپ بولدى.

    بۇ قېتىمقى ئامىرىكىدىكى ئاتالمىش ئىقتىسادى كىرزىس ئىنسانىيەتنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولغان يەر شارىلىشىش قەدىمىنى ئورۇنلاشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

     دىمەك ئالدىنقى ئەسىردە دۇنيا، دۆلەتلەر ۋە ئىقتىسادى گەۋدىلەرنى ئىقتىسادى چەمبىرەككە ئېلىش قەدىمىنى ئورۇنلىغان بولسا .بۇ قېتىم دۇنياۋى ئىقتىساد تېخىمۇ مىكرو گەۋدىلەرنى ھەم ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا  باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى مونوپۇللىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەقىل قوغداش ئىگىلىگى يىمىرىلدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددى ئەشيالارنىڭ دۆلەتلەر ئارا توشۇش تەنەرقىدىن باشقا قىممىتى ھەقىقى يەر شارىلىشىدۇ. بۇ بەلكىم ئىقتىسادنىڭ ئىنتىرناتسىئوناللىشىشىدۇر. 

    ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىزكى نۆۋەتتە ئامىرىكىنىڭ بۇ ئىقتىسادى چۈشىكىگە كىرىپ قالمىغان دۆلەت يوق.قەدىمدىن بۇيان ھەر قانداق قۇدرەتلىك ئىمپىريە ھەربى ياكى ئىقتىسادى مونوپوللۇقنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئامىرىكىدەك كېڭەيتەلمىگەن.

    بۇ مونوپۇللۇق دۇنيانى بىر چۇلۋۇردىكى تۆت ئاتتەك تۈرتكىلىك ۋە باراۋەر قەدەمگە مەجبۇرلايدۇ..ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە مۇقىم ئۆزگەرمەس مونوپول شەكلىدە بىر تەرەپلىمە ئۆسىشىنى چەكلەپ ،يېڭى ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ تەرەقىياتىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىساد تارىخىدا يېڭىچە ئۇقۇم ۋە شەكىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

    بۇ قېتىمقى كىرزىسنى نوقۇل ئامىرىكا ئىقتىسادىدىكى خاتالىق دىگەندىن كۆرە ئۇنىڭ «تىرناقنى بەدەل قىلىپ كاللىنى كېسىش» ئىستىراتىگىيىسى دىگەن تۈزۈك.   ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى گەۋدىلىشىش قۇرۇلمىسى ئامىرىكىنىڭ ،سۇ ئامبىرىدىكى سۇنى كېمەيتىپ ،قىسمەن ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى قۇرۇتىۋېتىش ياكى تىزگىنلەش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بەرگەن.قانۇن-تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىكى جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىدىن سەۋەپسىزلا يوچۇق چىقىپ قېلىشىغا سىز ئىشەنسىڭىزمۇ مەن ئىشەنمەيمەن.

    داۋىد لاگىرى ۋە مارشال پىلانىدىن بۈگۈنكى ئامىرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا قەدەر بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىدىن ئامىرىكىنى دۆلەتلىك ئۇقۇمىدىن ھالقىپ دۇنياۋى كۆرۈنمەس ئىمپىريەگە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىۋالالايمىز.ھېچ قانداق بىر دۆلەت ئىقتىسادى سېستىمىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئامىرىكىغا ئوخشاش دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلالمايدۇ.

    بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ يەر شارىلاشقان ئىقتىسادنىڭ چەمبىرىكىدە ئامىرىكا بىلەن تەغدىرداش بولۇشقا مەجبۇرلىنىشىدۇر. شۇنداقلا ئۆلۈم نۆۋىتىنىڭ ئامىرىكا تەرىپىدىن بەلگىلىنىشىگە ئامالسىز يول قويغانلىقىدۇر.

    21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ يېڭىچە سىياسى-ئىقتىسادى ئىدىيىسى بۇ قېتىمىلق كىرزىسنى نۇقتا قىلىپ يېڭى مۇقامدا يولغا چىقىدۇ.

