-
دۆلەتنىڭ جاراھىتى ( داۋامى )
2009-04-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38845703.html
ئالدىنقى بۆلەكنىڭ ئادىرىسى
ئىسرائىل دۆلىتىنى قۇرۇش چۈشىنى ئەسىرلەر بويى كۆرىۋاتقان يەھۇدىلار پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىگە كەلگەندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي دۆلەت قارىشىنى ئىسلاھ قىلغان.ئىككى مىڭ يىللىق قان-ياشلىق تارىخ شۇنىڭدىن بۇرۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.يەھۇدى دىنىدا ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى ئىسلام دىنىغا قارىغاندا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ھاياتىي دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى پەقەت خۇدا ئاتا قىلىدۇ.
شۇل سەۋەپتىمۇ يەھۇدىلار «ئىسرائىل دۆلىتىنى قۇرۇشتا خۇدانىڭ ياردىمىگە تايانمايمىز» .شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچە نەچچە ئون ئەسىر ھاياتىي دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا خۇدا ئاتا قىلماقچى بولغان «ۋەتەن» يەنى دۆلەتنى كۈتۈپ سەرسان بولۇپ يۈردى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يەھۇدى مۇتەپەككۇرلىرى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلمەس ئەمما ئۈنۈمسىز ئارزۇسىدىكى يادرولۇق مەسىلىنى تېپىپ چىقتى.ۋە يەھۇدى دۆلىتىنى قۇرۇشتا پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتمەسلىك چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.يەنى دىنىي دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسىنى سىياسى دۆلەت قۇرۇشقا ئۆزگەرتتى.
ئۇلار يەھۇدى دىنىدا سۆزلەشكىلى بولمايدىغان كۈچلەر بىلەن يەھۇدى دۆلىتى ئۈچۈن قۇچاغلاشتى. دىنىي قېرىنداشلىق مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت ئاپاراتلىرى، يات دىندىكىلەردىن خالى ساپ جەمىيەت قۇرۇلمىسى...قاتارلىق شەكىلەردىكى غايىۋى دۆلەت ئارزۇسىنى يىراق كەلگۈسىدىكى يېتىش نىشانى قىلىپ ،بۈگۈنكى تۇنجى قەدەمنى بولسا ھەقىقى سىياسى تەپەككۈر بىلەن باشلىدى.
مانا شۇنداق قىلىپ ئىككى مىڭ يىللىق چۈش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە خاتىرجەم ئىبادەت قىلىش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن يەھۇدىلار يىغا-زارە تېمى ئالدىدا خاتىرجەم زىكرىغا چۈشتى.
بىز نادانلارچە مەستىۇشلۇقتىن بىزارمىز.
ئېسىڭىزدا بولسۇن، بۈگۈنكى پەلەستىنلىكلەر ئەينى ۋاقىتتا مەككىدىن ۋاقىتلىق چىقىپ كەتكەن ساھابىلەر ئەمەس.ئىسرائىلىيىلىكلەرمۇ مەدىنىدىن چىقىپ كەتكەن بۇرۇنقى يەھۇدىلار ئەمەس.
ئەمما «خاماس» بىلەن «فاتاخ» دەل ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىز بىلەن مەككىنى ئىستىلاھ قىلىشچۈن ماڭغان ئىختىلاپتىكى مۇسۇلمان قوشۇنى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلاردا مەخسەت ئۈچۈن يول قويۇشتەك پەزىلەت كەم.ئەلۋەتتە خۇدا يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئېۋەتىپ مەلۇم تەرەپكە لەنەت بىلدۈرمەيدۇدە.
شۇڭا ئۇلار ئەرەپ دۇمبىقىغا ئەمەس بەلكى جاز دۇمبىقىغا ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇر.
يەھۇدى دىنىدا ھەممىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلسىمۇ يەھۇدىلار ئۆز ئېتىقادىغا (مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ) ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە دۆلەت قۇرغان.بىراق ئىسلام دىنىدا ئۇنداق ئاسىيلىققا ئىمكانىيەتمۇ قالدۇرۇلمىغان . بۇ دەل ئىسلامنىڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈ دەۋرىلىككە ئىگە بولمىغان دىنلىقىغا ئىسپات.
ئىسلام دىنىدا بولسا بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ئۈچۈن ئاتا قىلىنغان بارلىق قۇدرەت-كامالغا ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ .ئۇلۇغ ئاللا ئۆزىدىن باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى، ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇپ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرغان.ھەمدە پۈتكۈل ئالەمنىڭ خەلىپىسى(يول باشچى) قىلغان.
ئەمما ئالەمنىڭ خەلىپىسى دىيىلگەن ئىنسان تۈركىمى ئىچىدىكى نادىر سانىلىدىغان مۇسۇلمانلار بېرىلگەن مەزكۇر ھوقوقنى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ تارتقۇزۇپ قويدى.بۇ تارتقۇزۇپ قويۇش ماھىيەتتە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسى تەشەببۇسىنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن باشلاندى.بۈگۈنگە قەدەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت-ئەمەللىرىدىكى نۇرغۇن سۈننەتلىرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما سوفىستىك سىياسى مۇسۇلمان دۇنياسىنى قاپلىغاندىن بۇيان مەزھەپبازلىق ۋە تار مەنىدىكى جەمىيەت قارىشى قاپلاپ كەتتى.مۇشۇ يادرولۇق خاتالىق سەۋەبىدىن ھاياتىي دۇنيادىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردە ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇشقا تېگىشلىك ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەتتاكى مېھراپ بىلەن جەيناماز ئوتتۇرسىدىمۇ خاتىرجەم بولالمىدى.مەزھەپبازلىقتىن ئكرنەك ئېلىپ كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن رەڭدار شەخسى كۆز قاراش ئومومى ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىنى تۇنجۇقتۇرىۋەتتى.
ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش نۇقتىسى. ئەمما ئۇ تارىخ بولۇپ قالدى. بۈگۈن غەرپ مۇتەپەككۈرلىرى نەزىرىدە ھەتتا مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۇيۇشتۇرالمايدىغان ئاڭ سانىلىدۇ.
ئەلۋەتتە ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئەسىردىكى قايتا گۈللىنىش باسقۇچى باشلانغىلى ئۇزۇن بولدى .بىراق ئاخىرقى نىشان گۈللىنىش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. بەلكى بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يېڭىچە بىر ئۇقۇمنى ۋە تېڭىرقاۋاتقان يۈرەكلەرگە تەلپۈنىدىغان روشەن ،مۇقىم نىشاننى يارىتىپ ئۆزگىچە جەمىيەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشتۇر.
ئىسلامىيەت تارىختىن بۇيان ھەر قايسى دەۋرلەردىكى پىكىر ئېقىملىرىغا گاھى ئىسلاھات،گاھى تۇرغۇنلۇق شەكلى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دەۋەت ئېلىپ بارغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ كۆپ ماسلىشىش ۋە ئىجاتچانلىق دەۋرى بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە ئىسلام دىنى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن رىئاللىقتىكى ھەر خىل ئۆزگۈرۈشلەرگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ بارالىغان ئىدى.پەقەت ئۆزلىگىدىن يېڭىلىنىپ ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ تۇرالىغان ئىدىيەلا مەڭگۈلۈك مۇقامدا تۇرالايدۇ. ئۇ ھەر قانداق دەۋردە تۇرغۇن ، پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ قالماي دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ،ئۆزىدىكى پىنھان ھاياتىي كۈچىنى يېڭىلاپ تەشەببۇسكار ئورۇننى ساقلاپ قالايدۇ.ھەر قانداق دەۋردىكى يېڭى شەيئىگە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە تەبىرنى بېرىپ ئەگەشكۈچىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ قويمايدۇ.
دىمەك بۈگۈنمۇ دۆلەت بىلەن دىن ماھىيەتلىك ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەس.ئەمما ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ماسلاشتۇرۇلغان .دۆلەت ئۇنۋېرسال ئېتىقاددىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارامگاھى بولسا ئىسلام دىنىنىڭ ئادالىتى مەزكۈر دۆلەتنىڭ كىلىماتىدۇر.بۇ كىلىمات خەللىقلەرنى بۇ نېمەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا چاقىرىدۇ.
دۆلەت تار مىللەتچىلىك ياكى مەنپەئەتپەرەس ئېتىقادنى ئاساس قىلماي ئومومى خەلىقنىڭ مەنپەئەتنى ئۆزىنىڭ يادرولۇق ئىدىيىسى قىلىپ ئۆرە تۇرىدۇ.
شۇندىلا خەللىقلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدۇ.
دىمەك دۆلەت بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويغىلى بولمايدۇ.
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان
Abdurehim ablathan
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى.
历史上的今天:
بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟! 2009-04-01ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ ! 2009-04-01فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! 2009-04-01ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى 2009-04-01سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-04-01
收藏到:Del.icio.us


