مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

مېڭىگە زىيانلىق ئامىللار

1.تولا ئاچچىقلىنىش، روھىي چۈشكۈنلۈك، ھەسەتخورلۇق، ئىشق-مۇھەببەت، ئاشىق- بىقارارلىق، شەھۋانىي فىلىم ۋە رەسىملەرنى كۆرۈش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار مېڭىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، ئۇ مېڭىدىكى قۇۇۋۋىتى شەۋقىيە(ئىنتىلدۈرگۈچى قۇۋۋەت) بىلەن قۇۋۋىتى مۇتتەخەييىلە( خىيال قىلش قۇۋۋىتى) نى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. نەتىجدە ئادەمنى ئۆز-ئۆزىگە ئاچچىقلايدىغان، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان،جۇنۇن قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىپ قويىدۇ.

2. بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانىدا ئادەم مېڭىسىنىڭ سەرىپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ھەم چارچارشمۇ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، نەتىجىدە مېڭىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، شۇڭلاشقا يېتەرلىك ئۇخلاپ، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش، مېڭىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

3. ئاز ھەرىكەت قىلىش ۋە ھورۇنلۇق قىلىش يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى، گومان قىلىش- قوغدىنىشقۇۋۋىتى ۋە ئەستە ساقلاش قۇۋۋىتى قاتارلىقلار ئاجىزلاپ، مېڭىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەقلىي تەپەككۇرى ئاجىز، ئىنكاسى سۇس بولۇشتەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، شۇڭالاشقا مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرۇش بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئۈچۈن پايدىلىق، ھەممىگە مەلۇم بولسۇنكى ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى ئادەمگە ناھايىتى زىيانلىق.<<ھەرىكەت دىمەك بەرىكەت دىمەكتۇر>> ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن چۇقۇم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم.

4. پىچاقنى ئىشلەتمىسە دات باسقانغا ئوخشاش مېڭىنى ئىشلەتمەسلىكمۇ مېڭىدىكى قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئەقلىي تەپەككۇرنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ.

5. مۇۋاپىق ئوزۇقلانماسلىق مېڭىنى قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تولۇق تەمىنلەپ بىرەلمەي، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇشى، پاھىشۋازلىق،جەلەق(ئانانىزىم)نىڭ كۆپ بولۇشى،كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلار بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنى كۆپلەپ سەرىپ قىلىپ، قۇۋۋەتلەرنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ تەبىئىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ-دە، يۈرەكتىكى روھىي ھايۋانىي بىلەن مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەرخىل نېرۋا ئاجىزلىقلىرى ۋە باشقا پۈتۈن بەدەنلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا،جىنسىي مۇناسىۋەتىنىڭ نورمال بولۇشى ئادەمگە ناھايىتى پايدىلىق.

7. يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېىرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى ماي ماددىسى ۋە خولېستېرىن ئېشىپ كېتىپ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستلىشدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش، مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا ئۆلۈپ كېتىش خەچپى كېلىپ چىقىدۇ.

8. مېڭىگە زىيادە سوغۇقلۇق ۋە زىيادە ئىسسىقلىق تەسىر قىلىشىدىن مېڭىدە ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش بولىدۇ. زىيادە سوغۇقلۇق تەسىر قىلسا مېڭە قان تومۇرلىرى قورۇلۇپ، مېڭە قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش تولۇق بولمايدۇ. زىيادە ئىسسىقلىق تەسىر قىلىشتىن مېڭە ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى پەيدا بولىدۇ.

9. ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش مېڭىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، مېڭىدە ماددىسىز ئىسسقتىن مىزاج بوزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىش ۋە ھەرخىل قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

10. ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت ياشىغاندا( بۇنداق جايلاردا ئوكسىگېن شالاڭ بولغاچقا)، مېڭىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماي، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىي ئاجىزلاپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئېغىر بولغانلاردا شوك بولۇپ قىلىش كۆرۈلىدۇ. ئېگىز تاغلار ۋە ھاۋاسى شالاڭ يەرگە چىققاندا كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە ھوشىدىن كېتىشنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ.

11. كەسپىي ئامىللار، مەسىلەن: داۋاملىق ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يەنى ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچى، كاسسىر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلاردا مېڭىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇن، سەرىپ قىلىدىغان قۇۋۋەت ۋە كۈچمۇ كۆپ بولغاچقا، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىي بىلەن قۇۋۋىتى نەپسانىي ئاجىزلايدۇ، نەتىجىدە خىيال قىلىش قۇۋۋىى بىلەن تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، ئەقلىدىن ئادىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق، نېرۋىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، ئۇندىن باشقا ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىش بىلەن بىرگە مېڭە بالدۇر قېرىيدۇ.

12 غەرب تېبابىتى ئىشلىتىپ كەلگەن رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى، قوزغاتقۇچى، ھاياجانلاندۇرغۇچى، كۈچلەندۈرگۈچى ۋە جىنسىيەت دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھورمۇن تەركىبلىك دورىلار بولغاچقا، بۇنداق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە روھىي نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نېرۋا خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

13. يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيىلىك بۇلغىنىشى( خىمىيىلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى كۆپ ئىشلىتىلگەن يېمەكلىكلەر)، خىمىيىلىك دورىلار قاندا ئوفۇنەتلىنىش ۋە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل قان مېڭىگە يېتىپ بارغاندا مېڭىنى نورمال ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىيەلمەي ھەم مېڭە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىنى زەھەرلەپ، مېڭىدىكى روھىي نەپسانىينى سۇسلاشتۇرىدۇ ياكى يوق قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئايلىنىپ كېتىش، ساراڭ بولۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈپ كېتشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

14. ئەقلىي ئەمگەكنىڭ كۆپلۈكى مېڭىگە بولغان بېسىمنى يۇقىرلىتىۋېتىپ، قۇۋۋىتى نەپسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مېڭىنى چارچىتىدۇ ھەم مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

15. پاكىز بولمىغان مۇھىت ئادەمنىڭ مېڭىسىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ، روھىي نەپسانىينى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ ھەم ئەقلىي تەپەككۇرىينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش

كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80خالتا بلوگى ئۈچۈن بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      مىسران

      مەندە سىز ئوتتۇرغا قويغان ئامىللارنىڭ كۆپىنچىسى بار ئىكەن،بىرىنجىسىنى كۆرۇپلا ھەيران قالدىم،مىنى يازغاندەكلا يېزىپسىز،مەندە بىھۇدە غەم،ئاچچىقلىنىشنىڭ كۆپلىكىدىن يېقىندىن بېرى تڭلا ئۆز-ئۆزۇمگە سۆزلەيدىغان بوپقالدىم.گەرچە ئېغىر بولمىسىمۇ،ئۆزۇم يالغۇز ،ئاچچىقلىغان ۋاقىتتا ئىچىمدە ئۆزۇمنى تىللايدىغان،ئۆزۇمگە تۇلا سۇئال قۇيدىغان ئەھۋال بار.مەن تىخى بۇنى كىسەللىك دەپ ئويلىماپتىكەنمەن،بۇگۇن بۇنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتىم.مەن ئوقۇغۇچى،كاللاممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتكۇر ئەمەس،ئانانىزىممۇ بار،ھەركۇنى دەرىس ئۇگىنىپ تاكى كومپۇتىر ئىشلىتىپ بىر قەدەر كىيىن ئۇخلايمەن.مەن سەل ئۆزۇمدىن ئەنسىرەپ قالدىم.بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز،رەخمەت!

    • #2
      miskin520

      مەن دائىم مۇنچىگا چۇشكەن كۇنى كېچىدە شەيتان ئاتلاپ كۇيىدۇ بۇ زادى نىمە سەۋەپتىندۇ؟

    • #3
      pakdil

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
      تەنلىرى سالامەت بولغاي.
      مەن يېقىندىن بېرى بەك ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپقالدىم. بۇنى داۋالاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا!

    • #4
      kargvli

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
      تەنلىرى سالامەت بولغاي.
      يېقىندىن بېرى،بەزىدە بېشىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يېرىمى ئاغرىسا،بەزىدە سول تەرەپ يېرىمى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى.شۇنداقلا،يېقىندىن بېرى،تولا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.بۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى بارمىدۇ؟
      يول كۆرسەتكەن بولسىلا!

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