<<  فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! | باش بەت | بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟!  >>
  • ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ !

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37345730.html

     

    بۇ سۇئاللار  153 - نومۇرلۇق توردىشىمىز نىڭ «تور ''تەقۋا'' لىرىغا ھېيىتلىق سۇئال؟» ناملىق سۇئاللىرىغا جاۋاپتىن ئېلىندى .تور دۇنياسىدا بەك سەمىمى مۇئامىلە قىلىش ئارتۇقچە بولسىمۇ ،مەملىكىتىمىزنىڭ دىنى سىياسەت قانۇنىدىكى ئوز ئېتىقادىنى قوغداش ھوقوقى دىگەن بەلگىلىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتۇق .
    1
    -سۇئال
    :
    ئىسلامدا راستىنلا زوراۋانلىق ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش، مەجبۇرى ئۇسۇلدا ئىددىيە سىڭدۇرۇش تەكىتلىنەمدۇ؟ بۇ ھازىر ۋە تارىختىكى ئىتتىپاقسىزلىق ، ئۇرۇش جىدەللەرنىڭ مەنبەسىمۇ قانداق؟ تىرۇرلۇق مۇشۇ ئىددىيەنى مەنبە قىلغانمۇ؟   جاۋاپ
    :
    جاۋاپ بېرىشتە سىزنىڭ نوقۇل خىرىستىئان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىلا سېلىشتۇرما قىلىش ئۇسۇلىڭىزغا ماسلىشىشنى لايىق كۆردۇق.

    ھەر بىر دىن دەسلەپ تارقىلىش باسقۇچىدا،تەبىئىلا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى بولغان ئۇرۇش پارتىلايدۇ.ھازىرقى دۇنيادىكى ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك سانىلىدىغانلارنىڭ نەزىرىدە  موتىدىل سانىلىدىغان خىرىستىئان دىنىمۇ ئوز تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن قان توكۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇگۈنگە كەلگەن.
    دىمەك دىن  يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئىدىلوگىيە قۇرۇلمىسى، ئۇ  ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ،كىچىكلىكتىن مەلۇم دەرىجىدىكى كولەملىشىشكە يەتكەندە چوقۇم ئوزىنىڭ كوز-قارىشىنى قوبۇل قىلمىغانلارغا قارىتا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ ..ئوزىنىڭ  ئىقتىدارى،شارائىتىغا قاراپ بەزىدە ئۇرۇش ۋاستىسىنى،يەنە بەزىدە ماددى جەھەتتىن قىزىقتۇرۇش..ۋە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق  مۇرىت توپلايدۇ مەسىلەن  ..ئىسلام دىنى،خىرىستىئان دىنى.شامان دىنى ھەتتا بۇددا دىنى ،...ۋاھاكازالار  ھەر-بىر دىن ھەتتا سىز دەۋاتقان «مەدەنىي »خىرىستىئان دىنىمۇ قانلىق ئۇرۇشلاردىن خالى ئەمەس .

    ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئولتۈرلىشى ۋە كېيىنكى مۇرىتلىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە باستۇرلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ كورسەتكەن قارشى ئۇرۇشلىرى ، ياۋروپا تارىخىدىكى پىراۋىسلىيە مۇرۇتلىرى بىلەن كاتولىك مۇرۇتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش. ئەھلى سەلىپ قوشونىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشى . يېقىنقى دەۋىردە سوۋېت ئىتىپاقى پولشاغا تاجاۋۇز قىلماقچى بولغان ،خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئېپىسكوپىنىڭ ئوزىنىڭ قورال ئېلىپ بارلىق خىرىستىيان مۇرىتلىرىنى جەڭگە باشلاپ كىرمەكچى بولىشى
     
    زوڭتۇڭ بوش ئوزىنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە قىلغان يۇرۇشىنى «ئەھلى سەلىپ يۇرۇشى» دەپ ئاتىشى
    ..
    مانا مۇشۇ مىساللاردىن كورۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇرۇش بىرتەرەپلىمە ھالدا ئىسلام دىنىغىلا خاس بولماستىن ،بەلكى ئوز ئىدىلوگىيىسىنى قوغداش ۋە كېڭەيتىش يولىدا تىرىشقانلارنىڭ ھەممىسى قوللانغان ئۇسۇل
    .
    قانداقتۇ ئۇرۇش  تېرورلۇق ئىسلام دىنىغىلا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس .شۇڭا ئۇنىڭدا كۈرەش قىلماقچى بولغان ھەممە كىشىنىڭ ھەققى بار . ئوزىنىڭ باشقىلارغا زورلىغىدەك ئىدىيىسى بولغان ھەر-بىر نوچى ئامال تاپالىسا ماددى ۋاستە ئۇمۇ بولمىسا باشقا ۋاستىلەر بىلەن مۇرىت توپلىسا بولىدۇ .ھەم توپلاۋاتىدۇ
    .
      2- سۇئال

