-
چىڭغىز ئايتماتوفقا ئوچۇق خەت. (ئاخىرقى بۆلەك )
2009-04-01
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37622190.html
كەلگەندە قۇمدەك چېچىلغان، ئىلىم ۋە مەدەنىيەتتە ھېسابسىز چېكىنگەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بوپقالىدۇ ؟ شامان دىنى 8 – ئەسىر ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىلەردىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان بولسا، نىمە ئۈچۈن يادلاشقان ئىدېئولوگىيە بۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھالاكىتىگە مەركەزلىك رول ئويناپ قالىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن خرىستىئان دىنى مىلادى 2– ئەسىردە رۇم ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلىغان بولسا، ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپانى كېنەز بالاسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ ؟ ۋە يەنە 14-، 15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە خرىستىئان دىنى ئىسلاھاتى ياۋروپا ئەدەبىيات – سەنئەت ئۇيغىنىش دەۋرىگە ئاساس سالىدۇ ؟ مانا بۇ بىر قاتار سۇئاللار ۋە بۇ ھەقتىكى جاۋاب بايانلار بىر مىللەت، بىر رايون خەلقلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلىرىنىڭ خەۋەردەر بولىشىغا تېگىشلىك بىلىملەردۇر .
يولداش ئايتماتوف، ئېنگلىس : « ئىقتىسادتىكى قالاق دۆلەت پەلسەپە جەھەتتە بىرىنچى ئىسكىرىپكىنى چېلىشى مۇمكىن » دېگەن . ھالبۇكى، بىزگە تارىختىن جۇغلانغان قىممەتلىك كۈلپەتلەردىكى ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ غىجىكىنى تارتىشمۇ نېسىپ بولماپتۇ .
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىدېئولوگىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ يېڭىلاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەردۇر . يەھۇدىيلار بۈگۈنگە قەدەر 3200 يىل ئىلگىركى مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ « تەۋرات »ىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. خرىستىئان دۇنياسىمۇ ئىككى مىڭ يىل ئىلگىركى مەنىۋىي داھىيسى ئېيسانى ۋە مۇقەددەس كالامى « ئىنجىل » نى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بىز مىلادىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندىمۇ شامان دىنى، زوروئاستىر ( ئاتەشپەرەسلىك ) دىنى، مانى ۋە بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئېتىقاد يېڭىلاپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلدۇق .
يوقۇرقى سېلىشتۇرمىلاردىن بىز خرىستىئان ئەللىرىنىڭ ئېتىقادتىكى ئىزچىللىقى بىلەن بىزنىڭ ئېتىقادتىكى سەكرەشخۇمارلىقىمىزنىڭ غەرب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى ئىمتىيازىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەرەپلەردىن رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق.
ئۇنداقتا « مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى ئىدىيە » قەيەردە ؟ بىز ئۇنى نەدىن تاپىمىز ؟
ئەلۋەتتە، بۇ ئىدىيىنى ياۋروپادىن، ئامېرىكا قىتئەسىدىن ياكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان چېركاۋ مۇنارلىرىدىن ئىزدەش مەنتىقىسىزلىق. چوقۇمكى، ئۇ ئىدىيە مۇشۇ زېمىندا. بىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق يىللار داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدا. ئۇ قانداق شەكىل، قانداق پاسسىپ ئورۇندا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىزدىكى ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ئەڭ ئاخىرقى ئورتاقلىق. گەپ بىزنىڭ شۇنى تېپىشىمىزدا !كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
قۇمۇل شەھەرئىچى يېزا جىگدەقۇدۇق كەنتىدىن2001-يىلى
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
历史上的今天:
بۈگۈنكى كۈندىكى بەدىۋىلىكمۇ ياكى ...؟! 2009-04-01ھېيىتلىق سوئالغا ھېيىتلىق جاۋاپ ! 2009-04-01فارابى قايسى مىللەتنىڭ ؟! 2009-04-01ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر يولى 2009-04-01سېسسىق توققۇزۇنچى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-04-01
收藏到:Del.icio.us


