-
بىر دېھقاننىڭ مائارىپ نازارىتىگە يازغان ئۇيغۇرچە خېتى ( ئاخىرقى بۆلەك )
2009-04-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38843375.html
13-نۇقتا. ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛
ئالاھىدە مائارىپ دىگەنلىكنىڭ نىمىلىكى ماڭا تازا ئېنىق ئەمەس.ئىسمىدىن پۇراپ تۇرۇپتۇ بەلكىم ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى دەۋرى، ۋە مەزمۇنى قاتارلىقلاردا ھازىرقى مائارىپقا قارىغاندا تېخىمۇ پەرىقلىق بولىشى ئېھتىمال. قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىل مائارىپ يۇقۇرىدا كاسىلداپ ئۆتكەن مەزمۇنلارغا ئوڭ تاناسىپ كېلەمدۇ ياكى تەتۈر تاناسىپ كېلەمدۇ .بۇنى كېيىنچە كۆرەرەمىز. بەلكىم ئىجابىلىق بولار.
14-نۇقتا. يېزا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى تەربىيىسى؛
يېزا مائارىپ ئورۇنلىرى بىزنىڭ شەھەرلەردىكى مائارىپ ئورۇنلىرىغا قارىغاندا يەنىلا سىياسەت ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش سالمىقى جەھەتتە باراۋەر بولالمايدۇ. شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە يېڭى كومپىيوتور سەپلەنسە ئۇلارنىڭ كونا كومپىيوتورلىرى يېزىلارغا ئاندىن يولغا چىقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ زور سانلىق نوپوسى يېزىلاردا.بىز دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز.چوقۇمكى سېلىنمىنى ئالدى بىلەن يېزىلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
شەھەرلىكلەر مەيلى ئاخبارات ۋاستىسى ياكى باشقا مەدەنىي-ئىجتىمائى پائالىيەتلەر بىلەنمۇ قىسمەن تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ. ئەمما يېزىلاردا بولسا بۇ خىل ئىمكانىيەت شەھەرلەردىن ئاز بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى شەھەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا كەينىدە .دىمەك مائارىپ سېلىنمىسىنى يېزىلارغا كۆپرەك سېلىش بىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ زۆرۆر تەقەززاسى.شەھەرلەرنىڭ ھەقىقى تەرەقىياتى يېزىلارنىڭ تەرەقىياتىنى ئاسا قىلىدۇ.
ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسى كۈنسايىن ئومومى ئۇقۇمغا ئايلىنىپ بېرىۋاتىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بۈگۈنكى قۇرۇلۇش-ئېچىش ئىشلىرىمىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي ئامالىمىز يوق. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم نۇقتا. بۇندىن كېيىن بۇ قوشۇن تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغانسېرى ئۇ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
15-نۇقتا. كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛
كەسپى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىشى ئالى مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى قىسقارتسا جەمىيەتتىكى ئىش ئورنى مەسىلىسىنى يېنىكلىتىدۇ.
16-نۇقتا. كەسپىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە تەربىيىلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى.
بۇ نۇقتا يۇقۇرىدىكى بەزى بايانلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە دەپ ئويلايمىز.
17-نۇقتا. ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛
كۆپ سانلىق ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى پەقەت ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلسا قارا-قويۇق تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش رولىنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئالىي مائارىپ كۆپ سانلىق خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدىكىدەك جەمىيەتكە ئوڭۇشلۇق چىقىشنىڭ دەرۋازىسى بولالمايدۇ.شۇنداقلا كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرلا ئىقتىدارلىق بولالمايدۇ.
بەلكىم جەمىيەت مائارىپى نۇرغۇن ھاللاردا بىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدىن ئەمىلىيرەك تەربىيلەش پۇرسىتىنى ھازىرلاۋاتىدۇ. بۇنىڭغا باشلانغۇچ مەلۇماتتىكى نۇرغۇن خوجايىنلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ جان بېقىۋاتقان دوكتۇر-ماگىستىرلار مىسال بولالايدۇ.
چەتئەلدىكى داڭلىق ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىمۇ يەڭگىللىك بىلەن ھۆددە قىلالمايدىغان بۇنداق ئىمتىيازنى بىزدىكى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىغا كىم بەردى. ؟!
بۇنىڭغا ئۇزۇن يىللىق مائارىپ ئۇسۇلىمىز ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىمىزدىكى دىپلوم ئۆتكىلىمىز سەۋەپ بولسا جەمىيەتتىكى ئالىي مائارىپنى بىردىن-بىر ئۆتكەل سانايدىغان تەپەككۈر ئەندىزىمىز تۈرتكە بولغان.
ئالىي مائارىپ پەقەت قاچانكى يەككە شەكىلدىكى ئەركىن بىلىم بېرىش قۇرۇلمىسىنى ھازىرلىيالىسا ئاندىن ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ.
18.ئالىي مائارىپنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛
بۇ كونا شوئار بولسىمۇ مەركەزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىلەن يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
19.ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛
ئىشقىلىپ مەن نەچچە تال پايدىسىنى كۆگەن ئاسپىرانتتىن باشقا بۇ توپنىڭ ئوقۇشتىن كېيىن يىگىلەپ كېتىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى بايقاپ قالدىم. كۆپ ھاللاردا جەمىيەتكە چىقىپ بېشى ئۈزىۋېتىلگەن چىۋىندەك نىشانسىز ئۇچۇپ يۈرگەن بۇ توپقا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.
20.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت؛
پەن تەتقىقاتى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولسۇن.ھەرگىزمۇ بىر فىزىكنىڭ ۋېلىسىپىتمۇ رىمونت قىلالمايدىغانلىقدەك ئېچىنىشلىق بولۇپ قالمىسۇن.
ئىجتىمائى مۇلازىمەت تەرەپتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مېھمان .ئۇلار پەقەتلا ئېلىشنى بىلىدۇ.ئەمما بېرىشنى بىلمەيدۇ.چۈنكى نىمىنى بېرىشنى بىلەلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئەمەلىيەتتە كەڭ جەمىيەت بىلەن ئەمەلىي بولغان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ كەلگۈسى جەڭگاھ ئۈچۈن مەلۇم تەجرىبە توپلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش دەۋرى ئىدى.
بۇ قانداقتۇ كۆچەت تىكىشتەك خاتىرە پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئەمەلىي خىزمەت ۋە تەجرىبە مانۋىرلىرىغا ئاساس سالىدىغان مۇلازىمەت بولۇپ قالسا دەيمىزغۇ.
21.ئىمتىھان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى؛
جوڭگودىكى ئىمتىھان نومۇرىنى ئاساس قىلىش تۈزۈلمىسى پەقەت يۇقۇرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىلا ئىقتىدارلىق ساناش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا جەمىيەتتىكى يۇقۇرى نومۇر ئالمايمۇ ،مۇكەممەل تەربىيلەنمەيمۇ مەكتەپتە يۇقۇرى نومۇر ئالغانلارنى بېقىۋاتقان بىر تۈركۈم ساۋاتسىز ئىقتىدارلىقلارغا باھا بېرىش بەسى مۈشكۈل بولۇپ قالىدۇ. دىمەك يۇقۇرى نومۇر پەقەت ئىجاتچانلىقى تۆۋەن.قۇلىقى يۇمشاق ،باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياراتقان تۆھپىسى خالاس.
دەل مۇشۇ خىل كۆز قاراشنىڭ كاساپىتىدىن جوڭگونىڭ تەرەقىيات ئىشلىرى زور تۈركۈم ھەقىقى ئىختىساسلىق خادىملاردىن ئايرىلىپ قالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە مائارىپنىڭلا پاجىئەسى بولۇپ قالماي كەلگۈسىدىكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىزنىڭ پاجىئەسى.
22.ئىزچىل مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛
ئىزچىل ئەلۋەتتە ئىزچىل تەرەقىي قىلدۇرىمىزدە.....گەپ ئىزچىللىقنى قانداق قىلىپ ساقلاپ مېڭىشتا. ماھىيىتىدە مائارىپ نىشانى ۋە ئۇسۇلى چوقۇمكى خېلى ئۇزۇن جەريانغىچە ئۆزگەرمەيدىغان ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ سىياسەت پىلانلىرىنى تۈزگەندە ئالدى-ئارقىمىزغا ياخشىراق قاراپ ،ئوبدانراق يىراق-يېقىننى ئويلاپ مېڭىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئىزچىللىقتىن گەپ ئاچقىلى بولىدۇ.
23.ئىزچىل مائارىپ تۈزۈمىنىڭ تۈزۈم، سىياسەت كاپالىتى؛
بۇ خىل كاپالەت خەلىقنىڭ قولىدا بولمايدۇ. بەلكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ قولىدا بولىدۇ. قاچانكى جوڭگونىڭ پۇقراۋى مائارىپى كۆلەملەشسە ئاندىن بۇ تۈزۈم،سىياسەتلەرنى ئورتاق خەلق كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نۇقتىغىمۇ ھازىرچە مائارىپ تارىخىغا ئىگە رەھبىرى خادىملار مەيدىسىنى كېرىپ چىقىشى كېرەك.
24. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش
مائارىپ ئادىللىقى نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ،ئوقۇتقۇچىلارغا، دەرسلىكلەرگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئادىللىقنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى بولسا. زامانىۋى مائارىپ، ئەنئەنىۋى مائارىپ ،مەكتەپ مائارىپى،جەمىيەت مائارىپى ۋە ئائىلە مائارىپى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن باغلىنىشنى ھاسىل قىلىش ....دەل مائارىپنىڭ ئادىللىق ئىچىدىكى ئادىللىقىدۇر..
؛ 25.مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
مېنىڭ نەزىرىمدە مائارىپنىڭ ماس تەرەقىياتى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنلەردىن باشقا ئۇ چوقۇم خەلقارادىكى مائارىپ ئەندىزىسى بىلەن ،تەربىيلەنگۈچى ياشاۋاتقان جەمىيەت بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىرقى مائارىپىمىزدا يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك زۆرۆر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارماي تۇرۇپلا مۇشۇ ئەندىزىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىسەك بۇ 36 مادىلىق لايىھەنى شوئارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
26.ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللاش؛
ئاپتونومىيە قانۇنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندىمۇ دۆلەت ئالاھىدە كۈچ بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشىلىرىنى قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھازىرغىچە بولغان مىللى مائارىپىمىزدىكى تەرەقىيات نەتىجىلىرىنى دەل مۇشۇ قوللاشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كەلگۈسىدىمۇ بۇ خىل قوللاش ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما قوللاش بىلەنلا ھەممە ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.قانداق قوللاش قانداق ئۇسۇلدا نەپ يەتكۈزۈش يۇقۇرىدا ئېيتىلغان قوللاشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى.
27.مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى؛
بۇ توغرىسىدا چوقۇمكى ئومومى خەلق ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش پىلان-ئىسلاھات تۈزىشى كېرەك. پەقەت بىرنەچچە چىشى سېرىق،چېچى ئاقارغان مۇتەخەسسىسكە تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىنى ئىككى قوللاپ تاپشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.چۈنكى مائارىپنىڭ مەيلى شاراپىتى ياكى كاساپىتى بولسۇن بىۋاستە بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا تاقىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ دېموكىراتىك شەكىل بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
28.مائارىپ باھالاش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تەتقىقاتى؛
مائارىپنى باھالاش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىمىزدا يەنىلا مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھوقوقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر نەچچىلا ئادەمدىن تەشكىل تاپقان كومىتىت قانداقمۇ ئومومى خەلىققە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئېنىقكى مائارىپنى باھالاش دەل مۇشۇ مائارىپنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچرايدىغان ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىمۇ بولىشى كېرەك.چۈنكى ئۇلار مائارىپنىڭ بىۋاستە پايدىسىنى ياكى زىيىنىنى ھېس قىلغۇچىلار.دىمەك ئۇلار ھەقىقى باھالىغۇچى ھەقدارلار.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يەنىلا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك پەقەت يۇقۇرى نومۇر چېكىنى ئاساس قىلىۋېلىش ئومومى تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئىجاتچانلىق ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.پەقەت بۇيرۇققىلا بويسۇنىدىغان ئىجاتچانلىقتىن خالى ئادەمسىمان ماشىنىلارنى روياپقا چىقىرىپ قويىدۇ.
29.پۇقراۋىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛
پۇقراۋىي مائارىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى يەڭگىللىتىپ شەخىسلەرنى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.شۇنداقلا مائارىپ ئىشلىرىمىزدىكى قاتمالىققا كەلگۈسىدە بولسىمۇ ئىجابى تەسىرىنى بېرىدۇ.
30.مائارىپتا سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ۋە سىرت بىلەن بولغان مائارىپ ئالاقىسى تەتقىقاتى؛
بۇ مائارىپ ئىشلىرىمىزدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر ئىكەن.
مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش بىزنىڭ مائارىپ ئىشىلىرىمىزنى سىرتنىڭ مائارىپ ئۇسۇللىرىغا سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. دۇنيادا ھەقىقى ھۆكۈم پەقەت سېلىشتۇرمۇشۇناسلىق بىلەن تۇغۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىز ئىلگىرى گۇمانلانغان نۇرغۇن مائارىپ ئۆرنەكلىرىمىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا باھا بېرەلەيمىز.
مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە قارغۇلارچە قوبۇل قىلىشتىن ماسلاشقانلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش، بىزنىڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ جاھىللىق قىلىشتىن سېلىشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز.بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مائارىپ شەكىللىرىمىز ياپونىيەدەك تەرەقى قىلغان ئەللەردىمۇ ياخشى باھاغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا نەزىريە جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئەمەلىي ئىقتىداردا كۈنسېرى يىگىلەپ كەتمەكتە. دەل مۇشۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىمىزغا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
31.ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى؛
يېزىلار تىلغا ئېلىنسا جاپاكەش دېھقانلار كۆزىمىزگە كۆرۈنگەندەك يېزا مائارىپى تىلغا ئېلىنسا ئەلۋەتتە جاپاكەش مۇئەللىملەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بىز 14-نۇقتىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك يېزا مائارىپىنى شەھەر مائارىپىغا قارىغاندا بەكرەك سېلىنما ۋە سىياسەت بىلەن يۆلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئېتىۋار سىياسەت ۋە ئىقتىسادى كاپالەتنى شەھەردىكىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرراق بېرىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېزا مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش لازىم. بۇ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەقەززاسى.
32.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى؛
مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم بولمىغاچقا بۇ توغرىسىدا توختىلىشنى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساممۇ بۇ توپنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە تۆۋەن مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەغدىرداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.
33.مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تەتقىقاتى
مېنىڭ بىلىشىمچە مائارىپ مۇپەتتىشلىرى يەنىلا مائارىپ تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر توپىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئاكىسىنىڭ ئىشىنى ئۇكىسى نازارەت قىلغاندەكلا بولۇپ قالامدۇ نىمە؟ بۇ مۇپەتتىشلىكنى نىمە ئۈچۈن ھەقسىز نازارەت قىلىدىغان كەڭ خەلىققىمۇ تاپشۇرۇپ ،ئۇلارنىڭمۇ مائارىپقا بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغۇتۇپ باقمايمىز. مەيلى دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ياكى باشقا سىياسەت-ئۆلچەملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇم تەرەپتىن مائارىپ چۈشەنچىسىگە ئىگە خەلىقنىمۇ چوقۇمكى بۇ مۇپەتتىشلىككە تەكلىپ قىلىپ ھوقوق بېرىش زۆرۆر.
مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ كەڭ خەلىققە نېسبەتەن مەجبۇرىيەت ئېڭىغا قارىغاندا پەرۋا قىلماسلىق تۇيغۇسى كۈچلۈكرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چەكلەش-چەكلىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس.مۇشۇ ھالەت نېسبەتەن ئۆزگەرتىلسە بىز بىلىدىغان ھەقىقى مەنىدىكى مائارىپ مۇپەتتىشلىكى مەيدانغا كېلىدۇ. ئاندىن بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى ئالدىرماي ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.
؛ 34.مائارىپ سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسى؛
مائارىپ سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسىنى تۇرغۇزۇش بىلەن بىرگە ئاۋال بۇ سېلىنمىنىڭ قايسى تەرەپلەرگە سېلىنىشىنى كاللىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز زۆرۆرمىكىن.
مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ تەشۋىقات خاراكتىرىدىكى قۇرۇلۇشلارغا كۆپلەپ سېلىنىشى ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇنۋېرسال تەربىيلىنىشىگە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە دەخلى قىلىدۇ.مېنىڭ بىلىشىمچە نۇرغۇن مىللى مەكتەپلەردە ھەيۋەتلىك بىنالار بولغان بىلەن تولۇق تەييارلانغان قوشۇمچە ئوقۇش ماتىرياللىرى ۋە ئۈسكىنىلىرى تولۇق ئەمەس.ھەتتا بەزىلىرىدە مىللى يېزىقتىكى كىتاپ-ماتىرياللارنى كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ.بىزنىڭ رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەتتاكى يۈرۈشلەشكەن تەنتەربىيە مەيدانى ۋە ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق ئەمەس.ئەمما ھەيۋەتلىك بىناسىدىن نەچچىسى بار.
ئۇنداقتا بۇ سېلىنما نەگە ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ ؟!
بۇ سېلىنما مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا نوقۇل كۆزگە كۆرۈنىدىغان قۇرۇلۇشلارغا بەكرەك دىققىتىنى ئاغدۇرىشى ،ھەقىقى مەنىدىكى بىۋاستە مەنپەئەت يېتىدىغان ئەسلىھەلەرنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرىشى نەتىجىسىدە كۆز كۆرگەن بىلەن كۆڭۈل سۆيۈنگىدەك جايغا ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ.خەلىقنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلى ئۆز جايىنى تاپالمايۋاتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسىنى چىڭىتىش بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ئورنىنى چوقۇمكى بىۋاستە مەنپەئەتلىك جايغا بېرىش زۆرۆر.
35.مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى؛
مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىللى مائارىپنى دۆلەت مىقياسىدىكى مائارىپ يېڭىلىقلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىكى جەۋھەرلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ تەبىئى پەن قىسمىغا زۆرۈر بولغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا قىسمەن رايون-ئۆلكىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى قارغۇلارچە كۆچۈرۈش ۋە گۇمانلانماسلىق پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.بۇ خىل پوزىتسىيەدە ئىزچىللىق بىلەن تۇرۇش مىللى مائارىپتىكى بەزى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرسلىكلەرگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇن ھەقىقى مائارىپ بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.مائارىپنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ خوشنا مائارىپتىن پەرقلىنىدىغان ھالقىلىق جايى. دىمەك ئۇ چوقۇمكى ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا ۋە كەلگۈسىدىكى بىز يۈزلىنىدىغان دۇنياغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
36.جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەتقىقاتى.
بۇ نۇقتىدىكى ئەسلىدە بىر ئاپتونوم رايونغا تەۋە بولغان يۇقۇرقى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ مائارىپ تەرەقىياتى نىمە ئۈچۈن ئۆزگىچە بولىدۇ ؟!
بۇ بەلكىم ئىلگىركى يولداشلارنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئايرىم مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنمۇ ياكى باشقا رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك كۈچەش ئۈچۈنمۇ ؟
مەن مۇشۇ نۇقتىنى چۈشىنەلمىدىم.
ئاخىرىدا مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ رەخمەت ئېيتىمەن.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
abdurehim ablathan
2009-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
历史上的今天:
بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟! 2009-04-01ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ ! 2009-04-01فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! 2009-04-01ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى 2009-04-01سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-04-01
收藏到:Del.icio.us