    نىمە ئۈچۈن ئىسلام ئەللىرى تەرەققىياتتا ئارقىدا، بۇنىڭدا دىنى بىر تەرەپلىمىلىك سەۋەپمۇ قانداق؟ چۈنكى ئىسلام تۇرمۇش ۋە سىياسى بىلەن زىچ باغلانغان. ياۋرۇپامۇ چىركاۋ ھاكىمىيىتىنى قۇتۇلۇپ دىننى سىياسىدىن ئايرىغاندىن كىيىن تەرەققى قىلالىدى، مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قلىشى كىرەكمۇ قانداق؟ ئىددىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ زۇرۇرىيىتى ۋە ئۇسۇلى قانداق بولىشى كىرەك؟    

    جاۋاپ :
    بۇ سوئالدىكى مۇھىم  نۇقتا ، "ياۋرۇپامۇ چىركاۋ ھاكىمىيىتىنى قۇتۇلۇپ دىننى سىياسىدىن ئايرىغاندىن كىيىن تەرەققى قىلالىدى"

    ئەمەلىيەتتە ياۋروپا دىندىن قۇتۇلمىدى،يەنى تاشلىمىدى.ئۇلارمۇ  ئوز دىنىنى سويىدۇ .ئۇلارمۇ دىندىن سىياسىنى ئايرىمىدى بولمىسا زوڭتوڭلار ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىدەك چوڭ سىياسى مۇراسىملاردا  ئوڭ قولىغا «ئىنجىل»نى كوتۈرۈپ تۇرۇپ قەسەم بەرمەيتتى.زوڭتۇڭ بوشنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىنى كورۈپ بېقىڭ .
    بەلكىم خىرىستىئان دىنىغا ئىشەنسە تەرەقىياتى تېز بولىدۇ دەيدىغانلار باردۇ. بىراق ئافرىقىدا نۇرغۇن خىرىستىئانلار بار ،ھەتتا لىۋان ،سۇرىيەدىمۇ مۇسۇلمانلارغا ئارىلىشىپ خىرىستىئانلار ياشاۋاتىدۇ . ئاسىيادىمۇ خىرىستىئان مۇرۇتلىرى كوپ ،بىراق  ئۇلارمۇ يەنىلا نامراتلىق ئازابىدا قىينىلىۋاتمامدۇ ؟! ھەتتا بەزىلىرى مۇسۇلمان دۇنياسىدىنمۇ بەتتەر كۈندە ياشاۋاتىدۇ
    .
    ئىسلام دىنى تەرەقىياتنى بوغىدۇ دەيدۇ .ئۇنداقتا ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغان نۇرغۇن مىللەتلەر بار . ئۇلار نىمىشقا تەرەقى قىلالمايدۇ.ئارىمىزدا ئوز تۇرمۇشىغا دىنى تەسىرنى ئۇچراتمايدىغان قېرىنداشلار ئاز ئەمەس .بىراق ئۇلارمۇ  ئايرۇپىلاندا ئەمەس يەنىلا بىز بىلەن بىر ئاپتۇۋۇزدا كېتىۋاتمامدۇ ؟
    !
      ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىئان دۇنياسى بولۈنمىچىلىك ،نامراتلىق ،قاششاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ ياشاۋاتقاندا ئىسلام دىنى ئوزىنىڭ ئاجايىپ موجىزىلىك نەتىجىلىرىنى يارىتىپ بولغان ئىدى
    .
    بۈگۈنكى پەلسەپە ،بىناكارلىق ،تىببىي ئىلىم ،ئاستىرنومىيە،كالىندارچىلىق،ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،بىئولوگىيە...قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئاساسىنى يارىتىپ بولغان .

    ئەمما خىرىستىئان دۇنياسى بۇ دەۋىردە يۇقۇرقى ئىلىملەر توغرىلىق باشلانغۇچ ساۋاتقىمۇ ئىگە ئەمەستى.
    سىز قايسىلا خىرىستىئان تەبىئى پەن ئالىمىغا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەبىئىي پەن نەتىجىلىرى بولمىغان بولسا ،غەرىپ دۇنياسىدىكى بۈگۈنكى تەبىئى پەن نەتىجىلىرى بولمىغان بولاتتىمۇ؟» دەپ سوراپ بېقىڭ .تارتىنماي سوراڭ ،چۈنكى شۇ دەۋىردىكى مۇۋاپىقىيەتلەرنى بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياراتقان ،سىزنىڭ سوئالىڭىزغا ئۇ خىرىستىئان ئالىمى چوقۇم «توغرا ئېيتتىڭىز » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . دىمەك ئىسلام دىنى شەرىئەتنى قانۇن قىلغان ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ گۈللەپ ياشنىغان شۇڭا ئسلام دىنى تەرەقىياتنى بوغىدۇ ،دىيىش  تارىخى بىلىمى يۈزەكى ئادەملەرنىڭ قارىشى
    .
     "ئىددىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ زۇرۇرىيىتى ۋە ئۇسۇلى قانداق بولىشى كىرەك؟  " بۇ سوزىڭىز بىر مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلماننىڭ ئوز تەغدىرىگە كوڭۇل بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپتۇ ،

               بۇنىڭ زورورىيىتى قاچانكى ئىسلام دۇنياسىدا  مەدەنىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچرىمايدىغان ئوموملاشقان ئىدىيە ھەركىتى قوزغىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنداق ھەركەتنىڭ كەينىدە كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە سىياسى كاپلەتكە ئىگە گەۋدە بولىدۇ.

    يۇكسىلىش ۋە تەرەقىياتقا  مۇقىم،كۈچلۈك ھاكىمىيەت شۇنداقلا كەڭ قوساق ھېرىسمەن قەلب بولغاندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ.دۇنيا تارىخىدىكى ھەر قايسى گۈللەنگەن دەۋىرلەر شۇنداق شارائىتتا  مەيدانغا كەلگەن .
    ناۋادا سىز ئوز ئالدىمغا تىرىشىپ تۇراي دىسىڭىز ،مەرھۇم جامالىددىن ئافغانى توغرىسىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇڭ ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىرىستىئان دۇنياسىدىكىلەرمۇ ھەيران قالغان «خۇدا بىزگە ئىككى كىتاب ئېۋەتكەن ،بۇنىڭ بىرى قۇرئان كەرىم بولسا يەنە بىرى تەبىئەت دۇنياسى ،چوقۇمكى خۇدا ئېۋەتكەن بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس» دىگەن  سوزىنى مۇلاھىزە قىلىڭ

    يەنە تەبىئەت دۇنياسى ،ۋە ئىنساننىڭ يۈكسىلىشى توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ  «قۇرئان كەرىم »بىلەن «ئىنجىل»دىن قايسىسىدا كوپرەك سوزلەنگىنىگە دىققەت قىلىڭ
    .
    دىمەك ، ئىسلام دىنى بارلىق دىنلار ئىچىدە ئىنساننىڭ يۈكسىلىشىگە ئەڭ كوڭۈل بولىدىغان دىن
    !
      3- سۇئال

    نىمە ئۈچۈن زۇۋانى يەنى تىلى باشقا ، مىللىتى بۆلەك پەرەڭلەر يەنى ياۋرۇلىقلار پۇل ۋە چىگرانى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ يۇ زۇۋانى ۋە مىللىتى بىر ئەرەپلەر يىگىرمە نەچچە دۆلەتتە ياشايدۇ، نىمە ئۈچۈن ئىكى يۈز مىليۇنلۇق ئەرەپ ئون مىليۇنلۇق يەھۇدىدىن قايتا قايتا يېڭىلىپ نۇرغۇن زىمىندىن ئايرىلىدۇ؟ ئەرەپ دۆلەتلىرى نىمىشقا بىر مىللەت تۇرۇپ ئۇرۇشۇپ پېتىشمايدۇ؟ بىر بىرىنىڭ دەردىگە نىمىشقا يەتمەيدۇ؟ بۇنداق بولىشىدا دىنى سەۋەپ بارمۇ ؟
    جاۋاپ :ئىسلام دىنى چېگرىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىدى دەپسىز.
    ئوتتۇرا ئەسىردىكى خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئوز-ئارا قىلغان قىرغىنچىلىقىنى سوزلىمەي يېقىنقى زاماندىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى،2-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى مىسالغا ئالايلى.شۇ چاغدا ئوز-ئارا نەچچە ئون يىل ئۇرۇشقان ئىككى تەرەپ خىرىستىئان مۇرۇتلىرىغۇ ، ئەجەبا ئۇلارنىمۇ ئوز دىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمەپتىغۇ ؟! . يوشۇرۇن قەستلەش ،ئولتۈرۈش ئەۋج ئالغان شۇ يىللاردا خىرىستىئان دىنى ياۋروپادا بولماي ئانتىراكتىداغا  كەتمىگەن ئۇمۇ ياروپادا  ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككىلا تەرەپنىڭ يۈرۈگىدە بار ئىدى  . ئەمما ئۇلاردا باراۋەر ،تەڭلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان نوپۇزلۇق ھاكىمىيەت شۇنداقلا شەخسى مەنپەئەتتىن ھالقىغان ئۇلۇغۋار غايە يوق ئىدى
    .
    تېخى  تونۈگۈنلا  ئامرىكا باشچىلىقىدىكى كوپ دولەت قىسىملىرىدىن تەشكىللىنگەن  خىرىستىئانلار يەنە بىر خىرىستىئان يۇگۇسلاۋىيەنى بومباردىمان قىلدى .ئەمما ئىسلام دىنىدىكى دولەتلەر ئوز-ئارا بىرلىشىپ يەنە بىر ئىسلام دولىتىنى بومباردىمان قىلغىنى يوق
    .
    ئاڭلىسام  ئامرىكىدا بىر  خىرىستىئان  ئوقۇغۇچى قورال بىلەن باشقا خىرىستىئان ساۋاقداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپتۇ ،بۇنى  بىزنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاتمىغاندۇ -ھە؟

    شۇڭا ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇگۇنكى خاراپ  ھالىتىنى ئىسلام دىننىڭ تەسىرى دىيىش نادانلىقتۇر .

    قىسقىسى بۇ خىل تەپەككۈر بىلەن ئىككى دىن ئوتتۇرىسىدا زىدىيەتلىك مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش تولىمۇ مەنتىقىسىزلىقتۇر..
    4_ سۇئال

    ئاياللارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇشنىڭ سەۋەبىمۇ؟ ئەجەبا ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلگەن خۇدا نىمىشقا ئادەم ئاتىغا ئىككى ياكى ئۈچ خوتۇن يارىتىپ بارمەيدۇ؟ ئۇرۇشتا ئەينى زاماندا ئەرلەر ئازلاپ كەتكەن دەپ كۆپ خوتۇنلۇقنى يولغا قويغان بولسا ھازىر يەنە بۇنى بانا قىلىپ سۆيگۈنىڭىزنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشنى خالامسىز؟ ئىرىڭىزنىڭ يەنە سىزگە كۈندەش تېپىپ ساۋاپ تېپىشىغا قۇشۇلامسىز؟ 
      جاۋاپ:
      كوپ خوتۇنلۇق بولۇش ،ئسلام دىنىدىلا ئەمەس بەلكى قەدىمقى دەۋىردە بىزنىڭ تۈرك مىللەتلىرىدىمۇ تۈزۈم شەكلىدە يۈرگۈزۈلگەن
    .
    ئۇنىڭ سەۋەبى سىز ئېيتقاندەك ئۇرۇش سەۋەبىدىن تۇل ئاياللارنىڭ كوپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن جەمىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسەت قىلغان .   قانداقتۇ ھازىرقى زاماندىكى«ئاياللار ئازاتلىقى»دەك ئاياللارنىڭ نىمە قىلىشنى ئويلىسا شۇنى قىلىشىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايدىغان مەخسەتنى ئەمەس ،بەلكى تۇل ئاياللارنىڭ ،يىتىم بالىلارنىڭ پاناھسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسەت قىلغان
    .
    ئىسلام دىنىدا كوپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى چوقۇم ئالدىنقى ئايالنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.يەنى كوپ خوتۇنلۇق بولۇش ھوقوقى ئەمەلىيەتتە ئايالنىڭ قولىدا بولىدۇ ..بۇ نۇقتا ئەڭ مۇھىم بولغان نۇقتا .

    قانداقتۇ" قۇرئان كەرىم"دە ئاياللارنىڭ رازىلىقىسىز  قەتئى بۇيرۇيدۇ دىگەن گەپ ناسارالارنىڭ ئىغۋاسى !. مانا بۇ ھەقىقى دېمكىراتىيە. ئىسلامدىكى كوپ خوتۇنلۇق بولۇش ،خىرىستىئان دىنىنىڭ ھازىرقى مورمۇن مەزھىپىدىكىدەك سەۋەپسىز ئەرنىڭ ئالغۇسى كەلسە 40 ،50 لەپ خوتۇن ئېلىشقا ئوخشىمايدۇ .ئىسلامدا ئۇ ئاياللارنىڭ ھوقوقىنى ئاساس قىلسا


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى