يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: مەرۋەرى

جىددى ئۇقتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بىر قانچە كۈن كۈزەتتىم...
  ئەمدى مەن ئويلىغىنىمنى ئوتۇرىغا قوياي:
    ئايدار، تىپىك ئەسەرلىرىدىن:يەتتە قىز قەلئەسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر،دادا مېنى باغرىڭغا باس، ئىپپەت ئاچقۇچى
قاتارلىقلار. مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل ئىجادى تېما يېزىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئەزالارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۆزى يازغۇچى بولغاچقىمىكىن قەلىمى بەك كۈچلۈككەن.

   ئايقىز: يېقىندىن بۇيان مۇنبەرگە كىرەلمىدى، ئەمما ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100 نادىر شېئىرنى تورداشلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى، تۆھپىسى زور.بۇ يەردىن كۆرۈڭ


   ئاھۇ: بۇ ھەدىمىزنىڭ شېئىرلىرى لىرىك ھېسلارغا تولغان، يەنىلا ئىجاد قىلىدۇ. ئاز بولمىغان شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش ئۆزىنى بۇرۇن تونۇمايدىغانلارغا تونۇتتى. ئاساسلىق شېئىرلىرى:   پەلەكنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالغىن قۇل بولۇشنى ئستىدىم  مۇھەببەتنىڭ پايانى..........قاتارلىقلار.

   ئۆتكەن كۈنلەر: ئەپەندىم ئىزچىل ھالدا ئۆزى شېئىر يېزىپ مۇنبەرداشلارغا تەقدىم ئېتىپ كەلدى، شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ياخشى ئادا قىلدى، دەپ قارايمەن. تىپىك ئەسەرلىرى:
تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم  ،ئازاپقا ئوخشىغان سۆيۈملۈك ئادەم ............قاتارلىقلار.

   تىنىچ تۇرمۇش: بۇ كىشى مۇنبەرگە كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە پۇتۇنلەي تۇرمۇشتىكى ئەڭ يارقىن، تىپىك ئىش-ھادىسىلەرنى يېزىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، يازمىللىرى كۆپچىلىكنى ياخشىلىققا، مېھرىبانلىققا، ئىللىقلىققا باشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۇرمۇشنى كۈزىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. يازمىللىرىدىن:
دەرىزەمنىڭ سىرتىغا يەنە بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويدۇم  ... ئەيدىز ۋە ھاجەتخانىدىكى خەتلەردىن تۇغۇلغان ئويلار ،  سىز يۈسۈفتىن چىرايلىقمۇ؟.........قاتارلىقلار. يازمىللىرى چىن، ھەقىقى.
   خۇشچىراي: مۇنبىرىمىز ئاشپىزى، داڭلىق قورۇمىكەش خانىم، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇستام. مۇنبەرگە كىرگەندىن تارتىپ پۈتۈنلەي كەڭ خانىم-قىزلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەمدە بولۇپ، ئېتىش تەسرەك بولغان تائام ۋە قورۇمىلارنىڭ ئېتىش ئۇسۇللىرىنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ، كەڭ خانىملارغا يىراقنى يېقىن قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسلەن:

ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى، توخۇ دۈملىمىسى يەپ باقامسىز؟  قۇرغاق قورۇما چۆپنى يەپ باققانمۇ ؟
بۇ تاماقلارنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز ؟ ، .........قاتارلىقلار

   دىلەيسەم: ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، مۇنبەردىكى ئايىقى ئىتتىك چوكان دىلەيسەم جۇشى. دىلەيسەم خانىم گەرچە يېقىندىن بېرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ كىرەلمىسىمۇ، ئەمما قوشقان تۆھپىللىرى كۆپ. تۇرمۇشتىكى ھەقىقى ئىش، ھەقىقى شەيئىلەرنى ناھايىتى ياخشى شەرھىلەپ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان ھەم قايىل قىلىدىغان شەخسى يازمىللىرى بار.
تاشلاندۇق خاتىرە ، بالىلىققا قايتقۇم بار ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ!،  سىز قانداق كىتاپلارنى ئوقۇغان؟ ، توردا تونۇشقان دوستلار ....قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتكە يېقىن، ئەزالارنى جەلىپ قىلارلىق تېمىلارنى يوللاپ كەلمەكتە.

   نەۋرىزە: ھەدىمىز مۇنبەردىكى ئۆزى ئىللىق، كىشىگە ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىدىغان تەكلىپلىك ئەزا. كۆپىنچە ئاياللار ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا يازما يازىدۇ. ئاياللارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە، تەنقىد-تەربىيە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئۆينى بۇزغان....ئۆي!، قازان بېشىدىن يىراق، بەخىتتىن يىراق، ئاياللار ئايغا ئوخشايدۇ ، سىز تۇرمۇشقا چىقتىڭىز.....قاتارلىق ئېسىل يازمىلىرى بار.

  
  بۈگۈنچە مۇشۇلار، ئەتە داۋاملىق يوللايمەن. ھېلىمۇ بەك ھاردىم... بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ...



ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
109 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
267
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەزالاردىن تېخى نامزات كۆرسەتمىدىم ، ئازراق ئويلىنىۋېلىپ كۆزىتىۋېلىپ كەلدىم ئەمدى ......
مەن پاسسىپ ئەزا بوپ قاپتىمەن قارىسام ، كىلەر يىلى سايلىغاندا چۇقۇم ئۆزەمنى كۆرسىتىمەن ، بۇ قېتىم قېپ تۇراي ئۈزەمنى بىلىپ .....

ئايدار ، ئاھۇ ، تىۋىش ، دىلروھ ، تىنچ ھايات ، ئىسىل ، جۇلالىق ، يەتتە يىگىت ، دىلەيسەم ، نەيىمە ،  ئۆتكەن كۈنلەر  ......


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hilal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:21  


Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ سېپى ماڭا تىگىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ....مەرىمخان : كارتا نومۇرۇمنى دەپ بىرەيمۇ؟ 4 خانىلىق پۇل سەپ بەرسىلە...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا ئىسمى ئاتالغان بىر نەچچە دوستىمىزنىڭ مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور، بولۇپمۇ ئايدار ھەدەمنىڭ تېمىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:15
قارىغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ سېپى ماڭا تىگىپ قالىدىغان ئوخ ...

ئايدار ھەدە، قوش قەلەم ھەققى ئالماقچىمۇ قانداق

Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلسەنەم يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:30
ئايدار ھەدە، قوش قەلەم ھەققى ئالماقچىمۇ قانداق

ئەگەر مەرىمگۈل بىرىمەن دەپ تۇرىۋالسا، مەن ئالمايمەن دىسەم قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدىكەنمەن. شۇڭا ئەپ قوياي دىدىم. چ چ نومۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭە بىللە خەجلەيلى....قانداق دىمىدىم؟!!

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:39
ئەگەر مەرىمگۈل بىرىمەن دەپ تۇرىۋالسا، مەن ئالمايمەن  ...

ئاۋال دوللار سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا كىرسۇن، ئاندىن دەپ بېرەي

Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرەمدۇ يوق بىلمەيمەن جۇمۇ ...ئىشقىلىپ كىتاب بىرىمىز دىسە ›› تۈركى تىللار دىۋانى ‹‹ نىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى دەپ تۇرىۋالمىسام.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
128

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:01
يۇقۇردىكى بىر نەچچە ئىنكاسلاردىكى تىلغا ئېلىنغان دوست ...

مەن قۇشۇلالمايمەن ، بۇنىڭغا چۇشلۇق تۆھپە بۇلىشى كېرەك . مەن ئوغىرى چاشقاندەك ئاران ماراپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىۋاتىمەن . مەن تارىخى ماتىرياللاردىن باشقىغا قىزىقمىغاچ ھازىرغىچە مۇنبەرگە تۇزۇكرەك بىر تېما يوللاپ باقمىدىم . ھەم ۋاقىتمۇ چىقىرالمىدىم . بۇ سەپكە مىنى قۇشىۋالسىڭىز قاراپ تۇرۇپ مىنى ئوسال ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيىسىز مەرىمخان .
يېقىندىن بېرى شۇنداق ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىمكى نەچچە ئون كۇندە ئاران بىر قېتىم كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلەلىدىم .
****************
مەن تۇرمۇش يۇلۇمدا شۇنداق بىر پۇتلاشتىمكى ھازىرغىچە دۇم چۇشۇپ قاناپ كەتكەن بۇرنۇمدىن قاننى توختىتالمايۋاتىمەن ، شۇ سەۋەپتىن تۇزۇكرەك ۋاقىتمۇ چىقىرالمايۋاتىمەن ....
مەرىمخان مەن مۇنبەر ئۇچۇن كۆپ كۇچ چىقىرىپ بىرەلمىدىم ، ناھايتى خىجىلمەن . شۇنداق تۇرۇپ مىنى يەنە ئوسال قىلاي دەۋاتامسىز

باھا سۆز

نالە  بالدۇرراق قەددىڭىزنى رۇسلىۋېلىشىڭىزنى تىلەيمەن.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:02:05

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   روھچىن: ئۆتكۈر پىكىرلىك بۇ توردىشمىز ئىزچىل ياخىشى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قەلب خاتىرىلىرى ئۆزگىچە، كىشىنى ياخشىلىققا باشلايدۇ. نىكاھ، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆپرەك يوللايدۇ، ھەم بىر قانچە تۇرمۇش خاتىرىلىمۇ بار. مۇنبەردىكى ئەسەرلىرى«ئەر»دىسە لەببەي دە، بولمىسا«بەي بەي»دە، ئادىلنىڭ كۆزيېشى، ئائىلىنىڭ يىلتىزى نەدە ؟ قاتارلىقلار.
   يەتتە يىگىت: مۇنبەردىكى مۇزىكا شاھىنىڭ بىرى، ياۋرو مۇزىكىللىرىغا باي، مۇنبەرنى جانلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشقۇچى. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن مۇزىكىللىرى ئەزالارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىۋېتىدۇ.يەنە باشقا folk مۇزىكىللىرىمۇ ئېسىل. تىپىك ھېس-تۇيغۇلارغا باي بولغان ئاياللاردىن ئىبارەت بۇ گۈزەللەرگە ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل سىرىنى تۆكۈدىغان سورۇن ھازىرلىغۇچى. يەتتە قىز كۈندىلىك خاتىرىسى، ئىسپانىيەلىك ناخشىچى Tamara،ئۇيغۇرچە،تۈرۈكچە،ئۆزبەكچە ناخشىلاردىن تاللانما نى كۆرۈڭ!
   سايە: مۇنبەردىكى ئىنكاس شاھى(تېخى مېنى شۇنداق دەپتۇ)، بىر تېمىغا تېگىشكۈسىز ئىنكاس يازغۇچى، ئۆتكۈر پىكىرلىك، ھەقنى ھەق يازىدىغان، تۇرمۇشتىن ئالغان ئىلھاملىرى كىشىنى ئويغا سالىدىغان بۇ يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى 2011-يىلدا مۇنبىرىمىزدىكى ئىنكاسلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئەزا(باشقۇرغۇچى) نىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەرلىرى بۇ يەردە.مۇنبەردىكىلەرنى كەلتۈرۈپ ئوماققىنە يۇمۇرلار (1)، مۇنبەردىكى تۇنجى پائالىيەتكە ئىشتراك قىلىڭ، سىز يولدىشىڭىزنى قانداق ئويغىتىسىز؟......
   دىلروھ: تالانتلىق شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ چەۋرىسى، مۇنبەردىكى ئىنكاسچى ھەم ئەڭ ياخشى ناخشا تېمىسى يوللاش ماھىرى. مۇنبىرىمىزگە كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل ياخشى ناخشا ۋە ئېسىل شېئىرلارنى يوللاپ، كۆپچىلككە ئاز بولمىغان شېئىرلارنى يەتكۈزدى. ئادەتتە ئوقۇپ بولالمايدىغان ھەم ئوقۇپ بولالمىغان ياخشى شېئىرى ئەسەرلەرنى يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئاساسلىق يوللانمىللىرى:ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،ئاناڭ بەرگەن دۇئا بىلەن،قىزلار قەلبى قەدىرلەنگەندە....
   ئانار: مۇنبەرگە نەچچە كۈندە بىر كىرسىمۇ ئۆزگىچە پىكىر قىلىپ قويىدىغان، پىسخىكا تېمىچى بۇ گۈزەل يېقىندىن بېرى بالا بېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىرەلمەيۋاتىدۇ، ئەمما باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ كەلدى. تېمىللىرى: مۇستەقىللىق ئىقتىدارىڭىز قانچىلىك، ئانارنىڭ ئامراقلىرى ،  Nihan — Terk-I Diyar
  بۈگۈن كۆرسىتلىدىغان نامزاتلار مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن!  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 10:23  


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:03 , Processed in 0.046886 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش