يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 2

تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم



نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى

ئەگەر «ياخشى يېيىش-ئىچىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشلا - تۇرمۇش» دېيىلسە، ئۇنداقتا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ.
تۇرمۇش - ئويغانغانلارنىڭ كۆرەش مەيدانى، شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھى. ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى. تۇرمۇش - سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى، ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى. تۇرمۇش - تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛ تۇزسىزئىچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق، تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.
تۇرمۇش - تاپقىلىبولمايدىغان تېپىشماق، تۇرمۇش ھەققىدە تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەنلىگەن جاۋابىبولىدۇ. تۇرمۇش - يەشكىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە، مەيلى سەن ئۇنى قانداق ھېسابلا، ھەممىسى ئەجىر-مېھنەتتىن ئىبارەت. تۇرمۇشنىڭ ئادىللىقى شۇ يەردىكى، مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا غەم-قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنىسانسىزلىغان كىچىك قايغۇلاردىن تىزىلغان تەسۋى دەيمىز. تۇرمۇشنىڭ ئاداۋەتخورلۇقىشۇ يەردىكى، سەن ئۇنى ئالدىساڭ، ئۇ سەندىن ھېساب ئالماي قالمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشنىئۆزگەرتىدۇ، تۇرمۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىچارە يېرى شۇكى، ئۇ تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولىدۇ؛ ئادەم قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۇرمۇش ئەكسىچە ئۆز لەززىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمگە تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشىچۈشەندۈرىدۇ. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ۋە تۇرمۇشقا لايىقلىشىدۇ. شەخسىيەتچى كىشىلەر دائىم باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغابويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ياشلار ئۆزى خالىغانچە ياشاشنىياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛ ياشانغانلار رىتىملىق ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئىشلار دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنگەچكە، كۆپىنچەبىپەرۋا كېلىدۇ؛ ئاياللار تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ سەل قارىمايدۇ، شۇڭاكۆپىنچە ھاللاردا زىل، ئەستايىدىل كېلىدۇ. بىكارچىلىق ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھايات؛ ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماسلىق قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ھاياتتۇر؛ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي ئۆتكەن تۇرمۇش پالەچ بولغان ھاياتتۇر؛ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش ئىلاجىسىزلىققا تولغان ھاياتتۇر.
تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەن خىل ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ساداقىتىمۇ ئوخشاشمايدۇ. شۇڭاھەممە ئادەمنى بىر خىل ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلىماسلىق لازىم، بولمىسا تۇرمۇش خىرەلىشىپقالىدۇ. زىيادە سەمىمىيلىك بىلەن، مېھرىبانلىق بىلەن باشقىلارغا قانداق ياشاش توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەسلىك كېرەك. ھەربىر تۇرمۇش ئۆلچىمى بىر كونا كىيىمگەئوخشايدۇ، ئۆزىگە دەل كەلگەن بىلەن باشقىلارغا دەل كېلىشى ناتايىن. ھاياتنى سۆيۈش بىلەن چوقۇم تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەك، تۇرمۇشنى سۆيگەندىلا، ئاندىن ھاياتنى سۆيگىلىبولىدۇ.
بىز بۇ دۇنياغا كەلگەندە ھەر بىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سېۋەت بولىدۇ. ھەربىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىنبىر نەرسىنى تېرىۋالىمىز، شۇڭا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز. تۇرمۇش ئەتىگەندىنكۈن ئولتۇرغانغا قەدەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.
ئۆلۈم بولسا ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىققىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسىگە باغلىق. ئەبەدىيلىك قانۇنىيەت قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. ھايات، چۈشكە ئوخشاش ئىزسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەيلى بەگ بولسۇن، مەيلى قۇل بولسۇن، كەلمەسكە كېتىدۇ. بۇ دۇنيا بىۋاپا، ئاخىر ھەممىمىز كېتىمىز. نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەكمۇ، ھېچ ۋاپا كۆرمەي ئاخىرسەپەر يولىنى كۈتىمىز.
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: «كەمبەغەلمۇ ئۆلىدۇ، شۇنىڭدەك بايمۇ ئۆلىدۇ، ئىككىماتا بىلەن قارا يەر قېتىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ كەمبەغەل ئۆلسە جاپا-مۇشەققەتتىنقۇتۇلىدۇ، باي ئۆلسە مال-دۇنيالىرى قالىدۇ، ۋابالى بىللە كېتىدۇ. ئادەم بالىسىكارۋانغا ئوخشايدۇ، كارۋان قونالغۇدا ئۇزۇن تۇرالماس بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ، گۆرۈڭ بىر قونالغۇدۇر، بۇ قونالغۇدىن قوزغالساڭ، ئۇ دۇنيا ئاخىرقى قونالغۇ بولىدۇ.»
ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغانلىق. مەن ياشاشتىكى مەقسىتىمنىھەقىقەتكە، ھۆرلۈك، ئەركىنلىككە خىزمەت قىلىش، دەپ قارايمەن. مانا بۇ مېنىڭئېتىقادىم. ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنلەرگە ئۆلۈم ئانچە مۈشكۈل تۇيۇلمايدۇ. ھەممەئادەم ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. ھەرقانچە قورقساقمۇ، چايكوۋىسكىي ئېيتقاندەك: «ئەجەل دېگەن بۇ بايقۇش مەلۇم بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن توقمىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بېشىمىزغاسالىدۇ.»
ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن پەيلاپسوپلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەر خىل بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇھەر خىل بولغان: ھېمىڭۋايدەك ئۇلۇغ يازغۇچى «ئۆلۈم - ئەڭ گۈزەل جىمجىتلىق» دەپ ئۆلۈمنى مەدھىيىلىگەن ھەم ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان. مەشھۇر سەنئەتكار چايكوۋىسكىي گۆرىستاننى «ئىپلاس ئۆڭكۈر» دەپ باقىي ئالەمگە كېتىشتىن دەككە-دۈككىدە بولغان. 20-ئەسىردىكى مەشھۇر پەيلاپسوپ بېتران روسېل 98 يېشىدا «مەن بۇ دۇنيادىنبىزار بولۇپ ئايرىلدىم» دەپ ئۆلۈمنى «قۇتۇلۇش يولى» دەپ چۈشەنگەن. ئۇلۇغ ئالىمئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق مەسىلىگە ئاددىي، ماس، مۇۋاپىق جاۋاب تېپىشتەك تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئۆلۈم مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «راست، ھەممەئادەم ئۆلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا، پەقەت مۇشۇ نوقتىدىلا ھەممە ئادەم باراۋەر. بەزى سىياسەتچىلەر قانداقتۇر: ھەممە ئادەم بابباراۋەر يارالغان، دەيدۇ. مىليونېر بايلار بىلەن كوچىدىكى قەلەندەرلەر ئوتتۇرىسىدا نەدىمۇ باراۋەرلىك بولسۇن ! باي ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن نامرات نېگىرلارنىڭ بالىلىرى دۇنياغا كەلگەن كۈندىنباشلاپلا باراۋەر ئەمەس. ئۇلار خۇدا ئالدىدىمۇ باراۋەر ئەمەس. پەقەت ئەزرائىلئالدىددىلا ھەممەيلەن بابباراۋەر. !
راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ ئاخىرقى قۇتۇلۇش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك. ئۆلۈم ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىقكىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ. ئۆلۈكنىڭ ئازاب چەككەنلىكىنى كىم كۆرۈپتۇ ! پەقەت ئۆلۈك ۋە تۇغۇلمىغان بوۋاقلا ئەتىكى بەختسىزلىك ۋە ئاپەتتىن قورقمايدۇ. لېكىن ئادەملەر ئۆلۈمدىن ئومۇميۈزلۈك قورقىدۇ، بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. پەقەت شەخسىي ھايات ئاخىرلاشقاندىلا، ئاندىن تۈرلەر ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلىبولىدۇ. تەبىئەت نېمىدېگەن ئەپچىل، نېمىدېگەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان-ھە!?

