ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

مىڭ بىر ھېكايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

21- ھېكايەت
پالتا بىلەكتە ئىتتىيدۇ

mzi.jnnlmdte.512x512-75.jpg


مەلۇم بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىغا بىر يىگىت ياغاچ  كەسكۈچى بولۇپ كەپتۇ. ئۇ بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىزمەتنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە خىزمەت شارائىتى ناھايىتى ياخشى، خوجايىننىڭ مۇئامىلىسىسمۇ ناھايتى ئىللىق ئىكەن. ئۇ يىگىت بۇ يەردە ياخشى ئىشلەپ، پۇل تىپىپ يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىشنى نېيەت قىلىپ جاپالىق ئىشلەشنى باشلىۋىتىپتۇ. ئۇ بىرىنچى كۈنى 20تۈپ دەرەخ كېسىپتۇ. خوجايىن ئۇنى ماختاپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپتۇ. ئىككنچى كۈنى تىخىمۇ كۈچەپ ئىشلەپتۇ. بىراق ئاران  18تۈپ دەرەخ كىسىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى  خىلى تىرىشىپ يۈرۈپ 15 تۈپ دەرەخ كېسىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى ئاران  10تۈپنى كېسىپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ «ئەجەبا كۈچۈم ئازلاپ كەتتىمۇ؟» دەپ بۇ ئىشنى  خوجايىندىن سوراپتۇ. ئاقىۋەت خوجايىن ئۇنىڭدىن پالتىنى قاچان بىلىگەنلىكىنى سوراپتۇ.
مەن ھەر كۈنى ئالدىراش ئىشلەۋاتسام، نەدىمۇ پالتا بىلەشكە ۋاقتىم چىقسۇن؟ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ يىگىت بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك…

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 16:41  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

22- ھېكايەت
قانداق سوراش كېرەك؟

71419719.jpg


مەدرىستە ئوقۇۋاتقان بىر توپ بالىلار ئارسىدا يېڭى كەلگەن بىرسىنىڭ تۇيۇقسىز تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كىتىپتۇ. ئۇ خۇمارىنىڭ قىيناقلىرىغا زادىلا تاقەت قىلالماي ئۇستازىدىن سۇراپتۇ. -ئۇستازىم ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا  تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟
بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان ئۇستاز قاتتىق ئاچچىقلاپ بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ تالىپ باشقا بىر تالىپنىڭ مەدرىستە تاماكا چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:-مەن ئۇستازدىن تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ بولمايدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى، سەن نىمىشقا چېكىسەن؟  
-ئۇستاز ماڭا چەكسەڭ بولىدۇ-دىگەن دەپتۇ ئىككىنچى تالىپ. بۇ بىرىنچى تالىپقا ناھايىتى ئادالەتسىزلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاماكا چەكمىگەن تالىپ: -مەن ئۇستازدىن ئېنىق سورايمەن، نېمىشقا تاماكىنى سەن چىكەلەيسەن، مەن چىكەلمەيمەن دەپ مىڭىپتۇ.
-توختاپ تۇرغىن، سەن ئۇستازدىن نېمە دەپ سورىغانلىقىڭنى ئىيتىپ بەرسەڭ، دەپتۇ. تاماكا چەككۈچى تالىپ.
-ئۇستاز، مەن ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم دەپتۇ بىرىچى تالىپ.
تاماكا چىكىۋاتقان تالىپ قاتتىق كۈلۈپ كىتىپتۇ ۋە -مەن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم- دەپتۇ. دەسلەپكى تالىپ ئاڭقىرالماي زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.
-ئۇستازنىڭ ماڭا قانداق رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟ مەن ئىستىقامەت قىلىۋاتاتاتتىم، ئۇستازىم يىنىمغا كەلدى.  ئۇستاز تاماكا چىكىۋاتقاندا ئىستىقامەت قىلسام بولامدۇ؟ دىۋىدىم، ئۇستاز خۇشال بولۇپ كىتىپ بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى دەپتۇ تاماكا چېكىۋاتقان تالىپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 01:28  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

23- ھېكايەت
ئاچچىقنى چىقرىش

7075360120312844854.jpg



قەدىمكى زامانلارنىڭ بىرىدە، تىبەت زىمىنىدا ئەدىبا ئىسملىك بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەر قېتىم ئاچچىقلانغىنىدا ياكى كىشىلەر بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا، ئۇچقاندەك ئۆيىگە يۈگۈرۈپ بىرىپ ئۆز ئۆيىنى ۋە ئىتىزلىقنى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن، قىر بېشىدا ئۇھ سىنىپ ئولتۇرىدىكەن. ئولتۇرغانسىرى شۈنچە روھلۇنۇپ، ناھايتى تىرىشچان ۋە  ئەمگەكچان بولۇپ كىتىدىكەن. ھەتتا ئولتۇرغانسىرى تىرىشچانلىقى ئىشىپ تېخمۇ قاتتىق ئىشلەيدىكەن. شۇندا قىلىپ ئۇزاققا قالماي ئۇنىڭ ئۆيى بارغانسىرى كىڭىيىپ، ئىتىزلىرىمۇ كۆپىيىپتۇ. ئەمما يەر زىمىنى قانچىلىك كۆپىيىپ كىتىشىدىن قەتئىينەزەر ئاچچىقى كەلسىلا ھىلىقى ئادىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.
بىر قىتىم ئۇ ھاسىغا تايىنىپ سىرىتقا چىقىپ  قوياشنىڭ پىتىشىنى تاماششا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ نەۋرىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەينىدىن چىقىپتۇ. ھەم بىر ھازا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: -بوۋا، كەينىڭىزگە يىنىڭ، يىشىڭىز چوڭىيىپ قالدى. يەنە كىلىپ بۇ ئەتراپتا سىزنىڭ يىرىڭىز ئەڭ چوڭ، سىزگە يىتىدىغىنى يوق، ھەتتا سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغانلارمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە  سىز بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدىڭىز. بۇرۇن  ئاچچىقلانسىڭىزلا ئىتىزلىقىنى ئايلىناتتىڭىز ئەمما ھازىر خۇشال بولغاندا شۇنداق قىلىسىز، ئەمما بۇنىڭ سىرىنى زادىلا ئىيتىمايسىز، بۈگۈن، سىزماڭا بۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئىيتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
گەپ خۇمارى تۇتۇپ تۇرغان ئەدىبا ئاخىرى نەۋرىسىنىڭ سۇئالىدىن زوقلىنىپ ئۆز قەلبىدە ساقلىنىپ قىلىۋاتقان مەخىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپتۇ:-ياش چاغلىرىمدا بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام ياكى تاكاللاشسام ئۆينىڭ ۋە ئىتىزلىقنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنپ چىقاتتىم، يۈگرىگەچ ئۆيۈمنىڭ بەكلا كىچك، ئىتىزلىقىمنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى ئويلايىتتىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئاجزى بولغانلىغىم ئۈچۈنلا دائىم باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى  چىقرىدىغان ئوبىكتى بولۇپ قالغانلىغىمنى چۈشىنىپ يىتەتتىم.  ھەر قىتىم مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئاچچىقىم يىنىپ كىتەتتى-دە،  بارلىق خىزمىتىمنى تىرىشىپ ئىشلەشكە ئاتايتتىم...ھازىر بولسا باي بولدۇم، كۈچلۈك بولدۇم. يىشىممۇ بىريەرگە باردى. ئەمما ھەرقىتىم خۇشال بولغىنىمدا بىغىمىز ئەتىراپىدا ھەدەپ يۈگۈرۈپ، قايغۇرۇپ يۈرگەن بىر تۇپ كىشىلەرنى كۆرۈپ سىلەرنىڭ كەلگۈسۈڭلاردىن ئەنسىرەپ قالمەن. شۇڭا سىلەرنى قانداق قىلار دېگەن خىيالدا يەنىلا موشۇ باغنىڭ ئەتىراپىنى ئايلانغۇم كىلىدۇ.
-بوۋا، ئۇلارغۇ باي بولۇشنى، سىزنىڭ زىمىنىڭىزنى ئۆزىگە قوزغاتقۇچى كۈچ قىلىپ زىمىنىمىز ئەتىراپىدىن ئايلىنىدىكەن. سىز ئۇلارنىڭ ھىچ نەرسىسىگە قىزىقمايدىغان، پەقەت ئۆز ئاچچىقىڭىزنى تىنىمسىز ئەمگەكتىن چىقىرىدىغان تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ كىتەلمەيسىز؟ دەپ سوراپتۇ نەۋرىسى.
-ئوغلۇم سەن بىلمەيسەن. ئادەملەر ئوخشاشمايدۇ. مەن ئاچچىقىمنى يەردىن چىقارغىنىم بىلەن ئۇلار ئاچچىقىنى قوشنىسىدىن، ئۆزىدىن بايراق كىشىلەردىن ۋە ياكى بىگۇنا پاك كىشىلەردىن چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە. مەن يەنىلا ئاچچىقلىنالايمەن، ئاچچىقلانساملا ئۆي ۋە ئىتىزنى ئايلىنىمەن. ئايلانساملا مىنڭ ئۆيمنىڭ بەك چوڭلۇقى ۋە ئىتىزلىرىمنىڭ ھەممىدىن كۆپلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىم يىنىپ قالىدۇ-دەپتۇ  ئەدىبا كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 21:36  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 23:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

24- ھېكايەت
ئۈچ غەلۋىرلىك گەپ

2008120911053520.jpg


بىر كىشى ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ مەلۇم بىر پەيلاسوپنىڭ ئالدىغا شاپاشلاپ بېرىپ سۆز باشلاپتۇ :-مەن بىر خەۋەرنى سىلىگە ئىيتماقچى ئىدىم.
-توختا  دەپتۇ پەيلاسوپ ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ.-سەن ماڭا ئىيتىماقچى بولغان خەۋەرنى غەلۋىرگە سىلىپ تاسقاپ باقتىڭمۇ؟
   -قايسى غەلۋىرگە دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى گاڭگىرىغىنىچە.
   -بىرىنچى غەلۋىر ھەقىقەت، سەن ماڭا ئىيتماقچى بولغان خەۋەر راسىت ۋە ھەقىقىمۇ؟
-بىلمەيمەن، مەن بۇنى كوچا خەۋەرلىرىدىن ئاڭلىغان -دەپتۇ ئۇ كىشى.
ئۇنداقتا سەن ئۇنى ئىككىنچى غەلۋىردە ئىلغاپ باق، بۇ خەۋەر ھەقىقىي بولمىغان تەقدىردە ، ھېچ بولمىسا بۇ خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزگەن كىشى سەمىمىي بولىشى كىرەك.
  -ياق دەل ئەكسىچە، دېيىشىگە پەيلاسوپ ئۇنىڭ گىپىنى يەنە بۆلۈپ،-ئۇنداقتا بىز ئۈچىنچى غەلۋىرنى ئىشلىتەيلى، مەن يەنە سەندىن سوراي: -سىنى مۇشۇنداق ھاياجانغا سالىدىغان بۇ خەۋەر راستىنلا بەك مۇھىممۇ؟
-ئۇنچە مۇھىممۇ ئەمەس دەپتۇ ھىلىقى كشى ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
-سىنڭ ماڭا ئىيتماقچى بولغان خەۋىرىڭ راستمۇ ئەمەس، سەمىمىيمۇ ئەمەس، مۇھىممۇ ئەمەس ئىكەن، ئۇنداقتا بولدى قىل! ئۇنى ئىيتمايلا قويغىن. ئاشۇنداق بولغاندا ئۇ خەۋەر سىنىمۇ، مىنىمۇ ئاۋارە قىلمايدۇ. ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى ئاياپ قالايلى!....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 23:35  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  447
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 277
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم،ھېكايەتنىڭ داۋامى كۆرۈنمەيدىغۇ؟

دوسىتلار،كۆپرەك پىكىر تەكلىپ بېىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

25- ھېكايەت
ئىغىز يۈگۈرۈكى باشقا

bird-lover-live-wallpaper-10-1.jpg


بىر ياش ئايال مەھەللىسىدىكى موللىنى ئىزدەپ بىرىپتۇ ۋە خۇلۇم خوشنىلاردىن ئاغىرىنىپ ئۆز گۇناھىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىگىنى موللىدىن سوراپتۇ. موللا ئۇ ئايال بىلەن بىر مەھەللىدىن بولغاچقا ئۇنىڭ مىجەزىنى بەك ياخشى چۈشىنىدىكەن، ئۇ يامان غەرەزلىك ئاياللاردىن بولمىسىمۇ ئەمما  دائىم قوشنىلىرى توغرىسىدا  قىلچە ئاساسىي بولمىغان گەپلەرىنى قىلىدىكەن، كىيىن بۇ غەيۋەتلەر تارقىلىپ دائىم ئۇنىڭ بىشىغا بالا ئەكىلىدىكەن.
-قىزىم سىنىڭ باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى قىلغىنىڭ خاتا، شۇڭا مەن ساڭا بىر جازا  بۇيرۇيمەن. قوبۇل قىلارسەنمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ موللا ئۇنىڭدىن.
-گۇناھىم يىىنىكلەيدىغان بولسا ئەۋەتتە قوبۇل قىلىمەن- دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئۇ ياش ئايال. ئۇنداقتا سەن ئاۋال بازارغا بىرىپ پەيلىرى كۆپ قۇشتىن بىرنى سىتىۋال. ئاندىن سەپەرگە ئاتلان. سەن سەپەر ئۈستىدە، قۇشنىڭ پىيىنى يۇلۇپ يولغا تاشلاپ ماڭ، ھەرگىز توختاپ قالما، سەن قۇشنىڭ ھەممە پىيىنى يۇلۇپ بولمىغىچە توختىمىغىن. بۇ ئىشىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ماڭا دېگىن-دەپ تاپىلاپتۇ.
بۇ بىر ئالاھىدە جازا  بولسىمۇ بىراق ئايال قىلچىلىك قارشىلىق بىلدۈرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قۇش سىتىۋىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ ۋە موللىنىڭ دىگىنى بويىچە قۇش پەيلىرىنى يۇلۇپ يولغا تاشلاپتۇ ۋە قايتىپ كىلىپ  قىلغىىنىنى موللىغا دەپ بىرىپتۇ.
-بالام، سەن جازانىڭ بىرىنچى بۆلېكنى ئورۇنداپ بولدۇڭ، ئەمدى ئىككىنچى بۆلەكنى باشلىغىن، سەن ئەمدى بۇرۇنقى باسقان يولۇڭنى بويلاپ، بارلىق پەيلەرنى تىرىپ كەلگىن-دەپتۇ.
-بىراق بارلىق پەيلەرنى تىرىپ كەلگىلى بولمايدۇ، شامال ئاللىبۇرۇن ئۇچۇرۇپ كەتكەن تۇرسا، مەن پەقت ئاز بىر قىسمىنىلا تىرىپ كىلەلەيمەن-دەپتۇ ھېلىقى ئايال ھەيران بولۇپ.
-راستىنلا شۇنداق بالام. بۇ سەن ئىيتقان ئاشۇ تۇترۇقسىز گەپلەرگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ سەن ھەمشە قىلچە ئاساسىي بولمىغان پىتنە –پاساتلارنى قىلىسەن، بۇلارمۇ مۇشۇ پەيلەرگە ئوخشاش ئىغىزدىن –ئىغىزغا تارقىلىپ يۈرگەندە، سەن ئۇنى كونترول قىلالامسەن؟  قايتۇرۋالماقچى بولساڭمۇ ھەممىنى قايتۇرۋالالامسەن؟
-ھەرگىز قايتۇرۋالالمايمەن دەپتۇ ئايال پۇشايمان بىلەن.
-ئۇنداقتا بالام، سەن ھەرقىتىم قوشناڭنىڭ گىپىنى قىلشنى ئويلىغېنىڭدا، ئالدى بىلەن ئىغىزىڭنى يۇمغىن، ھەرگىز خالىغان يوللارغا بۇنداق ھەم يەڭگىل ھەم خەتىرى بولغان پەيلەرنى يۇلۇپ تاشلاپ ماڭمىغىن-دەپتۇ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 15:42  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 17:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