    دىمەك ! ئېسىمىزدە بولسۇن ئامىرىكا ھازىرقى دەۋىردە،ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيانقى بارلىق ئىمپىريەلەردىنمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت مەزگىلىدە تۇرماقتا.

    قانداق سەۋەپلەردىن بۇ دۆلەتنى ھازىر ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى دەيمىز ؟

    ئالدىنقى يۈز يىلدىكى ئامىرىكىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق دىپلوماتىيەسىگە نەزەر سالساق بۇ نۇقتىلار تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.

    1-باسقۇچ ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرى. ئامىرىكا پاراخوتلىرى ئوسمانىي سۇلتانىنىڭ ئىجازىتى بىلەنلا ئوتتۇرا دېڭىزىغا كىرەلەيتتى.ئەمما بۈگۈن ئوتتۇرا دېڭىزلا ئەمەس بەلكى قارا دېڭىز ۋە ئەرەپ دېڭىزى ئەتراپلىرىمۇ ئامىرىكا فىلوتىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولىۋاتىدۇ.بۇ رايوننىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرىمۇ «سام تاغا »(ئامىرىكىنىڭ لەقىمى)نىڭ ئىجازىتى بىلەنلا بۇ دېڭىزلاردا ئۈزەلەيدۇ.

    2-باسقۇچ .20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى. ئامىرىكا ئورۇسلارنىڭ رىقابىتىنى چەكلىيەلمىگەچكە سوتسىيالىزىم لاگىرى ياۋروپاغا قەدەر كېڭىيەلىگەن.ئېلبا دەرياسى سىزىقى ئامىرىكا ئۈچۈن شۇ دەۋردە بېسىپ ئۆتۈش مۈمكىن بولماي قالغان قىزىل سىزىق ئىدى.ئەمما بۈگۈن ھەتتا موسكىۋالىقلارمۇ تاماق-تەڭگىسىنىڭ ئامىرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۆرۇس كومىنىستلىرى دەۋرىدىكىدەك خالىغانچە تاجاۋۇزچىلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى زوڭتۇڭ مېدىيېف سوۋېت-ئامىرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئەسىرگە يېقىن زىدىيەتتە چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ،بۇندىن كېيىن ئورۇسلارنىڭ ئامىرىكىنى ئىستىراتىگىيىلىك ھەمراھى قىلىپ تاللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرۇلۇش خاراكتىرلىك بايانات ئېلان قىلدى.

     دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلسىمۇ ئامىرىكىنىڭ ئېتىراپنامىسى بولمايدىكەن ئۇ شەكسىز مۇستەقىل بولالمايدۇ. قىزىقارلىق يېرى ئۆز دۆلەت زىمىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشمۇ قىلالمايدۇ.        

    3-باسقۇچ .20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى. چاۋشەن «دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش » شوئارى بىلەن كۆرىيەگە ھۇجۇم قىلغان .(ئەسلىدە ئورۇس كومىنىستلىرى بىلەن ئامىرىكا قوشۇنلىرى ئۇچراشقان 38 -پارالىل سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپى خۇددى گېرمانىيەگە ئوخشاش ئىككى خىل تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى.چاۋشەن بۇ ئۇرۇشنى سىتالىننىڭ ماددى تەمىنات،ماۋزېدوڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بارماقچى بولغان.)چاۋشەننىڭ بۇ ھەركىتىنى توساش ئۈچۈن ئامىرىكىنىڭ چاۋشەنگە ھۇجۇم قىلىش تەكلىۋىنى  ب د ت قوللاپ 15 دۆلەتنىڭ قوشۇن چىقىرىشى بىلەن بۇ ئۇرۇشنى قوزغىغانتى.بىراق بۇ ئۇرۇشتا بىر مىليوندىن كۆپ ئادىمى ئۆلۈش بەدىلىگە ئۇرۇش توختاتقان ۋە چاۋشەننى كونتۇرۇل قىلىش مەخسىتىگە يېتەلمىگەن .شۇنداقتىمۇ چاۋشەن كۆرىيەنى قوشۇۋېلىش مەخسىتىگە يېتەلمىگەن.