ئاپتور: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇھەررىر

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
203
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش - ئويغانغانلارنىڭ كۆرەش مەيدانى، شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھى. ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى. تۇرمۇش - سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى، ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى. تۇرمۇش - تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛ تۇزسىزئىچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق، تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سىياسەتچىلەر قانداقتۇر: ھەممە ئادەم بابباراۋەر يارالغان، دەيدۇ. مىليونېر بايلار بىلەن كوچىدىكى قەلەندەرلەر ئوتتۇرىسىدا نەدىمۇ باراۋەرلىك بولسۇن ! باي ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن نامرات نېگىرلارنىڭ بالىلىرى دۇنياغا كەلگەن كۈندىنباشلاپلا باراۋەر ئەمەس. ئۇلار خۇدا ئالدىدىمۇ باراۋەر ئەمەس. پەقەت ئەزرائىلئالدىددىلا ھەممەيلەن بابباراۋەر. !


شۇنداق !
ئۆلۈم ئالدىدا ھەممىمىز شۇنچىلىك ئاجىز، ئۇ چاغدا نە مەنسەپ، نە مال - دۇنيا، نە ئابرويلار ئەسقاتمايدۇ، ئاجايىپ ئېسىل يازما ئىكەن،ئەپسۇس،  ھايات توغۇرلۇق، تۇرمۇش توغۇرلۇق، ئۆلۈم توغۇرلۇق ئويلىنىشقا تېگىشلىك بۇ تېما بېسىلىپ قاپتۇ، بويۇن قىسىپ قاپتۇ

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:16 , Processed in 0.056374 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش