<<  ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى | باش بەت | ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ !  >>
  • فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟!

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37345685.html

     

    فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟!

    بۇرۇن ئۈزۈم باشىقىدەك زىچ ئىدۇق ،
      ئەمدى ئۈزۈم دانىسىدەك چېچىلدۇق.

     (خەلىق ماقالى)


      -ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ! نىمە بولدى قېرىنداش؟ تولا غەزەپلىنىپ كېتىپسىزغۇ ، بولدى ئوزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. شۇنچە چالۋاقاپ ئاچچىقلانغىدەك نىمە ئىش بولدى ؟
    نىمە ...؟   مېنىڭ دەيدۇ ؟ فارابىنىما ؟...بۇ قانداق گەپ !؟ ..دىمىسىمۇ توغرىغۇ ...ئەلۋەتتە ئۇنىڭدە ..... ئوزىنىڭ قېرىندىشىنى ، قېرىندىشىم دىسىمۇ بولمامدۇ !؟... بۇ ياخشى گەپكەنغۇ..باشقىلار ئوز-ئارا ئورتاقلىق ئىزدىشىپ ئاۋارە ،سىز ئاجايىپ ..تاپقان دادىڭىزلا سىزنىڭ ئوزىڭىزنىڭ بولىدۇ ، خۇدايىمىز بىر ،كەبىمىز بىر ،پەيغەمبىرىمىز بىر .تەقدىرىمىز بىر ، سۇيىمىز نېنىمىز بىر يەنە نىمە گەپ !

    ئەلۋەتتە .. .ھازىرمۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن تەقدىرداش قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بارىكەن ئەمەسمۇ ئەلھەمدۇلىللا...
     
    -
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ! كېلىڭ ،قازاقىم..قارىنداشىم...نىمە بولدى ؟... فارابىدا ھەققىڭ يوق دەيدۇ ؟!...شۇمۇ گەپمۇ...چاخچاق قىلىپتۇ...ئۇ بىر يىلقا ياكى مال -پادا بولمىسا ،سېنىڭ مېنىڭ دەيدىغان ....بىلمەستىن دەپ قويۇپتۇ ، بالا نادان ،ئىش كورمىگەن ...سىز بىلەن بىزنىڭ بىللە كورگەن ئازابىمىزنى ،..يامان كۈنلەردە ئوز -ئارا ياردەملىشىپ ،بىر ناننى تەڭ يەپ ،بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ،بىر تېرىنى تەڭ يېپىنىپ،ئاتا دۈشمىنىمىز بىر ئوتكەن جان قېرىنداشلار ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيدۇ ؟...كەچۇرۇڭ ئۇنى ..ئازراق نادان بولسىمۇ ..يەنىلا قېرىندىشىڭىز ئەمەسمۇ ؟!...باشقا بىراۋنى قېرىنداش قىلغىلى بولمىغاندەك، قېرىنداشنى يات قىلغىلى بولامتى،  نەئۇزۇبىللاھ
    ...

    -
    ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ! كېلىڭ ئوزبېكمۇسىز ...سىزگە نىمە دەرت   .... قويۇڭ !..شۇمۇ گەپمۇ ..فارابى سىزنىڭ..ئەلۋەتتە ..بىر تېرەكنىڭ شاخلىرىمىزغۇ ئاخىر؟! ئۇينىڭ مۇڭىزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىقىرايدۇ...سېنىڭ غېمىڭ مېنىڭ غېمىم ،سېنىڭ خوشاللىقىڭ مېنىڭمۇ ھەم خوشاللىقىم ..دەرت-خوشلىقى بىللە قېرىنداشلارنىڭ تارىخىمۇ بىللە بولىدۇدە ....قەھرىمانىمىزمۇ بىر ،ئالىمىمىزمۇ بىر ، يىلتىزىمىزمۇ بىر ...مۇناپىقىمىزمۇ بىر
    ....

    -
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ! ، تۈرۈكمەن..سىزدىمۇ شۇ دەرتمۇ ؟!...بولدى بولدى ..بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى بۇنداق «كىم نوچى »سورىنىدا ئۇچۇرشۇپ قالساق،باشقا ئاتىنىڭ بالىلىرى مەسخىرە قىلمامدۇ !؟.. فارابى ..سىزنىڭ..مېنىڭ ..تالاشقان ھەممىنىڭ......چۈنكى سىز بىزدە ئورتاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تالاشقان گەپ ، ئورتاقلاشقۇسى بارنىڭ ئەلۋەتتە تەقدىرداشلىقى بولىدۇدە
    ...

    -
    ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ! ھوي بۇرادەر !؟
    ......

    -
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ! .....سىزگە
    ...

    ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ! ....يەنە فارابىنىڭ گېپىمۇ
    ....

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ! .....سىزنىڭ دەردىڭىز
    ....

    ....
    بولدى .ھەممىزنىڭ دەردى ئوخشاشكەن ..ئەمما دەردىمىز ،خۇدايىمىز ،چىرايىمىز ،تىلىمىز   ئوخشىغان بىلەن ،نىيىتىمىز ئوخشىمايدىكەن..بىزدىكى نادانلارچە تەكەببۇرلۇق ،ھەر ۋاقىت ئوزىمىزنىڭ مۇھىملىقى ،ئۇستۇنلىكىنى باشقىلار ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ئۈندىسە ،يەنە شۇ شەخسىيەتچىلىكىمىز ئوزگىلەرنىڭ ئەيىپىنى تېپىپ كوڭلىمىزگە بەرھەم تېپىشقا ئۈندەيدىكەن..ياراتقان «ئۇلۇغ ئاللا »مۇ بەندىسىنى كەچۈرىدۇ . سىز ، بىز گە نىمە قويدى
    ..
    سىزدىن مەن ،مەندىن ئۇ ئايرىلالامدۇ ؟؟
    ! ..

          ئېسىڭىزدە بولسۇن ! سىز ئۇنىڭدىن ئۇستىن ئەمەس،ئۇمۇ سىز دىن ئۈستۈن ئەمەس ..چۈنكى بىز بىللە ئاچ قالغان ،بىللە يالىڭاچمۇ قالغان ، بىللە جەڭ قىلغان .بىللە قەلەندەرمۇ بولغان يەنە غېنىمۇ بولغان
    .
          يەنە ئېسىڭىزدە بولسۇن! سىز قېرىندىشىڭىزدىن بىلىملىكمۇ ئەمەسسىز ، چۈنكى بۇ بىر پارچە زىمىندىكى بارلىق ئىختىرا ،مەدەنىيەت ، شانلىق تارىخ ،سىز نىڭ ئەقلىڭىز،مېنىڭ بىلىمىم ،ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنياغا كەلگەن
    !
         ئېسىمىزدە بولسۇن ! مەن سىز دىن پەزىلەتلىكمۇ ئەمەس ،سىز مۇ ھەم شۇنداق !.......... چۈنكى .. مېنىڭ قورقۇنچاقلىغىم ،سىزنىڭ نادانلىقىڭىز ،ئۇنىڭ پۇرسەتپەرەسلىكى بىلەن تارىخىمىزدا نومۇس قىلغىدەك ئىشلارمۇ بولغان
    .
          ئسىڭىزدە بولسۇن ! سىز دىگەندەك ئوزىڭىزلا باتۇر ئەمەس ...مېنىڭ قىلىچىم،سىزنىڭ نەيزىڭىز ،ئۇنىڭ ئوقياسى بىلەن بىز دۇنيانىڭ ئېسىدە قالغۇدەك جەڭلەرنىمۇ قىلغان
    .
    دىمەك بۇ زىمىندىكى بىز بېسىپ ئوتكەن تارىخ  بىزنى ئوز-ئارا چەمبەرچەس باغلىغان . بۇ جەرياندا بىر ئوينىڭ ئىچىدىكى بالىلارمۇ بىرە سوقۇشۇپ قالغاندەك ،،ئازارلىقلارمۇ بولۇپ قالغان ،بىراق بىزلەر يەنىلا قېرىنداشمىز !چۈنكى فارابى ياشىغان يىللاردا بۈگۈنكىدەك مىللەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتمىگەنبىز.

       خەير ...سىتالىن بىلەن غەرىپنىڭ يەككە مىللەتچىلىك نەزىريىسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى باشقا يەردە ئەمەس بەلكى شۇنىڭ ئوبىكتىلىرىنىڭ ئىچىدىن چىقىشى كوتۇرۈپ قوپقۇسىز ئەلەم -ھەسرەتتۇر ....بىزدىكى نادانلىق شۇ دەرىجىگە يېتىپتۇكى پالتا چۈشكىچە ،كوتەكنىڭ يېرىلغۇسى كەپتۇ..ئوۋچى ئوقنى ئاتقۇچە ،ئىككى قاغا پوق تالىشىپ ، ئولۈشۈپتۇ .
    باشقىلار ئوز-ئارا پەرىقلەرنى يوقۇتىشقا تىرىشىپ ،چوڭ بىرلىك ئۈچۈن ھەسسىلەپ بەدەل تولەش ھېساۋىغا ئۇيىشىۋاتىدۇ ...بىراق ..بىزلەر مەھمۇت قەشقىرى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپ ...فارابى يەنە ئاللىقانداق  ئالىملىرىمىزنى بىر يىلتىزنىڭ ،بىر سۇنىڭ ھەقدارلىرى تۇرۇپ ،تالىشىۋاتىمىز ،ئەسلى بىزنىڭ دۇنيا مەنپئەتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق رول ئويناشقا تېگىشلەك بولغان بۇ ئالىملىرىمىز بىزنىڭ خۇمسىلىقىمىز ،نادانلىقىمىز تۈپەيلى زىيانلىق رول ئويناۋاتىدۇ ، بارلىق ئالىملارنىڭ بارلىق ئىلمى ئەمگەكلىرىنىڭ يىغىندىسىمۇ تەڭ بولالمايدىغان يەنە بىر بايلىقىمىز بولغان  ئىتىپاقلىقىمىزغا زىيان سېلىۋاتىدۇ . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇنداق دىگەن " ناماز ۋە روزىدىنمۇ ئەۋزەل ئىبادەت _ ئىتىپاقلىق"
    .......
      - ھەسسەنات
    !

    قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
    ئابۇرېھىم ئابلەتخان
    abdurehim ablathan

     


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى