<<  دۆلەتنىڭ جاراھىتى ( داۋامى ) | باش بەت | مەن ئامىرىكىنىڭ ئىشپىيونىمۇ ؟  >>
  • دۆلەتنىڭ جاراھىتى ( باش بۆلەك )

    2009-04-01

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37335855.html

     

     

    دۆلەتنىڭ جاراھىتى

    (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كونا-يېڭى زىدىيىتى)

     

    دۆلەت بىلەن ئېتىقاد ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولامدۇ... ؟

    ئۇنداقتا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۆلەت قارىشى قانداق ؟ ئەنئەنىۋى ئىسلام دۆلىتىنىڭچۇ ؟

    ھەممىمىزگە ئايانكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالساق تۈپتىن سىياسى مۇھىتقا پىكىر قاتناشتۇرۇش قىزغىنلىقى بولمىغان.ماھىيىتە يول قويۇلمىغان.ئاسارەتلىك ساۋاتسىز تارىختۇر.

    مەيلى پايانسىز قىپچاق دالىلىرى ياكى مۇنبەت پەرغانە ۋادىلىرى شۇنداقلا تارىم ،جۇڭغار بويلىرى بولسۇن يېقىنقى ئەسىرلىك سىياسى جەريان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەشلەر بىلەن بىرگە يەنە ئىسلامنىڭ زۇلپىقارلىرى بىلەن مۇسۇلمان غازاتچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۈگىمەس نىزاھلار،ھوقۇق تالىشىشلار گىرەلىشىپ كەتكەن تارىختۇر.

    نالە ۋە تىراگىدىيە بىلەن غىق تويۇنغان بۇ تارىخ، ئۇزۇن يىللىق سىياسى ۋە ئىجتىمائى سەپەرنىڭ ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىكى چارىسىز پەريادىغا ئوخشاش يىراق قەدىمدىن بۇيانلا بوغۇق بىر تاۋۇش بولۇپ كېلىپ تۇرىدۇ    

    بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى ھاۋاسى يېتەرلىك ئوڭشالغان بولسىمۇ بىراق تارىختىن قېپقالغان زىدىيەتلەرنى يوق دەپ ئېيتالمايمىز.

    ئۇنىڭ تارىخى ئىزچىل ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ كونتۇرۇللىغىدا بولۇپ كەلگەن.

    بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىكى بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ بۇ زىمىندىكى خەلىقلەر ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز-قاراش ۋە داشقايناق پىكىر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىشى بۇ رايوندىكى خەلىقلەرنىڭ ئېتىقاد،سىياسى،دۆلەت توغرىسىدىكى تۈپكى ئىدىيە بوشلىقىنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ دۇنيا سىياسى مۇھىت تەسىرىدىن ئۇزۇن يىللار سۈنئى ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر

    ئۇلارنىڭ سىياسى ساۋادى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسى ئويۇنلارشۇنداقلا دىن بىلەن سىياسى ئوتتۇرىسىدىكى، يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان توقۇنۇش   ۋە ماجرالارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەس جىدىلى تا بۈگۈنگە قەدەر سۆرىلىپ كەلدى. بۇ بەلكىم ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىنىڭ ئەمدىلەتتىن بۇ رايوندىكى ئىپادىلىرى بولسا كېرەك.

     ئۇلاردا سىياسى دىگەن پاھىشەگە ئوخشاش نەرسە،دەيدىغان سەلبى كۆز قاراش كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ،ماھىيىتىدىن سىياسى خۇددى تەبىئەتنىڭ تۆت پەسلىگە ئوخشاش خاراكتىردە بولسىمۇ ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان پەسىللەردىن پايدىلىنىشنى بىلمىگەن ياكى ھەقىقى « سىياسىئون»لار تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتكەن خەلق تەبىئىكى سىياسىنى يۈزسىز دەپ ئىنكار قىلىدۇ.

    يۇقۇرى قاتلام دىندارلىرى چۈشىدىكى ھاكىمىيىتىنى يىراق چاھاريارلار دەۋرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئەسىر سوفىستىك سىياسى دائىرىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ماركىسىزىملىق تەسىرگە ئۇچرىغان يېڭى زىيالىيلار بولسا ئاۋامنىڭ سىياسى ھاياتىنى دىنسىزلىق نۇقتىسىدىن ئىزاھلاشقا كۈچەيدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مىللى تەۋەلىكىنىڭ يول باشچىلىرى تۆت تەرەپتىن قىسىپ كەلگەن ناتونۇش ۋە تونۇش دۈشمەن قورشاۋىدا ئامالسىز ئىڭرايدۇ.

                    

    ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاددى مەنىدىكى دۆلەت ئۇقىمى بىلەن دىنىي ئېتىقاد نىمىشقا ئورتاقلىشالمايدۇ ؟

    دۆلەت ئۇقىمى ئۇنۋېرسال تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىدە يەككە(مەنىۋى) قۇتۇپلۇق بولۇپ سۈپەتلىنىدۇ ؟

    بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ،مەيلى ماركىسىزىم مۇنداقچە ئېيتقاندا غەرپنىڭ دىن بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ بىراق دىنىي ئۇقۇمنى بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى تەسىر كۈچىنى چەتكە قېقىشقا ئامالسىزمىز..

    شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە دىنىي مەزمۇن ئاساسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزى مۇستەقىل ھالدا  دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئايرىۋېتىش سىنىقىنى ئېلىپ بارمىغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكىلەر ئاۋام ئىچىدىكى دىنىي كەيپىياتقا ئەھمىيەت بەرمەي مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.بۇ تەبىئىلا ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا تەسىر قىلىدۇ.بۇ كۈچ دۇنيانىڭ باشقا رايونىدىكى مەملىكەتلەردە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ياخشىلىق ياكى يامانلىققا ھامىلدار ئىككى بىسلىق مۇھىم  ئامىل .

    ماركىس ۋە لېنىنىزىمنىڭ دۆلەت ۋە سىياسىغا بەرگەن تەدبىرى بولسا ،

    سىياسى-« ئىقتىسادنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى.»

    دۆلەت-بىر سىنىپنىڭ يەنە بىر سىنىپ ئۇستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدايدىغان ماشىنا.

    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىياسىنى ماركىسىزىمچىلارمۇ ماھىيەتتە ئىقتىسادى يۈكسىلىشنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.دىمەك ھەقىقى سىياسى بولسا ئاۋامنىڭ غايىۋى ئارامىدۇر.

    ماركىسىزىم دۆلەت ئۇقىمىغا بەرگەن تەبىرىدە ئاۋامنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان كوللىكتىپىنى(دۆلەتنى) ئىدىيىۋى زىتلىققا ئىگە كىشىلەر توپىنىڭ قارشىلىقتىن پۈتكەن گەۋدىسىگە ئوخشىتىدۇ.ئەمەلىيەتتە ھەقىقى دۆلەتتە بولسا پەقەت كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.

     غەرپ سىياسىسى دېموكىراتىك سايلام بىلەن كۆپ سانلىقلارنىڭ مەنپەئتىنى قوغدايدۇ.شەرق سىياسىئونلىرى نوپۇزلۇق ئىدىيە(ئېتىقاد) ئاساسىغا دۆلەت قۇرىدۇ.

    غەرپ ياكى ماركىسىزىم دىنىي ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئايرىش ھۆكۈمى چىقىرىپ بولغان.بۇنى دەۋر بەلگىلىگەن .ئەمما ئىسلامىيەت دۇنياسىغا نېسبەتەن بۇ ھۆكۈم تېخىچە چىقىرىلغىنى يوق.بەلكىم يۇقۇرقىدەك سەلبى ھۆكۈم مەڭگۈ چىقىرىلماسلىقى مۈمكىن.

     

    غەرپكە نېسبەتەن ھاكىمىيەتتىن دىننى ئومومەن چەتلىتىش تەجرىبىدىن ئۆتكەن،چېركاۋنىڭ تەسىر دائىرىسى بىلەن ھاكىمىيەت ئاپاراتلىرىنىڭ رولى ئىجابى يوسۇندا ماسلاشتۇرۇلغان.

    ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى يۈز يىلى دەل مۇشۇ مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇنۇش مەزگىلىدۇر.«ئۈچ كوچا تېرلوگىيەسى» دىكى خاراپلاشقان،ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان شەرق مەدەنىيىتىنى «ئىسلاھ» قىلىش مەقسىتىدىكى يېڭىچە «غەرپ ئىدىيىسى» پەقەت يازغۇچىنىڭ ياخشى كوڭلىدىنلا ئىبارەت. ئەڭ مۇكەممەل ئىسلاھات-چوقۇمكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئاساسىدىلا مەيدانغا كېلىدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسى ھاياتىدىن ئىسلام دىنىنى چىقىرىپ تاشلاش .مەغلۇبىيەتلىك تەجرىبە خالاس.

    دىنىي قىزغىنلىق تۈرتكىسى بىلەن بېزەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شانلىق تارىخى بۇ رايوننى ئۆزگىچە مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتكەن.بۇ تارىخنىڭ بۈگۈنكى ساقىندىسىمۇ ئەلۋەتتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت شەكلى بىلەن بولسىمۇ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ.

    دۆلەت ئۇقۇمى مەزكۇر رايون خەلىقلىرىگە نەچچىلىگەن ئەسىرلەردىن بۇيان ناتونۇش بولغاچقا يېڭى ئەسىرنىڭ بوسوغىسىدا بۇ جەھەتتىكى پىكىر ئورتاقلىقى شەكىللىنەلمەسلىكى تەبىئى.

    دۆلەت مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنى مۇھىم بىلسىمۇ،بىراق مەنپەئەت ئورتاقلىقىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالمايدۇ. ئىسلام دۇنياسىغا نېسبەتەن ئىران ئاكتىپ كۈچ سۈپىتىدە پەلەستىن ۋە يەھۇدىلار مەسىلىسىدە ئەڭ كەسكىن ئېغىزاكى قارارلارنى چىقىرىپ تۇرىدۇ.بۇ خۇددى ئىراننى ئىسلامىيەتنىڭ قوغدۇغۇچىسى سۈپىتىدە نامايىش قىلىدۇ. بىراق بۇ ئىراننىڭ پەقەت دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىگە زىيانلىق كۈچلەرنى ئىسلامىيەتنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا تىللاش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبراز قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بارغانلىقى.ئاخىرىدا يەنىلا ئىران مەنپەئەت ئورتاقلىقى سەۋەبىدىن ئورۇسلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلىمەيدۇ..

    قىسقىسى ھازىرقى دۇنيادا خىرىستىئان مەدەنىيەت ئورتاقلىقى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تۈپكى دۆلەت سىياسىتى بولمىغىنىدەك  ئىسلام مەدەنىيەت چەمبىرىكىمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ تۈپكى دۆلەت سىياسىتى ئەمەس.

    مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنى ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تۈپكى نىشان قىلالمىغاندەك  ئامىرىكىمۇ مەدەنىيەت قېرىنداشلىقىنى تۈپكى دۆلەت سىياسىتى قىلالمايدۇ.

    دىمەك دۆلەت ئۇقىمى مەنپەئەتنى ئالدىنقى قاتارغا قويىدۇ.دۆلەت مەنپەئەتى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولمىغىنىدەك ،مەڭگۈلۈك دوستمۇ بولمايدۇ.

    ئۇنداقتا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۆلەت قارىشى قانداق ؟

    ئالدى بىلەن باشلانغۇچ ئىسلام ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە دىققەت قىلىمىز. باشقىلار بەلكىم ئىسلامىيەتنىڭ راۋاجى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دەلىل قىلىش ئارقىلىق رەدىيە بەرمەكچى بولىشى تەبىئى.ئەمما بىز راۋاجنى ئەمەس بەلكى دەسلەپكى تۇتقىنى ئاساس قىلىمىز.چۈنكى راۋاج جەريانى پەقەت تەدبىردىنلا ئىبارەت. مەلۇم ۋاقىتتا كۆرۈلگەن ۋەقەگە قوللانغان مەلۇم ئۇسۇل پەقەتلا بىر تەدبىر.بۇ خىلدىكى دەۋرچانلىققىلا ئىگە تەدبىر  ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك سىياسىتى ئەمەس.

    مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام، ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مەدىنە(يەسرىب)دە باشلايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مەدىنىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن باشقا دىندىكىلەرگە قارىتا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىدا تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئېلان قىلىدۇ.

    مۆمىنلەر ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن يەھۇدىلارغا ياردەم قىلىشى ،ئۇلارنى خورلىماسلىقى،بىردەك مۇئامىلە قىلىشى،باشقىلار بىلەن بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا قارشى تۇرماسلىقى ،خاتىرجەملىك ۋە خوشاللىقلارغا ئورتاق بولىشى...

    يەھۇدىلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېڭى بار .خۇددى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆز دىنىي ئېتىقادىغا ئىگە .ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ،ئۇلارغا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيە بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك......خوشنىلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش،قىلچە ئېزىش ياكى ھۆرمەتسىزلىك بولماسلىقى كېرەك...ئەھدى تۈزگۈچىلەر يەسرىبكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلەرگە بىرلىكتە قارشى ئۇرۇش قىلىشى كېرەك.

    يۇقۇرقى مەزمۇندىكى «يەھۇدى »ئۇقىمى پەقەت يەھۇدىلارغىلا قارىتىلمايدۇ.

    دىمەك بىر سىياسىئونغا نېسبەتەن دۆلەت ـ ئۇنۋېرسال كىشىلەر توپىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەنلا مەيدانغا كېلىدۇ.ئېتىقاد بولسا ئەگەشكۈچىنىڭ پەزىلەتلىرى بىلەن كېڭىيىدۇ.شۇ سەۋەپتىن دۆلەت بىلەن ئېتىقاد ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ.دۆلەت ماددى ئورتاقلىققا ئىگىلەرنى قوغدايدۇ.ئېتىقاد مەنىۋى ئورتاقلىقنى كېڭەيتىدۇ،

    مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەدىنە ھاكىمىيىتىنى ئېلىپ بارغان چاغلاردا باشقا دىندىكىلەرنىڭ روزا تۇتۇش مەزگىلى بولغاندا ،ئۆزىمۇ نەپلە روزا تۇتۇش ئارقىلىق يات دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ھۆرمەتلەيدۇ.

    مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا رىئايە قىلىش ئۈچۈن مەككە مۈشرىكلىرىنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ مەدىنىگە قېچىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى مەككە مۇشرىكلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.بۇ ماددىغا نارازى بولغان ساھابىلەرگە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام « بىز قۇرەيش بىلەن سۈلھى تۈزۈپ ۋەدىلەشتۇق،ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمايمىز»دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.  

    دىمەك دۆلەتنىڭ ئالدىدا بارلىق پۇقرالار ئېتىقاد سەۋەبىدىن پەرقلىق بولمايدۇ.بەلكى دىندىشىڭىزغا خىيانەت قىلىشقا بولمىغىنىدەك يات تائىپىلەر بىلەن تۈزۈلگەن سۈلھىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.  

    خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ باجگىرنىڭ يەھۇدىدىن تەيىنلىشىدەك كېيىكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمان خەلىپىلىكىدە نۇرغۇنلىغان يات دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ بۈگۈنكى دەۋرگە نېسبەتەنمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر سىياسىئون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى بولغان بۇ زاتنىڭ مەڭگۈلۈك مۇنەۋۋەر سىياسىئونلىقى شۇ يەردىكى ،بۇ زات دۆلەتنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس بەلكى ئۇنۋېرسال ئىدىيىدىكى ئادەملەر ئىتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى بۇندىن ئون تۆت ئەسىر ئىلگىرى ھېس قىلغان ۋە قوللانغان.

    سىياسىئون دۆلەتنىڭ ئادىمىيلەشكەن شەكلى .ئۇ ئەسلىدە ئاددى خەلق ئىچىدىكى رەھبەرلىك سالاھىيىتى بىلەن دۇنياغا كەلسىمۇ،ئۇنىڭ دۆلەت بىلەن بارغانچە يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلايدىغان ئېتىقادى ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئاددى ئىنسانى خۇسۇسىيەتلەردىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

     ئېتىقاد،مەدەنىيەت ،مىللىيەتلەرنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرى ۋە تەغدىرداشلىرى بولىدۇ.بىراق دۆلەتنىڭ ئۆزىدىن باشقا قېرىندىشى ياكى تەغدىردىشى بولمايدۇ.سىياسىئون بۇ دۆلەتتىكىلەرنىڭ ئاۋانگارتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋام بىلەن دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.. ئۇ بەزىدە دىنىي رەھبەر بولسا بەزىدە دىنىي رەھبەرلەرنى چەكلەيدۇ.بەزىدە خەلقپەرۋەر ئىقتىسادشۇناس بولسا يەنە بەزىدە قاتتىق قول باجگىر بولىدۇ. گاھى شەرقپەرەس گاھىدا غەرپپەرەس بولۇش سىياسىيوننىڭ خاھىشى ئەمەس.بەلكى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئېھتىياجى.

    ئېتىقاد دۆلەتكە مۇھتاج بولىدۇ.ئەمما دۆلەت ئېتىقادنى زۆرۈر شەرت قىلمايدۇ.بىراق دۆلەت بولغاندىلا نورمالنى ئېتىقاد كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

    مۇستاپا كامالنىڭ كامالىزىم ئاساسىدىكى ئىسلاھاتى ،ماۋزېدوڭنىڭ خەلقارا كومىنىزىم بىلەن قارشىلىشىش-يارىشىش ئىچىدىكى سىياسىتى،ئىراننىڭ غەرپ كاپىتالىزىمى بىلەن قارشىلىشىپ شەرق كومىنىستلىرى بىلەن ئىتىپاقلىشىشى. ئامىرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش قىلىپ يۇگۇسلاۋىيەدە مۇسۇلمانلارنى ئازات قىلىشى...قاتارلىقلار بىز دىگەن دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.دىمەك مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى مەنپەئەت توقۇنىشىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.

    ماۋزېدوڭنى خەلقارا كومۇنىزىم ھەركىتى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن كومىنىست ئەمەس دىيەلمىگەندەك ،مۇستاپا كامالنىمۇ دىنىي كۈچلەرنى ھاكىمىيەتتىن چەتنەشتۈرگەنلىك سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمان ئەمەس دىيەلمەيمىز.

    زوڭتۇڭ نىجاتنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرغان ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىق سەۋەبىدىن ئىسلام دىنىدا ئەمەس دىيەلمىگەندەك ،ئىنجىل تۇتۇپ قەسەم بەرگەن زوڭتۇڭ بوشنىمۇ يۇگۇسلاۋىيە خىرىستىئانلىرى قولىدىن مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇپ دۆلەت قۇرۇپ بەرگەنلىكىگە قاراپلا ، خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ دۈشمىنى دىيەلمەيمىز.

    بۈگۈنكى زاماندىكى بەزى ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ دۆلەت توغرىسىدىكى نەزىريەلىرى ئۆز-ئارا زىتلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسى كۆپ خىللىققا ھەم نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىزلىققا ئىگە .بىر قىسىم ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ۋە سىياسونلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاددى پىكىر ئىختىلاپى ئۇلاردىكى چوڭ ئورتاقلىقتىن ئېشىپ كەتكەن.بۇ ئىختىلاپ ئىسلام دۇنياسىنى ئىتىپاقلاشتۇرۇشتىكى دىنىي ئېتىقادقا قەدەر ئۆزىنىڭ قارا سايىسىنى تاشلاپ تۇرىدۇ.

    دۆلەتنىڭ ئاساسى ئەسلىدە تولىمۇ ئاددى شۇنداقلا روشەنلىككە ئىگە تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلاردىكى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائى قۇرۇلمىسى ،قانۇن ئاساسى،مائارىپ-سىياسىتى...لارنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئامىل مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى دۆلەت قۇرۇلمىسىدىكى تەپەككۈرىدىن كۆپ دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن.دۆلەت پەقەت مۇسۇلماننىڭ ئىبادىتى ئۈچۈنلا دەيدىغان تار مەنىدىكى دۆلەتچىلىك كۆز قارىشى ئۇلارنىڭ نەزىريەلىرىنى رىئاللىقتىن ھالقىتىۋەتكەن.

     بۇ دۆلەت بىلەن دىننىڭ ئۆتۈشمىسىدىكى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ساقايماس جاراھەت.بۇ جاراھەت پەقەت ئىسلام دۇنياسىدىلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساقايماي تېخىمۇ شەلۋەرەپ تۇرماقتا .ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەرەقىيات پۇرسىتىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەل مۇشۇ كېسەللىك .

    بۇ كېسەللىك  بىر مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان، مۇسۇلمان غازاتچىلىرى بىلەن ئىسلام ساھىپلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىسلام دۇنياسىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىمۇ دىنىي ۋە سىياسىنىڭ ئۇزۇن يىللار جەريانىدىكى قارغۇلارچە ۋە ئىستىبدات ئويۇنلىرى سەۋەبىدىن يۇقۇرقى دەتالاشنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدۇر.

    مەلۇم سىياسى نەزىريە ئاساسىغا قۇرۇلغان دۆلەت بىلەن ئىقتىسادى مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ تۈپكى پەرقى بىرسىدە، ئىقتىساد سىياسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ.يەنە بىرىدە بولسا ،سىياسى ئىقتىسادنىڭ يوليورىقىغا بوي سۇنىدۇ.تارىخىي خاتىرىلەردىن كۆرۈۋاتىمىز، ئىقتىسادى مەنپەئەت (ماھىيەتتە خەلىقنىڭ ماددى مەنپەئەتى) نى قۇرۇق سىياسى شوئارغا بوي سۇندۇرمىغان دۆلەتلەر مەخسەتكە يېتەلىگەن.ئەمما رەھىمسىز قانۇنىيەتكە ئىگە ئىقتىسادنى سىياسىنىڭ دىدىكى قىلىپ قويغانلار بولسا ئۇزۇنغا بارالمىغان.  ماددى مەنپەئەتنى يالغان ئالىجاناپلىق بىلەن "كاپىتالىزىمنىڭ ياكى كاپىرلارنىڭ ئارزۇسى" دەپ ئاۋامنىڭ ماددى كاپالىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،دۆلەت ماشىنىسىنى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ خىزمىتىگە سېلىش ھالاكەتنىڭ ئەلچىسى بولغان-مۇستەبىتلىك.

    مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىكى تۇنجى سىياسى تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىدە سوفىستىك سىياسى تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەۋر سىياسىسىدا قىممىتى بىباھادۇر.

     ئىقتىساد ئەقلى تەپەككۈر بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.قۇرئان كەرىمنىڭ خەت مەنىسى بويىچە يول تۇتۇش بىلەن ئۇنىڭ روھىنى ئاساس قىلىش ئوتتۇرىسىدا بۈگۈنگىچە يېپىشمايۋاتقان يېرىق دەل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىسىدىكى تەپەككۈر قۇرۇلمىسى.

    بۇ تەپەككۈر ئىگىلىرى ئومومى جەھەتتىن خۇراپاتلىق ۋە ئاخىرەتتىن قورقۇشتىن ئىبارەت مۇھىم سەۋەپلەر بىلەنلا ئېتىقاد پەللىسىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ.ھەتتاكى بۇ پەللە ئومومى خەلق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتچىلىك قارىشىدىمۇ مەۋجۇت بولماقتا.

     زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چۈشەنمەسلىك پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇلار  ئەسلى ئىسلامنىڭ تەشەببۇسكار، ماسلىشىشچان خاراكتىرىدىكى نەزىريەلىرىنى قوللىنىشنى  ،ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىدىكى كەمچىلىكنى ئۆلگەن نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىشنى بولسا ئۆز دىنىغا ئاسىيلىق قىلىش دەپ چۈشىنىدۇ.

    سىياسى جەھەتتىكى ساۋاتسىزلىق ،ماددى جەھەتتىكى گادايلىق،پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى قالاقلىقتەك ئىللەتلەرگە ئىگە بۈگۈنكىلەر، نۆۋەتتىكى دۇنيا رىقابىتىنى پاسسىپلارچە رەت قىلىۋاتىدۇ.

    «بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداش» دىگەن چاقىرىق يۇقۇرقىدەك ئىللەتتىكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى بارا-بارا يوقىتىپ قويماقتا.

    قەدىمقى ئەرەپ شائىرى ئەبۇل ئەلا مۇئەررىنىڭ مۇنداق مىسرالىرى بار.

    بىر خىل ئادەم ئەقىللىق،

     يوق ئۇنىڭدا ئېتىقاد،

    يەنە بىر خىلى تەقۋادار،

     يوق ئۇنىڭدا ئىقتىدار.......

    ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەزەلدىن دۆلەت نۇقتىسىدىن زىدىيەتلىشىپ باقمىغان يەھۇدىلار بىلەن بولغان تارىخىي سەرگۈزەشتىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.بىراق ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىكى پۇرسەت ۋە ئەقىل جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار يەھۇدىلارغا قارىغاندا خېلىلا كەينىدە قالغان.بۇ خىل كەينىدە قېلىش ھەرگىزمۇ« تەۋراتتا پەقەت چوشقا گۆشى يىيىشنى چەكلىگەن ،ئەمما چوشقا بېقىشنى چەكلىمىگەن»دەيدىغان يەھۇدىچە پۇرسەتپەرەسلىكنى كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى مۇقەددەس ئېتىقادىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن سۈنئى ئۇسۇللاردا ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .

    ئىسرائىل دۆلىتىنى قۇرۇش چۈشىنى ئەسىرلەر بويى كۆرىۋاتقان يەھۇدىلار پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى

    داۋامى

    logs/38845703.html


    ساقلىۋېلىش:Del.icio.us




Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى
سەبورى ئېلېكتىرونى سەبورى ئېلېكتىرونى