پەلەكنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالغىن،
مۇھەببەت كۆك قوچقاردەك بوغۇزلاندى.
دۇئانىڭ چېچىكىگە تۆكۈلدى قان،
كىم سەندەك سۈيۈلدى ھەم ئەزىزلەندى.
مەن ئاخىر ئازاپنىمۇ سەزمەس بولدۇم،
ھەسرىتىم كۆريەنىلا ئۇلۇغلاندى.
سېغىنىش زۇلمىتىنىڭ ئوقيالىرى،
دائىمقىدەك يۈرىكىمگە توغۇرلادى.
تىپىرلاپ بۇغۇلدىدىم ئىسمىڭنىمۇ،
يۇلتۇزلار ئارىسىدا قارچۇقۇم تاش.
تۇيۇقسىز كىلىپ قالساڭ ئاش ئىتەي دەپ،
تاڭ سەھەر ئېتىزىمدىن يۇلدۇم ئوتياش.
شور تۇزنى چىلاپ قويدۇم تۇزلىقىمغا،
غەلۋىردىن نەچچە ئۆتتى ئۇنلىرىممۇ.
ھىچ جاپا بىلىنمىدى ھەتتا ماڭا،
تۈگمەنگە نەچچە بارغان كۈنلىرىممۇ.
ئۇيۇتقان قېتىقىمنىڭ قايمىقىنى،
ئاۋايلاپ يىغىپ قويدۇم قوشۇق بىلەن.
تاۋاقنىڭ بەختى كۈلدى مەن يىغلىدىم!
ئەجەپ بىر يۆل نەرسىكەن ئادەم دېگەن...
سەۋرسىز ياشاپ باقسام دەيمەن جېنىم،
كوچىغا چىقىۋالغۇم كىلەر توۋلاپ.
ئەقىلدىن ئاداشقان بىر مەشۇق بولسام،
چەيلەركىن كىملەر مېنى ئېيقىن خارلاپ؟
پادىلار ئارىسىغا مۆكۈپ يۈرسە ،
ئاھ، كىمنى مەجنۇن دېگەن ئول ناۋائى.
ھىجران سەلتەنىتىدە ئۆزىمىزدەك،
ھەي...ھىچكىم يازالمايدۇ ئىككىمىزنى!