    ئەمما بۈگۈنكى چاۋشەننىڭ يادرو قورال مەسىلىسىدە  ئامىرىكا مىليونلاپ قوشۇن چىقىرىپ ئەمەس،بەلكى ئاددى ھالدىكى ئىقتىسادى ياردەم ۋە «تېرورچى دۆلەت» قالپىقىنى ئېلىۋېتىشتەك دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەنلا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ مەزكۇر رايوندا بۇ پېشكىنى ئۈنۈملۈك ئوينىتىۋاتىدۇ.

    4-باسقۇچ .20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى. ئەرەپ ئەللىرى ئىتىپاقلىشىپ ئامىرىكا قاتارلىق ئەللەرگە نېفىت سېتىشنى چەكلەش سىياسىتى ئېلىپ بارغاندا پۈتكۈل ئامىرىكىنى ئىقتىسادى كىرزىس ۋە ئېنىرگىيە قەھەتچىلىكى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.

     بىراق بۈگۈن ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتى«سام تاغا»دىن ئاشقاندا ئاندىن باشقا ئەللەرگە سېتىلىدۇ. ھەتتاكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئون دوللار قىممەت باھادا جوڭگوغا نېفىت سېتىپ بېرەلمەي ئامىرىكىغا ئون دوللار ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى(مەجبۇر بولدى دىگەندىن قىزغىنلىق بىلەن تاللىدى دىسەك توغرىتتى). قىسقىسى يۇقۇرقىلار بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى «قەغەز يولۋاس»نىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقتا قەغەز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

    شەرق ھۆكۈمەتلىرىدىكى «ساخاف»چە ئۇرۇش قىلىش،«AQ» چە جاھان تۇتۇش پىرىنسىپى بىزدىكى«ئاۋامچە»كۆز قاراشنى بېيىتىپ تۇرالايدۇ خالاس.

     

    1.    ئەنئەنىۋى ئىستىلاچىلاردىن پەرقى .

     

    ئامىرىكا دۆلىتى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يېڭى دۇنيادىكى بىر ئىمپىرىيە. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى بۇ ئىپىريە بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۈرىمىزدىكى ئائىلىۋى ياكى مەلۇم ئىزىم ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىمپىريە ئەمەس.چۈنكى ئۇ ئىلگىركى بارلىق ئىمپىريەلەرگە ئوخشاش زىمىن ئىستىلاسىنى ئېلىپ بارمايدىغان مەۋھۈم ئىمپىريە.

    بىراق ئۇنىڭ تەسىرى تارىختىكى ھەرقانداق ئىمپىريەنىڭ تەسىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.ئۇ مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ مەككىسى بولسۇن ياكى خىرىستىئانلارنىڭ رىم شەھرى ۋە ياكى ماركىسىزىمچىلارنىڭ موسكىۋا،بېيجىڭىدىن تارتىپ  بۇددىسلارنىڭ بانگوكتىكى ئىبادەتخانىلىرى ۋە تىبەتتىكى بۇددالار ئوردىلىرىغىچە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ. پەقەت بۇ خىلدىكى مەنىۋى تەسىر بىلەنلا ئەمەس .يەنە نۆۋىتىدە ماددى تەسىر بىلەنمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەردىن تارتىپ مەندەك ئاددى دېھقاننىڭ تېرىقچىلىقىغىچە تەسىر قىلىدۇ.

    ئامىرىكىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك بۇ گەۋدىنىدىن كېلىپ چىققان ئۇنۋېرسال كۈچ يەر شارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قەدەر ئىچكىرىلەپ كىرگەن.بۇنداق غايەت زور سۆرەش كۈچى باشقا ھەر قانداق دۆلەتتە مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇ ئامىرىكىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى بىر ئىمپىريە ئۇقىمىنىڭ قۇدرىتى.

    بۇ ئىمپىريە، يەر شارىدىكى ئەنئەنىۋى زىمىن ئىستىلاسىنىڭ ئورنىغا تۈزۈلمە ئىستىلاسىنى دەسسىتىپ، ئىستىلانىڭ چىقىمىنى تۆۋەنلەتتى شۇنداقلا ئىستىلانىڭ كونتۇرۇل قىلىش ئۈنىمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتەردى.بۇ يېڭى ئۇقۇمنى ئامىرىكا ئىجات قىلدى ۋە ئامىرىكىلا قوللىنالىدى. 

    ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى،ئىقتىسادى تەرەقىياتلىرىغا ئاستىراتتىن كونتۇرۇل قىلىشنى ئېلىپ بېرىپ جەمىيەت بىلەن ئاۋامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قوغداش ھەم تولۇق بەھىرلىنىش مەۋقەسىنى بېكىتىپ،ئۇنۋېرسال قىممەتنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قېلىشىنى توستى .ئەسلىدىنلا خەلقى ياكى كۆچمەنلەرگە باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تولۇق ئەركىن مۇھىت بېرىش ئارقىلىق يەر شارىدىكى ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئامىرىكا تۇپرىقىغا ئېقىپ بېرىشىنى تېزلىتىش بىلەن رىقابەت ۋە تەرەقىيات ئۈنىمى جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى.  ئامىرىكىنىڭ ئىككى يۈز يىللىق قىسقىغىنە  دۆلەت باشقۇرۇش تارىخى بولسىمۇ،نەچچە مىڭ يىللىق دۆلەت تارىخى بار مەملىكەتلەردىن تەبىئىلا ئېشىپ كەتتى.قىسقىسى ،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ئىنسانىيەتنىڭ ھورمەت-ھوقوقى توغرىسىدا ئەڭ زور ئۆزگۈرۈشلەر ئامىرىكىدا يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتىدۇ.

    2. دۆلەت ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىگى ۋە ئارتۇقچىلىقى

     

    ئامىرىكا دۆلەت ماشىنىنىسى ئۆزىگە زاپچاس تاللاشتا پەۋقۇلادە دېمكىراتىيە بىلەن مەيدان ھازىرلايدۇ.ئۇنىڭ تارىخىدا  نامراتلارمۇ پۇلدارلارمۇ ،ئۆز كەسپىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارمۇ ، شۇنداقلا مەغلۇپ بولغانلارمۇ زوڭتۇڭ بولۇپ باققان.ھەتتاكى ئەسلىدىكى قۇل ئەۋلاتلىرىمۇ بۇ دۆلەتتە زوڭتۇڭ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.دۆلەتنىڭ ئالى قاتلىمىدىن باشلانغان بۇ ئەركىن رىقابەت ئامىرىكىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە بولغان جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كەتكەن. دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكىلەر ئەتراپىدىكى سايلاملارغا قارىغاندا بۇ دۆلەتنىڭ زوڭتۇڭ سايلىمىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.سەۋەپ-بۇ دۆلەت ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ دۆلەتنىڭ سايلىمى ئادەمگە ھوزۇر بېرىدۇ.

    دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە نېسبەتەن ھاكىمىيەت بىلەن نازاراتچى ئايرىلمىغان.يەنى پەقەت ئېيىق بولسىمۇ بىرلا دادىسى بار .خۇددى ئافرىقا ۋە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ھوقوقىنى خۇددى ئاكىسى بىلەن ئۇكىسى بۆلىشىۋالغاندەك.

    ئەمما ئامىرىكىدا مەڭگۈلۈك ھوقوق يوق.

    باقىۋەندىلىك تۈزۈمدە تەرەقىياتنىڭ گۈلى، تەشتەكتە ئۆسىدۇ.ئۇنىڭغا ئىگىسى قۇيۇپ بەرگەن سۇ بىلەن ئازراق ئوغۇتتىن باشقا تۇپراق تاللاش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.ئەمما ئامىرىكىدا ئىككى پارتىيە «سەن قىلالمىساڭ مەن قىلاي»دەپ قاراپ تۇرىدۇ.«ئىشەك» ياخشى ئىشلىمىسە«پىل» ئىشلەيدۇ.

    ئامىرىكا دۆلەت ئىچىدە دۆلەت.قانۇننىڭ ئۈستىدە قانۇن،زوڭتۇڭنىڭ ئۈستىدە «زوڭتۇڭ».....دەك ھاكىمىيەت ئۆلچىمىنى يولغا قويالىغان.ئەدلىيە بىلەن ھاكىمىيەت ئوت بىلەن سۇدەك،تارماقلار بىلەن تارماقلار ئىت بىلەن مۈشۈكتەك چەكلەش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.ھەرگىزمۇ ئۇلار دادا بىلەن بالىدەك يېقىن شېرىك ئەمەس.

    بۇ خىل ئىجىل بولمىغان نازارەت تەبىئىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ رىقابەتلىك تىرىشچانلىقىنى قوزغاپ ،دۆلەت قانۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

     

    ئاخبارات ۋاستىلىرى ھازىرقى دۇنيا ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز كۈچكە ئايلاندى.بىراق بۇ كۈچنىڭ رولى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمايدۇ.كوپ ساندىكى دۆلەتلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىنى دۆلەت ماشىنىسىنى پەردازلايدىغان ساتراشخانىغا ئايلاندۇرۋالىدۇ .بۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا پىداكارلىق بىلەن ئەلچىلىك رولىنى ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم كۈچتىن ئايرىلىپ قالىدۇ .ئامىرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن باغلىنىشى بولمىغان مۇستەقىل تەشكىلات.ئۇلار جەمىيەت ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىك ھەركەتلىرىنى كۈزىتىپ ،ھەر قانداق ھەركەتنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى قالدۇرماسلىققا تىرىشىدۇ.

     ئامىرىكا ئاخباراتنىڭ چىنلىق ۋە تېزلىكى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى تۇرۇش بىلەن زور سانلىق كۆرۈرمەنلەر قوشۇنىغا ئىگە . بۇ قوشۇن ۋە بىر قاتار ئاخبارات ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملارنى نازارەت قىلىش يۈكى يېنىكلەيدۇ.ئامىرىكىلىقلارنىڭلا ئەمەس بەلكى باشقا ئەل خەلىقلىرىنىڭمۇ  ئامىرىكا ئۈچۈن ھەقىقى مەنىدىكى تۆھپە قوشۇشىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ .

     

    زوڭتۇڭ نامزاتلىرى ئاددى خەلىقنىڭ ئۆزىنى سايلىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئۇلارغا يالۋۇرىدۇ.خەلق زوڭتۇڭغا نەپرەتلەنسە ئۇنىڭ بېشىغا سېسىق تۇخۇم ئاتالايدۇ.ھەتتا خوتۇنىدىن ئاچچىقىنى چىقىرالمايدىغان ئامىرىكىلىقمۇ زوڭتۇڭنى ئاشكارا ئەيىپلەپ ئاچچىقىنى چىقىرالايدۇ . زوڭتۇڭ  كۆپ سانلىق پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلسا تەختتىن چۈشىدۇ.

    ئەمما بەزى دۆلەتتىكى پۇخرالار جەمىيەتكە نەپرەتلەنسە ئۆيگە كېلىپ خوتۇنىنى ئۇرىدۇ ۋە چىنا چاقىدۇ.

     ماھىيەتتە ئامىرىكا ھاكىمىيىتىنى خەلقنىڭ ھاكىمىيىتى دىمەسلىككە ئامالىمىز يوق.دىمەك بۇ دۆلەتتە ماركىسىزىم ئېيتقاندەك بىر سىنىپ يەنە بىر سىنىپقا ئەمەس بەلكى كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.بۇ خىلدىكى دۆلەت ماشىنىسى ئەڭ زور ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.بۇ ئەۋزەللىك ئۇنى ھەر بىر ئامىرىكىلىق- ئامىرىكا دىگەنلىك ئۇقۇمىغا ئىگە قىلغان.

    3. ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى قۇدرىتى .

     

    دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربى كۈچىنى قاتارغا تىزغاندا ئامىرىكىنىڭ ھەربى كۈچى مۇرەسسەسىز ھالدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ بىرىنچىلىك قانداقتۇ رەت تەرتىپىلا ئەمەس.بەلكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئون دۆلەتنىڭ ھەربى كۈچىنىڭ قوشۇلمىسىدىنمۇ قۇدرەتلىكتۇر. چۈنكى ئامىرىكا ھەربى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ،ھەربى كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈنىمى جەھەتلەردىلا ئەمەس بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە چەتئەلدە بىر قانچە ئورۇندا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى جەھەتلەردىمۇ  باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا نۇرغۇن مۇساپە ئالدىغا كەتكەن.بۇ ئىلغارلىق بەزى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەردىن «مۇنچە پىرسەنت ئۈستۈن» دىگەنلىك بولماي،بەلكى بىر قانچە ھەسسە يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    پەن تېخنىكىنىڭ ھازىرقى تەرەقىيات پەللىسى ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلاردىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى.كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدىغان ئەسكەر سانى ئاساسى ئامىل بولىدىغان ئۇرۇشلار ،زامانىۋى تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ ساپاسىغا ئورۇن بوشاتتى. بۇگۈنكى دۇنيا تېخنىكا قۇدرىتىنىڭ مەركىزى بولغان بۇ دۆلەت  ئىلگىركى ئۇرۇشلاردا ئادەم ئامىلى سەۋەبى بىلەن سۈكۈت قىلغان بولسىمۇ بۈگۈن ئىلگىركى پاسسىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.مەيلى ھەربى قورال-ياراق ،مەيلى  ئىقتىسادى گەۋدە ياكى يېزا ئىگىلىگى شۇنداقلا قاتناش-تىرانسىپوت ئاددىسى كىنو-تېلۋىزىيەگە قەدەر يەر شارىلىقلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغىدەك ئىلغار ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەڭ يامان ھەربى ياراقلارنى ئامىرىكا ئىشلىيەلەيدۇ.كۆرۈش نېسبىتى ئەڭ يۇقۇرى كىنولارنىمۇ ئامىرىكا ئىشلىيەلەيدۇ.

    باشقا دۆلەتلەردە ئازراق ئۆكتە پىكىردىكىلەر خەلقنىڭ،دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ھېساپلىنىدۇ.ئەمما ئامىرىكىدا ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچىگىمۇ ئاشكارا ھىسداشلىق قىلىپ قوللايدىغانلار قانۇنلۇق سانىلىدۇ.دىمەك ئادەم مۇتلەق يامان ياكى مۇتلەق ياخشى بولمايدىغان قانۇنىيەتكە ئامىرىكا ئەدلىيەسى ھۆرمەت قىلىدۇ.

    خىرىستىئان مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىدىغان ئامىرىكا مەيلى پۇخرا ياكى ھالقىلىق كوللىكتىۋى بولغان ھەربى قوشۇن ئىچىدە ئۇنۋېرسال ئېتىقاددىكىلەرنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى چەكلىمەيدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتنىڭ بىرسى.بولۇپمۇ ھەربىلەر ئىچىدە دۆلەت تەۋە مەدەنىيەتتىن باشقا دىندىكى كىشىلەرنى ساقلاش ئەنئەنىۋى ھەربى قوشۇن تۈزۈلمىسىدە تولىمۇ خەتەرلىك بولغان بىر ئىش.

    ئەمەلىيەتتە ئامىرىكا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەر بىر ئەسكەرنىڭ ماددى مەنپەئەتى بىلەن غەلبىلىك بىرلەشتۈرگەن .

    بۇ دۆلەت پەقەت ئىنساننىڭ تولۇق خاتىرجەملىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مۇھىتنى قەدىرلەيدىغان پىسخىكىسىنى تولۇق ھېس قىلغان ۋە شۇنداق مۇھىت يارىتىپ بېرەلىگەن.مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئامىرىكىچە دېمكىراتىيەنىڭ ئىجابى يامانلىقى

     

    4. ئاخىرىدا- ئۇنىڭ ئاجىزلىقى.

    جوڭگونىڭ ئېرىشمەكچى بولغان كەلگۈسىدىكى ھاياتى كۈچى ئەمەلىيەتتە دەل ئۇنىڭ خەۋپ كەلتۈرىدىغان ئاجىزلىقى بولغىنىدەك ،ئامىرىكىنىڭ ئاجىزلىقى دېمكىراتىيەسىدۇر،(ئاجىزلىقى ئىسپاتلانمىغان بۇ نۇقتىنى ئاجىزلىق دىيىشكە توغرا كەلسە) بۇ دېمكىراتىيە يەر شارىدىكى بارلىق ئىدىيىدىكى كىشىلەرنى قانۇنلۇق ھالدا ئامىرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا يول قويىدۇ. ئورۇسلار سىبىريەدە كۆپىيىۋاتقان جوڭگو كۆچمەنلىرىنى خەۋپ دەپ قارايدۇ.ئەمما ئامىرىكا بۇنداق قاراشتا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا 40يىل ئىلگىركى ئاجىز ئورۇندىكى نېگىرلار ھەركىتى بۈگۈنكى كۈندە مەخسەتكە يەتكەن.

    دىمەك دۆلەت سىياسىتىدىكى دېمكىراتىيە ئورتاق ئىدىيىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ سانىنى دۆلەت ئىچىدىكى ھوقۇققا ئوڭ تاناسىپ قىلغان.

    بۇ سانغا ئىسلام مەدەنىيىتى قانداق ئېرىشىدۇ ؟

     بۇ مەزكۇر مەدەنىيەت ساھىپلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجاتچانلىقىغا ۋە ھاياتىي كۈچىگە باغلىق. 

    كۆپچىلىككە يېقىن خوشنىمىز ياپونىيە ۋە كورىيە مەدەنىيىتى ئۈستىدە كىچىككىنە مىسال سۆزلەپ بېرىمىز.

    كورىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا نوپۇزلۇق ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى كورىيانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى مىسلىسىز يۈكسىلىشى دەپ ئېيتساق بولىدۇ.ئەجەبا كورىيەدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت بۇنچىلىك قۇۋۋەتكە قانداق ئېرىشىپ قالدى ؟ ياپونىيەلىكلەر كورىيەگە قارىغاندا تارىختىن بۇيانلا مەدەنىيەت تەرەپتىنلا ئەمەس بەلكىم باشقا تەرەپلەردىمۇ زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە . بىراق ياپونىيەنىڭ يۇمشاق تەسىرى خوشنا ئەللەرگە كورىيەنىڭكىدەك كېڭىيەلمىدى.ھەتتا غەرپ مەدەنىيىتىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇققا كورىيان مەدەنىيىتىدەك تېز ھەم كەڭ دائىرىلىك كىرەلمىگەنتى.بۇ مەدەنىيەت تاشقى موڭغۇلىيەدەك تۆت ئەتراپى مۇستەھكەم توساقتىكى رايونغىمۇ كىرىپ بولدى.

    ب د ت تەرىپىدىن مۇستەقىل سانالغان كورىيە ھۆكۈمىتى خېلى يىللارغىچە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ رايون خەرىتىسىدە دۆلەت سۈپىتىدە ئىزاھلانمىغان بولسىمۇ،كورىيانلارنىڭ دىموكىراتىك ھاۋادىن كاتالىزاتورلۇق روھ ئېلىپ ،قسىقا ۋاقىت ئىچىدە تىرىشچانلىق بىلەن ئەڭ مۇھىم دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلىدى ۋە دۇنيانى ۋە خوشنىلىرىنى مەجبۇرى ئېتىراپ قىلدۇردى.كورىيەنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كەلگۈسىدە كۆرسىتىدىغان تەسىرى  ياپونىيەنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى مۇقەرەر. بۇ بەلكىم ئىجتىمائى تۇرمۇش جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى تەدرىجى ئاۋامنىڭ ئېڭى ئۆلچەم بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدىغان كەلگۈسىدىكى سىياسى ،ئىقتىسادى ساھەلەردىمۇ كۆرىلىشى مۈمكىن. كورىيەنىڭ قىسقىغىنە مۇددەتتە يېتىشتۈرگەن ئارتۇقچىلىقى دەل زامانىۋى ئىستىلانىڭ مۇھىم پەزىلەتلىرىدىن بىرى.

    بۇ ئىستىلانىڭ پوستى تولىمۇ يېقىملىق ،ئەنئەنىۋى ئىستىلالاردىن كۆپ يېقىشلىق بولۇپ كىشىگە ئىللىق ئۈمۈت ، ھېرىسلانغۇدەك قانائەت بېغىشلايدۇ.

    بۇ قىستۇرما ، يۇقۇرقى سوئاللىرىمىزغا تۈرتكىلىق رول ئويناپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

     

    ئىسلام دىنىنىڭ ئىجابى قىممىتى ئامىرىكىلىقلارنىڭ ماددى قۇۋۋەت ئىچىدىكى تېڭىرقاۋاتقان روھىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ.ئەمما ئۆزىنىڭ بۈگۈنى توغرىسىدا تېڭىرقاپ قالغان ئىسلام دۇنياسى ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىگە ئۆزى جاۋاپ بېرىپ بېقىشى كېرەك.

    ئىسلام- مۇسۇلمان دۇنياسىغىلا ئەمەس بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە ،ياراتقان اللەنىڭ قالدۇرغان ئاخىرقى سوۋغىسىدۇر.

    سوۋغا- قەدىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ.

    ئىسلام دىنى قانداقتۇ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مىراسى ئەمەس. دەسلەپ ئەرەپلەر قانداق مىراسخورلۇق قىلغان بولسا..كېيىنكى تۈركلەرمۇ شۇنداق ۋارىسلىق قىلالىغان....ئېنىقكى ئىسلامىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق پارلانغان دەۋرى ئانا ماكانلىرىدا دۇنياغا كەلمىسە باشقا بىر رايوىدا مىراسخور ۋارىسلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇتلەق.بۇ دۇنيا تارىخىدىكى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ نورمال تەرەقىيات قانۇنىيىتى.

    پەرۋەردىگار ئىسلام دىنىنى بۇ دىننى سۆيگەن ئادەملەرگىلا مەنسۇپ قىلىدۇ .ئىسلام تارىخىنىڭ ئەگرى سىزىقلىق گىرافىگى ھەر قايسى قەۋىملەرنى كېسىپ ئۆتكەن.نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلامنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ باققان.شۇنداقلا خاراپلاشتۇرۇشتىكى سەۋەپچىمۇ بولۇپ قالغان.

    نۆۋەتتە مۇسۇلمان دۇنياسىدا «ئىسلامنىڭ دۈشمىنى-غەرپ » دىگەن پىكىر ئېقىمى ئومومىيۈزلۈك ھادىسە.بۇ بەلكىم نېسبى ھۆكۈمدۇر.

    پەرۋاردىگار« بىراۋ ئۆزىگە زۇلۇمنى ئىختىيار قىلمىغۇچە مەن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايمەن »دىگەن.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئىنساننىڭمۇ ئەڭ يامان دۈشمىنى پەقەت ئۆزى.  ئۆز-ئۆزىگە قىلالايد


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى