• ئۇيقۇسىز كۈنلەر ئۆتتى قانچە-قانچە - [شېئىرلىرىم]

    2009-04-29

     
     
     
     ئۇيقۇسىز كۈنلەر ئۆتتى قانچە-قانچە
    بىر تىنچ دېڭىز كەبى رەسىمدىكى.
    سېغىنىش بۇرانلىرى گۆكىرەيدۇ،
    دېرىزەڭنى ياپقانسەن بەلكى.

    قاراڭغۇلۇق خەتتۇر نىھايەت
    مەندىن پەقەت ساڭا يېزىلغان.
    ئاي نۇرلىرى چەكسىز ھەسرەتتە
    كۆز يېشىڭنى سۈرتىدۇ پىنھان.

    سۆزلەيمەن سەن ئاڭلىماس سۆزلىرىمنى
    سۆزلەيمەن... ئاقارماقتا تاڭدەك چاچلار.
    ئەتىياز پەسلى گۇيا ئاق قەغەزدۇر،
    سىزماقچى ئىدىم بىر تال قۇشنى ئاڭا.

    سېنى دەپ بۇسۇغىدىن ئاتلىمىدىم
    بولسىمۇ بۇ مەن ئۈچۈن ئاچچىق شاراب.
    كەل، قولۇڭنى بەر!
    بۇ ھاياتتىن كېتەيلى ئاتلاپ.