25- ھېكايەت
ئىغىز يۈگۈرۈكى باشقا
بىر ياش ئايال مەھەللىسىدىكى موللىنى ئىزدەپ بىرىپتۇ ۋە خۇلۇم خوشنىلاردىن ئاغىرىنىپ ئۆز گۇناھىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىنى موللىدىن سوراپتۇ. موللا ئۇ ئايال بىلەن بىر مەھەللىدىن بولغاچقا ئۇنىڭ مىجەزىنى بەك ياخشى چۈشىنىدىكەن، ئۇ يامان غەرەزلىك ئاياللاردىن بولمىسىمۇ ئەمما دائىم قوشنىلىرى توغرىسىدا قىلچە ئاساسىي بولمىغان گەپلەرىنى قىلىدىكەن، كىيىن بۇ غەيۋەتلەر تارقىلىپ دائىم ئۇنىڭ بىشىغا بالا ئەكىلىدىكەن.
-قىزىم سىنىڭ باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى قىلغىنىڭ خاتا، شۇڭا مەن ساڭا بىر جازا بۇيرۇيمەن. قوبۇل قىلارسەنمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ موللا ئۇنىڭدىن.
-گۇناھىم يىىنىكلەيدىغان بولسا ئەۋەتتە قوبۇل قىلىمەن- دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئۇ ياش ئايال. ئۇنداقتا سەن ئاۋال بازارغا بىرىپ پەيلىرى كۆپ قۇشتىن بىرنى سىتىۋال. ئاندىن سەپەرگە ئاتلان. سەن سەپەر ئۈستىدە، قۇشنىڭ پىيىنى يۇلۇپ يولغا تاشلاپ ماڭ، ھەرگىز توختاپ قالما، سەن قۇشنىڭ ھەممە پىيىنى يۇلۇپ بولمىغىچە توختىمىغىن. بۇ ئىشىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ماڭا دېگىن-دەپ تاپىلاپتۇ.
بۇ بىر ئالاھىدە جازا بولسىمۇ بىراق ئايال قىلچىلىك قارشىلىق بىلدۈرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قۇش سىتىۋىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ ۋە موللىنىڭ دىگىنى بويىچە قۇش پەيلىرىنى يۇلۇپ يولغا تاشلاپتۇ ۋە قايتىپ كىلىپ قىلغىىنىنى موللىغا دەپ بىرىپتۇ.
-بالام، سەن جازانىڭ بىرىنچى بۆلېكنى ئورۇنداپ بولدۇڭ، ئەمدى ئىككىنچى بۆلەكنى باشلىغىن، سەن ئەمدى بۇرۇنقى باسقان يولۇڭنى بويلاپ، بارلىق پەيلەرنى تىرىپ كەلگىن-دەپتۇ.
-بىراق بارلىق پەيلەرنى تىرىپ كەلگىلى بولمايدۇ، شامال ئاللىبۇرۇن ئۇچۇرۇپ كەتكەن تۇرسا، مەن پەقت ئاز بىر قىسمىنىلا تىرىپ كىلەلەيمەن-دەپتۇ ھېلىقى ئايال ھەيران بولۇپ.
-راستىنلا شۇنداق بالام. بۇ سەن ئىيتقان ئاشۇ تۇترۇقسىز گەپلەرگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ سەن ھەمشە قىلچە ئاساسىي بولمىغان پىتنە –پاساتلارنى قىلىسەن، بۇلارمۇ مۇشۇ پەيلەرگە ئوخشاش ئىغىزدىن –ئىغىزغا تارقىلىپ يۈرگەندە، سەن ئۇنى كونترول قىلالامسەن؟ قايتۇرۋالماقچى بولساڭمۇ ھەممىنى قايتۇرۋالالامسەن؟
-ھەرگىز قايتۇرۋالالمايمەن دەپتۇ ئايال پۇشايمان بىلەن.
-ئۇنداقتا بالام، سەن ھەرقىتىم قوشناڭنىڭ گىپىنى قىلشنى ئويلىغېنىڭدا، ئالدى بىلەن ئىغىزىڭنى يۇمغىن، ھەرگىز خالىغان يوللارغا بۇنداق ھەم يەڭگىل ھەم خەتىرى بولغان پەيلەرنى يۇلۇپ تاشلاپ ماڭمىغىن-دەپتۇ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-25 15:42