يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار-دادا مېنى باغرىڭغا باس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغۇچە ، ئايگۈلنى ئىزلەپ بېرىپ ئۆزەملا بېقىۋالىدىغان بولدۇم جۇمۇ ... بۇ قىز زادى نېمە گۇنا قىلغىنى ئۈچۈن بۇنچە خورلۇقلارنى تارتىدۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ...ئەسەردىكى پىرسۇناژنى رىئاللىقتا سىزگە نەدىنمۇ تېپىپ بىرەرمەن؟

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
142 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
799

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:46 دە يوللىغان
بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغۇچە ، ئايگۈلنى ئىزلەپ بېرىپ ئۆزەملا بېقىۋالىدىغان بولدۇم جۇمۇ ... بۇ قىز زادى  ...


بەك ساخاۋەتچىلىكىڭ تۇتۇپ كەتكەن بولسا مېنى بېقىۋاپ تۇرامسەن يا . بەرىبىر يات ئادەم بولمىغاندىكىن بىز. بەك يېلىنىپ تۇرىۋاپسەن، بىژ قېتىم پۇرسەت بېرەي ساڭا ياخشى ئادەم بولىۋال.

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:24:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنمۇ خورلۇقتا قالغانمىتىڭ ؟ بىلگەن بولسام پىچانغا يوقلاپ بارغان چېغىمدىلا ياندۇرۇپ ئەكىلىۋالاركەنمەن ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىسى نىمىشقا بۇ قىزغا شۇنچە ئۆچ؟
ئايگۈل دادىسىغا شۇنچىلىك ئامراقكەنۇ، بۇ سەبى بىچارىنى قۇچىقىغا ئېلىپ قويايمۇ دېمىدى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى، مەن ئىشىك ئالدىدىكى كۆتەكتە ئولتۇرغىنىمچە  پېتىۋاتقان كۈنگە قارىدىم، كۈن پېتىپ كىتىۋاتاتتى، كىشىلەر ئىشىك ئالدىدا كىچىككىنە سۇلياۋ بولاقنى تۇتۇپ ئولتۇرغان مەندەك بىر كىچىك قىزغا قارىشاتتى. بالىلار ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ ماڭا تىلىنى چىقىرىپ قويۇشاتتى. ئۆيگە يېنىپ كىردىم، مومام ئەمدىلا نامازدىن تۇرۇپ، تەسۋىي سېرىپ ئولتۇرغانكەن. يۈگۈرۈپ كېلىپ مومامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ۋە مىسسىدە يىغلىۋەتتىم. مۇمام بېشىمنى سىيلاپ ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ كەتتى، بىر دەمدىن كىيىن، يېڭىلا كىيگەن كىيىمىمنىڭ دۈمبىسىگە ئىسسىق كۆز يېشى تېمىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. موماممۇ يىغلاۋاتاتتى.
ئۈچ كۈندىن كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى ئاچام بىلەن دادام مېنى ئالغىلى چىقتى. دادام مومام بىلەن سۇسلا كۆرۈشتى.
-سەمەتجان، ئوغلۇم، ئاڭلىسام قايتا توي قىلىۋاپتىلا، مۇبارەك بولسۇن، ئاينۇرغا ياخشى قاراپتىلا، مانا ئايگۈل مېنىڭ قېشىمدا تۇرىۋاتىدۇ، مەندىن كىيىن قالسا، خارلىقتا قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن-مومام يېڭى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. دادام ئېغىر ئۇھ تارتتى، لېكىن باشقا گەپ قىلمىدى.
دادام ئىككىمىزنى ماشىنىغا سېلىپ جىق يوللارنى بېسىپ، بىر باغقا ئېلىپ باردى، باغدا دادامنىڭ  بارلىق ئۇرۇق تۇغقانلىرى يوغان بىر ياڭاقنىڭ سايىسىدە ئولتۇرۇپتۇ، يەردىكى چىملىققا سېلىنغان داستىخان شۇنداق مول ئىدى. بۇ يىل ياز كېلىپ بىرلا قېتىم تاۋۇز يەپ بېقىپتىمەن، كىرىپلا كۆزۈم تەخسىلەرگە ئېلىۋىتىلگەن تاۋۇزغا چۈشتى. ئاچام مېنى يىتىلىگەن پېتى،ھېلىقى ئاچىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ ئاپاش مېنى كۆرۈپلا قۇچىقىنى كەردى.
-ۋۇي، ئايگۈل قىز كەپتۇغۇ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاچىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ ؟
ئۇ مېنىڭ پىشانىلىرىمگە سۆيگەچ ئىتىكىگە ئولتۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭ بويىدىن كېلىۋاتقان سۇس خۇشپۇراقنى سىزىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم، ئۇ مېنى ئىتىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ياخشى يەيدىغان نەرسىلەردىن ئېلىپ بەردى. مەن تويغۇچە يىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئىتىكىدىن چۈشكۈم كەلمىدى، ئۇ ئايال بىر دەمدىن كېيىن، چاچلىرىمنى تاراپ،  يۈزلىرىمنى باغدىكى ئېرىقنىڭ سۈيىدە يۇيۇپ قويدى ۋە ئەنەكنى چىقىرىپ، ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويدى، مەن ئاچام ئېلىپ كەلگەن ئەتلەس كۆينەكنى كەيگەن، چاچلىرىمغا  چازا تاقىغان ، ئەينەكتە چىرايلىق، ئوماق، يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر قىز ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئۇ كۈننى ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كۈن دەپ ئېيتالايمەن، ئايشەم ئاپام، يەنى ئاچامنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ماڭا شۇنداق قارىدىكى، مەن ئۆمرۈمدە مۇنداق مېھرىبانلىققا ئېرىشمىگەندەك ھېس قىلدىم. زىياپەتتە باشقىلار ماڭا قاراپ، تەنبىھ ئاھاڭىدا:
-ئاينۇر، ئايشەم ئاچاڭنىڭ ئىتىكىدىن چۈشۈپ كەت، ئۇنى ھاردۇرۇپ قويىسەن،-دېسىمۇ ئۇنىماي، ئۇنىڭ  بوينىدىن مەھكەم قوچاغلاپ، ئۇنى سۆيۈپ چۈشكىلى ئۇنىمىدىم.
ئاچام شۇنچە بەخىتلىك ئىكەن دىگەن پىكىر كاللامدىن كەتمىدى، مەن ئاچام بولۇپ قالسامچۇ، ئۇ ئاچىسى بىلەن بىللە يۇۋاش تەرتىپلىك ئولتۇراتتى، بۈگۈن ئىككىسى ئوخشاش كىيىم كەيگەن ئىدى. بىر-بىرىگە يىمەكلىك سۇنۇشاتتى. جىمجىت ئولتۇرۇپ ناخشا ئاڭلايتتى، مېنىڭ ئەركىلىكلىرىمگە كۈلۈشەتتى، لېكىن مەن قانچە خوش بولساممۇ دادامغا قاراشقا پېتىنالمايتتىم، بۈگۈن ئۇ ماڭا قارىمىدى، ئالايمىدى، ھومايمىدى.
كەچ كىرگەندە، ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ مېڭىشقا تەمشەلدى. دادامنىڭ ئىنىسى مېنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى، مەن ئابلەت تاغامنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ماشىنىغا چىقىپ، ئايشەم ئاپامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
-ئايشەم ئاپا، مېنى ئېلىپ كېتىڭ. مەن بالىڭىز بولاي، مەن گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن، ئەسكىلىك قىلمايمەن، ياخشى ئوقۇيمەن.

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئايشەم ئاپا، مېنى ئېلىپ كېتىڭ. مەن بالىڭىز بولاي، مەن گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن، ئەسكىلىك قىلمايمەن، ياخشى ئوقۇيمەن.

بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ كۆز ئالدىمغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەنزىرە كەلدى، دۇنيادا ئۆز ئانىسى ھايات تۇرۇپمۇ باشقا بىر ئانىنى ئۆز ئانىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن مېھرى- مۇھەببەت تەلەپ قىلغان بۇ بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش ئۇنچە تەس ئەمەس~ ئۇلۇغ ئاللاھتىن بارلىق ئانىلارغا ئىنساپ تىلەيمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم ئاپام مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىدى بولغاي يىغلىۋەتتى. ئاچاممۇ ، ئاچامنىڭ ئاچىسىمۇ يىغلىدى. ئايشەم ئاپام ياشلىق كۆزلىرىنى سۈرتۈپ كەينىدە ئولتۇرغان دادامغا قارىدى.
-سەمەتجان، ئايگۈلنىمۇ ئېلىپ كىتەيلىچۇ، بىللە باقىلى. بالىدا نىمە گۇناھ–دىدى.
دادام مېنىڭ ياش لىغىلداپ تۇرغان كۆزلىرىمگە قارىدى، مەن دادامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. دادام مېنىڭ باغرىغا بېسىپ دۈمبەمنى سىيلىدى.
-بالام،، بىز كىلەر تەتىلدە سىزنى ئېلىپ كىتەيلى، بولامدۇ؟
مەن دادامغا قاردىم، دادام مېنى كۆتىرىپ ماشىنىدىن چۈشۈردى ۋە ئابلەت تاغامغا تۇتقۇزدى، يانچۇقىدىن ئەللىك يۈەن چىقىرىپ ماڭا تۇتقۇزدى.
-بالام، ياخشى ئوقۇڭ، كىلەر مەۋسۇمدا سىزنى ئېلىپ كىتىمىز. گەپ ئاڭلاڭ ماقۇلما ؟
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، دادامنىڭ مۇنداق مۇئامىلىسىنى تۇنجى كۆرۈشۈم بولغاچ، شۇنداق روھلىنىپ كەتتىم، يول بويى غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدىم، ئايشەم ئاپاممۇ يىگىرمە يۈەن پۇل تۇتقۇزۇپ، ‹‹ياخشى ئۇقۇڭ، بۇ پۇلغا كىتاب ئېلىپ ئوقۇڭ، دەرستە ياخشى بولسىڭىز سىزنى تېزلا ئېلىپ كىتىمىز ›› دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. ئۆيگە بېرىپ مومامغا بۇ گەپلەرنى دەپ بەردىم، مومام ئەتىسىلا مېنى باشلاپ شەھەردىكى كىتابخانىغا ئاپىرىپ جىق ھېكايە كىتاپ ئېلىپ بەردى. مەن تەتىل تۇشقۇچە ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ، ھېكايىلەر دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كەتتىم.
شۇ كۈنلەرنى ئويلىساملا كۆڭلۈم تەسكىن تېپىپ قالىدۇ، مەن شۇ پېتى كىتاب ئوقۇغانسېرى، دۇنيانىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئاز تولا چۈشەنگەندەك بولدۇم، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەھەللىرىمىزدىكى تولۇقسىزغا چىقتىم، تولۇقسىزدىكى ئەدەبىيات دەرسلىرى مەن ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك دەملەر بولدى، ماقالە يېزىش، ماقالە ئوقۇش ئارقىلىق قەلبىمدىكى يارىلار بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلغاندەك بولاتتى، ئۆيدە توخۇلارنى مەن باقاتتىم، بېقىپ تۇخۇملىرىنى سېتىپ، ئۆيگە چاي-تۇز ئالغاندىن ئاشقان پۇللارغا كىتاب ئېلىپ ئوقۇيتتىم، مەكتىۋىمىزنىڭ قىرائەتخانىسىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. كىتاب  ئوقۇش مېنىڭ كۆڭلۈ خوشلۇقۇم، دۇنيانى كۈزىتىدىغان كۆزنىكىم بولدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن مومام تۈگەپ كەتتى. مومام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئەدەبىيات ئوقۇش قارارىمدىن ۋاز كىچىپ، تىببىي مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلدىم، نۇرغۇن مۇئەللىملەرنى، ساۋاغداشلىرىمنى ھەيران قىلىپ تەبئىي پەن سىنىپقا يۆتكەلدىم.
ئاچام بىلەن دادامنى شۇ كۆرگەندىن كېيىن پەقەت ئىككى قېتىملا كۆردۈم، ئۇلار يۇرتقا تۇغقان يۇقلىغىلى كەلگەندە مەن بىلەن كۆرۈشتى، ئايشەم ئاپام ماڭا كىيىم-كىچەك ۋە كىتاب ئىۋەتىپ تۇردى. ئۇ ئىۋەتكەن كىتابلار ۋە يازغان خەتلىرى ماڭا زور روھىي ئوزۇق بولۇپ كەلدى.

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىز شۇنداق ئېسىل چىقىپتۇ دوستۇم، قېنى داۋامىغا تەشنابىز!
بۇ ئوماق قىزچاقنىڭ تەقدىرى نىمە بولاركىن ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 07:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. ئوماق قىزچاق ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتسۈنمىكىن

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:01 , Processed in 0.038531 second(s), 13 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش