<<  مەن ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونىمۇ ؟ | باش بەت | چىڭغىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت. (ئاخىرقى بۆلەك )  >>
  • مارتىن لۇتھېركىڭدىن ـ ئوباماغىچە ...

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37339204.html

     

    مارتىن لۇتھېركىڭدىن ـ ئوباماغىچە ...

    ئاز كەم قىرىق يىللىق كۈرەشنىڭ نەتىجىسى

    ئىنسانىيەت تەدرىجى تەرەقىيات مۇساپىسىنىڭ ئاساسلىق نامايەندىسى جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپ ،ھاكىمىيەت ۋە ئاۋامنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى زىدىيەت ۋە مۇھەببەتلىرى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ رەڭدار بەتلىرىنى تەشكىل قىلدى.

    تارىخنىڭ مۇنەۋۋەر  قەھرىمانلىرى ،ۋە جاللاتلىرى، مۇستەبىتلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى بىلەن مەزلۇم ئەلنىڭ پەريادلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ شانلىق تارىخى شەرەپلىك ۋە قان-ياشلىق مۇساپىسىنى بېسىپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلدى .ئۇزۇن يىللار بوشاشماي كۈرەش قىلغان ئەزىمەتلەرنىڭ چۈشلىرى ھامان رىئاللىققا ئايلاندى.

    1968-يىلى 4-ئينىڭ 4-كۈنى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان قاتىللار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مارتىن لۇتھېر كىڭ ئەنە شۇنداق چۈشلەرنى ئارمان بىلەن كۆرۈپ مەخسىتىگە تولۇق يېتىپ بولالمايلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىدى .

     

     

    ئۇنىڭ قىسقىغىنە 37 يىللىق ھاياتى نېگىرلارنىڭ ئىنسانى ھوقوقى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا بېغىشلانغان بولۇپ ،نۇرغۇن قېتىملار تۈرمىلەرگە سولانغان،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىنىچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بەدىلىگە نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.كېيىن ئامرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كۈننى دۆلەت بويىچە خاتىرلەش پائالىيىتى قىلىپ بەلگىلىگەن.

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ئامرىكا تۇپرىغىدا ياشاۋاتقان ،ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قان-تەر بەدىلىگە بۇ ۋەتەننى كۆكەرتىش ۋە تەرەقى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن نېگىر قېرىنداشلىرىنىڭ جەمىيەت تەرىپىدىن ئادىمىلىك مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەي كەمسىتىلگەن تەغدىرىگە قارشى تۇرغان.بۇ زىمىندا ياشاۋاتقان بارچە ئاق تەنلىكلەر بەھرىمەن بولىۋاتقان ئىمتىيازلاردىن نېگىرلارنىڭمۇ ھەققىنى تەلەپ قىلغان.

    ئۇ ئەركىنلىك،ھۆرلۈك شامىلىنىڭ ئاق تەنلىكلەرگىلا ئەمەس بەلكى نېگىرلارغىمۇ مەنسۇپ ئىكەنلىگىنى تەكىتلىگەن .

    ئۇ ئۆزىدىن يۈز يىل ئىلگىركى زوڭتۇڭ لېنكولىننىڭ نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش  خىتاپنامىسى ئىمزالانغان بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇنەۋۋەر زوڭتۇڭنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە قۇللۇقتىن كېيىنكى قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقان نېگىرلار ئۈچۈن يورۇقلۇق تەلەپ قىلغان.

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ھەقىقەتەن«نېگىرلار ئاۋازى» بولۇشقا مۇناسىپ قەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى دەل ئۆز مىللىتىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئاتلانغانلىقىدىدۇر.

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ توپ-توغرا قىرىق يىلدىن كېيىن  بىر نېگىر ئوغلى ئامىرىكىدىكى سايلام رىقابىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان زوڭتۇڭ نامزاتلىقىغا سايلاندى .بۇ مۇۋاپىقىيەتنىڭ زىلزىلىسى ئامىرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ۋە نېگىرلارغىلا ئەمەس يىراق ئافرىقىدىكى نېگىر دۇنياسىغۇمۇ تەسىر قىلدى.بولۇپمۇ ئافرىقا جەمىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز پەخىرلىنىش ۋە ئامىرىكىغا مەپتۇن بولۇش ھېسياتىنى ئېلىپ كەلدى.

     ئوبامانىڭ مەيلى زوڭتۇڭ بولالىشى ياكى بولالماسلىقى ھازىرچە مۇھىم ئەمەس ،بەلكى ئامرىكا جەمىيىتىنىڭ قىسقىغىنە قىرىق يىل جەريانىدا بىر نېگىر پۇشتىدىن بولغان شەخىسنى بۇنداق يۇقۇرى مەرتىۋىگە ئىختىيارلىقى بىلەن چىقىرالىشى دۇنيا ھاكىمىيەت تارىخىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىدۇر .

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ نېگىرلارنى قالايمىقان باستۇرىشىغا قارشى تۇرغان بولسا ،بۈگۈن ئوبامانىڭ قېرىنداشلىرى سوت مەيدانىدا ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرالىدى.

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېگىرلارنىڭ ئادەتتىكى ساراي-مېھمانخانىلاردىمۇ ياتاق ئالالمايدىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسا ،بۈگۈن ئوبامانىڭ قېرىنداشلىرى بەش يۈلتۈلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ئېزىز مېھمانلىرىغا ئايلاندى.

    مارتىن لۇتھېر كىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىرمۇ نېگىرنىڭ ھەقىقى سايلامغا قاتنىشالمايدىغانلىقىغا نارازى بولغان بولسا ،بۈگۈن ئامىرىكىدىكى كۆپ سانلىق ئاق تەنلىكلەر بىر نېگىر پۇشتىنى زوڭتۇڭ نامزاتلىقىغا سايلىدى...........

    مارتىن لۇتھېر كىڭ 1963-يىلى ۋاشىنگىتوندىكى لېنكىلون زوڭتۇڭنىڭ خاتىرە سارىيى ئالدىدا «مېنىڭ بىر چۈشۈم بار» دىگەن مەشھۇر نۇتىقىنى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ شۇنداقلا بارلىق كەمسىتىلگەن نېگىر قېرىنداشلىرىنىڭ خىيالىدىكى غايىۋى دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى.بۇ غايىسىنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە بارلىق مەيداندىكى نېگىرلار يىغلاپ كەتكەن ئىدى.

    بۈگۈن ھەر يىلى ئۇ قۇربان بولغان كۈندە ئامىرىكا جەمىيىتىدىكى نېگىرلارلا ئەمەس بەلكى ئاق تەنلىكلەرمۇ ئۇنىڭ ئەشۇ مەشھۇر نۇتىقىنى ئاڭلىغاچ بۇ مۇنەۋۋەر نېگىر پەرزەنتىنى خاتىرلەيدۇ ۋە بىر دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەمەليەتتە ئۆزىگە ئادىللىق قىلىش ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىدۇ.........  

     

    ئامىرىكا نىمە ئۈچۈن  بۇنچىلىك يۇقۇرى ئۈنۈمگە ئىگە دۆلەت سىياسىتى يۈرگىزەلەيدۇ ؟

    باشقا ئەل ھاكىمىيەتلىرى يۈز ياشقىچىمۇ ياشىيالمايۋاتقان دەۋردە ،ئامرىكا ئىككى يۈز يىلدىن ئاشقان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن مەۋجۇت بولالايدۇ ؟! دېمكىراتىيە ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا قانداق نەرسە ؟! 

    ئامىرىكا ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ۋە ياكى زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ھاكىمىيەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرسىدىكى تارىخىي تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنى تۈنجى بولۇپ ئوڭ تاناسىپقا ئۆزگەرتىش كېرەكلىگىنى بايقىغان.ماھىيەتتە ئاۋامنىڭ ئارزۇسى بىلەن ھاكىمىيەت تەققەززاسىنىڭ بىردەكلىگىنى ھېس قىلغان.ھاكىمىيەتنىڭ ئارزۇسى بولغان تېنىچلىق ۋە تەرەقىياتنىڭ ئەمەلىيەتتەكۆپ سانلىق ئاۋامنىڭمۇ ئارزۇسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن . دېمكىراتىيەنىڭ ئاقىۋىتى قانداقتۇ ئاۋام تەرىپىدىن ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ئەمەس ،بەلكى خەلق قولىغا تاپشۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى جان تىكىپ قوغداش ئىكەنلىگىنى بىلگەن.

    مەن بىر شەرقلىق .غەرپ ۋەكىللىكىدىكى ئامىرىكىغا نېسبەتەن مۇھەببىتىم بار دىسەم يالغان بولىدۇ.پەقەت ئۇلارنىڭ شەرقلىقلەر ئىلگىرى ھېس قىلغان ئەمما ئايرىلىپ قالغان ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى بىلىۋالغانلىقىغا ھەۋىسىم كېلىدۇ.

    مۇنەۋۋەر دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ئىچكى سىياسەتنىڭ ئالدىدا كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ.مەيلى ئامىرىكا پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەتسۇن، ئۆز خەلقىنىڭ مۇھەببىتىلا بولىدىكەن ،قالغان دۈشمەنلىك بىر تىيىندۇر.قانداقتۇ خەلقارادىكى ئىناۋەت قولدىكى قۇدرەت ئەمەس.ھەقىقى قۇدىرەت ئاۋامنىڭ مۇھەببەت بىلەن قوغدىشى ۋە تىرىشىشى ئاساسىدا قولغا كېلىدۇ.

    7-ئەسىردە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىسلام ھاكىمىيىتى تىپىك خەلق ئارزۇسى بويىچە ھاكىمىيەت ئاپاراتلىرىنى سايلاش بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى.مەيلى ئۇنىڭ قارا تەنلىك ياكى قىرلىق ئەرەپ ، قۇل ياكى ھۆر بولىشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت ئاۋامنىڭ ئىچىدىكى توغرىلىقى ۋە ياراتقۇچىغا ۋە دۆلىتىگە بولغان مۇھەببىتى ئارقىلىقلا ھاكىمىيەت تۇتالايتتى .بىراق ئۇ دەۋىرلەردە غەرپ بۇنداق دېمكىراتىك ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدىن بىخەۋەر ئىدى.ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئەرەپ يېرىم ئارىلى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى پادىشالىق تۈزۈلمىدىن پەرقسىز بىر ئايانچىق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.غەرپ ئۆزىنىڭ بۇ تارىخىي رىقابەتچىسىدىن ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى جەھەتتە كۆپ ھالقىپ كەتتى.......

    باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئامىرىكا ئۆزىنىڭ تولىمۇ قىسقا ئەمما مۇكەممەللىشىش ۋە تەرەقى قىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىگى بىلەن  ئەقىللەرنى لال قىلىدۇ.

    بولۇپمۇ بۇ دۆلەتنىڭ 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىنكى دۇنياغا بولغان تەسىرىنىڭ كېڭىيىش تېزلىگى ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى مۆلچەردىكىدىنمۇ تېزدۇر. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن باشلانغان يېڭى دۇنيا تەرتىۋىدە باش كۆتۈرگەن ئامىرىكا ۋە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يېتىپ كەلگەن تەرەقى قىلىش ۋە ھالاك بولۇش مۇساپىسى چەك-چېگىرىسى بەكمۇ روشەن بولغان سېلىشتۇرمىدۇر.بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى زىدىيەتلەرگە تۇتقان پەرقلىق پوزىتسىيىسى ،ئۇلارنىڭ پەرىقلىق تەغدىرىنى بەلگىلىگەن بولىشى مۇقەرەر.

     

    ئامىرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كېلىدىغان ئىچكى زىدىيەتلەرنى قانداق قىلىپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇپ ،بۇ كۈچلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ئىگە پايدىلىق كۈچكە ئايلاندۇرالىشى دەل سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىلالمىغان ئەجەللىك ئاجىزلىقىدۇر. سوۋېتلەر روسىيىسى ھوقوق مۇتلەق ھاكىمىيەتكە مەركەزلەشكەن تۈزۈلمىدە سىرتقى دۈشمەنلەرگە قىلغان مۇداپىئەدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ  ئىچكى بۆلۈنمىچىلىك ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆرگەن.مەيلى پارتىيە ئىچىدىكى زاتلار بولسۇن ۋە ياكى يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان جۇمھۇرىيەتلەردىكىلەر بولسۇن ھەرۋاقىت ئەرزىمەس ئۆكتىچىلىكلەر ھېساۋىغا قاتتىق باستۇرۇلغان.ئەسلىدىكى ھاكىمىيەت پۇروگىراممىسىدىكى"بارچە خەلىقلەر باپ-باراۋەر"دىگەن دىگەن نەزىريە پەقەتلا قۇرۇق ئېمىزىككە ئايلىنىپ قالغان.تاكى سوۋېتلەر ئىتىپاقى ئۆزلىگىدىن پارچىلانغانغا قەدەر مەيلى ھاكىمىيەت ياكى ئاۋام بولسۇن بىر ھەقىقەتنى يەنى ،ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ ئىكەنلىگىگە .ئۇنى پەقەت ئىگىسىگە تاپشۇرغاندىلا بىخەتەر بولىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چىن مەنىسى بىلەن ئىپادىلىيەلمىدى.

    قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت
    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.

     2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى