<<  دۆلەتنىڭ جاراھىتى ( باش بۆلەك ) | باش بەت | مارتىن لۇتھېركىڭدىن ـ ئوباماغىچە ...  >>
  • مەن ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونىمۇ ؟

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37334746.html

     

     

    مەن ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونىمۇ ؟

     

    جوڭگونىڭ«ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى پىلانى» يولغا قويۇلدى.بۇ پىلان بارلىق ساھەلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا مۇھتاج.

     

    )ئالدى بىلەن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى خاتىرلەيمىز.(

     

    «سەن ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونىمۇ ؟» !

    بۇ سوئال كۆپ قېتىملار  مەندىن بىۋاستە سورالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نېسبەتەن ئەركىنلىكنىڭ تور يوللىرى ئارقىلىق خەت ساندۇقىمغا  يوللىنىپ تۇردى. بەزى تورداشلار ئېنىق قىلىپلا سورىسىمۇ يەنە بەزىلەرنىڭ قالدۇرغان خەت مەزمۇنىدىن بۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان پۇراق گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى.

     

    «قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق» دىيىلگەندەك مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بىر ئېغىز سۆز سەۋەبىدىن «چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر».بىرباش قوناق سەۋەبىدىن« كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار»....دىگەندەك يوغان قالپاقنى كىيگۈزۈپ قويۇپ ئاجىز گەۋدىلەرنى قىينايدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتكەندۇ دەپ ئويلايمەن.

     

     

    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى قوزغىغانلارنىڭ ھەقىقى مەخسىتى رەڭدار مەدەنىيەتلىك جۇڭخوا مىللەتلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ تاشلاپ ھەممىسىنى تۆت يانچۇقلۇق چاپان،قىرقىم چاچلىق ،ئوخشاش ئاھاڭدا سايرايدىغان قىلىپ چىقىش ئىدى. بىراق ئەسىرلەر بويى باش ئەگمەي ئۆز يولىدا ئېقىۋاتقان ئېقىننى بۇراشقا ئۇرۇنغان«يۈيگوڭ»چە روھقا ئىگە بۇ  AQ لار تارىخنىڭ رەھىمسىز تەرەقىيات تاپانلىرىدا مىجىلىپ يوقالدى.

    ئىلگىرى قومۇلدىكى تاللا بازىرىمىزدا ئۆزەم مال ساتقان چاغلاردا ئامىرىكىلق  ساياھەتچى ، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا بىر نەچچە نامەلۇم شەخسلەرنى دۇكانغا كىرىشتىن (جەمى يەتتە قېتىمغۇ دەيمەن) چەكلىگەن ئىدىم.ھەتتا بىر قېتىم بىرھونگىريىلىك تەتقىقاتچىنى ئامىرىكىلىق دەپ قېلىپ بەكلا ئۇۋال قىلغان ئىدىم .سەۋەپ بەلكىم ئامىرىكىدىن ئىبارەت بۇ «زوراۋان» كۈچكە بولغان نارازىلىقىمنى”جوڭگولۇق“ بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ خىلدا ئىپادىلىگەندىمەن.كېيىچەچۈشىنىش ھاسىل قىلىپ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىلەن خېلى ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان تونۇش بولۇپمۇ قالدۇق. مەن پارتىيە ئەزاسى ئەمەس.ئەمما شۇنداق رىئاللىقتا پارتىيە ئەزاسىدىن بەكرەك رادىكال ئىدىم. شۇنىسى ئېنىقكى كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىگە قارىغاندا مېنىڭ خېلى ئېنىق ئىدى. ئەجەبا مۇشۇ خىلدىكى ئادەمنىڭ ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونى بولۇپ قېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ ؟ھېلىمۇ ئەشۇ چاغدىكى قىلمىشىم بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا ئۆزەمنى قانداق ئاقلاشنى بىلەلمەي قالاركەنمەن.

     

     خوتەندە تۇرىۋاتقان چېغىمدا شۇ چاغدىكى «كۈرەش» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى كۈرەش(ساقچىلارنىڭ دىيىشىچە ئىسمى ئابدۇرېھىمكەن) بىلەن ئىسىمداش شۇنداقلا چېچىممۇ ئۇ بالىنىڭكىگە ئوخشاش ئۇزۇن بولغاچقا گۇمان ئوبىكتى بولۇپ قامالغان ئىدىم.ئېنىقكى قانۇنچىلىق قۇرلۇشىمىزنىڭ پەيدىن-پەي تەرەقىياتى بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرىلىۋاتىدۇ.قانداقتۇ كىيىنىش ئۇسۇلى،يۇرۇش-تۇرۇش ئادەتلىرىگە قاراپ قانۇننىڭ ئىززىتىنى يوقىتىپ ئادەم جازالاش جوڭگو قانۇنچىلىقىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن ئىشلار بولۇپ قالدى. مەيلى «اللە»پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئالاقىچىسى دەپ گۇمانلىنىپ ئاخىرىدا گۇناھسىز ھالەتتىمۇ كېپىلگە بېرىلىشىم  ياكى چەتئەلدىن (قانۇنسىز)مەبلەغ ئالىدۇ دەپ گۇمان قىلىنىشىم  تېنىچلىق ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۇرىشىدۇر.ئەمما ئۇ جىنايى ئىشلار دائىرىسىگە ھەرقانچە بويىسىمۇ كىرمەيدۇ.ئىچكىرىدىكى قۇرۇق يىمىش سودىسىدىكى ئىككى قېتىملىق ئېغىر ئىقتىسادى زىياننىڭ تەسىرىدىكى قەرزدارلىقتىن بەكمۇ ئاستا سۈرئەت بىلەن قۇتۇلىۋاتىمەن.  ئەسلىدىكى ئەللىك نەپەر قەرز ئىگىسىدىن يەنە بەش نەپىرى قالغۇچە «قويمىچى»دىگەن ئاتاق بىلەن ياشاۋاتقان ئادەمنىڭ چەتئەلدىن قانۇنسىز مەبلەغ ئېلىشى رئىئاللىققىمۇ ماس ئەمەس..دىمەك يۇقۇرقى بايقاشمۇ پەقەتلا بىر گۇمان خالاس.

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا مەرھۇم دادام ئابلەتخان كۇچارلىق يىمىت قارى ،كېرەم قارى ئىسىملىك ئىككى نەپەر دىنىي ئۆلىمانى قومۇلغا تەكلىپ قىلىپ« قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا دىنىي مەزمۇندىكى كىتاپلارنى باستۇرۇپ ساتقان ۋە تارقاتقان ئىدى.دۆلىتىمىز ئازات بولغاندىن بۇيان قومۇل رايونىدا«قۇرئان كەرىم»نى بېسىپ تارقىتىش تۈنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقىمۇ يوشۇرۇن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان.كېيىن ئائىلىمىزدىكىلەر يىمىت قارىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق .دادام ئائىلە-تاۋاباتىنى يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمەي كەپتۇ.سەۋەبى شۇ يەردىكى قانۇن ئورۇنلىرى دادامغا «قالايمىقان سەۋەپسىز تۇققان يوقلاشقا بولمايدۇ،يوقلاپ كېلىشتە چوقۇم بىر نازۇك سەۋەپ بولىدۇ شۇنى ئوچۇق دىيىشى»نى ئېيتىپ ئاۋارە قىلىپ ،يوقلاشنى رەت قىلىپتۇ..مېنىڭ ياكى دادامنىڭ نەزىرىمىزدە يىمىت قارى چىقىشقاق،ئاقكۆڭۈل،سەمىمى بىر ئادەم.مېنىڭ ياكى دادامنىڭ ئۇ ئادەمگە بولغان ھۆرمىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئوتتۇرىسىدا قىلچە باغلىنىش يوق.بۇ پەقەت ئىنسانىي ئەخلاق دائىرىسىدىكى نورمال مۇناسىۋەت.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىچە تەپەككۈردىكى سۈركىلىپ كەتسىمۇ جىنايەتچى بولۇپ قالىدىغان ھالەت پەقەت ھازىرقى قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دەۋرىدە تولۇق تۈگىتىلدى.

    رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ ئايالى جياڭچىڭ خانىم زور جىنايەت ئۆتكۈزگەندە پارتىيە مەركىزى كومىتىتى ماۋزېدوڭنى « ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىدى؟» دىگەن سەۋەپ بىلەن قارىلىمىغانتى.دىمەك مەركىزىي كومىتىت جىنايەت پەقەت جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگىلا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.ئەگەر سۇلالىلەر دەۋرىگە ئوخشاش بىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە پۈتۈن ئائىلىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يېقىنلىرىنىمۇ جازالاش ئۇسۇلىدەك مۇستەبىتلىك يولغا قويۇلسا 60 يىلدىن بۇيان جوڭگودا ساق ئادەم قالمايتتى.ھېلىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە يېرىم جوڭگولۇق گۇمانلىق بوپ قالغان.

     

    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە مەرھۇم دادام«چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»دىيىلىپ تارتىپ چىقىرىلىپتۇ.كۈندىزى كوچا ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىنسا ئاخشىمى خەلىقنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۈرەشكە تارتىپ بىكار قويماپتۇ.شۇنداق بىر پىپەن يىغىنىدا دادام قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە توختىماستىن تۈكىرىكىنى چاچرىتىپ «ھەقىقەت نەدىكەن ؟»دەپ توۋلاۋاتقان قىزىل قوغدۇغۇچىغا «ھەقىقەت مېنى باغلاپ قويغان كۆك ئاغامچىدىكەن »دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

    ماھىيىتىدىن ھەقىقەت زورلۇق كۈچ ۋاستىسىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلسا بۇ ھەقىقەت بولماي بەلكى مۇستەبىتلىك بولۇپ قالىدۇ.شۇنداق ۋاقىتتا بۇ ساختا ھەقىقەت زىيانلانغۇچىنىڭ كۆزىگە ئاغامچىدەك ،مىلتىقتەك،ياكى توك كالتىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

    دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت .ئۇ قانداقتۇ مەينەت ئىنقىلاپ دەۋرىدىكىدەك تۇتامغا چىقمايدىغان گۇمانلار بىلەن ئىنسانى ھوقوقنى دەپسەندە قىلىدىغان دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قانۇنچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىلى ئۇزۇن بولدى. ئەمدى« ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونى» دىگەندەك مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىچە تەڭشەلگەن بوياق بىلەن بويايدىغان تېتىقسىزلىق ،« تۇخۇمنىڭ نىمىشقا تۈكى يوق دەيدىغان»، يالغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كۆز قارىشى خالاس.

     

     

    قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت

    ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.

    abdurehim ablathan

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى