ئانا توغرىلىق پاراڭلار چىقىپ قاپتۇ دە .
ئانا ھەقىقەتەن بارلىغىنى بالىسىغا بېغىشلايدىكەن بالىسىنى كۆرسە شۇنداق خۇش بولۇپ كېتىدىكەن.
خىزمەت تەقسىماتى بىلەن ئۆز ۋىلايىتىمىزگە قاراشلىق باشقا بىر ناھىيىگە باردىم، يۇرت ئارلىقى، خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ئىككى ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالاتتىم، ئۆيگە كېلىپ ئۇخلىسام ئاپام ئۆيدىكىلەرنى قاتتىقراق تىۋىش چىقىرىشىقىمۇ ئۇنمايتتى. سىڭلىم مەن كەلسەملا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرۋېلىپ غۇدۇڭشىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىغىمۇ نە ئامال، ئاپامنىڭ " ئاكاڭ ئۇخلاۋاتىدۇ بەك چارچاپ كېتىپتۇ، ئاۋارە قىلما" دەپ چەكلىشى بىلەن خۇشياقمىسىمۇ كىتابىنى كۆرۈپ تاماق ۋاقتىنى كۈتەتتى.
بىر يىلى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خىزمەت ئالدىراشلىقى دەپ ئۆيگە بىرەر ئايدەك بارالمىدىم، توۋۋا، تېلفۇنمۇ قىلىپ قويماپتىمەن.
بىر كۈنى ئاپام ئۆزى تېلفۇن قىلىپتۇ. " ئوغلۇم، ئۆيگىمۇ كەلمەيسەن، مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ مەندىن رەنجىسەڭمۇ مەن بەرىبىر سېنىڭ ئاپاڭ، ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكىن ھە".
تېلفۇننى قويۇپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق بىئارەم بولۇپ كەتتىم. ئەسلى كەچۈرۈمنى مەن سورىشىم كېرەك ئىدى.
خىزمەت، تۇرمۇش دەپ بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتىپ چوڭلارنى يوقلاپ تۇرالمىغان ۋاپاسىز ئوغلۇڭلارنى كەچۈرۈڭلار دىيىشىم كېرەك ئىدى ئەمەسمۇ؟
ئەتىسىلا ئىدارىدىن ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي رۇخسەت ئېلىپ بىر كېچە قونۇپ كەلدىم. ئاتام بىلەن ئاپام دايىم " سەن كەلسەڭ بۇ ئۆيدە ھېيت بولىدۇ" دەيدۇ.
ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ خىزمىتىمنى يۇرتۇمدا تۇرۇشلۇق ئىدارىگە يۆتكىۋالدىم. مانا ئاللاھ شۇ ئېغىر كۈنلەردىنمۇ بەندىسىنى سىناب، ھەر كۈنى ئۆز ئۆيۈمگە قايتالايدىغان، چوڭلار بىلەن كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلەيدىغان بولدۇم.
ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشسەم ئوبدان يىيىشلىك نەرسىلەرنى ياكى مېۋە ئېلىپ قايتىمەن. بۇ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلاندى. ئېسىمنى بىلسەم ئاتام ئەشۇ كونا ۋەلىسپىتى بىلەن ھەر كۈنى بازارغا كىرسە ئازراق بولسىمۇ قۇرۇق يەل يىمىش ۋە مېۋە ئېلىپ چىقاتتى.
بىر ئۆيىدىكى تۆت جان ھەر كۈنى بىرگە تىلىۋىزور كۆرگەچ مۇڭدىشىمىز، ھەر كۈنى ئاددى بولسىمۇ داستىخان سېلىپ مۇڭدىشىپ كېتىمىز، قەرت ئوينايمىز. . .
ئۇلۇغ ئاللاھتىن جاھاندىكى بارلىق جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىنى، پەرزەنتلەرنىڭ ئىمان ئىنسابىنى تىلەيمەن.
قولغا تېلفۇن ئېلىپ بىر مىنۇت ۋاقىتنى چىقىرىپ ئۆيگە تېلفۇن قىلىش تەس ئەمەس، بىز ئۇنى مۇھىم دەپ بىلدۇقمۇ يوق، مانا بۇ تۈپكى مەسىلە.