يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 735 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 11

بالىلىققا قايتقۇم بار(دىلەيسەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بېرى ئالدىمدا ئەركىلەپ ئويناپ يۈرگەن بالىلىرىمغا ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ غەمسىزلىكىگە قاراپ بالىلىقىمنى تولا ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم، مەھەللىدىكى چىملىقتا قونچاققا كىيىم تىكىپ ئۇلارنى بالام دەپ باغرىمىزغا بېسىپ، ئانا بولۇشقا ئالدىراپ كەتكەنلىكىمىزنى، كوكاتلارنى توغراپ تاماق قىلىپ ئايىقى چىقماس قازان بېشىغا ئالدىراپ كەتكەنلىكىمىزنى، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بىز مېھمان بولۇپ بارايلىچۇ دەپ مۇشۇ ئايىقى چىقماس مېھماندارچىلىقنى شۇ چاغدىلا ھېس قىلغانلىقلىرىمىزنى.................... نۇرغۇن ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.
بالىلىق تولىمۇ غەمسىز، غۇبارسىز بولىدىكەن، نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدىكەن بەزىسى ئېسىمىزدە قالسا بەزىسىنى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەنمىز، قېنى دوستلار سىزنىڭ بالىلىقىڭىزدا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان قانداق ئىشلار بولغان.
مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس يازغۇچە بەلكىم سىلەرمۇ بالىلىقىڭلارغا بىر قايىتىپ ئالارسىلەر .

پېقىر ئىنكاسىمنى  كېينرەك يازاي، مېنىڭ بالىلىقىمدىكى سىزرلىمغا قىزىقسىڭىز تېمىغا نەزەر سېلىپ تۇرۇڭ

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆچۈرەت تۇتۇپ قوياي ،  دىككىدە سېرىتقا چىقىدىغان ئىشىم بوپ قالدى  ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئورۇن ئېلىپ قوياي................
لېكىن مېنىڭ بالىلىقىمدىن بەك ئاڭلىغىدەك ئىشلار چىقماسمىكىن، كىچىكىمدىن ئوغۇل بالا مىجەز ئۇرۇشقاق ئىدىم.


بالىلىق دېگەندە ماندا ياشايمىز.........


كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بەكلا كەپسىز ئىدىم، لېكىن دەرەخكە يامىشالمايدىغان بىر كەمچىللىكىم بار ئىدى.يۇقۇرىدا دېگەندەك ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچقا دائىم نەۋرە ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينايدىغان. نەۋرە ھەدىلىرىم بىلەن (سوبو) بۇنى باشقا يەرلەردە نېمە دەيدۇ ئۇقمايدىكەنمەن، قىشلىق تەتىل بولسىلا بىزگە بوپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ھەدىلىرىم بىلەن 6-7 بالا نامازدىگاھلىقتا ئويناش ئۈچۈن( جامائەتلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدىغان جاي) بۇنداق ئويۇننى كەڭرى يەردە ئوينىسا بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ. سوبو ئويناشقا باشلىدۇق. تازا قىزىقىپ ئويناۋاتساق بىرسى كەينىمىزدە ۋارقىراپ بىزلەرنى تىللاۋاتماسمۇ، شۇنداق قارىسام مەھەللە مەكتىپىنىڭ ۋە مۇشۇ نامازدىگاھلىقنىڭ پاكىزلىقىغا مەسئۇل ئابدۇۋايىت دەيدىغان بوۋاي تۇرىدۇ.
زادى مەكتەپ تەخەيلىرىنىڭ ياخشىسى يوق، ھەي، ياغاچ قۇلاقلار شۇنچە كەڭرى يەرلەر تۇرسا شۇ يەرلەردە ئوينىماي، نامازدىگاھلىقنى ئالا-توپىلاڭ قىلىپ مۇشۇ يەردە ئوينىشامسەن؟ سەن قۇلاق كەستىلەر بىر ئوبدان قاتقان يەرنى توپىلاق قىلىپ قويساڭ جامائەتلەر نەدە ناماز ئوقۇيدۇ؟دەپ بىزلەرنى پىرقىرىتىپ قوغلىغىلى تۇردى. قاچە-قاچ ھەممىمىز تەرەپ-تەرەپكە قاچتۇق.
بالىلار ئىچىمىزدە بۇ قېرى بوۋاينى تىللىغاچ باشقا ئويۇن تېپىپ ئويناش ئۈچۈن ماڭدۇق.


ئوت دېگەننى بىزلا قويىمىزغۇ؟!


