مەنمۇ ئورۇن ئېلىپ قوياي................
لېكىن مېنىڭ بالىلىقىمدىن بەك ئاڭلىغىدەك ئىشلار چىقماسمىكىن، كىچىكىمدىن ئوغۇل بالا مىجەز ئۇرۇشقاق ئىدىم.
بالىلىق دېگەندە ماندا ياشايمىز.........
كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بەكلا كەپسىز ئىدىم، لېكىن دەرەخكە يامىشالمايدىغان بىر كەمچىللىكىم بار ئىدى.يۇقۇرىدا دېگەندەك ئوغۇل بالا مىجەز بولغاچقا دائىم نەۋرە ئاكىلىرىم بىلەنلا ئوينايدىغان. نەۋرە ھەدىلىرىم بىلەن (سوبو) بۇنى باشقا يەرلەردە نېمە دەيدۇ ئۇقمايدىكەنمەن، قىشلىق تەتىل بولسىلا بىزگە بوپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ھەدىلىرىم بىلەن 6-7 بالا نامازدىگاھلىقتا ئويناش ئۈچۈن( جامائەتلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدىغان جاي) بۇنداق ئويۇننى كەڭرى يەردە ئوينىسا بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ. سوبو ئويناشقا باشلىدۇق. تازا قىزىقىپ ئويناۋاتساق بىرسى كەينىمىزدە ۋارقىراپ بىزلەرنى تىللاۋاتماسمۇ، شۇنداق قارىسام مەھەللە مەكتىپىنىڭ ۋە مۇشۇ نامازدىگاھلىقنىڭ پاكىزلىقىغا مەسئۇل ئابدۇۋايىت دەيدىغان بوۋاي تۇرىدۇ.
زادى مەكتەپ تەخەيلىرىنىڭ ياخشىسى يوق، ھەي، ياغاچ قۇلاقلار شۇنچە كەڭرى يەرلەر تۇرسا شۇ يەرلەردە ئوينىماي، نامازدىگاھلىقنى ئالا-توپىلاڭ قىلىپ مۇشۇ يەردە ئوينىشامسەن؟ سەن قۇلاق كەستىلەر بىر ئوبدان قاتقان يەرنى توپىلاق قىلىپ قويساڭ جامائەتلەر نەدە ناماز ئوقۇيدۇ؟دەپ بىزلەرنى پىرقىرىتىپ قوغلىغىلى تۇردى. قاچە-قاچ ھەممىمىز تەرەپ-تەرەپكە قاچتۇق.
بالىلار ئىچىمىزدە بۇ قېرى بوۋاينى تىللىغاچ باشقا ئويۇن تېپىپ ئويناش ئۈچۈن ماڭدۇق.
ئوت دېگەننى بىزلا قويىمىزغۇ؟!
بىر ئوبدان قىزىغان ئويۇنىمىز يوق بولدى، مەھەللىنىڭ ئاياق تەرىپىگە ماڭدۇق. بۇ يەردە بىزنىڭ بىر قورۇق بار ئىدى. 15 مودەك كەلگىدەك بۇ يەرنى دادام بۇرۇنلا ئەپ قويۇپتىكەن، بۇ يەر ئۆستەڭنىڭ يېنىدا بولۇپ يان تەرىپىدە يارلىق بار ئىدى. يارنىڭ ئۇ تەرىپىدە بەك كۆپ بۇلاقلار ئېقىپ تۇراتتى. بۇ تەرىپىدە بولسا شىۋاقلار قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن. بۇ قىش مەزگىلى بولغاچ بۇلاقلاردىن چىققان سۇلار توڭلاپ يىراقتىن قارىسا خۇددى شارقىراتمىلار ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى.(مەن بۇ يەرنى بىزنىڭ قورۇق دەۋالاتتىم. كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرۈدىغان ئەسمەتخان فلىمىدە قورۇق دەپ چىقىدىغۇ.
)
قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي تۇرغاندا، نەۋرە ئاكام ئىمىن ھەي باللا مەندە گۇگۇت بار ئاۋۇ شىۋاقلارغا ئوت قويۇپ ئوينامدۇق بەكلا پەيزى كۆيىدۇ، ما تەرىپىگە ئوت يېقىپ قويساق ئا تەرىپىدىكى شىۋاقلار تۈگىگىچە كۆيۈپ ئاندىن توختايدۇ دېدى. ھەمىمىز بىر ئېغىزدىن ماقۇل دېيىشتۇق. مانا پىشكەللىك ئاكام ئوتنى بىر قويۇۋېدى، شىۋاقلار تۈگەيدىغان يەردە 3-4 تۈپ قارا تېرەكلا بار ئىكەن شۇلارغا تۇتاشماسمۇ ئوت قويغانغا تويە-توي
ئوتنى ھېچنەرسە قىلىپ ئۆچۈرەلمىدۇق. ھەممىمىز كىچىك بولغاچ قورقۇپ قېچىپ كەتتۇق. ئۆيىمىزدىكىلەردىن تىل ئاڭلايدىغان بولدۇق دىگەن قورقۇنۇچتا غىپپىدە كىرىپ ئولتادۇق.
كەچ بولدى بۇ تېرەكلەرنىڭ ئىگىسى ئۆيگە چوقۇم ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ غەم-ئەندىشىدە ئولتۇردۇم. يەنىلا جىم ئەتىسى ئاكىلىرىمدىن سورىسام تېرەكلەرنىڭ قاۋزىقى كۆيۈپلا ئوت ئۆچۈپ قاپتۇ.
ئۇف................... بىر تىندىمدە، چوڭ بالا-قازادىن قۇتۇلغىنىمغا مىڭلارچە خۇشال بولدۇم. ئىككىنجى ئوت ئوينىمايمەن.