يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 734 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 7

نەۋرىزە: قازان بېشىدىن يىراق...بەخىتتىن يىراق! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرىزە: قازان بېشىدى يىراق...بەخىتتىن يىراق
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۆجەيرىسى، كۆڭۈللىك ئائىلە موھىتىنى يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بازار ئىگىلىگى دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن، نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلارغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ھايات قاينىمىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغىمۇ ئۇچراۋاتىمىز. ئەلبەتتە ھەر قانداق ياخشى يامان ئىشنىڭ,  بولۇپمۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ناھايىتى ئاقىلانىلىكتۇر. ئۇنداقتا دېققىتىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى......
مۇشۇ كۈنلەردە بىر نەچچە ئادەم يىغىلغان سورۇنلارغا بارساق، جەمئىيەتتىكى قىززىق نوقتا پاراڭلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ قالمىز. بولۇپمۇ ھەممىمىزنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان، ياشلار ئىچىدىكى ئاجرىشىش نىسپىتىنىڭ پەۋقۇلادا يوقۇرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتا ئون ئادەم توي قىلسا يەتتىسىنىڭ ئۆي بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان نۇرغۇن سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن. ئەمما بەزى سەۋەپلەرگە ئۆزىمىزمۇ سەۋەپ بولۇپ قالىمىز ئەلبەتتە. ئەڭ ئاددى مىسال: ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك.... مىسال ئاددى بولغىنى بىلەن مېنىڭچە بۇ ئاددى مەسىلە بولماي بەلكى ئائىلە مۇناسىۋېتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى موھىم ئامىللارنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇيغۇر ئاياللىرى، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن تاماق ئېتىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قاراپ كەلگەن، تاماققا ئۇستا ئاياللار ئالاھىدە تەرىپلەنگەن، ھەم شۇنداقلا «ئايال كىشى دەستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ» دېگەندەك ئېسىل ماقالە تەمسىللارنىمۇ بىزگە قالدۇرغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان دەستىخان ئاساسلىق مىھمانلارنى ئېسىل تائاملار، خۇش چىرايلار بىلەن كۈتۈشكە قارىتىلغان. شۇڭا تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولۇشمۇ مۇكەممەل ئايال بولۇشتىكى موھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىناتاتتى. بۇ شەرتنىڭ ھازىرمۇ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى، جەمئىيەتنىڭ يوشۇرۇن تەققەزاسى. ئائىلىدە تاماق ئېتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك موھىم ئەھمىيىتى بار. بىرىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە، ئائىلە ئەزالىرى تاماق يىيىش مۇناسىۋېتى بىلەن، ئائىلىگە دېگەن قەرەلدە جەم بولىدۇ. ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئالدىراش بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەر- ئايال ئىككى تەرەپ قول- قولچە ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىگە بولغان مىھرى- مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت باغلاش باغچىلاردا، كوچىلاردا، رېستىرانلاردا، ياكى تېز تاماقخانىلاردىلا، قەھۋەخانىلاردىلا بولماي، بەلكى ئاشخانا يەنى قازان بېشىدىمۇ ئاجايىپ چوڭقۇر مۇھەببەتلەر پەيدا بولىدۇ. مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھەببەت ئاشخانىدىن باشلىنىدۇ. ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسپەتەن جىنسى تۇرمۇشتىنمۇ موھىم. ئەر- ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى ھەرقانداق ۋاقتىدىنمۇ موھىم دەپ قارالغان. ئۈچۈنچىدىن: ئۆيدە تاماق ئەتسىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن سىرتتا باشقىلار بىلەن تاماق يىيىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، ئەر- ئايالنىڭ ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. كۈندە ئۆيگە تاماق يىيىش ئۈچۈن كېلىشى تەكرارلانغانسېرى بۇ بىر قىلمىسا بولمايدىغان موھىم ئىشلار قاتارىدا ئادەتكە ئايلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن: ئائىلىدە تاماق ئاتكەندە ئۆيدە بىر خىل ئىللىقلىق پەيدا بولىدۇ، تاماق ئەتمىگەن ئۆي، ھەرقانچە ئايۋان ساراي بولغان تەغدىردىمۇ، كىشىگە بوران چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆي يولدىشىڭىزغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلمايدۇ. چۈنكى ئەرلەر قۇرساققا ئامىراق بولىدۇ. بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن مەخپوبىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىغىدىن ئالەمچە سۈيىنىدۇ. تاماق ئەتمەيدىغان ئۆينىڭ بەركىتىمۇ بولمايدۇ. دېمەك ئۆيىڭىزدە تاماق ئەتمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى سەل چاغلىماڭ. يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى، رومانتېك تۇيغۇ، بەزى بىر ئاجىزلىقلانى قوغداپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىىشىگە ئەگىشىپ، رىياللىققا قايتىپ كېلىسىز، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى پائالىيەتلەر ئائىلىدە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ماددى تەلەپلەرنىڭ بىرسى ئائىلىسىدە ئاغزىغا تېتىغىدەك تاماق يېيىشتۇر. ئەلۋبەتتە بۇ ماددى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، بۇ يەردە بولۇپمۇ بىز ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئايال بولغان ئىكەنمىز، خىزمەت ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك يوقىرى بولىشى ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر تاماق ئېتىشتە بىز چوقۇم باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئەگەر سىز خىزمەتتە پەۋقۇلادە ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ ئادەتكە ئايلانغان زۆرىرىيەت يۈزىسىدىن، يولدىشىڭىزمۇ بۇ موھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئاياللارنىڭ موھىم ھوقوقى بولغان ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن شارايىت بار بولغان ئەھۋالدا ھەرگىز باش تارتماڭ، شۇ ئوخشىغان تاماقلارمۇ يولدىشىڭىزنى ئۆز ئۆيىگە مەھلىيا قىلىدۇ.  ئائىلە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن بولمىسىڭىز بولمايدىغان ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن موھىم ئەزالىق رولىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز، ئۇنداق بولمىغاندا ، سىزنىڭ ئۇ ئۆيدە بولۇش بولماسلىقىڭىز، ئۆزىنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كېلىش- كەلمەسلىكى ئادەتتىكىلا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئەتكەن مېزىلىك تاماقلىرىڭىزنى يىيىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە كېلىپ ئادەتلەنمىگەن كۆڭلىدە قالغىدەك مىزىلىك تاماقنى سىز ئۇنىڭغا ئىتىپ بېرەلمىگەن، ھە دىسىلا تېز تاماقخانىلاردا تاماق يېيىشكە كۆندۈرگەن، ئۇ ئويلاپ باقسا ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان تاماقلىرى، كۈندە سەھەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلىدىغان غەمخورلۇقلىرى، ئاتىسىنىڭ ئانىسىغا قىلىدىغان غەمخورلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، داستىخاننى سېلىپ چىرايلىق ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىغا كىلىپ، سىزدىن ئاستا – ئاستا قۇسۇر ئزدەشكە باشلايدۇ، بۇ چاغ سىزنىڭ تولىمۇ كېچىككەن ۋاقتىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن سىزمۇ جىم تۇرمايسىز ئەلبەتتە، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغاق ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن، مۇزلىغان كۆڭۈللەرنى ئىللىتالماي، مۇھەببەتىڭىز كىردىسكە ئۇچراپ، ھېسياتتا پارچىلىنىش بولۇپ، سىزگە تارتىشقىدەك بىرەر تەرەپىڭىزنى تاپالمىغان ئېرىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشىتىكى بىمەنا سەۋەپلىرىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز. «مۇزمۇ بىر كۈندە قاتمايدۇ».  
سىلەر توي قىلىپلا سىرتتا تاماق يىيىشكە ياكى ھەرئىكىڭلار ئاتا- ئاناڭلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يىيىشكە ئادەتلەندىڭلار يەنى ، يولدۇشىڭىزمۇ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىدۇ، سىزمۇ ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىسىز. ئەلبەتتە ئاش قالمايسىلەر، ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ سىلەرگە بىر قاچا تاماق بېرىشكە ھەرگىزمۇ قۇرسىغى ئاغرىمايدۇ. بىراق قېيىن ئاپىڭىز سىزنىڭ ئوغلىغا ئاش ئېتىپ بەرمەيدىغانلىغىڭىزدىن بىر كۈنلەرگە بېرىپ ئاغرىنىشى مۇمكىن، ئېرىڭىز دەسلىۋىدە سىزنى قوغدىغان بولسىمۇ ئەمەلىي پاكىت ئالدىدا ھامان ئاجىزلىق قىلىدۇ. بىزدە « لىدىن چىقما، خاندىن قورۇقما» دېگەن سۆز بار. ئايال بولغان ئىكەنمىز،ئۆزىمىزنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشتىن باش تارتماسلىقىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ھازىر ئائىلىدە ئاش ئەتمەسلىك، ياكى ئائىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلمالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولىشى، رىقابەتنىڭ كۈچلىك بولىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈرتكە بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت موھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايسىز ھەمدە يولدىشىڭىزغا ئائىلىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن نامايەن قىلالايسىز. تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان، خىزمەتتىكى رىقابەت كۈچۈيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  ئەلبەتتە ئائىلىدە تاماق ئېتىش نوقۇل ھالدا ئاياللارنىڭلا ۋەزىپىسى بولماي زۆرۆر بولغاندا ئەرلەرنىڭمۇ قازان بېشىغا تەڭ ئۆتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ چىۋەر ئاياللىرىمىز شارائىت بارلا بولغان ئەھۋالدا، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىسىن ئۆزى چىقالايدۇ. ئەقىللىق ئەرلىرىمىزنۇ، ئۆزىنىڭ قازان بېشىغا، ئۆي ئىشلىرىغا يېقىن كېلىشىنىڭ ئەرلىك جاسارىتىگە نۇخسان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. دېمەك ئەر- ئايال بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسىلا، ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالمايلى!!!تاماق ئېتىش ئەمەلىيەتتىمۇ بىر كۆڭۈللىك ئىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن تولىمۇ ھوزۇر بېغىلشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئويلىمىغان خۇشھاللىقلارغا ئېرىشىش، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئۆيدە تاماق ئەتمەيدۇ، قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ دېگەندەك بىر توقاي باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشىگە شۇنداقلا، سىزنى تاشلاش ئۈچۈن سەۋەپ قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. شۇڭا تېز تاماقخانىلاردىن يىراق تۇرۇڭ، قازانبېشىغا يېقىن بولۇڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىزگە ئاساس سالالايسىز. يەنە بىر موھىم تەرىپى، ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئارقىلىق، ئائىلە تائاملىرىنى ئەۋلاددىن- ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرالايسىز. بۇ مېنىڭچە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز بولسا كېرەك.
2008- يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئۈرۈمچىدە يېزىلدى

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىغا خىلى ئەجىر سىڭدۇرۇپسىز .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:04:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇنۇتقاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىم توغۇرلۇق قىسمەتكە بىر مۇنچە دەرت تۆكىۋېدىم، بىر خىزمەتدىشى ئاڭلاپ:
ئاشخانىنىڭ تامىقىنى يەۋەرسىڭىز شۇنداق بولىدۇ، دىدى.
بۇ كىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بۇ گەپنىڭ ئىلمىي ئاساسىي باردەك ھېس قىلدىم، ھېلىمىغۇ سىرتتىن. بۇرۇنقىدەك كۆپ يىمەيمىز ، بولمىسا

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆينىڭ تامىقىغا نىمە يەتسۇن ،يەنە كىلىپ يېمەك - ئىچمەك تازلىقى توغرىسىدا چىقىۋاتقان گەپلەرنى كۈندە دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمىز ،جىسمىمىز پاك ،ئەقلىمىز لال ،ئائىلىمىز بەختىلىك بولسۇن دىگەنلەر  يەنىلا ئائىلدە تاماق ئېتىشكە ئادەتلىنەيلى ،ئەرلىرىمىز ،بالىلىرىمىز ئائىلنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلسۇن ،تۇرمۇش رېتىمى ھەرقانچە تېز بولسىمۇ ھامان شۇ ئۆيگە قايتىمىز ئەمەسمۇ؟!

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشىنىڭ تۈجۈپلەپ ئەتكەن بىر ۋاقلىق تامىقىغا چوڭقۇر مېھرى مۇھەببەت سىڭگەن بولىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يىسە مېھرى مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇڭا چوڭلار پات- پات ئۆيدە قازان ئېسىڭلار دەپ  تەكىتلەپ تۇرىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن قازان بېشىدا بەك تۇرىۋەتتىم دىمەيسىلەر، ھاي ! بولدى بەس ! سەۋر قىلىڭ دەپ ياندۇرۇپ چىقىۋالغۇچىلا زادى ....نەۋرۇزە خانىمنىڭ تېمىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ تېمىنى بەك ياقتۇرىمەن. بۇرۇنلاردىمۇ ئۆز تۇرمۇشۇمدا ئۆرنەك قىلاتتىم. نەۋرىزە خانىمغا كۆپ تەشەككۇر!
    بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىمى ئائىلە. نۆۋەتتىكى جىددى خىزمەت  ۋە تۇرمۇش رېتىمى بىزنى شۇنچىلىك ئالدىراش قىلىۋەتكەن  بولسىمۇ، ئەمما ئىللىققىنە ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىدىكىلەر دەرقەمتە ئولتۇرۇپ ئىسسىق بىر قاچا تاماق يېيىشسەك شۇنداق ھوزۇرلۇق ھېس قىلىمىز.  يولدىشىمىز ۋە پەرزەنتىمىزنىڭ ئالدىغا تىلىغا تېتىغۇدەك بىر قاچا تاماق قويالىساق بىر كۈنلۈك ھاردۇقىمىز چىقىپلا كېتىدىكەن.
ھازىر رېستۇران ئەۋج ئېلىپ كىشىنى تېخىمۇ ئالدىراش جىددى قىلىۋەتتى، بارمىسڭىز ئادەمگەرچىلىك، بارسىڭىز ۋاقت كېتىۋاتقان. مىللىتىمىز بارغانچە "تەرەققى" قىلىپ، ھە دەپ "يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ" ، بىز شۇنچىلىك جىددى ھالەتتە تۇرىۋاتىمىز. كەچلىرى بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايال بارىدىغان سورۇن بولسا ئەرنىڭ تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش...ۋاي، خىزمەتتىن ئاجراپ پەقەت رېستۇرانغىلا ۋاقىت باركىن، بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئائىلىدە ئانچە- مۇنچە بالىلارغا بىر نەرسىلەرنى ئۈگىتىش دېگەنلەرگە ۋاقىت چىقمايلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن نۇرغۇن ئاياللار مۇراسىمغا كېتىپ قېلىپ، ئائىلە چۆلدەرەپ، مېھىر سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.  بۇرۇنقىدەك كىچىك چاغلىرىمىزدا  ئاپىمىز  ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، تاماق ئېتىپ يىيىشىپ، ئىسسىق مەشتىن ھوزۇرلىنىپ، تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولۇپ، شۇنداق ئېسىل تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتكەن چاغلىرىمىزنى بەك ئەسلەپ كېتىمەن، ئەمما بۇ زامان تەرەققىياتى بىزگە بەك ئېسىل "سوۋغا" لارنى ئاتا قىلىۋېتىپ بارىدۇ.
   شۇنىڭدەك، ھەممنىڭ ئاساسى ئائىلە، ئانا، ئايال. ئايال ئۈچۈن قازان بېشى ئەڭ مۇھىم. ئاپام دائىم :" ئايال كىشى قازان بېشىدىن ئىززەت تاپىدۇ" دەيدۇ. خۇدا بۇيرىسا ئاپامنىڭ، قېينئاپامنىڭ تۈرتكىسە بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ كېتىۋاتىمەن، ئەمما ئويلىغىنمدىن تېخى يىراق. ئىشتىن چۈشۈپ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تامىقىنى بېرىپ بولسام يىنىكلەيمەن، ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن. ئىشقىلىپ ئادەتتە شۇنچىلىك تىرىشىمەن دەپ ئويلايمەن ئۆزەمنى. ئارام كۈنلىرى ئادەتتىكى تاماقلارنى ئەتكۈم كەلمەيدۇ. مۇرەككەپ، قول تۇتىدىغان تاماقلارنى ئىتىپ  باقىمەن. ئاپام شۇنداق قاتتىق تەلەپ قوياتتى، تاماققىمۇ بەكلا ئۇستا. ئەمما مەن دوراپ بولالمايۋاتىمەن. لېكىن تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. مۇشۇ ئۆيىدە تۈزۈك تاماق ئەتمەيدىغان دوستلىرىمغا قاراپ قالىمەن. ئاشۇلارنىڭمۇ تۇرمۇشى ئۆتىۋېرىدىكەن يەنە. بەزى دوستلىرىم مېنى :"قىياپىتىڭىزدىن ئۆي ئىشى قىلالمايدىغاندەك، تاماق ئىتەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىسىز، ئەمما بەكلا پىشقان سىز، كائۇرى" دېيىشىدۇ چاقچاق قىلىپ. ئىشقىلىپ ئايال بولغاندىكىن ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويساق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىر ئەر خىزمەتدىشىم بار ئىدى. ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئايالى ئەتىگەندە يۇغۇرۇپ قويغان خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئولتۇرسا، 9 ياشقا كىرگەن ئوغلى:" دادا، نېمە قىلىۋاتىسەن، ئەر كىشىدەك ئىش قىلمامسەن؟" دەپتىكەن، دېيىشچە شۇنداق كۈلۈپ كېتىپتۇ، ئەمما ئويلىنىپ قاپتۇ. مانا بۇ ئائىلە تەربىيسىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى. بالا چوڭ بولغان مۇھىت تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىشلار ئازايسا، "دۇنيا بۈگۈنكىدەك ئەر دەپ يىغلىمىغان بولاتتى". مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيى بەك چوڭ. ئۇ خىزمەتدىشىممۇ خاتا قىلمىغان، ئايالى كەلگۈچە قىغاچ تۇراي، دېگەن. ئادەتتىمۇ ناھايىتى بەك 模范丈夫 ئىدى، ئەمما ھەممە ئىش چېكىدە بولغىنى ياخىشى.

  كونىلاردا يەنە، "ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئاشقازىنىنى چىڭ تۇت" دەيدىغان گەپ باركەن. تاماق ئېتىلمەيدىغان ئائىلە كىشىگە سوغۇق بىلىنىدىكەن. بىر ۋاق تاماق ئىتىپ يەپ ئۆي ئىچىگە قارىسڭىز شۇنداق ئىللىق بىلىنىدىكەن. نەچچەن كۈن تاماق ئېتىلمەي(ئۇ، بۇ سەۋەبلەر بىلەن)، ئاندىن تاماق ئەتسە ئۆي ئىچى پاللىدە بوپ كەتكەندەكلا. ئاياللىرىمىز، خانىملىرىمىز، گۈزەللىرىمىز، ئۆزىمىزگە بولغان تەلەپنى ئازراقلا يۇقىرىلاتساق بولامدىكىن دەيمەن. بۇ توغرىسىدا قىزىلگۈل ھەدىمىزنىڭ بىر تېمسى بولىدىغان. ئاچا-ھەدىلەردىن كۆپرەپ تەلىم ئېلىپ تۇرسا ئادەمنىڭ بىلىدىنى كۆپىيىپ، تۇرمۇشىمۇ تەرتىپلىك ئۆتۈپ، ئۆزىمۇ مەمنۇن بولۇپ قالدىكەن.

    بارلىق گۈزەللەرنىڭ تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن!


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرىمگە ئىنكاس يازغان بارلىق ئەزىزلەر راۋۇرۇس ھەزىم قىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپتۇ، بولۇپمۇ قەھۋا ئەزىزىزىمنىڭ ئىنكاسىدىن تولىمۇ سويۈندۈم.
بارلىق ئەزىزلەرگە تەشەككۇرلەر بولسۇن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 15:18 , Processed in 0.055203 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش