يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 302|ئىنكاس: 6

ئائىلىنىڭ يىلتىزى نەدە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئائىلىنىڭ يىلتىزى نەدە ؟

ئائىلە- ئۇ بىزنىڭ جەننەتماكانىمىزدۇر. ئۇيەردە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ بىرجۇپ پەرزەنتى يىلتىزتارتىدۇ، چىچەكلەيدۇ، مىۋە بىرىدۇ.

ئادەم بىرتۈپ گۈل بولسا ئائىلە تەشتەكتۇر، ئادەم ئۈسۈملۈك بولسا ئائىلە مۇنبەت تۇپراقتۇر.پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھى ھەدىسلىرىدىنمۇ ئائىلىنىڭ يۈكسەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن

بايانلارنى ئۇچۇراتقىلى بۇلىدۇ.


بىز بۇرۇندىن ئائىلىنى ئۇلۇغلاپ، ئائىلىگە تەلپۈنۈپ كەلگەن خەلق. ئاتا بۇۋىمىز ھەتتا ئائىلىدە بولمىغان ئادەملەرنى ئادەم قاتارىغا ئالمىغان.

يىگىتلەر ھەققىدە«ساياق يىگىتتىن، قۇرۇق تاغار ياخشى» دەپ تەمسىل ئالسا قىزلار ھەققىدە«بۇيىغا يەتكەن قىزنىڭ ئەردە بولغىنى ياخشى، ئەردە بولمىسا گۆردە بولغىنى ياخشى»دەپ مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىر ئائىلىدە يىلتىز تارتمىغان ئادەملەرنى ھاياتلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.

ئائىلىنى ئۇلۇغلىشىمىزنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن ھىكمەتلەر بۇلۇپ بىزنىڭ مەقسىدىمىزبۇيەردە ئائىلىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئەمەس بەلكى شۇ ئۇلۇغ ئائىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە پىكىر-يۈرگۈزۈش بولغانلىقتىن بايانلىرىمىزنى مۇشۇيەردە توختىتىپ مەقسىدىمىزگە قايتىمىز.

بۇرۇندىن يىگىتلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئائىلىدىكى مەجبۇرىيتىنى تۇنۇغان ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلغان، قىزلىرىمىز ئائىلىنىڭ يىلتىزىنى قېنى بىلەن پەرۋىش قىلىپ كىلىۋاتقان ئائىلىللىرىمىز شەرىئەتنىڭ تەلىملىرىدىن باش تارتمىغانلىقتىن ئائىلە ۋەيرانچىلىقى، ئائىلە ماجراسى، ئائىلە پاجىئەسى دىگەنلەر بىزلەردە كۆرۈلمىگەن ياكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن ئىدى. يېقىندىن بىرى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئائىلە ۋەيرانچىلىقى شىددەت بىلەن ئېشىپ كىلىۋاتىدۇ. ۋەيران بولغان ئائىلىلەرنىڭ كۈپۈنچىسىدە بىرنەچچە بالا يىتىم . . .

شۇنداق بىزنىڭ بۇئالتۇن تۈۋرۈكلۈك مۇقەددەس قورغىنىمىز ھۇجۇمغا ئۇچۇردى. ئەسىرلەردىن بىرى بىزلەرنى كۆكلىتىپ قىزلىرىمىزنى پىداكار ئانا، يىگىتلىرىمىزنى ۋىجدانلىق ئاتا قىلىپ يىتىشتۈرگەن پاناگاھىمىزنىڭ تاملىرى چاك-چاك يېرىلدى. قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ بۇ قورغانغا بولغان ئىشەنچىسى يۇقالدى. قورغانغا بولغان ئىشەنچە يۇقالدى دىيىشتىن قورغاننى قۇرغۇچى بولغان قىز يىگىتلىرىمىزگە بولغان ئىشەنچە يۇقالدى دىيىش ئوڭراقتۇر. ئاياللار ئەرلەرگە، ئەرلەرئاياللارغا ئىشەنمەس بولدى. قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ساياقلىق شۇئارى توۋلايدىغان بۇلىۋالدى. بۇ ھەرگىزمۇ خوش خەۋەر ئەمەس بۇ خەلقنىڭ ۋەيرانچىلىقىنىڭ بىشارىتىدۇ. چۈنكى«ئائىلە-ئۇ ۋەتەندۇر» ئائىلە مۇقەددەسلىكىنى يۇقۇتىدىكەن ۋەتەن مۇنقەرىز، خەلق قۇل بۇلىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىر ئەسىرىدە «بويتاقلىقئەبلەخلىكتۇر»دىگەن بايانلاركۆزگە يىڭنىدەك سانچىلىدۇ.

ئائىلىمىز نىمىشقا ۋايرانچىلىققا ئۇچۇرايدۇ ؟ ھەر بىرىمىز شۇ مۇقەددەس ئائىلىنىڭ ھەم يۈلەنچۈكى ھەم پاناھلانغۇچى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئائىلىمىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز؟ ئائىلىمىزنىڭ يىلتىزى نەدە ؟

مەن بۇ ھەقتە تەتقىقاتچى ئەمەس، بىر ئىزدەنگۈچى. شۇنداقلا ئائىلە ۋەيرانچىلىقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانبىر بىمارمەنشۇنىڭ ئۈچۈن بېشىمدىن ئۆتكەن بەزى ئىشلار ۋە شۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ قاراشلىرىم ئۇمۇمى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن چۈنكى مەن ئەتىراپىمدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن پىكىر قىلىمەن.

ئائىلە ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈچ نەرسىگە مۇھتاج.

1- ئائىلىنى بەرپا قىلغۇچى ئەر-ئايالنى مۇستەھكەم باغلاپ تۇرىدىغان «مۇھەببەت» .

ئەر ئايال ئۆگزىگە قويۇلغان شۇتىغا ئوخشىسا ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت شۇتىنىڭ ئىككى تەرپىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرىدىغان بالداققا ئوخشايدۇ.بالداق قانچە مەزمۇت بولسا شۇتا شۇنچە مۇستەھكەم بۇلىدۇ.

ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ئۇلارنى نۇرغۇن قىينچىلىقلاردىن، سىناقلاردىن ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ كىتىدۇ.

ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت بەرپا بولمايدىكەن. بۇ ئائىلىنىڭ ئىچى كاۋاك، يىلتىزى سېسىق بۇلىدۇ-دە ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.

ئەر ۋە ئايالىنڭ قەلبىدە مۇھەببەتكە بولغان بىربوشلۇق بۇلىدۇ. بۇ بوشلۇقنى ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى، پەرزەنىتنىڭ مۇھەببىتى ياكى ھەرقانداق بىر مۇھەببەت بۇ ئۇرۇنغا ئولتۇرالمايدۇ بۇنىڭغا پەقەت يات جىنىستىن بولغان ئۆزمەنىسىدىكى ھەقىقى مۇھەببەتلا ئولتۇرالايدۇ ۋە تولدۇرالايدۇ شۇنداقلا ئەر-ئايالنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. بىز بىز ئائىلىدە جەم بۇلۇش ئارقىلىق مانا بۇ مۇھتاجلىقنى تولدۇرالايمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئائىلىگە كىرگەن ياكى كىرمەكچى بولغان قىز-ئۇغۇللىرىمىز بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كىرەك. بىر يات جىنىسنى ھاياتلىق جۆرەم دەپ تاللىغان ئىكەن ئوتتۇردىكى مىھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بىرىشى، ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى، ياشارتىشى كىرەك. ئۇنى قۇرتۇپ قۇيىدىغان، تۇپا باستۇرۇپ قۇيىدىغان ئىشلاردىن چۇقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك .بۇ ھەقتە ئىلگىرى بىز يازمامدىمۇ مەخسۇس توختالغان بۇلۇپ خالىسىڭىز «مۇھەببەت نىمىلەرگە مۇھتاج ؟»ناملىق بۇ يازمىنى ئۇقۇپ چىقسىڭىز مۇھەببەت ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىش كىرەكلىكىنى تېخىمۇ ئۇبدان بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.



2- ئەر-ئايالنىڭ ئائىلە ئۈچۈن يۇقۇرى چەكتە ھامكارلىشىشىدىكى« ئىشەنچ»

ئائىلىدىكى ئەر-ئايال بىر كېمىگە چىققان يۇلۇچىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرى-بىرىگە مۇھتاج. ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ھەمكارلىشىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كېمىنى مەنزىلگە ساق – سالامەت يەتكۈزەلەيدۇ.

ئۇلاردا ئىشەنىچ بولمايدىكەن بىرى-بىرىدىن كۈنلەش، يامان خىياللارنى قىلىش، ئىقتىساد، يانفون، ھەتتا پورتماللاردىنمۇ خاتىرجەم بۇلالمايدىغان ئەھۋاللار چىقىشقا باشلايدۇ.

بۇنداق ئەئىلىگە جېنى تۆمۈر ئادەم بولسىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنچكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك. قىلغان ھەربىر ۋەدىللىرىمىزدە تۇرىشىمىز، ئۇقۇشماسلىق ياكى سەۋەنلىكلەرگە ۋاقتىدا چۈشەنچە بىرىشىمىز، قارشى تەرەپكە بولغان سۆيگۈمىزگە گۇمانلانماسلىقىمىز كېرەك.

بەزى خاتالىقلارنى سادىرقىلغىنىمىزدا قارشى تەرەپنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن قورقۇپ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يۇشۇرۇشقا تىرىشىمىز، يالغان سۆزلەيمىز، پەقەت بولمىغاندا ئاندىن شەرمەندىچىلىك بىلەن ئاشكارلىنىمىز. مۇشۇنداق ئىش بىرنەچچە قېتىم يۈزبەرسىلا ئىشەنچتىن سۆزئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نىمە ئىش بۇلىشدىن قەتئى نەزەر ھەرقانداق ئىشنى ئۇچۇق –ئاشكارا ئوتتۇرغا قۇيىشىمىز. سەۋەنلىك بولسا چۈشەندۈرۈشىمىز، خاتالىق ئۆتكەزگەن بولساق تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئەپۇ سورىشىمىز كېرەك. مانا بۇ ئىشەنچىسىزلىكنىڭ دورىسى.

3-ئائىلىنىڭ ماددىۋى ئىھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «ئىقتىساد»

مۇھەببەت ۋە ئىشەنچكە قۇرساق تويمايدۇ، ئائىلىنىڭ چىقىملىرى تۇلۇقلانمايدۇ. ئائىلىنىڭ كەم-كۈتىللىرىنى تۇلۇقلاش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادقا مۇھتاج بۇلىمىز.

بۇ جەھەتتە ئەركىشى بىر قەدەر پاراسەتلىك، شىجائەتلىك بۇلىشى كېرەك. ھۆنەر-كەسىپ، تىجارەتنىڭ قاندىغى بولمىسۇن ئۆزىنىڭ كاللىسىغا ۋە كۈچىگە تايىنىپ تاپقان ئىختىزاد بەرىكەتلىك بۇلىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى، شات-خۇراملىقىغا پايدىسى كۆپ بۇلىدۇ.

ھەرقانداق ئەركىشى چۇقۇم «قوي باقماي پاقلان ، كەتمەن چاپماي ئاقنان يەيدىغان»خام خىيالنى كاللىدىن چۇقۇم سۈپۈرۈپ تاشلىشى كېرەك.

ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەسئۇلىيەت، بۇرۇج. ئۇنى ئايالغا، پەرزەنتلەرگە يۈكلەپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.

ئەركىشى بۇ بۇرۇجنى ئاداقىلىش بىلەن بىرگە بۇنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىشنى بىلىشى كىرەك. ئىقتىساد بولمىسا بولمىغىنىغا ئوخشاش چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئىقتىسادمۇ ئائىلىگە خەۋپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىشى ئىقتىساد تېپىشنى بىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى قانداق ئىشلىتىش، قانداق باشقۇرۇشنىمۇ بىلىشى كىرەك .

بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىمنى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتۇرىمەن. بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ مىنىڭكىدىنمۇ ياخشى كۆزقاراشلىرى بۇلىشى مۇمكىن . تورداشلىرىمنىڭ ياخشى پىكىرلىرىدىن مىنىمۇ بەھىرلەندۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

مەنبە : روھچىن قەلب خاتىرسى

http://www.rohqin.com/?p=537


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:38  


Rank: 3Rank: 3

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
197
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىزاد-ئىقتىساد.
يانفۇن-يانفون.

باھا سۆز

rohqin  تۈزىتىپ قويدۇم رەھمەت !  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:39:24

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:01:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىسمەتكە تاماق قىلىپ بېرۋېتىپ  تازا بىر يېزۋېتەي ھە

باھا سۆز

esil  نەچچە كۈنلۈك تامىقىنى بىراقلا بىرەي دىدىڭىزمۇ نىمە ؟  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:14:33
rohqin  قىسمەتكەم تاماقنى يامان جېق يەمدۇ نىمە ؟  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:39:51

Rank: 8Rank: 8

توردا
525 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
798

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز -ئارا كۆيۈنۈش ۋە ئاسراش بەك مۇھىمكەن جۇمۇ...

رومان يىزىش نىمانداق تەس؟؟؟ ھېرىپ بەللىرىم ئۈزۈلۈپ كىتەيلا دىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Aydar نىڭ يازمىسى

شۇنداق  !  كۈيۈنۈشتە قىز-ئاياللىرىمىز  سىزدىن ئۈگەنسە بۇلىدۇ.شىئىر بىلەن چاي تۇتۇشنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:40  


Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېقىر ئازراق كوتۇلداپ قوياي:
روھچىن ئەپەندىمنىڭ تۇرمۇش ئۈزۈندىلىردىن شۇنداق ئېسىل يازمىلار پۈتۈپ چىققانلىقىغا رەھمەت.
بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرنى ئەر- ئايال بولغۇچى چوقۇم ئەستايدىل ئويلىنىشى، ئىلمىي پوزىتسىيدە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
بولۇپمۇ جەمىيئەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئەر- ئايال باراۋەرلىك شۇئارى ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەمدە ناھايتى تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىۋاتقان ۋاقىتتا تۇماقنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلاشقىدەك مەسىلە ئىكەن.
خوش، يۇقۇردا روھچىن ئەپەندىم ئائىلىنىڭ يىلتىزىنى بىر نەچچە جەھەتتىن ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپتۇ، مانا ھەممەيلەندە مۇشۇنداق بىر ئورتاقلىق بولغاندا، ھەممەيلەندە مانا مۇشۇنداق ئائىلىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىدىغان روھلا بولسا ئىشنىمەنكى، جەمىيتىمىزدىكى يېتىم بالا، تۇل ئاياللار ئازلايدۇ، ھەتتا يوق بولىدۇ.
ئاخىرسىدا روھچىن ئەپەندىمگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيىتىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xakilat يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:49
پېقىر ئازراق كوتۇلداپ قوياي:
روھچىن ئەپەندىمنىڭ تۇرمۇ ...

شاكىلاتنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقلىق يازمىنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
باشقىلارنىڭمۇ ئۆزپىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 19:10 , Processed in 0.079709 second(s), 21 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش