تېرىڭىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ گۈزەللىك ئىستىگەنلەرگە…

تېرىڭىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تېرىنىڭ تۈزىلىشى

تېرە-ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ بەدەننىڭ سىرىتقى يۈزىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ۋە بەدەن سىرتقى يۈزىدىكى بوشلۇق، ئىغىزلاردا شىللىق پەردىگە ئۆزگىرە سىرتقى يۈزى، ئىرىقچىلار ۋە قىرلارغا تولغان بولۇپ ئويمان يىرى تېرە ئېرىقچىلىرى، دۆڭ يېرى تېرە قىرلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئالقان، تاپان، قول، پۇت، بارماق ئۈچلىرىنىڭ ئىگىلگەن يۈز تەرپىدە ئېرىقچىلار، قىرلار ۋە سىزىقچىلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ئىرسىيەت ئامىلى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

تېرىنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى ۋە دائىرسى (ھەجىمى)جەھەتتىن ئالغاندا بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئەزا ھىساپلىنىدۇ، ئومۇمى ئېغىرلىقى پۇتۇن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 16پىرسەنتىگە توغرا كىلىدۇ.تېرىنىڭ ھەجىمى بولسا چوڭلارنىڭ 1.5~2 كوۋادىرات مېتىر ، يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 0.21كوۋادىرات مىتىر كېلىدۇ، تېرىنىڭ قېلىنلىقى بەدەننىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ، ئادەتتە تېرە ئاستىدىكى ماي قاتلىمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.5~4مىللىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، بالىلارنىڭ تىرىسى چوڭلارغا قارىغاندا نېپىز بولىدۇ، قول پۇتلارنىڭ ئىگىلىدىغان قىسمىنىڭ تېرىسى تۈزلىنىدىغان قىسمىنىڭ تېرىسىدىن نېپىز كېلىدۇ، باشنىڭ ئارقىسى، بويۇن، كاسا ۋە قول-پۇت ئالقانلىرىنىڭ تىرىسى ھەممىدىن قېلىن كېلىدۇ، كۆز جىيىكى، قاپاق، سىرىتقى جىنسى ئەزا، ئەمچەك قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تىرىسى ھەممىدىن نېپىز بولىدۇ، تېرىنىڭ رەڭگى كېشىلەرنىڭ ئىرقى، مىللىتى، يېشى، مىجەزى ۋە سىرتقى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

تېرە-ئۈستۇنكى تېرە، ھەقىقى تېرە، تېرە ئاستى توقۇلمىسى تېرىگە تەۋە قوشۇمچە ئەزا ۋە تېرىگە تارقالغان باشقا ئەزا قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

1.ئۈستىنكى تېرە

ئۈستىنكى تېرە-تېرىنىڭ كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان قىسمى بولۇپ ئۈزە تېرە ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن.بەدەن تىرىسىنىڭ ئۆزىگە خاس رەڭگە ئىگە قىلغۇچى رەڭ ماددىسى مۇشۇ تېرىدە ئىشلىنىپ چىقىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئۈزە ھۈجەيرىلىرى 3-4 ھەپتىدە بىر قېتىم تۆكۈلۇپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ.

ئۈستۈنكى تېرە-ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ نېگىز قەۋەت، تىكەنلىك قەۋە، دانىلىق قەۋەت، سۈزۈك قەۋەت، مۈڭگۈز قەۋەتتىن ئىبارەت بەش قەۋەتكە بۆلىنىدۇ.

1.نېگىز قەۋەت(ئاساسى قەۋەت) يۈزەكى تېرە ھەجەيرىلىرىنىڭ ئەڭ تىگىدىكى بىر قەۋىتى بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بۆلۇنۇپ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇرشاتكىدەك تىزىلغان يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىلدىكى ھۈقەيرىلەردىن تۈزۈلگەن. ھۇجەيرە يادروسى بىر قەدەر يوغان بولۇپ ،1-2 يادرو مېغىزى بولۇپ پىرو توپلازمىسى ئىشقارلىققا مايىل، ئاساسى قاتلام ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلىنىشى ئاكتىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى %3~%5 سى ئوكسىدسىز نوكلىيلىك كىسلاتاسىنى بىرىكتۇرۇپ ، تىكەنلىك ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ ھەم تەدرىجى يوقۇرغا يۆتكىلىپ، يۈزەكى تېرىنىڭ باشقا ھەر قايسى قاتلملىرىنى شەكىللەندۇرىدۇ. شۇڭا ئاساسى ھۈجەيرىلەر يۈزەكى تېرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم قىسىمدۇر.



ئاساسى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۇش دەۋرلىكى تەخمىنەن 12كۇن بولىدۇ، قىسمەن يېڭى پەيدا بولغان ھۈجەيرىلەر يۈقىرغا يۆتكىلىپ تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر قاتلىمىغا ئۆتىدۇ. تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر قاتلىمىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىن دانلىق قەۋەتنىڭ ئەڭ يۈقىرى قەۋىتىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۇن تەخمىنەن 14كۇن كېتىدۇ. يەنە مۇڭگۈز قەۋىتىدىن ئۆتۇپ ئاخىرى تۆكۇلۇپ بولۇش ئۇچۇن يەنە 14كۇن كېتىدۇ. جەمئى 28كۇن بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆتۇش ۋاقتى ياكى ئورۇن ئالماشتۇرۇش ۋاقتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلىنىشى تۆت دەۋرگە بۆلىنىدۇ.

(1)DNA نى بىرىكتۇرۇش دەۋرى

(2)بۆلۇنۇشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى

(3)بۆلۇنۇش دەۋرى

(4)بۆلۇنۇشتىن كېيىنكى دەۋرى

يۈزەكى تېرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ ھۈجەيرە ئارلىقى كۆۋرۇك دانچىلەرگە تايىنىپ ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، كۆۋرۇك دانچىلەر ئىچىدە ۋە ھار قايسى يۈزەكى تېرە ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدا شېكەر مەنبەلىك ئاقسىل ۋە ماي ئاقسىلنىڭ چاپلاشقان ماددىلىرى بولىدۇ، ئاساسى ھۈجەيرىلەر يېرىم كۆۋرۇك دانچىلەرگە تايىنىپ ئاساسى پەردە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، يېرىم كۆۋرۇك دانچىلەردە كۆۋرۇك دانچىلار قورۇلمىسىنىڭ بىر تەرىپىلا بولىدۇ.

ئاساسى قەۋەتتە يەنە بەزى قارارەڭدار ماددا ھۈجەيرىلىرى قىسىلغان بولۇپ تەخمىنەن پۇتۇن ئاساسى قەۋەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ %4~%10 نى ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى نېرۋا غوللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، رەڭدار ماددا ھاسىل قىلالايدۇ ۋە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زەخمىسىدىن ساقلاپ قالالايدۇ.

تېرە رەڭگىنىڭ سۇس-قېنىقلىقى قارا رەڭدار ماددا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىق بولىۋەرمەستىن، بەلكى ئاساسى ھۈجەيرىلەردىكى رەڭدا ماددا دانچىلىرىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگىمۇ باغلىق.

2.تىكەنلىك قەۋەت:-نېگىز قەۋەتنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، 4-8 رەت كۆپ بۇلۇڭلۇق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، يادروسى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق ، ئىشقارلىق بوياقلارغا مايىل كېلىدۇ، ھۈجەيرىلەر تۆۋەندىن يۈقىرغا قاراپ تەدرىجى ھالدا ياپىلاقلىققا يۈزلىنىدۇ، قوشنا تۇرغان تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر كۆۋرۇك دانچىلەرگە تايىنىپ ئۆز-ئارا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئىلىكتىرۇنلۇق مىكروسكوپتا كۆۋرۇك دانچىلار قوشنا بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر قانچە قاتلىمىنىڭ زىچلىقى ۋە شالاڭلىقىنىڭ ئارىسىدا تورىدىغان ماددىلردىن قورۇلغان ئالاھىدە قۇرۇلمىدىن ئىبارەت، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچكى تەرپىدە زىچ بولغان يېپىشقۇچى پىلاستىنكا بولۇپ ھۈجەيرە پىرو توپلازمىسى ئىچىدىكى كىرىگۈچى ئۇششاق يىچىقلار بىلەن تۇتىشىدۇ.ئاندىن كىرىككۈچى ئۇششاق يېچىقلار قايتىدىن ھۈجەيرە پىروتوپلازمىسى ئىچىگە ئايلىنىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئاساسى ھۈقەيرىلەرگە يېقىنلاشقان تىكەنلىك ھۈقەيرىلەرنىڭمۇ بۆلۇنۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. يارىلار پۇتۇپ ساقايغاندا يارا ئېغىزى ئەتراپىدىكى ئاساسى ھۈجەيرە ۋە قىسمەن تىكەنلىك ھۈجەيرىدىن باشقا يارىلانغان ئورۇندىكى تۈك خالتىلىرى ۋە تېرە ماي بېزى كاناللىرى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر (جۈملىدىن تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر)مۇ كۆپىيشىنى تېزلىتىپ يارا ئېغىزىنى ئورىۋالىدۇ.

3.دانلىق قەۋەت:- تىكەنلىك قەۋەتنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ،2-4رەت موكا شەكىللىك ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، دانلىق قەۋەتنىڭ ھۈجەيرىلەر ئارلىقى سەل تار بولۇپ يېرىم كۆۋرۇك دانچىلەرگە تايىنىپ بىر-بىرىگە ئولىشىپ تۇرىدۇ، نورمال شىللىق پەردىلەردە (تاڭلاي، تىلىنىڭ تۆۋەنكى يۈزى بۇنىڭ سىرتىدا)دانلىق قەۋەت بولمايدۇ، دانلىق قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ يادروسى كىچىكرەك بولىدۇ، پىروتوپلازما ئىچىدە تەرتىپسىز ئۇزۇن شەكىلدىكى سۇزۇك مۇڭگۈز دانچىلىرى بولۇپ، نوكلىيلىك ئاقسىللارنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان دانلىق قەۋەت ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە بىر خىل دانچە بولۇپ، پەردە دانچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىلىكتىرون مىكروسكوپتا يۇمىلاق پىلاستىنكىلار قاتلىمى قاتمۇ قات تېزىۋالغاندەك كىچىك تەنچىلەر بولۇپ كۆرۇنۇپ، ھۈجەيرىلەر ئارلىقلىرىغا فۇسفۇرمىيسى تۈرىدىكى ماددىلار (فوسفىرلار)نى چىقىرىپ تۇرىدۇ، بۇخىل ماددىلار بەلكى ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى چاپلاشقان ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

4.سۇزۇك قەۋەت:-ئالقان-تاپان قىسىملىرىدا بىر قەدەر روشەن بولۇپ، ھۈجەيرىلىرى ياپىلاق يادروسىز ،2-3رەت ئورۇنلاشقان، ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى چىگرا ئىنىق ئەمەس. بۇ قەۋۋەتتە فوسفۇر مايلىرى تۈرىدىكى ماددىلار كۆپرەك بولىدۇ، ئادەتتە بۇ سۇ ۋە ئىلىكتىرولىتلارنىڭ ئۆتىشىدىن ساقلىنىدىغان پاسىل دەپ تۇنۇلماقتا.

5.مۈڭگۈز قەۋەت:-ئۈستۈنكى تېرىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋىتى بولۇپ، يادروسى يوق بىر قانچە قات ياپىلاق مۈڭگۈزلەشكەن ھۈجەيرىلەردىن تۇزۇلگەن، ئۇنىڭدىكى سىرتقى قەۋەت ھۈجەيرىلەر دائىم تۆكۇلۇپ چۇشۇپ، تېرە كېپىكىگە ئايلىنىدۇ، ئالقان ۋە تاپانلار دائىم سۈركىلىپ تۇرىدىغان ئورۇنلار بولغاچقا ، مۆڭگۈزسىمان قەۋىتى كۆرىنەرلىك قېلىنلاپ، مۇھاپىزەت رولىنى كۈچەيتىدۇ.قېلىنلىغان بۇنداق تېرە قاداق دەپ ئاتىلىدۇ، مۇڭگۇز سىمان قەۋەتتە تەخمىنەن %10-%20 سۇ بولىدۇ. پۇت قولىنى ئۇزۇن مۇددەت سۇغا چىلىغاندا مۇڭگۈز قەۋىتىدە سۇ تەركىبى كۆپەيگەچكە، تېرە پۈرلىشىپ ئاقىرىپ قالىدۇ، قىش كۈنلىكى قورغاقلىقتىن مۇڭگۈزسىمان قەۋەتتىكى سۇلۇق تەركىب ئازىيىپ تېرە يېرىلىپ كېتىدۇ. تېرىگە ماي سۈرتكەندە تېرىدىكى سۇلارنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئازىيىپ تېرىنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2.ھەقىقى تېرە

ھەقىقى تېرە-يۈزەكى تېرە بىلەن تېرە ئاستى توقۇلمىسى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، زىچ بىرىكتۇرگۈچى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن.ھۈجەيرە ئارلىق ماددىسىدا مول ئىپتىدائى يىلىم تالا، تورسىمان تالا ئىلاستىكىلىق تالا ھەم ھەرخىل بىرىكتۇرگۈچى توقۇلما ھۈجەيرىلەردىن باشقا قانتومۇر، نېرۋا، تەر بېزى، ماي بېزى، تۈك چاچ يىلتىزى، تۇك خالتا سۈيۇقلىقى بولىدۇ، ھەقىقى تېرىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1-2مىللىمىتىر بولىدۇ.

ھەقىقى تېرە-شورىغۇچى قەۋەت ۋە تورسىمان قەۋەتكە بۆلۇنگەن بولۇپ، بۇ ئىككى قەۋەت ئۆز-ئارا كىرىشىپ كەتكەنلىكتىن چىگرىسى ئېنىق بولمايدۇ.

1.شورىغۇچى قەۋەت:-ئۈستۈنكى تېرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىدە بولۇپ، ئاساسلىقى گېرەلىشىپ تور ھاسىل قىلغان يىلىم تالا ھەم مول قىلقان تومۇرلاردىن تۈزۈلگەن ، ئۇ يۈزەكى تېرىنى ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە قالدۇق ماددىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.

بەزى شورىغۇچىلاردا سەزگۈر كىچىك تەنچە بولۇپ، نېرۋا شورىغۇچى دىيىلىدۇ. بۇنىڭ تېگىشىنى سېزىش رولى بولىدۇ.

2.تورسىمان قەۋەت:-شورىغۇچ قەۋەتنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئىپتىدائى يىلىم تالا بىلەن مول ئىلاستىكىلىق تالا، قانتومۇرلار، لىمفا كاناللىرى، تەر بەزلىرى ، تېرە ماي بەزلىرى ھەم تۇك خالتىسى بولىدۇ. تالالار توغرىسىغا ھەم بويىغا گېرەلىشىپ تىزىلىپ تور ھاسىل قىلىپ تېرىنى پۇختا ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. تورسىمان قەۋەتتە نېرۋا ئۇچلىرى مول بولۇپ بېسىم ۋە سىلكىنىشنى سېزىش رولى بار .

3.تېرە ئاستى توقۇلمىسى

تېرە ئاستى توقۇلمىسى(ئۈزە سېرىق ئەت)ھەقىقى تېرە ئاستىغا ئورۇنلاشقان، ئۇ تېرە بىلەن مۇسكۇل ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شالاڭ بىرىكتۇرگۈچى توقۇلما ۋە ماي توقۇلمىسىدىن تۇزۇلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى ئادەمنىڭ يېشى جىنىس ئايرىمىسى، بەدەن ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن:بالا ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئاۋال تېرە ئاستى مايلىرىنىڭ ئۆسۇش سۈرئىتى نىسبەتەن تېز بولىدۇ، ئۈچ ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا تېرە ئاستى مايلىرىنىڭ ئۆسىشى توختاش ھالىتىدە تۇرىدۇ، سەككىز ياشتىن كېيىن تېرە ئاستى مايلىرى يەنە پەيدىنپەي ئۆسۇشكە باشلايدۇ، قىز بالىنىڭ تېرە ئاستى مايلىرىنىڭ ئۆسىشى ئوغۇل بالىغا قارىغاندا تېزرەك بولىدۇ، قورساق تېرە ئاستى توقۇلمىسىنىڭ قېلىنلىقى ئۈچ سانتېمىتىر، زەكەر، ئۇرۇق خالتىسى قاتارلىق ئەزالارنىڭ نىسبەتەن نېپىز بولىدۇ.

1. 4.تېرە قوشۇمچىلىرى

تېرە قوشۇمچىلىرى تېرىدىن ئۇزۇقلىنىپ تېرىنىڭ خىزمىتىنى بىجىرىدىغان ئەزالر بولۇپ، تېرىنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار مويلار، تىرناق، تېرە ماي بەزلىرى ، تېرە تەر بەزلىرى قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مويلار(چاچ-تۈكلەر):-

پۇتۇن بەدەندىكى تېرىلەردە، ئالقان، تاپان،ئەمچەك تۈگمىسى،كالپۇك ۋە بارماقلارنىڭ ئاخىرقى بوغۇملىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەممىسىدە تۈكلەر بولىدۇ.

ھەر بىر موي موي غولى ۋە موي يىلتىزىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

(1) موي غولى:بۇ تېرە سىرتىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى بولۇپ يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان ياكى ياپىلاق تۈۋرۇكسىمان بولىدۇ. يۇمىلاق مەركەزداش تىزىلغان، مۇڭگۈزلەشكەن ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن. ھۈجەيرىدە قارا پىگىمىت دانچىلىرى بولىدۇ.قارا پىگىمىتنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن چاچ تۈكلەرنىڭ رەڭگى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

(2)موي يىلتىزى: بۇ تېرە ئىچىگە كۆمۇلگەن قىسمى بولۇپ، سىرتىنى تۈك خالتىسى ئوراپ تۇرىدۇ، تۇك يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىسى چوڭايغان بولۇپ،تۇك شارچىسى دېيىلىدۇ. بۇ ئورۇندا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۈلىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، چاچ تۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇش، ئۆسۇش ئورنىدۇر، تۈك يىلتىزى ئۆزلۇكسىز ئۆسكەنلىكتىن ، تۈك غولىمۇ ئۆزلۇكسىز ئۆسىدۇ. تۇك شاچىسىنىڭ تىگى،ئۇچى ئىچى تەرەپكە پۈكۈلۈپ كىرىپ ئويمان ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تۈك شورىغۇچ دېيىلىدۇ، ئىچىدە مول قانتومۇر ۋە نىرىپلار بولىدۇ. تۈك شورىغۇچ تۈك شاچىسىغا قارىتا ئوزۇقلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر تۈك شورىغۇچ بۇزۇلسا ياكى يىرىڭلىسا چاچ تۈكلەرنىڭ ئۆسىشى توختاپ تەدرىجى چۇشىدۇ.

2.تىرناق

بۇ زىچ مۈڭگۈزلەشكەن ئۈستى تېرىدىن تۇزۇلگەن، قول-پۇت بارماق ئۇچىنىڭ ئۈستى تەرپىدە ياپىلاق ئىككى تەرەپكە ئىگىلگەن يېرىم سۇزۇك ھالەتتە بولىدۇ.

تىرناق-تىرناق پىلاستىنكىسى ۋە تىرناق يىلتىزىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ تىرىدىن سىرىتقا كۆرۇنۇپ تۇرغان قىسمى تىرناق پىلاستىنكىسى تېرە ئىچىگە كۆمۇلۇپ تۇرغان قىسمى تىرناق يىلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق پىلاستىنكىسى ئەتراپىغا يېقىن تۇتاشقان تېرىلەر تىرناق ئايلانمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق پىلاستىنكىسىنىڭ تۈۋىدە يېرىم ئاي شەكىلدىكى ئاقارغان رايۇن بولۇپ، تىرناق يېرىمى ئېيى دەپ ئاتىلىدۇ. تىرناق يىلتىزى ۋە تىرناق يېرىم ئېيىنىڭ تىگىدىكى تىرناق پىلاستىنكىسى تىرناق ئانا ماددىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىرناق قېنىنىڭ پەيدا بولىدىغان ئورنى، بۇ يەردە تىرناق ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن تىرناق پىلاستىنكىسى شەكىللىنىدۇ، قول تىرنىقىنىڭ ئۆسىشى پۇتىنىڭكىدىن تېز بولۇپ، كۇنىگە تەخمىنەن 0.1 مىللىمىتىر ئۆسىدۇ.

3.تىېرە ماي بەزلىرى:

بۇ ھەقىقى تېرىنىڭ تورسىمان قەۋىتىگە جايلاشقان كۆپىنچىلىرىنىڭ ئېغىزى تۇك خالتىسىنىڭ يۈقىرقى ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئېچىلىدۇ. بەزى جايلاردا بىۋاستە تېرە يۈزىگە ئېچىلىدۇ(مەسىلەن:كالپۇك، ئەمچەك تۈگمىسى، زەكەر بېشى، كىچىك جىنسى لەۋ قاتارلىق ئورۇنلاردا) بەز تېنىنىڭ سىرتىنى كىچىك ، ياپىلاق ياكى چاسا شەكىللىك نېگىز ھۈجەيرە ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ بۆلۇنۇپ كۆپيىش ئىقتىدارىغا ئىگە. نېگىز ھۈجەيرە بەز پۈۋەكچە بوشلۇق ئىچىگە قاراپ، ھۈجەيرە تىنى تەدرىجى چوڭىيىپ ھۈجەيرە ماددىسىنى كۆپلىگەن ئۇششاق ماي تامچىلىرى تولدۇرۇپ تۇرىدۇ، بەز پۈۋەكچە مەركىزىگە يېقىنلاشقانسېرى ماي تامچىلىرى كۆپىيىدۇ، شۇڭا ھۈقەيرە چوڭ ھەم سۇزۇك بولۇپ، كۆپ گىرۋەكلىك بولىدۇ.ھۈجەيرە يادروسى كىچىكلەپ، ھۈجەيرە مەركىزىگە يېقىنلىشىدۇ. ئاخىرى ھۈجەيرە تىنى يېرىلىپ، ھۈجەيرىدىكى ماددىلار ۋە ماي تامچىلىرى بىرلىكتە سىرتقا چىقىرلىپ تېرە مېيىنى ھاسىل قىلىدۇ. بەز پۇۋەكچە مەركىزى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن، نېگىز ھۈجەيرىلەر بۆلۇنۇپ كۆپىيىپ ئۆزلۇكسىز تولۇقلايدۇ. تۈك تىكلىگۈچى موسكۇلنىڭ قىسقىرىشى تېرە مېيىنىڭ چىقىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالاغەتكە يەتكەندە ئەرلىك ھورمونلار تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. ئەگەر يۈز قىسمىدىكى تېرە ماي بېزىنىڭ ئاجرىلىشى كۆپ بۇلۇپ ، ئۆتكۇزۇش كانىلى توسۇلۇپ قالسا دانىخورەك ھاسىل بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ تېرە ماي بېزى ئاتروپسىيلەنگەنلىكتىن ، تېرە ۋە چاچ تۈكلەر قورغاق بولۇپ جۇلاسى يوقىلىدۇ، تېرە ماي بەزلىرى باش، يۈز ، كۆكرەك، غول قسىملارغا كۆپرەك تارقالغان، ئالقان ۋە تاپاندا تېرە ماي بەزلىرى بولمايدۇ.

4.تېرە تەر بەزلىرى :

تەر بېزى-تۆرەلمە دەۋرىدە تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىرىكتۈرگۈچىسى توقۇلما ئىچىگە كېرىپ ئۆسۇپ بۆلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تاق، ئەگرى كانالسىمان بەزدىن ئىبارەت بولۇپ، پۇتۇن بەدەنگە تارقالغان، بۇ بەزلەر ئاجراتقۇچى قىسىم ۋە ئۆتكۇزگۈچى كانال قىسىم دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

(1)ئاجراتقۇ قسىم : ئورنى ھەقىقى تېرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتى ياكى تېرە ئاستى توقۇلمىسى ئىچىدە بۆلۇپ، چەمبىرەك يۆگەلگەن نەيچىسىمان بەزدىن ئىبارەت. كانال دىۋارى تاق قەۋەت چاسا ھۈجەيرىلەردىن تۇزۇلىدۇ، بەز ھۈجەيرىسى بىلەن نېگىز پەردە ئارىسىدا موكا شەكىللىك موسكۇل ئۈستى تېرە ھۈقەيرىسى بولۇپ قىسقىراش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھۈجەيرە قىسقارغاندا تەرنى سىرتقا چىقىرىدۇ.

(2)ئۆتكۇزگۈچى كانال قىسىم: ئىنچىكە، ئۇزۇن،ئەگرى كانال بولۇپ كانال دەۋرىنى 2-3قەۋەتلىك پاكار تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرە ئوراپ تۇرىدۇ، ھەقىقى تېرىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىن ئۈزە تىرىگە قاراپ بورغىسىمان مېڭىپ، يۈزەكى تېرە ئىچىدە بورما ھالىتىگە كېلىپ ، تېرە يۈزىدىكى تەر تۆشۇكىكىگە ئېچىلىدۇ. تەر بەزلىرى پۇتۇن بەدەنگە تارقالغان بولۇپ، ئورنى ۋە بەز تىنىگە قاراپ چوڭ تەر بەزلىرى ۋە كىچىك تەر بەزلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 كىچىك تەر بەزلىرى:-ئالقان،تاپان، پىشانە ۋە يۈز قىسىملىرىغا تارقالغان، كانالچىسى بىۋاستە تېرە يۈزىگە ئچىلىدۇ.

 چوڭ تەر بەزلىرى:قولتۇق، ئەمچەك دىغى ئايلانمىسى، ئارقا تەرەت يولى، كىندىك، سىرىتقى جىنسى ئەزالار ، چات ئارىلىقى، سىرىتقى قولاق يولى قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان ، كانالچىسى تۈك خالتىلىرىدىكى تېرە ماي بەزلىرىنىڭ بويۇن قىسمىغا ئىچىلىدۇ. ئۇنىڭ چىقىرىدىغان ئاجرالما ماددىسى تەركىبىدە ماي كىسلاتاسى بولغانلىقتىن جاراسىملارنىڭ تەسىرىدە يۈقۇملىنىش يۈز بەرسە سىسىق پۇراق ھاسىل قىلىدۇ.

5.تېرە قان تومۇرلىرى ، نېرۋا ۋە لىمفا كانالچىلىرى

بۇ تېرىدىكى قان تومۇرلار ، نېرۋىلار، لىمفا كانالچىلار ۋە مۇسكۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1)تېرە قان تومۇرلىرى:-ئۈستۈنكى تېرىدە قانتومۇرلار بولمايدۇ، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدا ۋە ھەقىقى تېرىدە قىزىل قان تومۇر (شىريان)ۋە كۆك قان تومۇر(ۋەرىد)كۆپ بولۇپ، قىزىل قانتومۇر چوڭقۇر قىسمىدىكى توقۇلمىلاردىن تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا كېرىپ شاخ چىقىرىپ ، شۇ جايدىكى ھەرخىل توقۇلمىلار، تەر بەزلىرى، ماي بېزى، تۈك خالتىسى، نېرۋا ۋە موسكۇللارنى ئوزۇقلاندۇرۇىدۇ. يەنە يۈقىرغا ئۆرلەپ، ھەقىقى تىرىنىڭ ئۆسۈكچە قاتلىمىغا يەتكەندە كۆك قانتومۇرلار بىلەن ھەقىقى تېرىنىڭ تېيىز قىسمىدىكى قانتومۇر تورىنى شەكىلەندۇرىدۇ، قىلقانتومۇرلار يېغىلىپ تۆپلىشىپ كۆك قانتومۇرلارغا ئايلىنىپ ، تەدرىجى توپلىشىپ قىزىلقان تومۇر بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر قىسمىدىكى قانتومۇر تورىنى تەشكىل قىلىدۇ. نېرۋىلارنىڭ باشقۇرشى بىلەن قىسمەن قىزىلقان تومۇر قېنىنى بىۋاستە كۆك قان تومۇرغا قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىسىقلىق كالورىيلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئازايتىشقا نىسبەتەن مەلۇم رولى بار.

2)نىرۋىلار:-تېرىدە سەزگۈر نېرۋا تالالىرى ناھايىتى مول بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى سىرتقى مۇھىتتىن تېرىگە تەسىر قىلغان ھەرخىل غىدىق . مەسىلەن؛ئىسسىق، سوغۇق، بېسىلىش، سۇركىلىش، ئاغرىش، قىچىشش قاتارلىق سىزىملەرنى مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا تالاسى ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يەتكۇزۇلگەندىن كېيىن مەركەزدىن قاچقۇچى نىرۋا تالاسى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا يەتكۇزۇلۇپ ، تېرىدە رىفلىكىس ھەركىتى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل نىرۋا تالاسى پارالىل، قارمۇ قارشى يۆنىلىشتە ئورۇنلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا قان تومۇر، تەر بېزى ۋە تۈك تىكلىگۈچى موسكۇللارنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەيدىغان ۋىكىستاتىۋ نېرۋىدىن كەلگەن ھەركەت تالالىرىمۇ بار.

3)لىمفا كانالچىلىرى:-تېرىدىكى لىمفا سىستىمىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ھەقىقى تېرە قاتلىمىدىكى قىل لىمفا كانالچىلىرىنىڭ توختاپ قالغان ئۇچىدىن ئىبارەت بولۇپ، قىل لىمفا كانالچىلىرى تەدرىجى زورىيىپ لىمفا كانالچىلىرىغا ئايلىنىپ، قان تومۇرلارنىڭ يوللىرىنى بويلاپ، لىمفا كانالچىلىرىنىڭ تېيىز توپلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھەقىقى تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ئارىسىدا لىمفا كانالچىلىرىنىڭ چوڭقۇر توپلاملىرىنى ھاسىل قىلىپ ، تەدرىجى ھالدا توپلىشىپ تومراق بولغان لىمفا كانالچىلىرىنى شەكىللەندۇرۇپ، يېقىن بولغان لىمفا تۈگۈنلىرىگە ئېقىپ بارىدۇ.

لىمفا كانالچىلىرى-ياردەمچى ئايلىنىش سىستىمىسىدۇر،قىل لىمفا كانالچىلىرىدىكى بېسىم ئەتراپتىكى توقۇلمىلار ۋە قان تومۇرلارنىڭ بېسىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆتكۇزۇشچانلىقى زور بولىدۇ.بەزى قان پىلازما ئاقسىللىرى، يات ماددىلار، جاراسىملار لىمفا كاناللىرىغا كېرەلەيدۇ.ئەمما لىمفا تۈگۈنلىرىگە يېتىپ بارغاندا يات ماددىلار ، جاراسىملار توسۇلۇپ قالىدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

4)مۇسكۇللار:-تېرىدە موسكۇللاردىن سىلىق موسكۇل ۋە توغرا يوللۇق موسكۇلدىن ئىبارەت 2خىل موسكۇل بار. تېرىدىكى سىلىق مۇسكۇل ئاساسەن تۈكلەرنى تىكلىگۈچى مۇسكۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، بى تەرىپى تۈك خالتىسىنىڭ تۈۋەنكى ئۈچتىن بىر قىسمىغا جايلاشقان. يەنە بىر تەرىپى ھەقىقى تېرىنىڭ يۈقىرى قاتلىمىغا مۇقىملاشقان، سىلىق مۇسكۇل قىسقارغاندا چاچ-تۈكلەر تىكلىنىدۇ. تۈك خالتا ئېغىزى ئەتراپىدا «توخۇ ئېتىنى»كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. قان تومۇر دىۋارىدا، ئەمچەك دېغىدا، ئۇرۇق بەز خالتىسىدا، موسكۇل پەردىسىنىڭ ھەممىسىدە سىلىق موسكۇللار بولىدۇ، توغرا يوللۇق موسكۇللار يۈز قىسمىدا ئۇچرايدۇ. ئۇلار يۈز نىرۋىسى تەرپىدىن باشقۇرلىدۇ.

6.تېرە رەڭگى :

تېرە رەڭگى ئاساسلىقى قارا پىگىمىت، تېرە قانتۇمۇرى ۋە قانتومۇر ئىچىدىكى كاروتىن ۋە قان قاتارلىق ئۈچ خىل ئامىلغا باغلىق بولۇپ ئالدىنقى ئىككى خىل ئىنتايىن مۇھىم .

قارا پىگىمىنىت بىرخىل ئىنتايىن ئۇششاق قوڭۇر رەڭلىك دانچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ تېرىنىڭ قارىيشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئېرىقتىكىلەرنىڭ تېرىسىدىكى قارا پىگىمىنىت ۋە بۇخىل پىگىمىنتنى ئىشلەپچىقىرىدىغان قارا پىگىمىنىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ خۇسۇسىيتى ئوخشاش تېرىنىڭ «قارىلىق دەرىجىسى» ئاساسلىقى قارا پىگىمىنىتنىڭ ئاز كۆپلىكى ، تارقىلىشى ۋە زىچ شالاڭلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارغا باغلىق ، قارا پىگىمىنىت قارا تەنلىكلەرنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىگىچە زىچراق تارقالغان ، سېرىق تەنلىك بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىقى يۈز تېرىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قەۋىتى بولغان نېگىز قەۋىتىدە بولىدۇ. ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا پىگىمىنىت ھۈجەيرىلىرى سېرىق تەنلىكلەرگە قارىغاندا ئاز بولىدۇ، تېرە رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلىقى تېرىنىڭ ھەر قايسى ئورنىدا ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى بويۇن، قول، دۇمبە، يېرىق، كىندىك، بوغۇم يۈزى، ئەمچەك توپچىسى، ئەمچەك دىغى، مەقەت ئەتراپى ۋە چوڭ جىنسىي لەۋ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تېرە رەڭگى نېسبەتەن قېنىق، ئالقان، تاپان تېرىلىرىنىڭ رەڭگى بەكلا سۇس بولىدۇ.قارا پېگىمىنىت تېرىدىن باشقا ئورگانىزىمنىڭ تۈك شارچىسى، رەڭدار پەردە، تۇمۇرلۇق پەردە، بۆرەك ئۈستى يىلىك ماددىسى بىلەن پوستىلاق ماددىسىنىڭ تورسىمان بەلباغ قىسمى ۋە مېڭە سۈر ماددىسى قاتارلىق ئورۇنلار دىمۇ بولىدۇ.

تېرىدىكى قان تومۇر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى قان تېرىنى «قارىغا قىزىللىق ياكى ئاققا قىزىللىق يۇشۇرغان»رەڭدە كۆرسىتىدۇ. قان تومۇر ئازراق، ئورنى چوڭقۇرراق ياكى قان تومۇر قىسقىرغان، قان بىلەن تەمىنلىنىشى ناچارراق بولغان ئورۇننىڭ تېرىسى ئاقارغان بولىدۇ. يۇز قىزىل بولۇشنىڭ سەۋەبى:بىرىنچىدىن يۈز قىسمىدا قانتومۇر مول بولغانلىقىدا ، ئىككىنچىدىن، بۇ قانتومۇرلار ھەرخىل غىدىقلاشلارغا ، بولۇپمۇ روھى ۋە پىسخىك غىدىقلاشلارغا ئىنتايىن سەزگۈر بولغانلىقىدىن ئاسانلا قانتومۇرلارنىڭ كېڭەيگەنلىكىدە ناۋادا كېڭەيگەن قانتومۇرلاردىكى قان راۋان بولمىسا ياكى قان قېيىش يۈز بەرسە ۋە ياكى قان تەركىبىدىكى ئوكسىگىن مىقدارى تۆۋەن بولسا، مەزكۇر ئورۇننىڭ تېرىسى كۆكۇش قىزىل، ھەتتا سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ، بۇ مىدىتسىنادا«كۆكىرىش»دەپ ئاتىلىدۇ. كاروتىن ئالقان، تاپان تېرىسىنىڭ چوڭقۇرراق قىسمىدا بولۇپ ، تېرىنى سارغايتىدۇ، يۈقىرىدىكى ئۈچ ئامىلنىڭ بىرىكىشىدىن نورمال تېرە رەڭگى قارا-قىزىل-سېرىق-ئاق ئارلىقىدىكى رەڭدە بولىدۇ، سېرىق تەنلىكلەرنىڭ تېرىسى قوڭۇر سارغۇچ رەڭلىك، سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، سارغۇچ قۇڭۇر رەڭلىكلەرنىڭ ئىچىدە يەنە ئاق قىزغۇچ، قارا رەڭلىك ئادەملەر بولىدۇ، قارا پىگىمىنىتنىڭ ئاساسلىق رولى كۇن نۇرىنىڭ ئادەم بەدىنىنى زەخمىلەندۇرۇشىدىن ساقلايدۇ.

تېرىنىڭ رولى

تېرە ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى سىزىم ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە پۇتۇن بەدەن پائالىيتىگە قاتنىشىپ ئادەم بەدىنى بىلەن سىرىتقى مۇھىتنىڭ قارىمۇ-قارشىلىقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلايدۇ.ئۇنىڭ قوغداش، بەدەن تىپىراتورىسىنى تەڭشەش، ئاجرىتىپ چىقىرىش، ئۆزلەشتۇرۇش، سىزىش، ماددا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.

7.تېرىنىڭ قوغداش رولى

تېرىنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان قوغداش رولى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكىدەك تۆت خىلغا يېغىنچاقلشقا بولىدۇ.

1.مىخانىكىلىق غىدىقلاشلاردىن قوغداش رولى:ئۈستۈنكى تېرىدىكى مۇڭگۈز قەۋەت قاتتىق زىچ بولۇپ بەدەننى سىرتتىن كەلگەن غىدىقلاشلاردىن قوغداش رولى بار، تېرىنىڭ دائىم بېسىلىشقا ۋە سۈركىلىشكە ئۇچرايدىغان قىسمى قېلىنلىشالايدۇ ياكى ياپىلاق قاداق ھاسىل قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بېسىلىش ۋە سۈركىلىشكە تاقابىل تۇرىدۇ. ھەقىقى تېرىنىڭ كوللاكىنلىق تالالىرى بىر قەدەر توم بولۇپ تېرىنى بىر قەدەر كۈچلۇك بولغان سوزۇشلارغا چىداتقۇزالايدۇ. تېرىدىكى ئەۋرىشىم تالالار تېرىنى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئەۋرىشىملىككە ئىگە قىلالايدۇ، تېرە ئاستىدىكى مايلار كۆپىچەكلىك رولىنى ئويناش بىلەن سىرىتتىن كەلگەن مىخانىڭ زەخمىلىنىشنى ئازايتالايدۇ.

2.فېزىكىلىق زەخمىنىلىشلەردىن قوغداش رولى

(1)تېرە ماي بەزلىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان تېرە ياغلىرى تېرىنىڭ يۈزىدە تەرۋە سۇلر بىلەن بىر قەۋەت سۈتلەشكەن مايلرنىڭ نېپىز پەردىسىنى شەكىللەندۇرۇپ، مۈڭگۈز قەۋىتىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېرىلىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇنداقلا تېرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ زىيادە پارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ۋە بەدەن سىرتىدىكى سۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ.

(2)مۈڭگۈز قەۋەتنىڭ توك ئىقىمىغا مەلۇم قارشىلىقى بار، شۇنىڭ ئۈچۇن تېرە قورغاق چاغلاردا توكنىڭ سوقىشىغا ئوڭاي ئۇچرىمايدۇ، تېرە نەم چاغلاردا توكقا بولغان قارشىلىقى ئازىيدۇ-دە،توكنىڭ سوقىشىغا ئاساسەن ئۇچرايدۇ.

(3)ئولتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ زەخمىسىدىن ساقلايدۇ، مۆڭگۈز قەۋەت بىلەن رەڭدار ماددىنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ زىينىدىن ساقلىنىشتا مۇھىم رولى بار. ئۈزەكى تېرىدىكى مۈڭگۈز قاتلام كۈن نۇرىنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۋىتىدۇ. يەنە ئۈزەكى تېرىگە ئۆتكەن ئولتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇزۇپ قالىدۇ، يۈزەكى تېرىدىكى قارا رەڭدار ماددىنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا نىسبەتەن ئۆزلەشتۇرۇش ۋە توسۇش رولى بار، شۇڭلاشقا چوڭقۇر قاتلم توقۇلمىلارنى قوغداپ زەخمىگە ئۇچراتمايدۇ، ئاقراق تېرىلەرگە قارىغاندا رەڭگى قېنىقراق تېرىلەرنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا ۋە كۇن نۇرىغا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى بولغان چىدامچانلىقى بار .

3.خېمىيۋى ماددىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش رولى:-خېمىيۋى ماددىلارغا نىسبەتەن تېرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىش رولى بولۇپ، ئۈزەكى تېرىنىڭ كىسلاتا، ئىشقارلارغا نىسبەتەن مەلۇم قارشىلىق كۈچى بولىدۇ، تېرىنىڭ خېمىيۋى ماددىلرغا بولغان مۇھاپىزەتچىلىك رولى ئاساسەن ئۇنىڭ زىچ بولغان مۇڭگۈز قەۋىتىدە ئۇ سۇ ۋە خېمىيلىك ماددىلارنىڭ سېڭىپ كېرىشىدىن ساقلايدۇ، ئەمما ئۇ ئۆتۇشكە بولمايدىغان توساق ئەمەس قەۋەت قانچە ۆكپ، قانچە قېلىن بولغانسېرى سۇ ۋە خېمىيۋى ماددىلارنىڭ كېرىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ.

4.تېرىنىڭ جاراسىملاردىن مۇداپىئە كۆرۇش رولى:-تېرە دائىم دېگۈدەك قاراسىملارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئادەتتە يۇقۇملىنىش يۈز بەرمەيدۇ، بۇ تېرىنىڭ جاراسىملارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ، ئادەتتە تېرىدە دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جاراسىملارنىڭ ئاساسەن بىر قانچە خىل بولۇپ بۇلار ئادەتتە كېسەل قوزغاتمايدۇ. چۇنكى بۇلار تېرىدىكى تېرە ماي بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ماي ماددىلىرى تەرپىدىن تېزگىنلىنىپ تۇرىدۇ.

8.بەدەن تىمپىراتورسىنى تەڭشەش رولى

ئورگانىزىمنىڭ نورمال خىزمەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۇچۇن بىر قەدەر توراقلىق بولغان بەدەن ھارارىتى بولۇش زۆرۈردۇر. بەدەن تىمپىراتورسىنى تەڭشەپ تۇرۇشتا تېرە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بەدەن ھارارىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بولغان قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تېرىدىكى سەزگۈ نىرۋىلىرى سىرىتقى مۇھىتتىكى تىمپىراتورا ئۆزگىرىشىنى مېڭىدىكى تىمپىراتورا تەڭشەش مەركىزىگە يەتكۇزۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىرىتقى مۇھىتنىڭ ھارارىتى سەل يۇقىرلىسا ، تېرىنىڭ قىلقان تومۇرلىرى سەل كېڭىيىپ، تېرىنىڭ تىمپىراتورسى يوقىرلاپ، تارقىلىدىغان ئىسىقلىق مىقدارى كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ھارارىتى زىيادە ئكرلەپ كەتمەيدۇ، ئەگەر سىرىتقى مۇھىتنىڭ ھارارىتى تۆۋەنرەك بولسا تېرىدىكى قىلقان تومۇرلار تارىيىش بىلەن بىرگە ئاز قىسىمدىكى تارماق قىزىلقان تومۇردىن ئۆتمەستىن بەلكى قىزىل قان تومۇر، كۆك قانتومۇر تارا مۇشلىرى ئارقىلىق بىۋاستە كۆك تومۇرغا قايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى ئازىيىپ بەدەن ھارارىتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ.تەرنىڭ پارغا ئايلىنىشى ئارقىلىق بىر قەدەر كۆپ بولغان ئىسىقلىق مىقدارى خوراپ كېتىدۇ، بۇ بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

9.ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى

تېرە ئاساسەن تەر ۋە ماي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

1.تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى: تەرنى تېرىدىكى تەر بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاجرىتىپ چىقىرىش پائالىيتىنى ئاز ساندىكىلا تەر بەزلىرى ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا سىرىتقا چىقىرىلىدىغان تەر ئاز بولۇپ، كېشىلەر سىزىۋالالمايدۇ، بۇ روشەن بولمىغان «تەرلەش»دەپ ئاتىلىدۇ، بەدەن ھارارىتىنىڭ ئۆرلىشى ياكى روھى تەسىرلەر تەر بەزلىرىنىڭ پائالىيتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. تەرنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى مېڭىدىكى ھارارەتنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ تىزگىنلىنىشى بىلەن بولىدۇ. بىر مىللىلىتىر تەرنى پارغا ئايلندۇرۇش ئۇچۇن 0.5 كىلو كالورىيە ئىسىقلىق ئىنىرگىيسى سەرىپ بولىدۇ. قاتتىق ئەمگەك قىلغاندا سائىتىگە 1000-3000مىللىمىتىرغىچە تەر چىقىدۇ، كۆپ تەرلىگەندە سۇ ۋە ئىلىكتىرولىتلار تەڭپۇڭلىقى بوزۇلىدۇ. چۇنكى تەرنىڭ تەركىبىدە %99 سۇ، بىر پىرسەنىت ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرى بولىدۇ.

2.ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى: تېرە مايلىرىنى ئاساسەن ماي بەزلىرى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئۈستۈنكى تېرىلەرنىڭ مۈڭگۈزلىشش قەريانىدا شەكىللىنىدۇ، ئۇ ياش قورامى، جىنسى ئايرىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ئانا تىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۇچۇن تېرە مايلىرىنىڭ شەكىللىنىشى بىر قەدەر كۆپرەك بولىدۇ. بىر قانچە ئاي ئكتكەندىن كېيىن ئەرلىك ھورمۇننىڭ تەسىرى تەدرىجى ئازىيىپ كېتىدۇ. ياشلىق دەۋىرگە يەتكەندە جىنسىي بەزلەر ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى ئىشلەپچىقارغان ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كېتىپ تېرە ياغ بەزلىرىنى زورايتىپ، مايلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.تېرە مايلىرى تېرە ماي بەزلىرىدە توپلىشىپ نەيچىلەرنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كەتكەندە تۈك خالتا ئېغىزىدىن سىرىتقا چىقىرلىدۇ. تېرە مايلىرى تېرە يۈزىگە چىقىپ تەر ۋە سۇ بىلەن سۈتلەشكەن پەردە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ سۇلرنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى توسىدۇ. تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ. سۇنىڭ تېرىگە سېڭىپ كېرىشىنى توسىدۇ. تېرە مايلىرى كىسلاتالىق، ئىشقارلىق ماددىلارنى نورماللاشتۇرىدۇ. جاراسىملارنىڭ تېرىدە كۆپىيشىنى تېزگىنلەيدۇ.

10.ئۆزلەشتۇرۇش رولى

تېرە-مۇتلەق زىچ بولغان، ئۆتكۇزۇش خاراكتېرى بولمىغان توقۇلما ئەمەس، بەز ماددىلار تاللانغان ھالدا ئۈزەكى تېرىدىن ئۆتۇپ كېتەلەيدۇ. ھەقىقى تېرە ئۆزلەشتۇرۋىلىپ پۇتۇن بەدەنلىك تەسىر قوزغىتىدۇ، تېرە ئارقىلىق ئۆزلىششىنىڭ ئادەتتە ئۈچ خىل رولى بار.

(1) ئاساسەن مۈڭگۈز قەۋەت ھۈجەيرە قەۋەتلىرىدىن سىڭىپ ئۆتۇپ مۈڭگۈز قەۋەت ھۈجەيرىلىرىگە كېرىدۇ. ئاندىن يۈزەكى تېرىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىدىن ئۆتىدۇ.

(2) ھەجىمى چوڭ ۋە ئوڭاي سىڭىپ ئۆتەلمەيدىغان، سۇدا ئىرىيدىغان ماددىلارنىڭ ئاز قىسمىلا تۇك خالتا ئېغىزى، تېرە ماي بەزلىرى، تەر بەز نەيچىلىرى ئارقىلىق ئۆزلەشتۇرۋىلىنىدۇ.

(3)ئاز مىقداردىكىلىرى مۈڭگۈز قەۋەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارلىقلىرىدىن سىڭىپ ئۆتۇش بىلەن كېرىدۇ، دورىلارنىڭ قورۇلمىسى بىلەن خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، شۇنداقلا بەدەن تېرىسى قېلىن نېپىزلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئۆزلەشتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن:ياغسىمان ماددىلار ۋە ياغدا ئىرىيدىغان ماددىلر يۇمران ، نېپىز ۋە نەملەنگەن تېرىدىن نىسبەتەن ئاسان ئۆتىدۇ. دورىلارنىڭ قويۇق-سۇيۇقلۇق دەرىجىسىمۇ تېرە ئارقىلىق ئۆتۇپ ئۆزلەشتۇرۇشكە تەسىر يەتكۇزىدۇ. قاتتىق جىسىملار تېرىدىن سىڭىپ ئۆتەلمەيدۇ.ھايۋان ياغلىرىنىڭ تېرىدىن ئۆتىشى ئۆسۈملۇك ياغلىرىغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ.

11. سىزىش رولى

ئۈستۈنكى تېرە ھەقىقى تېرىدە ناھايىتى مول سەزگۈ نېرۋىلارنىڭ ئۈچلىرى بولغانلىقتىن ھەرخىل تاشقى غىدىقلار مەسىلەن؛ ئىسىقلىق، سوغۇقلۇق، ئاغرىش، يېرىكلىك، سىلىقلى، قاتتىقلىق، يۇمشاقلىق،نەملىك، تىتىرەش، ئېغىرلىق، يەڭگىللىك قاتارلىق كۆپ خىل تەسىرلەرنى سىزىش قابىلىيتى ۋە ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ تۈرلىرىنى پەرىقلەندۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. تېرىنىڭ يەنە قىچىشىشىنى سېزىش ئالاھىدە قابىلىيتى بار. بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىنىڭ قىچىشىشىنى سىزىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. سىرىتقى قولاق يولى، بۇزۇق، سىرىتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىقلارنىڭ سەزگۈرلىكى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.

12.ماددا ئالماشتۇرۇش رولى

تېرە قان ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئورگانىزىمدا ماددا ئالمىشش توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا تېرىنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرشىغا تەسىر يەتكۇزۇپ ، بەزى تېرە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، ئەكىسچە تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشتىكى ئېغىر توسقۇنلىقى پۇتۇن ئورگانىزىم ھالىتىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ.

تېرىدە سۇ ، ئىلىكتىرولىتلار، ئاقسىل، شىكەر، مايلر بولۇپ ئۇلار ماددا ئالمىششقا قاتنىشىپ تېرىنىڭ تەبىئى خىزمىتىنى تەڭشەش ۋە بەزى فىرمىنىتلارنى جانلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تېرىدىكى سۇ تەركىبى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %20-%18 گىچە ئېغىرلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تېرىنىڭ ئىچكى مۇھىتنى ساقلاشتا ۋە بەدەندىكى سۇنىڭ ئالمىشىشنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاقسىللار ئۈزەكى تېرە ھۈجەيرىسى بىلەن فىرىمىنىتلارنىڭ مۇھىم تەركىبى قەنىتلەر ماددا ئالمىشىنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۈزەكى تېرىدە سۈت كىسلاتاسىغا پارچىلىنىپ، تېرە سىرىتقى يۈزىنىڭ كىسلاتالىقىنى ساقلاشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ياغلار ئاساسلىقى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا تارقىلىپ ئېنىرگىينى ساقلايدۇ ۋە بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      sansiz15

      يېقىندىن بۇيان سەللە ئىسىپ ،يەنى ئۆينىڭ ئىچى بەك ئىسسق بولۇپ،كەتسە ياكى ھەركەت قىلىپ بەدىنىم قىزىپ كەتسە پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى ،بۇنىڭ نېمىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.بۇنىڭغا ئامالى بارمۇ؟

    • #2
      555rikabatqi

      sansiz15 سىزنىڭ بۇ ئەھۋاللار يىمەكلىكتىن كېلىپ چىققان بەدەن قىچىشىش يەنە مەلۇم يىمەكلىك تىن زەخەرلىنىش

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...