26- ھېكايەت
مۈشۈك ساتىدىغان دىھقان

mzl.ojrgeeeq.1024x1024-65.jpg


قەشقەر شەھرىدە ئاسارە ئەتىقىگە ئىرىشىشنىڭ قىيىنلىغىنى بايقىغان بىر پاكىستانلىق سودىگەر ئاتۇش يېزىلىرىغا چۈشۈپ تەلىيىنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ. بىركۈنى ئۇ بىردىھقاننىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىشى بىلەنلا كۆزى تۇيۇقسىز پاقىراپ تۇرغان بىرنەرسىگە چۈشۈپتۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ كۆرگىنى بىرئالاھىدە تەخسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسارە ئەتىقىلەرنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاسالانغاندا، بۇ تەخسىنىڭ نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى ياخشى نەرسە ئىكەنلىگىنى قىممىتىنىڭمۇ ناھايتى يۇقىرى ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ.
ئۇ بۇ تەخسىنى ئىشلىتىۋاتقان دىھقاننىڭ ئۇنىڭ قىممىتىدىن قىلچە خەۋىرى يوقلىغىنى، بۇ تەخسىدە مۆشۈك بىقىۋاتقانلىغىنى بايقاپتۇ.
ئاسارە ئەتىقە سودىگىرى ئۆز قەلبىدىكى ھاياجىنىنى بېسىۋىلىپ، ھىچ ئىش بىلمىگەن قىياپەتتە مۈشۈكنىڭ ئىگىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، بايىلا مۈشۈكنى بايقىغان قىياپەتتە مۈشۈكنى ماختاپ توختىماپتۇ. ھەتتا شۇنداق بىر ھېكايە توقۇپ چىقىپتۇ:
- ئايالىم كىچىك ھايۋانلارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. بىرقانچە ۋاقىت ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق مۈشۈگى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن بەك ئازاپلىنىپ تۈگىشىپ كىتەيلا دەپ قالدى. قارىسام بۇمۈشۈك ئۇنىڭ شۇ مۈشۈكىگە بەكلا ئوخشايدىكەن. دېگىنىچە سودىگەر ئۆزىنىڭ ئىيىتقان ھىكايسىىدىن ئۆزى تەسىرلىنىپ كۆزيىشى قىپتۇ. ھەتتا ھىلىقى مۇزچىراي دىھقانمۇ ئۇنىڭغا جۈر بولۇپ كۆزيىشى قىپتۇ. كىيىن سودىگەر قىلچە ئىككىلەنمەستىن: -بۇ مۈشۈكنى ساتامسىز؟ دەپ سوراپتۇ.
-ئەلۋەتتە ساتىمەن! دەپتۇ دىھقان تىزلا جاۋاپ بىرىپ. -سىزنىڭ ئايالىڭىز مۈشۈكنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن ئەمەسمۇ، بولدى سىزگە سىتىپلا بىرەي.
سودىگەر ئىنتايىن تەسىرلەنگەن قىياپەتتە، ئۆزىنىڭ سەمىمىيتىنى بىلدۈرۈپ مۈشۈكنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق باھادا سىتىۋاپتۇ. ئۇ مۈشۈكنى ئىلىپ كېتىدىغان چاغدا قەستەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك «قارىغاندا سىز ئىزچىل تۈردە بۇ تەخسىدە مۈشۈكنى بىقىۋىتىپتسىز، ئەڭ ياخشىسى بۇندىن كىيىن مەنمۇ مۈشۇ تەخسە بىلەن مۈشۈكنى باقاي! دەپتۇ ۋە كۆڭلىدە بۇ ئەخمەق دىھقان ئۇنى ماڭا بىرىۋىتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما دىھقان ئۇنىڭ چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر جاۋاپ بىلەن ئۇنى رەت قىلىپ:
-كەچۈرۈڭ! مەن ھەرگىزمۇ بۇ تەخسىنى سىزگە بىرەلمەيمەن.
-نىمىشقا؟ -سوراپتۇ سودىگەر جىددىيلىشىپ.
- چۈنكى مەن موشۇ تەخسىگە تايىنىپ مۈشۈكلىرىمنى باقىمەن ۋە ساتىمەن! - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ دىھقان ھېلىگەرلەرچە كۈلۈمسىرەپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 17:08  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 18:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

27- ھېكايەت
لىنكولىنچە غەزەپ

200912311927369377803.jpg


بىر كۈنى ئامرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇماندانى ئىستاندۇن لىنكۇلىننىڭ ئىشخانىسىغا بىرىپ ئاچچىقلانغان ھالدا «بىر مارشالنىڭ ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان گەپلەرنى قىلغانلىغىنى، شۇنداقلا دائىم بىرقىسىم كىشىلەرگە يان باسىدىغانلىقى» ھەققىدە شىكايەت قىپتۇ.  لىنكۇلىن ئۇنىڭغا بىرپارچە مەزمۇنى ئۆتكۈر خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئەدىبىنى بىرىپ قويۇش تەكلىپىنى بىرىپ:
  -ئۇنى غەزەپ بىلەن تازا بىر تىللىۋال، دۇنىيادىكى بارلىق سەت گەپلەرنى دە  –دەپتۇ.
ئىستاندۇن دەرھال غەزەپ نەپىرەتكە تولغان بىرپارچە خەت يىزىپتۇ ۋە خەتنى زۇڭتۇڭنىڭ كۆرۈپ بىقشىغا بىرىپتۇ.
-قالتىس! موشۇنداق قىلىغىن، ئۇنىڭ ئەدىبىنى شۇنداق بېرىش كىرەك-دەپتۇ  زۇڭتۇڭ ۋاقىراپ.
بىراق سىتاندۇن خەتنى قاتلاپ كونىۋىرىتقا سىلىۋاتقان ۋاقىتتا لىنكۇلىن ئۇنى توسۇپ:-سەن نىمە قىلماقچى؟-دەپ سوراپتۇ.
  ـ ئۇنىڭغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىمەن -دەپتۇ سىتاندال ھەيران بولۇپ.
-چاتاق تىرىما! بۇ خەتنى ئەۋەتىشكە قەتئى بولمايدۇ. دەرھال ئۇنى يىرتىپ مەشكە سىلىۋەت !ئاچچىقتا يىزىلغان خەتلەرنى موشۇنداق بىرتەرەپ قىلىش كىرەك. بۇخەتنى ياخشى يىزىپسەن، يازغۇچە ئاچچىقىڭمۇ چىقىپ قالغاندۇ. ئەمدى ئوڭشىلىپ قالغان بولساڭ ئۇنى يىرتىپ كۆيدۈرىۋەت، ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىسۇن! –دەپتۇ قەتئى ئاھاڭدا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 18:28  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 13:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

28- ھېكايەت
قەلىپتە چوڭ بولىدىغان  قول

subciety-acce06_3.jpg


بەش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا چوڭ كوچىدا ئويناۋاتقىنىدا ماششىنا ھادىسىسىگە ئۇچىراپ بىرقولىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن مەكتەپ يىشىغا توشقاندا، مەكتەپ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىپتۇ. بىر كۈنى ئەتىگەن ئۇ بالا دوستلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام مەكتەپكە كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يىرىم بولغان ھالدا: -نىمىشقا مىنىڭ قولۇم يوق، مەن بۇندىن كىين قانداق قىلىمەن؟ دەپ ئاپىسىدىن سوراپتۇ.
ئاپىسى:-ھېچقىسى يوق بالام، پەقەت سەن مەشىقنى داۋاملاشتۇرساڭلا، قولۇڭ يەنە قايتىدىن چىقىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، ئاپىسىنىڭ  ياردىمىدە ھەر كۈنى مەشىق قىلىشنى ئىزچىل داۋام قىپتۇ. ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، پۇتى بىلەن يۈز يۇيۇش، تاماق يىيىش، خەت يىزىشنى ئۆگىنىپ مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ تىرىشىپ مەشىق قىلسىلا قولىنىڭ يەنە قايتا ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىپتۇ. ھەم ئاپسىنىڭ گېپىنى ھەر دائىم يادىدا چىڭ ساقلاپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قول چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئاپىسىدىن :-مىنىڭ قولۇم نىمىشقا ھازىرغىچە ئۆسۈپ چىقمايدۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
بۇ قىتىم ئاپىسى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ :-ئەخمەق بالام، سەن ھازىر باشقىلار قول بىلەن قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراپ باق، سەن قايسى-بىرىنى قىلالمايسەن؟
-شۇنداق، مەن ھەممىنى قىلالايمەن، ھەتتا ئۇلار قول بىلەن قىلغاندىنمۇ ئارتۇق ياخشى قىلالايمەن،-دەپتۇ ئوغۇل پەخىرلەنگەن ھالدا.
-ئۇنداقتا سەن دەپ باقە،ساڭا قول چىقىپتىمۇ يوق؟ بالام، ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھەر كىشنىڭ بىر جۈپ قولى بولىدۇ. ئەمما بۇ قول ئۇنىڭ تىنىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە بولىدۇ.پەقەت سەن خالىساڭلا، ئۇ سىنىڭ غەلبە قىلىشىڭغا، پۈتكۈل قېيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىشىڭگە ياردەم بىرىدۇ، -دەپتۇ ئاپىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 13:21  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 06:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

29- ھېكايەت
كۈچ تەندە ئەمەس، تەردە

00221917e13e0c63287117.jpg


موشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، مەلۇم بىر شەھەردە بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن بەكلا رازى ئەمەس ئىكەن، دائىم ئاغرىنغان ھالدا دوستلىرىغا؛-مىنىڭ باشلىقىم مىنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ ئۈستىلىگە بىرنى قويۇپلا ئىستىپا بىرىمەن، دەپ يۈرىيدىكەن.
-سەن ئۆزۈڭ ئىشلەۋاتقان بۇ شىركەتنى تولۇق چۈشىنەمسەن؟ ئۇلارنىڭ شۇغۇلىلىنىدىغان كەسپىنى تولۇق بىلەمسەن؟  ئەگەر ئۇيەردىن ئايرىلساڭ  ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشنى ئۇلاردىن ياخشى قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ بىر ئاقىل ئۇنىڭدىن.
-ياق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ھىلىقى ئاغرىنغۇچى.
- ئۇنداقتا ئىسڭدە بولسۇنكى، مەرد ئىنتىقامىنى مىڭ يىلدىن كىين ئالسىمۇ كىچىككەن بولمايدۇ، مىنىڭ تەكلىپىم سەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق سودا-تىخنىكىسى، بىلىمى، تەشكىلى ۋە تەرتىپلىرىنى تولۇق چۈشەنگىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپەيتىش ماشىنىلىرىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىككىنە توسالغۇلارنىمۇ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگۈنىۋالغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستىپا بەرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن-دەپتۇ ئاقىل. -ئۇلارنىڭ شىركىتىنى ھەقسىز ئۆگىنىش ئورنى دەپ بىل، ئۇلار بىلىدىغان ھەممە نەرسىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن كەتسەڭمۇ كىچىكمەيسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن ئاچچىقىڭنى چىقىرىۋىلىپلا قالماي يەنە ئۆزۈڭدە يوق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولىۋالىسەن!
ئۇ  ئادەم بۇ ئاقىلنىڭ  نەسىھىيتىنى توغرا تىپىپتۇ ھەمدە كېچە كېچىلەپ ئۆزى بىلمەيدىغان ھەممە نەرسىنى ئوغۇرلۇقچە ئۆگىنىپتۇ. بىر يىلدىن كىين ئۇ تۇيۇقسىز ھىلىقى ئاقىلنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئاقىل ئۇنىڭدىن: -قانداق يىگىت، توختىماي تىرىشىۋاتقىنىڭغا بىر يىل بولۇپ قالدى، ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسە، دەپ سوراپتۇ.
-ھەي! نىمېسىنى سورايسىز، ئەمدى خوجايىنىم ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا مېنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويدى، مائاش قوشتى، ھازىر مەن شىركەتنىڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن بولۇپ قالدىم،بۇ شىركەتتە مەن نىمە دېسەم شۇ ھىساب بولىدۇ- دەپتۇ .
-بۇنى مەن ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلغان، ئەينى چاغدا خوجايىنىڭنىڭ ساڭا ئىتىبار بەرمىگەنلىكى سىنىڭ ئىقتىدارىڭنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدا، يەنە كىلىپ تىرىشىپ ئۆگەنمىگەنلىكىڭدە، ۋاقتىڭنى ئاغىرىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىڭدە ئىدى. كىيىن سەن جاپالىق مەشىق قىلدىڭ، پەقەت باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئويلىماسلىق ھازىرقى ياشلاردىكى داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرۇدىغان بىر خىل كىسەللىك . بۇ ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپىقيەت قازىنشىتىن توسۇپ قويىدۇ خالاس-دەپتۇ دە، ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتىپ قاپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 06:46  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 20:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

30- ھېكايەت
تۈكلۈك قۇرت تەجىربىسى

20090927145825102.jpg



قەدىمقى فرانسىيدە داڭلىق بىر پەن-تىخنىكا ئالىمى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بىر قىتىم «تۈكلۈك قۇرت تەجرىبىسى» دەپ ئاتىلدىغان بىر تەجىربە ئىشلەپتۇ.
تەجىربىدە، بىر قانچە تۈكلۈك قۇرتنى بىر تەشتەكنىڭ يىنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنى ئۆز-ئارا چىىتىپ، ئۇلارنى دۈگلەك شەكىلگە ئەكىلىپ قويۇپ بىرىپتۇ. شۇنداقلا تەشتەككە يىقىن بىر جايغا قۇرتلار ياخشى كۆرىدىغان تىرەك يوپۇرماقلىرىنى قويۇپ قويۇپتۇ. ئارقىدىنلا تۈكلۈك قۇرتلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەگىشىپ مېڭىشقا باشلىغىنىنى كۆرۈپتۇ.
بىر سائەت ئۆتۈپتۇ، بىر كۈن ئۆتۈپتۇ. تۈكلۈك قۇرتلار يەنىلا توختىماي مىڭىپتۇ. يەتتە كىچە-كۈندۈز مىڭىپتۇ. ئاخىرى نەگە مىڭىۋاتقانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن مىڭىۋاتقانلىغىنى، ھەتتا نىمە ئۈچۈن ماڭىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي ئاچلىق ھارغىنلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ. پەقەت  ئۇلانىڭ ئىچىدىكى بىرى باشقا قۇرۇتلارغائەگىشىشنى خالىماي بىر ئاماللارنى قىلىپ باغلاقتىن يىشىنىپ چىقىپتۇ ۋە ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ يوپۇرماقنى تاراسلىتىپ يىيىشكە باشلاپتۇ ۋە ھايات قاپتۇ. تەتقىقاتچى بۇ ھايات قالغان قۇرىتنى «غالىپ»، قالغان ئۆلۈكلەرنى بولسا  «ئەگەشكۈچىلەر» دەپ ئاتاپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 20:13  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 22:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

31- ھېكايەت
ئۈمىد ئۆمۈردىن ئۇزۇن

W020100210406652615154.jpg

بەش كىشى بايلىق ئىزدەش تاماسىدا بىر گورۇپپا بولۇپ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. ناھايتى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن ئوزۇق- تۈلۈكى، سۇ ۋە تاقىتى تۈگەپ، يولباشچىسى يىلاندىن زەھەرلىنىپ يىقىلىپتۇ. يول باشچى زەھەرلىنىپ ئۆلۈش گىردابىدا تىركىشىۋاتقان بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ توغراق ياغىچىدىن بىر كىچىك ساندۇق ياساپتۇ ۋە قالغان تۆتەيلەنگە قانداق قىلسا قىلىپ بۇ جاڭگالدىن قۇتۇلۇپ بۇ ساندۇقنى كىرۇرەن ئاقساقىلىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى، ئەگەر بۇ ساندۇقنى ئاقساقالغا تاپشۇرۇپ بېرەلىسە ئۇلارنىڭ ئالتۇندىنمۇ قىممەت بىر نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئاخىرى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ.
يول باشچىنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، قالغان تۆت كىشى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن يول مېڭىش تېخىمۇ تەسكە توختاپتۇ. ساندۇق تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرىدىغان كۈچىمۇ قالماپتۇ. ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا ئۇلار ئاق كۆڭۈل يول باشچىنى، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەنىلا غەيرەتكە كەپتۇ.-دە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. ئاخىرى ئۇلار ئورمانلىقتىن چىقىپتۇ ۋە ھىلىقى ساندۇقنى كىرۇرەن ئاقساقىلىغا تاپشۇرۇپتۇ .
-بالىلىرىم، دەپتۇ كىرۇرەن ئاقساقىلى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: -بۇ  ياغاچ ساندۇق بولمىغان بولسا، سىلەر قۇملۇقتىن چىقالمىغان بولاتتىڭلار، بىلىڭلاركى، يول باشچى سىلەرگە قالدۇرغان ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك نەرسە دەل  سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر!
-شۇنداق، ھەرقانداق ئادەم قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا، ئاسانلا ۋاز كېچىشنى ئويلايدۇ. پەقەت كىشى ئىرادىلىك بولغاندىلا تاغدەك قىينچىلىق ئالدىدىمۇ يىقىلىپ چۈشمەيدۇ.يول باشچىڭلار ئەقىل –پاراسەتلىك كىشى بولغاچقا، ئۇ سىلەرنى قۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلغان. ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت بىر توغراق ياغىچىدىن ياسالغان  ساندۇق ۋە قۇرۇق ۋەدە، بۇ نەسىلەر تەكتىگە يۇشۇرۇنغىنى بولسا چەكىسز ئۈمىد ۋە ئازرۇدۇر،- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ كىرۇرەن ئاقساقىلى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 22:32  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 20:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

32- ھېكايەت
ئەقىللىق شاگىرىت

u=1640026760,682828132&fm=0&gp=0.jpg


قەدىمكى زاماندا، بىر ئۇستاز ئىككى شاگىرىت تۇتىۋاپتۇ. بىر كۈنى كەچتە ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى سىنىماقچى بولۇپ ھەربىرىگە بىر تەڭگىدىن پۇل بىرىپ: -گەرچە سىلەرگە بەرگەن پۇلۇم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ لىكىن  سىلەرگە بەرگەن بىلىمىم ئاز ئەمەس. سىلەر دەرھال بازارغا بىرىپ ئەشۇ بىر تەڭگە ۋە ئۈگەنگەن بىلىمىڭلارغا تايىنىپ بىر دىن نەرسە سىتىۋىلىپ كىلىڭلار. لىكىن ئۇ نەرسە چوقۇم موشۇ قاراڭغۇ ئۆينى توشقۇزسۇن دەپتۇ.
بۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش بولدى- دەپ ئويلاپتۇ. شاگرىتلار كۆڭلىدە. ئەمما ئويلىغانلىرىنى   ئۇستازغا ئىيتالماي، ئۆزلىرى سىتىۋىلىشقا تىگىشلىك نەرسىنى ئىزدەپ مىڭىپتۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئىككەيلەن قايتىپ كەپتۇ. ئۇستازنىڭ بىر شاگرىتى بىر تەڭگىگە نورغۇن سامان سىتىۋىلىپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، سامانلارنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېرىپ، ئۆينى لىق سامانغا توشقۇزۇۋىتىپتۇ. لىكىن ئۇستاز بېشىنى چايقاپ ئۇنى ئانچە ماختاپمۇ كەتمەپتۇ. چۈنكى ئۇستاز قۇرۇق ساماننى ئۆيگە دۆۋلەپ قويۇش بىر دۆتلۈك دەپ ئويلاپتۇ.
يەنە بىر شاگىرتى بولسا پەقەت ئەشۇ تەڭگىنى ئاز بىرقسىمىنى خەجلەپ بىرتال شام سىتىۋالغان بولۇپ ئۆيگە كىرىپ شامنى ياققاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچى يورۇقلۇققا تولۇپ، ھەممە يەرنى يورۇتۇپتۇ.
-ئۇستاز، قاراڭ. مەن بۇ ئۆينى يورۇقلۇققا توشقۇزىۋەتتىم دەپتۇ-ھاياجان بىلەن. ئۇستاز مۇ بۇ شاگرىتىنىڭ  ئەقىل پاراسىتىدىن خۇشال بولۇپ: -مانا بۇ ئۆينى توشقۇزۇشنىڭ ھەقىقى ياخشى ئۇسۇلى ئىكەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ مەمنۇنلۇق بىلەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 20:25  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 18:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

33- ھېكايەت
ھاياتنىڭ قىممېتى

Math%252520magician1.gif


بىرقىتملىق مۇزاكىرە يىغىنىدا بىر داڭلىق نوتۇقشۇناس ئوڭ قولىدا 100ئامىرىكا دوللىرىنى پۇلاڭلاتقان ھالدا يىغىن زالىدىكى ئاممېغا قاراپ ۋاقىراپتۇ: -كىم بۇ 100ئامرىكا دوللىرىغا مۇھتاج؟ بۇنىداق ھاياجانلىق خەۋەرنى ئاڭلىغان كېشىلەر ئارقا-ئارقا دىن قول كۆتۈرۈشۈپ،-مەن، مەن دەپ ۋاقىرىشىپتۇ.
-مەن بۇ 100دوللارنى ھامان بىرسىگە بىرىمەن. لىكىن مىنىڭ ئاۋال بىرئىشنى قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭلار-دەپتۇ نوتۇقشۇناس ۋە پۇلنى قاتلاپ يۇمىلاق ھالەتكە ئەكىلىپ ئەمدى بۇ پۇل كىمگە كىرەك ؟-دەپ يەنە سوراپتۇ. يەنىلا بىرمۇنچە ئادەم قولىنى كۆتىرىپ: -ماڭا، ماڭا دەپ تالىشىپ تۇرۇپتۇ.
ئاندىن ئۇ يەنە پۇلنى يەرگە قويۇپ دەسسەپتۇ، ئاندىن قولىغا ئىلىپ تۈزلەپتۇ. -قاراڭلار بۇ پۇل شۈنچە مەينەت ھەم كۆرۈمسىز بولۇپ كەتتى. ئەمدى بۇ پۇل كىمگە كىرەك؟-دەپ سوراپتۇ-يەنە. يەنىلا بىر ئادەم قولىنى كۆتىرىپتۇ.
-دوستلار، سىلەر ئاللا بۇرۇن بىرقىتملىق مەنلىك سىناقنى ئۆتكۈزۈپ بولدۇڭلار. مەن بۇ پۇلغا قانداق مۇئامىلە قىلماي، لىكىن بۇ پۇلنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگىنى يوق. خۇددى موشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىزمۇ كىشلىك تۇرمۇش جەريانىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىلمۇ-خىل مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچىرايمىز. چەيلەپ –يەنجىلىمىز ۋە ياكى پۈۋلەپ- ئىرتىپ، ئاسىراپ ئىشلىتىلىمىز. لىكىن بىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭلىق بىلەن قىممىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايمىز. دىمەك بىز ھايات ئىكەنمىز ھامان قىممەتلىك! ھامان بىرسى بىزگە مۇھتاج بولىدۇ –دەپتۇ نوتۇغىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-3 18:48  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 16:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

34- ھېكايەت
چىمپيۇننىڭ مەخپىيتى

200906121601581393.jpg


1984-يىلىدىكى توكيۇ خەلقئارا مارافۇنچە يۈگىرەش تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە ئەل ئارىسىدا قىلچىمۇ نامى بولمىغان ياپۇنىيەلىك ماھىر شەن يىڭبىن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ دۇنيا چىمپيۇنلىقىغا ئىرىشىپتۇ.
مۇخبىرئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ تۇيۇقسىز بۇنچىۋالا زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىگىنىنى سورىغاندا، ئۇ پەقەت «ئەقىل –پاراسەتكە تايىنىپ رىقابەتچىمنى مەغلۇپ قىلدىم» دېگەن بىر ئىغىز سۆزنىلا ئىيتىپتۇ. ئەمما نورغۇن كىشىلەر بۇ ماھىرنىڭ بوينىڭ پاكار، چىرايىنىڭ سەت، تۇرقىدىن ھىچبىر تەنھەركەتچىگە خاس قىياپەت كۆرۈنمەيدىغانلىغىغا قاراپ، بۇ ماھىرنى مۇسابىقىدە ساختىپەزلىك ئىشلەتكەن دەپ قارىشىپتۇ.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ئىتالىيە مارافۇنچە يۈگىرەش تەكلىپ مۇسابىقىسىى ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى مىلان شەھىرىدە ئىلىپ بىرىلغاندا، ھىلىقى ياپۇنىيەلىك ماھىر يەنە مۇسابىقىگە قاتنېشىپتۇ، ھەم ئۇ يەنە بىر قېتىم دۇنيا چىمپيۇنلىقىغا ئىرىشىپتۇ. مۇخبىر ئۇنى ئۆز تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى جاۋابنى بىرىپ:
- ئۆز ئەقلىمگە تاينىپ رەقىبىمنى يەڭدىم –دەپلا كىتىپ قاپتۇ. بۇ جاۋابتىن مۇخپىرمۇ سەل غەلىتىلىك ھىس قىپتۇ. ئەمما بۇ چىمپىيۇننىڭ ھەقىقى سىرى 10 يىلدىن كىيىنكى بىر زىيارەتتە  ئاخرى يېشىلىپتۇ.
-ھەر قىتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، مەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، مۇسابىقە لىنىيەسىنى ئەستايىدىل  ئايلىنىپ چىقىش بىلەن بىرگە، بىر قانچە يەردىكى  ئىنىقراق بولغان نىشانلارنى بەلگىلىۋالىمەن.  مەسىلەن: بىرىنچى بەلگە بانكا، ئىككىنچى بەلگە بىر تۈپ دەرەخ، ئۈچىنچى بەلگە مەلۇم بىر بىنا دېگەندەك. بۇنداق بەلگىلەرنى تاكى مۇسابىقېنىڭ ئاخىرقى نوقتىسىغىچە بەلگىلەيمەن.
مۇسابىقە باشلانغاندىن كىيىن، مەن 100مىتىر تېزلىك بىلەن بىرىنچى نىشان ئۈچۈن ئاتلىنىمەن. بىرىنچى نىشانغا يەتكەندىن كىيىن، ئوخشاش تېزلىك بىلەن ئىككىنچى نىشانغا ئاتلىنىمەن. 40نەچچە چاقىرىملىق مۇسابىقە سەپىرىنى مەن بىر قانچە كىچىك نىشانلارغا بۆلىۋىلىپ ئەركىن ھالدا مۇسابىقىنى تاماملاپ تۈگىتىمەن. دەسلىپىدە مەنمۇ بۇ پاكىتنى چۈشەنمەيىتتىم. نىشانىمنى بىراقلا  40چاقىرىم كىلىدىغان ئاخىرلىشىش  نۇقتىسىغىلا قارىتىۋىلىپ غەمگە پاتاتتىم. نەتىجىدە 10 نەچچە چاقىرىم يۈگۈرۈپلا ھىرىش-چارچاش ھېس قىلاتتىم. ئالدىمدىكى ئاشۇ تۈگىمەس ئەگرى-توقاي يوللارنى خىيال قىلساملا تىنىم شۈركۈنۈپ كىتەتتى. ئەمما بارا بارا ئەنسىرەشنڭ، بىراقلا يىراقنى كۆزلىۋىلىشنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىگىنى، پىلان قانچە قېسقا ، قانچە ئەمىلىي بولسا شۈنچە ياخشى بولىدىغانلىغى تونۇپ يەتتىم. ھەم بۇ ئەقلىمنى مارافۇنچە يۈگىرەش مۇسابىقسىدە ئشلەتتىم- دەپ نوتۇغىنى تاماملاپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 14:32  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش