تۆتىنچى ھېكايەت
چولاق بايۋەتچە
بىركۈنى بىر چولاق قەلەندەر مەلۇم بىر قۇرۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ، ئايال خوجايىندىن ئازراق نەرسە تىلەپتۇ. ئايال خوجايىن ئىشىك ئالدىدىكى بىردۆۋە خىشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: -سەن ماڭا ياردەملىشىپ بۇ بىر دۆۋە خىشنى ئۆينىڭ ئارقىسىغا يۆتكىشىپ بەرگىن!، ئاندىن مەن ساڭا ئىش ھەققىڭگە چۈشلۇق نەرسە بىرەي- دەپتۇ.
-كۆرمىدىڭىزمۇ، مىنىڭ پەقەتلا بىرلا قولۇم تۇرسا، سىزنىڭ ماڭا خىش يۆتكىتىشىڭىزگە قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇنىدى؟ بىرەر نەرسە بىرىشنى خالىمىسىڭىز بەرمەڭ! مەندەك بىر بىچارە چولاقنى قىيناشنىڭ نىمە ھاجىتى دەپتۇ چولاق قەلەندەر رەنجىپ.
ئايال خوجايىن ھىچ ئاچچىقلانماستىن، ئىڭىشىپ تۇرۇپ بىرقولى بىلەن خىشلارنى يۆتكىگەچ ئۇنىڭغا: -قارا، بۇ دۇنيادا ھەقىقى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى خالايدىغان ئادەم ئۈچۈن «بىرەر ئىش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىككى قولى ساق بولىشى كىرەك» دەيدىغان گەپ بولمايدۇ. مانا مەنمۇ قىلىۋاتىمەنغۇ، مەن قىلالىغاننى سەن نىمىشقا قىلالمايسە؟- دەپتۇ.
تىلەمچى بۇ ئايالنىڭ پىكىرىدىن ھەيران قاپتۇ. ئۇ باشقىچە بىر نەزەر بىلەن ئايالغا ئالىيىپ، بىرقولى بىلەن خىشلارنى يۆتكەشكە باشلاپتۇ. گەرچە ئۇ بىر قېتمدا پەقەت ئىككى تاللا خىش يۆتكىيەلىسمۇ، توپتۇغرا ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ خىشلارنى ھەممىسىنى يۆتكەپ بوپتۇ. ئۇ ھىرىپ- ھاسىراپ، يۈزكۈزلىرى چاڭ توزانغا تولۇپ، چاچلىرى تەرلەپ پىشانىسىگە چاپلىشىپ كىتىپتۇ.
ئايال خوجايىن قەلەندەرگە يۈز كۆزلىرىنى سۈرتىۋىلىش ئۈچۈن بىر ئاپئاق لوڭگىنى سۇنۇپتۇ، قەلەندەر لۆڭگىنى ئىلىپ ئالدىرىماسىتىن يۆز كۆزلىرى ۋە بەدىنىنى سۈرتۈپتۇ. نەتىجىدە ئاپئاق لۆڭگە قاپقارا بىرنەرسىگە ئايلىنىپتۇ. ئايال خوجايىن يەنە ئۇنىڭغا ئىش ھەققى ئۈچۈن 20 يۈەن پۇل بىرىپتۇ. قەلەندەر پۇلنى ئىلىپ مىننەتدار بولغان ھالدا -رەھمەت سىزگە! دەپتۇ.
ئايال خوجايىن:-سىنىڭ ماڭا رەھمەت ئىيتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق! سەن ئۆز كۈچۈڭگە تايىىنىپ پۇل تاپتىڭ، بۇ سىنىڭ ھالال قان تەرىڭ- دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.
-مەن سىزنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن، بۇ لۆڭگە ماڭا خاتىرە بولۇپ قالسۇن! چولاق قەلەندەر شۇ سۆزلەرنى ئىيىتپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، ناھايتى پۇزۇر كىيىنگەن بىر ئادەم بۇ قورۇغا كىلىپ ئايال خوجايىننى ئىزدەپتۇ. ئۇنىڭ ئېسل كاستۇيۇمىنىڭ بىر يىڭى ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ ئۇنىڭ بىرقولى چولاق ئىكەن. ئۇ ئايال خوجايىننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: -سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن يەنىلا بىر تىلەمچى ھالدا ئۆتىۋەرگەن بولاتتىم. لىكىن سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولغاچقا بۈگۈن مەن بىر شىركەتنىڭ لىدىرى بولدۇم، ھەممە نەرسىسى تولۇق بىر بايۋەتچىگە ئايلاندىم دەپتۇ. ئايال خوجايىن تىخىچە بۇ ئادەمنىڭ كىملىگىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئۇ ئادم يىنىدىكى قاپقارا لوڭگىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرستىپتۇ. ھەم تونۇشلۇق بىرىپ، شەھەردىن بىر كۇرپۇس ئۆي سىتىۋىلىپ تەييار قىلغانلىغىنى، ئايال خوجايىننى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كەتمەكچى ئىكەنلىگىنى ئىيتىپتۇ.
- مەن سىزنىڭ غەمخۇرلۇقىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن! دەپتۇ ئايال خوجايىن.
-نىمىشق ؟ سوراپتۇ چولاق بايۋەتچە.
-چۈنكى بىرنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىككى قولى ساق، ئۇلار ساخاۋەتكە مۇھتاج ئەمەس.
-خانىم سىز ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى، نىمىنىڭ ئادىمىيلىك ئىكەنلىگىنى ئۈگەتتىڭىز. ئۇ ئۆي سىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولۇپ قالسۇن! دەپتۇ بايۋەتچە ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ.
-ئۇ ئۆينى سىز ئىھتىياجلىق، بىرقولى يوق كىشىلەرگە سوۋغا قىلىڭ! ئەمما ئېڭسىزدە بولسۇنكى باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭمۇ يولى بولىدۇ. سىزنىڭ ياردىمىڭىز غىرىپلارنى تىخىمۇ غىرىپ قىلىۋەتمەستىن، ئەكسىچە ئۇلارغا ئۆمىد، يېڭىچە يول بىغىشلىيالايدىغان بولسۇن-دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ ئايال خوجايىن رازىمەنلىك بىلەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-9 15:30