بىر ئوبدان قىزىغان ئويۇنىمىز يوق بولدى، مەھەللىنىڭ ئاياق تەرىپىگە ماڭدۇق. بۇ يەردە بىزنىڭ بىر قورۇق بار ئىدى.  15 مودەك كەلگىدەك بۇ يەرنى دادام بۇرۇنلا ئەپ قويۇپتىكەن، بۇ يەر ئۆستەڭنىڭ يېنىدا بولۇپ يان تەرىپىدە يارلىق بار ئىدى. يارنىڭ ئۇ تەرىپىدە بەك كۆپ بۇلاقلار ئېقىپ تۇراتتى. بۇ تەرىپىدە بولسا شىۋاقلار قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن. بۇ قىش مەزگىلى بولغاچ بۇلاقلاردىن چىققان سۇلار توڭلاپ يىراقتىن قارىسا خۇددى شارقىراتمىلار ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى.(مەن بۇ يەرنى بىزنىڭ قورۇق دەۋالاتتىم. كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرۈدىغان ئەسمەتخان فلىمىدە قورۇق دەپ چىقىدىغۇ. )

قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تۇرغاندا، نەۋرە ئاكام ئىمىن ھەي باللا مەندە گۇگۇت بار ئاۋۇ شىۋاقلارغا ئوت قويۇپ ئوينامدۇق بەكلا پەيزى كۆيىدۇ، ما تەرىپىگە ئوت يېقىپ قويساق ئا تەرىپىدىكى شىۋاقلار تۈگىگىچە كۆيۈپ ئاندىن توختايدۇ دېدى. ھەمىمىز بىر ئېغىزدىن ماقۇل دېيىشتۇق. مانا پىشكەللىك ئاكام ئوتنى بىر قويۇۋېدى، شىۋاقلار تۈگەيدىغان يەردە 3-4 تۈپ قارا تېرەكلا بار ئىكەن شۇلارغا تۇتاشماسمۇ ئوت قويغانغا تويە-توي   ئوتنى ھېچنەرسە قىلىپ ئۆچۈرەلمىدۇق. ھەممىمىز كىچىك بولغاچ قورقۇپ قېچىپ كەتتۇق. ئۆيىمىزدىكىلەردىن تىل ئاڭلايدىغان بولدۇق دىگەن قورقۇنۇچتا غىپپىدە كىرىپ ئولتادۇق.

كەچ بولدى بۇ تېرەكلەرنىڭ ئىگىسى ئۆيگە چوقۇم ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ غەم-ئەندىشىدە ئولتۇردۇم. يەنىلا جىم ئەتىسى ئاكىلىرىمدىن سورىسام تېرەكلەرنىڭ قاۋزىقى كۆيۈپلا ئوت ئۆچۈپ قاپتۇ.

ئۇف................... بىر تىندىمدە، چوڭ بالا-قازادىن قۇتۇلغىنىمغا مىڭلارچە خۇشال بولدۇم. ئىككىنجى ئوت ئوينىمايمەن.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمنىڭ تەڭدىن تولىسى گۈزەل يۇرتتۇم ئىلى ۋادىسىدا ئۆتكەن ، شۇ چاغلاردىن بىر ۋەقەلىكنى سىلەرگە دەپ بېرەي .
بىر كۈنى نەۋرە ئاكام مېنى بىنەمگە ئەپچىقىپ ئوينۇتۇپ ئەكەلمەكچى بولۇپ ، بىر ئاتنى يىتىلەپ بوۋاملارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ ئاتنى شۇنداق داڭلاپ كەتتىكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . مەن ئاتقا قىزىقىپ ئاتنىڭ ئىگەرلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىگىمۇ قارىماي ، ئۇستىگە چىقىپ ئولتۇرۇشقا ئالدىراپ ، كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بوپتىمەن . بوۋام بىزنى شۇنچە تۇتىۋىلىپ بىر مۇنچە گەپ قىلسىمۇ دىققەت قىلمايلا نەۋرە ئاكامنى ئالدىرتىپ  ، ئاتنىڭ ئۇستىگە بىر قوزىنىڭ تىرىسىنى ئارتىپلا ئاكامغا مىنگەشتىم .
مېنى بوۋام ئاكىڭىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇڭ دەپ   ئاتنىڭ بويۇن تەرىپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى . ئاتنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم .  بىز ھويلىمىز بىر پىقىراپ شۇنداق يىنىك ھالدا كوچا تەرەپكا قاراپ ماڭدۇق .
مەھەللىمىزنىڭ چوڭ ماشىنا يولىدىن باشقا ھەممە يېرى ئوت-چۆپ بولغاچ ، ئات چوپلەرنى كۆرگەن ھامان بېشىنى ساڭگىلىتىپ بوينىنى پەسكە سوزىدىكەن ، ھېلىل بوينىدىن تۇتۇپ قوچاقلىشىم يوق بولۇپ  خۇددى ئاتتىن سېرىلىپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك پەقەتلا ئەركىن ئولتۇرالمىدىم ، ئويدىن ئانچە يىراقلاشمىغان ۋاقىت بولغان كېيىن .  نەۋرە ئاكامغا ئۆيگە قايتىپ قايتا ئالمىشىپ ئولتۇرۇشنى ئوتۇندۇم .
بىز ئۆيگە قايتىپ كىردۇق .بوۋام مېنى يەنە قايتا ئاتقا چىقىرىپ ، نەۋرە ئاكامنىڭ كەينىگە مىنگەشتۇرۇپ قويدى . ئاكامنى ئىككى قولۇمدا چىڭ تۇتۇۋالدىم  . كۆڭۈمدە بۇدا قېتىم چىڭ ئولتۇرۇمەن ئەمدى چۇشۇپ قالماسمەن دەپ ئويلاپتىمەن . بىز مەھەللىدىن چىقىپ بىنەم تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، يولدا ئات بىردەم يۇرغىلىسا بىردەم چاپىدۇ .  ئاكامنىڭ ئارقىسىدىكى مەن ، بىردەم دوڭ تەرەپكە چىقسا بىردەم دوڭدىن چۇشىمىز . بىردەم سۇلارنى كەشسەك بىردەم كۆز يەتكۇسىز يايلاقلارغا چىقىپ قالىمىز . بۇ ئېسىل سىزىمدىن ئۆزەمنى يوقۇتۇپ بىر يەرلىرىمنىڭ ئاغرىغىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . شۇنداق پەيزى  ئويناپ كەلدىم دەپ خوشھال بولۇپ كەتكىنىمدىن . كەشتە ھارغىنىمدىن ھېچ ئىشمۇ قىلماي مومامنىڭ قۇچىغىدا  ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئەتىسى سەھەردە شۇنداق ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئولتۇرغۇنۇمنى بىلەن  ، ۋايجان ...........
ئاتنىڭ سىلكىشىدە ھەم تازا يانپاش سوڭەك ئۇستىگە ئولتۇرۇپ قالغاچقا ، ئامما لېكىن ھېلىقى ئاغرىق .....
بىر ھەپتە دەردىنى تارتىم . مومام مەن ھەر بىر ۋايجانلىسام بوۋامغا تەگەيدۇ بىچارە بالىنى قىيناپ ، ئىگەر توقۇپ بەرمەمتىڭىز دەيدۇ  . بوۋام ھالىمغا قاراپ كۈلىدۇ .
شۇ ئىشتىن كېيىن ئات دىگەن نەرسىگە چىقمايمەن دەۋىتىپتىمەن ..............

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىكىمدە ئاكىلىرىمغا ئەگىشىپ دەھشەت ئوينايتتىم. كەچلىكلىرى ئۆيدىكىلەر تاياقتىن بىرنى تۇتۇپ ئۈچىمىزنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلەتتى.  ئاپامنىڭ ئىسمىمىزنى توۋلاپ چاقىرۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ مۆكۈنۋالغان يەردىن چىقماي جىم تۇرۋالاتتۇق. بىچارە ئاپام بىزنى تاپالماي تىتىلداپ كېتەتتى.  (ھەي بالىلىق چاغلار )
يازدا چۈشلۈكلىرى ئاتام-ئاپام ئۇخلاپ قالغاندا ،ئاستا كىرىپ كارىۋات ئاستىدىن تاۋۇزنى دومىلىتىپ ئەپچىقىپ كېتىپ، يەپ بولغان تاۋۇز شاپىقىنى ئەپلەپ بىرلەشتۈررۈپ قويۇپ ھېچنىمە  بىلمىگەن بولىۋېلىپ يالغان ئۇخلىۋالاتتۇق.  مېھمان كەلگەندە تاۋۇزغا  قارىسا ساپ بىز ياساپ قويغان يالغان تاۋۇز.  ئاپام  قاتتىق تەڭلىكتە قېلىپ << توۋا تۈزۈك تاۋۇزمۇ قالماپتۇ، ئەمدى ھەر قايسىڭنى جوزىغا تىلىپ ئەپچىقايما؟! >> دەپ پىچىرلاپ كايىغىنىچە،  ئاكامنى نەرسە ئەكىلىشكە بويرۇيتتى.  . (سوراپ يىسەكمۇ بولىدىغان نەرسىنى ھەي خۇدا ... )   
شۇڭا ئاپام ئاتامغا دائىم <<مىۋە-چىۋە  سېتىۋالغاندا ئىككىگە بۆلۈپ جىقراق ئەكىلىڭ،  بولمىسا بىزنىڭ ئۆيدىكى بۇ چاشقانلار يەپ بولىدىكەن>> دەيتتى.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋۇزنىڭ گىپى چىقىپ قالدى،مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا دەھشەت ئىشتىن بىرنى قىلغان.
ئۈزىمىز يىگىلى ئۈچ ئېتىز تاۋۇز تېرىغان ئىدۇق،تاۋۇزلار چۈشۈپ،تازا يۇغۇناۋاتاتتى....بىر كۈنى تاۋۇز يىگۈم كەپ كېتىپ ،ئۆيدىن پىچاقنى ئاچىقتىم دە،پىشقان تاۋۇز ئىستەپ،پۈتۈن تاۋۇزلارنى چاقماق قەنتتىن چوڭراق ھالدا چېلىك ئويۇپ كىسىپ چىقتىم،مىڭ ئەپسۇس،بىرمۇ پىشقان تاۋۇز يوق،ھەممىسىنىڭ ئىچى ئاپئاقلا................شۇنىڭ بىلەن دادامنى ئاچچىقلامدىكىن دەپ ئىككى كۈن ئۆيگە كەلمەي تۇققانلارنىڭكىدە يېتىۋالدىم،دادام بېرىپ ئەكەلگەندە ئۆيگە كەلگەنتىم.

[ soyqut بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:36  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيەلىسەم ھەدە سىز باللىقىزغا قايتىپ كەتىسىز ، سىزنىڭ بالىڭز قانداق قىلدۇ ..سىز بىلەن لاي ئوينامدا ،،، ياكى سىلياۋ سوسكا تالىشىپ سىزنى تاتلىۋالمدۇ ... راس گەپ قىلسام منىڭ 5 يىل ئاۋالقى ھالىتىمگە مۇشۇ كاللام بىلەن قايتالىغان بولسام ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەمىڭلاردىن كىچىك ئوخشايمەن ..يەنە بالىققا قايتىمەن دىسەم يوق بۇلۇپ كەتسەم بۇلدۇ ،، مەن شۇ 10 ياش ئەتراپمغۇ دەيمەن ئويگە مىھان كەپتىكەن ئويناپ كىرسەم  مىھماندىن خىجل بۇلۇپ ئۇينىڭ ئۆگىزسىدە ئوخلىغان بىر كىچە

پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسكىننىڭ قىسقا ئەمما، قىزىقارلىق بالىلىق خاتىرىسىگە كۈلۈپ كەتتىم دېسە .
تەسكىن، بالىلىققا قايتقۇم بار دىگەن بۇ بىر خىيال خالاس، ئەگەر راستىنلا قايتقىلى بولسىدى

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
324
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى 12:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانكى ئانا بولدۇمكىن شۇ چاغدىن تارتىپ ئەڭ ئاۋال ئانا قەدىرىگە شۇنچىلىك يەتتىم، ئاندىن قالسا ئاشۇ ئويۇن ئىچىدە غەمسىز ئۆتۈپ كەتكەن بالىلىقىمنىڭ قەدىرىگە شۇنچىلىك يەتتىم.
راست گەپ قىلسام مۇشۇ نەچچە كۈن بولدى، كاللام شۇنچىلىك چىگىش، ئالدىمدىكى بەختكە قاراپ شۇنچىلىك خۇشھال بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر تۈگۈش....
بەخت مېنى قانچە ئەلەيلىگەنسىرى ئۆزۈمنى شۇنچە گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ كېتىپ بارىمەن، تۇرۇپلا ئۆزۈمنى قايتا بالىلىقىمدىكى ئەشۇ غەمسىز چاغلىرىمدا كۆرسەم دەپ تىرىشىپ باقتىم، كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ باقتىم، ئەپسۇس مۆمكىن بولمايدىكەن.
ئادەم ئۆتكەن ۋاقىتلار ئۈچۈن قايغۇرماي، بۈگۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ئەتىمىز ئۈچۈن تىرىشساق، ھاياتتىن ئالغان ئەڭ چوڭ غەلبىمىز بولغىدەك.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:55 , Processed in 0.058628 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش