-
ئامىرىكا ۋەيران بولاي دىدىمۇ ؟! ( ئاخىرقى بۆلەك )
2009-04-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37620549.html
دىمەك ئىسلامىيەتنىڭ بۈگۈنكى ھەقىقى دۈشمىنى –خۇراپاتلىق ۋە تار دۇنيا قاراشتا سىقىلىپ ياشاۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسى.
مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ھەقىقى ئىنساننىڭ پەزىلىتى.شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدىكى خاتالىقنى - ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ئىزدەش ،دىنىنى توغرا سۆيىدىغان مۇسۇلماننىڭ پەزىلىتى.
قىسقىسى ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى كىچىكلىكتىن-چوڭلۇققا پەرقلەردىن-ئورتاقلىققا يېتەكلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇرى ئاستىغا ئېلىش ئىدى.بارلىق ئىنسانلارنى ئادەم بىلەن ھاۋۋانىڭ بالىلىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ ئۇلارغا مۇھەببەت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە مۇھەببەت ئېلىش،ئاخىرىدا ھەممىنى كەئىبىگە يۈز كەلتۈردىغان قىلىش.
مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىك بىلەن كېلىشەلمەيدۇ.شەخسىيەتچىلىك مەڭگۈ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بارلىق ئىنسانلارغا خۇش-خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.ھەرگىزمۇ يەھۇدى دىنىدىكى يەھۋانىڭ ئەلچىسىدەك پەرۋەردىگارنىڭ يات دىندىكىلەرگە غەزىپىنى ۋە قانداق جازالايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس.
ئىسلام سوفىلاردەك ياكى بۇددالاردەك بۇ ئالەمنى پەقەتلا سۆيمەسلىك ھاياتىي دۇنيانى- بىر ئازاپلىق جەريان، دەپ قارايدىغان دىنمۇ ئەمەس.
بەلكى ئىنسانىيەتكە ھەقىقى بەخت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ اللە تەرىپىدىن تاللانغان ئەڭ ئاخىرقى شۇنداقلا دەۋرىلىككە ئىگە بولمىغان مەڭگۈلۈك دىن.
21-ئەسىردىن باشلانغان ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى تاجاۋۇزچىلىق مۇساپىسى باشلىنىپ بولدى.دىمەك بۇ ئەسىر ئەنئەنىۋى ئۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.دۇنيانىڭ ھازىرقى كۈچ تەڭپۇڭلىقى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.ھازىرقى ئىستىلا يادرو بومبىسى ياكى مىلتىق دىگەندەك بىر تەرەپلىمە ئامىللار بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى مەزكۈر دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ.ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ مەلۇم ئاجىزلىقى بولغىنىدەك ئاجىز دۆلەتنىڭمۇ ئۆزى بايقىمىغان بىر قۇدرەتلىك ئىقتىدارى بولىشى مۈمكىن. بۇ ھەممە تەرەپلەرنىڭ كەڭ قوساقلىق بىلەن تەپەككۈر قىلىپ بايقىشىغا مۇھتاج.
بۇندىن ئەللىك يىل ئىلگىرى ئامىرىكىغا بىر نېگىر زوڭتۇڭ بولۇش ئېھتىماللىقى بىر پىرسەنمۇ يوق ئىدى. بىراق ھازىرقى رىئاللىققا ئىشەنمەي ئامالىمىز يوق.يەنە ئوتتۇز يىلدىن كېيىن ئامىرىكىغا بىر مۇسۇلماننىڭ زوڭتۇڭ بولىشىنى بەلكىم ھەممىمىزلا مۈمكىن دەپ ئويلايمىز.
بىراق ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئامىرىكىنى ئىستىلا قىلالىشىغا ئاسانلىقچە بىر ئادەم ئىشەنمەيدۇ .چۈنكى بۇ رىئاللىق . بۇ رىئاللىق پەقەت كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەمما قانداق ئېرىشىشنى بىلمەيدىغان رىئاللىق.
ئىسلام دىنىڭ مەخسىتى ئىستىلا قىلىش ئەمەس.بەلكى پۈتۈن دۇنياغا ئىسلام نۇرىنى كېڭەيتىش . دۇنيادىكى بارلىق بايراقلارنى ئاي-يۇلتۇزلۇق قىلىش ئەمەس.بەلكى ھەممە ئىنساننى كەئىبىگە يۈز كەلتۈرىدىغان قىلىشتۇر.
قومۇل شەھەر ،شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
Abdurehim ablathan
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى.
历史上的今天:
بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟! 2009-04-01ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ ! 2009-04-01فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! 2009-04-01ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى 2009-04-01سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-04-01
收藏到:Del.icio.us


