ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 7731|ئىنكاس: 76

ئايدار-دادا مېنى باغرىڭغا باس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دادا، مېنى باغرىڭغا باس

ئىلاۋە: بۇ مېنىڭ يەتتە قىز تورىدىكى كەڭ دوستلارغا تۇتقان يەنە بىر سوۋغام. بۇ يەردىكى تورداشلار باشقا ھەر قانداق توردىكىگە ئوخشىمايدۇ،ئىنكاس ۋە تېمىلار شۇنداق جايىدا، مەنمەنلىك ۋە ئاتىكاچىلىق يوق. شۇڭا خوشاللىقىمدىن ئەسەرلىرىمنى ئايىماي بىرىۋاتىمەن. بۇ يەردىكى تورداشلىرىم، ئەسىرىم ھەققىدە بەس-مۇنازىرە، پەرەزلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار. ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىپ تۇرساڭلار دەپ بۇ ئەسىرىمنى باشلىدىم.

كىچىك چېغىمدىكى ئىشلارنى غۇۋا ئەسلىيەلەيمەن، دادام بىلەن ئاپام ئىككىلىسىلا ئاچامغا ئامراق ئىدى، كەمپۇت تاپسىمۇ، مىۋە-چىۋە ئەكەلسىمۇ ئاچامغا بىرەتتى.
-ئاينۇر، تاماقنى ئىسسىقىدا يەۋالغىن، سوۋۇپ قالسا بولماس.
ئاچام قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ، تاماقنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە، دادام قويسا ئانام، ئانام قويسا دادام ئۇنى تاماققا چاقىرىپ ھالى قالمايتتى، مەن شۇنداق چاغدا بارمىقىمنى چىشلىگىنىمچە،بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم، ئەلۋەتتە، ماڭىمۇ بىر قاچا تاماق ئۈستەلگە قويۇقلۇق تۇراتتى، مەن ئاپامنىڭ ئاچامنى چاقىرغاندەك يېقىملىق ئاۋازدا
ــ ئايگۈل، تامىقىڭنى يەۋال،-دىيىشنى كۈتەتتىم، لېكىن ئاپام يا دادام ماڭا دىققەت قىلمايتتى، خۇددى مەن بۇ ئۆيدىكى بىر ئۈستەلدەك، ياكى بولمىسا بىر تامدەك، ئۇلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن سىرىت تۇراتتىم، لېكىن مەن ئاچامنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەتۋارلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم، مېنىڭمۇ ئازراق بولسىمۇ شۇنداق بىر مېھرىبانلىققا، كۆيۈمگە ئىگە بولغۇم كېلەتتى، بىراق ئۇ نەرسىنى مەن تاپالماي دىگۈدەك ئۆتۈپ كەتتىم. ئۇلار ئاچامنى چاقىرغاندا مەن تاماق ئۈستىلى قېشىغا كېلىپ. داستىخاندىكى داغلارغا قاراپ ياكى ئۈستەلنىڭ چۈشۈپ كەتكەن سىرلىرىنى سىيلاپ ئولتۇراتتىم، مېنىڭ بىغۇبار قەلبىم ئۇ چاغدىكى ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيتتى. شۇندىمۇ كۆڭلۈم نىمىنىدۇر تۇياتتى.
ئاچام قولىدىكى قونچىقىنى قويۇپ، ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى، ئۇ كېلىشى بىلەنلا ئاپام ئۇنىڭغا چاي ئېلىپ كەلدى، ماڭا بولسا ئۆزى ئىچىپ يېرىم قىلغان چاينىڭ ئۈستىگە ئازراق چاي قۇيۇپلا ئالدىمغا قويۇپ قويدى، ئاچامنىڭ خوشاللىقىغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ مەيۈسلىكىنى ئۇنتۇدۇم، پەقەت ئۇلا مېنىڭ مەيۈسلىكىمنى بىلەتتى. ئانام دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا قاچىسىدىن بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ مېنىڭ قاچامغا ئاستىلا سېلىپ قويدى ۋە ماڭا كۆزىنى قىستى، دەل شۇ چاغدىلا مەن ھارغىن كۈلۈمسىرىدىم. جىممىدە ئولتۇرۇپ تاماقنى يىدىم، تاماق ۋاقتىدا ئانام بىلەن دادام ئۇرۇشۇپ قالمىسىلا مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشۇپلا قالسا، مەن تاماقنىمۇ يىيەلمەيتتىم. بەزىدە شۇنچىلىك ئۇرۇشۇپ كىتەتتىكى، چىنە-قاچىلارنى چېقىشىپ، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى يەرگە ئاتاتتى، مەن تاماقنى قويۇپ، ئىككى قولۇم بىلەن قۇلاقلىرىمنى مەھكەم تۇسوپ ئولتۇرىۋالاتتىم ياكى ئۇلارنىڭ كۆزى چۈشمەيدىغان يەرگە بېرىۋالاتتىم، ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپلا قالسام، ئۆيدىكى چاقىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا مەن قالاتتىم.
-ھە، سەن شۇم، ھەممىنى قىلغان سەن، -ئانام بىر كۈنى غەزەب بىلەن مېنى بىرنى تەپتى، مەن تاماق ئۈستىلى قېشىدىن دۇملىغان پېتى دىۋاننىڭ قېشىغا كېلىپ قالدىم، مەھكەم تۈگۈلۈپ، جاقىلداپ تىتىرەپ كەتتىم، چىڭ يۇمغان كۆزلىرىمنى ئاستا ئاچسام دادامنىڭ پۇتلىرىنى كۆردۈم، ئەھۋال ئانچە ياخشى ئەمەس، دادام پۇتلىرىنى كۆتۈردى، بۇ چاغدا مەن ئىسىمنى يوقىتىپ قويدۇم.
ئىسىمگە كەلگىنىمدە ياتاق ئۆيدە يېتىپتىمەن، قېشىمدا ئاچام پىسىرلاپ يۈرەتتى، ئۇ مېنىڭ ئويغانغىنىمنى كۆرۈپ قولىنى لىۋىگە قويۇپ ‹‹گەپ قىلماڭ›› دەپ ئىشارە قىلدى.
-سەن بايام بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىڭ، ئۇلار بەك قورقۇپ كەتتى.
مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم، بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى. ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىگە كېلىپ سىرتقا قۇلاق سالدىم. ئۆي ئىچى جىمجىت ئىدى. ئاستا خالاغا كىردىم ۋە بىر دەملا يېنىپ چىقىپ ياتاق ئۆيگە كىرىۋالدىم.
بىزنىڭ ئۆيدىكى بۇ ھال مەن ئىسىمنى خېلى بىلگۈچە داۋاملاشتى. ئەھۋالدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەركىلەپ دادامنىڭ ئالدىغا كەلسەم، دادام ماڭا پەرۋا قىلمايتتى، بەزىدە جىقراق يېپىشىپ ئالسام، دادامنىڭ چىرايى تۈرۈلۈپ، ماڭا قاتتىق ۋاقىرايتتى ياكى :
-ماڭە، بېرىپ ئوينا، -دەپ ۋاقىرايتتى، لېكىن ئاچام ئۇنىڭ قېشىغا كېلىدىغان بولسا، دادامنىڭ كۆزلىرىدىن باشقىچە مېھرىبانلىق نۇرى چاقناپ، ئۇنى قۇچىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ بىرلىكتە تىلۋىزۇر كۆرەتتى، ئۇنىڭغا نىمىنىدۇر چۈشەندۈرەتتى، بىللە ناخشا ئوقۇيتتى، كەچتە ياتقىنىدا دادام ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بىرەتتى، ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرەتتى. لېكىن مەن گەپ قىستۇرمايتتىم، قىستۇرساملا بۇنداق ياخشى ئىشتىن قۇرۇق قالاتتىم.
بىر كۈنى ئۆيدە قاتتىق جىدەل بولدى، ئاچامنىڭ يىغىسى، يېلىنىشلىرىمۇ بۇ جىدەلنى پەسەيتەلمىدى، ئانام بىلەن دادام قاتتىق ئۇرۇشقاندىن كېيىن، مەن ئانام بىلەن چوڭئانامنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق، ئانام كىيىم ئىشكابىدىن كىيىملىرىنى ئالدى ۋە مېنى سىلكىشلىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى، ئاچام ئەگەشتى، لېكىن ئۇنى دادام تۇتىۋىلىپ ماڭغىلى قويمىدى.
مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم، بولۇپمۇ ئانام بىلەن دادام ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم موشۇنچىلىك، شۇندىن كېيىن مەن چوڭئانام بىلەن تۇردۇم، پەقەت چوڭئاناملا ماڭا بەك كۆيەتتى، ئۇ مېنىڭ بېشىمنى سىيلاپ ئولتۇرۇپ جىق ھېكايىلەرنى دەپ بىرەتتى. مەن بىنا ئۆيىمىزدىن مومامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىنلا، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق كۆيۈنىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم. ھاممام بىلەن تاغام چوڭئانامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇلار ئىككەيلەننىڭلا بالىلىرىنى ئوخشاش ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بىرسىنى ئەزىز، بىرسىنى خار كۆرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىقىپ بولغان ئىدىم.

داۋامى بار

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھــ-- پېقىر بىرىنچى بولۇپ سافادا ئولتۇرۇپتىمەندە~ ئايدار يارايسىز جۇمۇ:handshake مەن بۇ ھېكايىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاداش، مەدىتىڭىزدە يازغۇچى بوپ كىتىدىغان بولدۇم. قوللاپ بىرەرسىز.:kiss:

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
255
نادىر
1
جۇغلانما
305
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگەي قىزمۇ بۇ ، نىمانداق قىلىدۇ ئاتا - ئانىسى ؟ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى ~ :(

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:10 دە يوللىغان
ئۆگەي قىزمۇ بۇ ، نىمانداق قىلىدۇ ئاتا - ئانىسى ؟ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى ~ :(

ئۇنداق دىمەڭچۇ باغرىم، ئەگەر راستىنلا ئۆگەي ئاتا- ئانا بولۇپ مۇشۇنداق قىلسا خۇدايىم ئۇنىڭمۇ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۆگەي ئاتا-ئانا بولغۇچى شۇ بىر نۇقتىنى ئېنىق بىلسە بۇ نارسىدىلەردە گۇناھ يوق، گۇناھ بار دىيىلسە ئاشۇ مەسئۇليەتسىز ئاتا- ئانىدا بار، چۈنكى ئاشۇ بىگۇناھ نارسىدىلەرنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ ئۇلارغا مەسئۇل بولمىغان گۇناھ بىزدە، مەيلى ئۆز ئاتا- ئانا بولسۇن ياكى ئۆگەي بولسۇن بالىلارنىڭ مېھرى- مۇھەببەتتىن بەھىر ئېلىش ھوقۇقى بار!
مەن مەڭگۈ مۇشۇ قاراشتا، چۈنكى ئەتتىراپىمىزدا ئۆزى بىلەن قانداشلىقى يوق بالىلارنىمۇ بېقىپ قاتارغا قوشۇۋاتقان كىشىلەرمۇ بار، ئۇنىڭغا قارىغاندا قانداقلا بولمىسۇن بۇ بالىلارنىڭ بىرىنىڭ ئاتىسى، بىرىنىڭ ئانىسى بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال بولۇپ ياشايدۇ، بىر ئائىلىدە ياشىدىمۇ ئۇلار مۇشۇ پەرزەنتكە ئاتا-ئانا!
ئۇنداق<ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق> دەپ دادا ياخشى، ئانا ياخشى بالا يامانمۇ؟ يامان دىيىش توغرا كەلسە ئاشۇ ئاتا-ئانا ئەسكى.
قېنى ئايدار داۋامىنى يېزىڭە بىر ئوقۇيلى!

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دىمەمسىز ئاداش. ئۆزىنىڭ بالىسىغا ياخشى قارىمايدىغانلارغا لەنەت ئوقۇسا بولىدۇ.

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 8Rank: 8

تېما
116
يازما
2397
نادىر
5
جۇغلانما
7639

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 07:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادامنى، ئاچامنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى، ئاپام پەقەت ئايدا بىر قېتىم كېلەتتى، ئاپام بىلەن دادام ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاپام يىراق بىر يەرگە يۆتكەلدى، ئاپام ھەر قېتىم كەلگىنىدە خوش بولاتتىم، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنمەيدىغانلىقىنى، ماڭا سۇس مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا، شۇنداق مەيۈسلىنىپ كىتەتتىم، ئاپام بەزىدە چوڭئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاتتى، لېكىن تېزلا توختايتتى، ئانام گۇناھكار قىياپەتتە جىم ئولتۇراتتى، چوڭئانام بولسا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ:
- ھەممىدىن يامىنى، موشۇ نارسىدىگە ئۇۋال بولدى، ئۇ يا دادا مېھرىگە يا ئانا مېھرىگە قانالمىدى. –دەيتتى، مەن چوڭئانامنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بېسىپ، پىشانەمدىن سۆيەتتى، مەن سەل شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنى بەخىتلىك، خاتىرجەم، بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. لېكىن بەزىدە چوڭئانامنىڭ ئاچچىقى تۇتۇپ قالغاندا، مېنى سۈپۈرگە بولامدۇ، تاياق بولامدۇ، چىۋىق بولامدۇ، قولىغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇپ، پاچاقلىرىمنى قىزارتىپ، تىرىم-تىرىم قان تالىتىۋەتكەندەك قىلىۋىتەتتى.
-ھۇ ھارامدىن بولغان شۇم، نىمىشقا سۈتنى ئوچاق ئۈستىگىلا قويۇپ قويىسەن؟ مۈشۈك ئىچىۋاپتۇ. كاللاڭ بارمۇ سېنىڭ؟
بۇ چاغدا كۆز ئالدىمغا دادام بىلەن ئانام ئۇرۇشقان مەنزىرە كىلەتتى، بېشىم پىقىراپ، نىمە قىلىشىمنى بىلمەي يىغلاپ كىتەتتىم.
-جېنىم چوڭئانا، ئەمدى ئەسكىلىك قىلمايمەن، ئۇرماڭ، چوڭئانا، بەك ئاغرىپ كەتتى...
چوڭئانام بۇنداق چاغدا قولىدىكى نەرسىنى تاشلاپ مېنىڭ قۇچاقلاپ مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ كىتەتتى. ئىككىمىزلا يىغلايتتۇق، يىغا، كۆز يېشى ئىچىدە، بۇ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېخىمۇ يىغلايتتىم.
بىر كۈنى ئانام ئالدىراش كەلدى ۋە مېنى ئېلىپ بازارغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇ بىر يازلىق تەتىل ئىدى. ئانام ماڭا بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بەردى.
-بۈگۈن ئاچاڭ بىلەن كۆرۈشىمىز. ئاچاڭنىڭ سېنى بەك كۆرگۈسى باركەن. –دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوشاللىقىمدىن بېشىم كۆككە يەتتى. ئاناملار ئاجىراشقاندىن بۇيان ئاچام بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم. پەقەت چۈشلىرىمدىلا ئاچامنى كۆرەتتىم، ئۇ ماڭا قاچىسىدىكى بىر تال گۆشنى ياكى بىرەر تال كەمپۈتنى ماڭا بىرەتتى، لېكىن ئېلىشىمغىلا ئۇ غايىپ بولۇپ كىتەتتى، بەزىدە ئۆزۈمنى ئاپام بىلەن دادام ئۇرۇشىۋاتقان مەنزىرە ئىچىدە كۆرەتتىم. ئاپام تىرناقلىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ، كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى، دادام بولسا ئۇرماقچى بولاتتى، لېكىن مەن قاچالمايتتىم، پۇتۇم بىر ئۇرۇنغا مىخلاپ قويۇلغاندەك تۇراتتىم.  ئۇلارنىڭ چىرايى بىردىنلا غايىپ بولۇپ كېتىپ، ئىگىز تاغلارنىڭ قاپتىلىدا، بىنالارنىڭ ئارىلىقىدا تىنەپ يۈرگەپ ھالەتتە قالاتتىم، ئاچامنى بولسا ئىزدەپ-ئىزدەپ تاپالمايتتىم.


داۋامى بار

ماۋۇ كومپىيۇتىر ئىمتىھانى تېزراق تۈگىسە، ئاندىن ئاراملىققا چىقاتتىم.

Rank: 6Rank: 6

تېما
30
يازما
1938
نادىر
1
جۇغلانما
2584
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 09:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: بۇ مېنىڭ يەتتە قىز تورىدىكى كەڭ دوستلارغا تۇتقان يەنە بىر سوۋغام. بۇ يەردىكى تورداشلار باشقا ھەر قانداق توردىكىگە ئوخشىمايدۇ،ئىنكاس ۋە تېمىلار شۇنداق جايىدا، مەنمەنلىك ۋە ئاتىكاچىلىق يوق. شۇڭا خوشاللىقىمدىن ئەسەرلىرىمنى ئايىماي بىرىۋاتىمەن. بۇ يەردىكى تورداشلىرىم، ئەسىرىم ھەققىدە بەس-مۇنازىرە، پەرەزلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار. ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىپ تۇرساڭلار دەپ بۇ ئەسىرىمنى باشلىدىم.
-------------------------------------------------------------------------
ئايدار ھەدەمنىڭ يۇقارقى گەپلىرى مېنى چەكسىز خۇشال قىلىۋەتتى. نېمىشقا دىسەڭلار، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكىلەر بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ ئەڭ يېقىن دوستلاردەك ئۆتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ خۇشاللىقتىن ئۆزۈمنى باسالماي قالدىم.
يېزىڭ ھەدە توختىماي يېزىڭ، سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزغا خۇمار بوپلا قالدىم. قانچىلىك بولسا ھەممىنى يېزىڭ زېرىكمەي ئوقۇيمىز.


تېمىغا كەلسەك بۇ قىز ئاتا-ئانىسىغا ئۆگەي بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ئۇلارنى مېھرى-مۇھەببىتىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىشى لازىم. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايدىكەن، ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ سوئا-سوراق قىلىنىدۇ.
داۋامىنى تېزراق يېزىڭ ھەدە ساقلاپ قالدۇق.

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي داۋامى ئايدارررررررررررررررررررررررررر .....شۇنچىلىك ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقىۋاتسام ئۈزۈلۈپ قالدى :'( :'( :'(

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

تېما
15
يازما
602
نادىر
7
جۇغلانما
1202

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇتىغا تېخى بىر ئاي بار بىر ياش ئانا شاشلىقىغا قانمىغان ئېرى ئۈچ تالاق قىلىپ بوسۇغىدىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ تىزدىن ئاشىدىغان ئاپئاق قارنى قىپقىزىل قانغا بوياپ قار ئۈستىگىلا يەڭگىپ قويدى... بۇ بوۋاق ئاخىر ئەي بولدى، يېقىندا، تېخى 40 نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ھېلىقى ئاتا 75 يېشىدا بۇ ئالەمدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى. ئۇنىڭ ھېلىقى شاشلىقى تۇتۇپ ئالغان 2-خوتۇنى تۇل قالدى، بۇ ئانىدىن 4 بالا قالدى، ئەمما بۇ ئانىغا سالقكىن مۇئامىلىدە بولغان بۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا ھېلىقى قار ئۈستىگە تۇغۇلغان ئۆگەي ئوغلى ياخشى قاراۋاتىدۇ! شۇغىنىسى بۇ ئۆگەي ئانا قارغا تۇغۇلغان ھېلىقى ئۆگەي ئوغلىنى باغرىغا بېسىش ئەمەس ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بىرەر قېتىم بىرەر ئېغىزگەپمۇ قىلىپ باقمىغان ئىدى...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش