«مىڭ بىر ھېكايەت»
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەمدىلا بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ ئىش ئىزلەپ يۈرەتتىم. يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بالىلار بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بارلىق ئىشلار مېنىڭمۇ بېشىمغا چۈشۈپ مېنى ئىلىمدىن، ئىلىمنى قەدىرلەيدىغان زاماندىن سەل گۇمانلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى. ۋاقىتلىق ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دۇنيانىڭ غەملىرىنى ئۇنتۇشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى يەنىلا كىتابخانىلارنى ئارىلاش ئىدى. كۈن-كۈنلەپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق كىتابخانىلارنى ئارىلاپ چىقاتتىم. شۇنداق ئارىلاپ يۈرۈپ قەدەملىرىم دائىم ناھايىتى رەتلىك، ئىلمىي يوسۇندا تېزىلغان كىتابلار كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان «قوياش كىتابخانىسى» (بۇرۇنقى نامى «پاسسان كىتابخانىسى»)دا سەل ئاراپ تېپىپ قالاتتى. چۈنكى بۇ نام ماڭا بىر تەرەپتىن ئاللا بۇرۇن رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەن «چىۋەرقول» خەت نۇسخسىنىڭ ئىجادچىسى دوستۇم ئابدۇراخماننى ئەسلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەردە يا ئوسمانجاننى ئۇچرىتاتتىم، ياكى چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان سەمىمىيەت ئىگىسى مۇھەممەتجان بىلەن قىسقا ئەمما ئەستىن چىقمىغۇدەك پاراڭلارنى قىلىشىپ قالاتتۇق. قىسقىسى مەن بۇ يەردىن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتنىڭ ئىللىقلىقىنى سىزەتتىم. ئەنە شۇنداق ئادەتتىكىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدەملىرىم قوياش كىتابخانىسىدىكى جازىلارنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. مۇھەممەتجان يېڭىدىن نەشىردىن چىققان بىر كىتابنى ئۈستەلگە تىزىۋاتاتتى. كىتاب ھەققىدە، ئاندىن ئەسەر تەرجىمانى ھەققىدە پاراڭلىشىۋىتىپ ئۇ مەندىن تۇيۇقسىز تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغۇم بار-يوقلىقىنى سورىدى. ئەلۋەتتە- دېدىم مەن چاخچاق ئارلاش.
دېمىسىمۇ مىنىڭ تەرجىمىدە ئاز- تولا تەجرىبەم بارئىدى. كىتابخانىلارغا كىرسەم كىملەرنىڭدۇر نامىدا تېزىلىپ تۇرغان كىتابلارنى ھېچكىمگە چاندۇرماي ئاستا سىلاپ قوياتتىم. چۇنكى ئۇلاردا مېنىڭ سەبى ۋاقىتلىرىمىدىكى ئەجرىم، ئەجرىملا ئەمەس باشقىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ باستۇرغان، تەھرىرلەتكەن ھەقلىرىم غىرىپسىنىپ ياتاتتى.
-ماۋۇ كىتابنىڭ تەرجىمانى مېنى ئىزدىگەن، ئۇنىڭغا بىر تەرجىمان كېرەك ئىكەن. خالىسڭىز بىۋاستە پاراڭلىشىپ بىقىڭ-، دېدى مۇھەممەتجان «قەلب خەرىتىسى» ناملىق تەرجىمە ئەسىرىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئەمما ئىنىق سۆزلىشىڭ، كېيىن كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان، مەن ئارىغا قىستۇرۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال بولمىسۇن!-قوشۇپ قويدى دوستانە رەۋىشتە كۆزۈمگە بېقىپ.
ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ناھايتى سىلىق تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغان بىرسى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئاندىن يۈز-تۇرانە پاراڭلاشتۇق. ئۇ ماڭا ئۇزاق ئۆزرىلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىرسىدىن تەرجىمە قىلش ئۈچۈن بىر ئەسەرنى ئالغانلىقى، لېكىن سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ئىشنى ئورۇندىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئامال بار مېنىڭ قىلىپ بېرىشىمنى ئېيتتى. ھەم قولۇمغا 5 پارچە خەنزۇچە كىتابنى تۇتقۇزدى ۋە مۇنداق دېدى:- ھېكايىلەرنى بۇلاردىن تاللايمىز. جەمئى 1001 ھېكايەت بولۇشى كىرەك. ھېكايىلەرنى تاللىغاندا ئىسلامغا، مىللەت ئېڭىغا، ياكى پىسخىكىمىزغا توغرا كەلمەيدىغان ھېكايەتلەرنى ئالمىسلا، ئەگەر كەملەپ قالسا ئۆزلە تۈ*ركچە، ئىنگلىزچە، خەنسۇچە بىلگەندىن كېيىن ئۇيەر بۇيەردىن بىرنېمە قىلالا، ئىش پۈتكەندە ھەقلىرىنى ياخشى بېرىپ ئۆزلەنى رازى قىلىمىز. بۇ كىتابنى ماڭا تاپشۇرغان ئادەممۇ ئۆزى شېئىرىيەت ئالىمىدىن يېتىشپ چىققان، ناھايتى سېخى ئادەم، سىلىنى ھەرگىز ئۈمىدسىز قالدۇرمايدۇ...
شۇنداق قىلىپ ناھايىتى تېزلا خوشلاشتۇق. ئەمدى ئويلىسام ئۇ ۋاقىتلاردا تولىمۇ ساددا ئىكەنمەن. بىرىنچىدىن «قەلب خەرىتىسى» نىڭ تەسىرى مېنى تەسلىم قىلسا، ئىككىنچىدىن «شېئىرىيەت ئالىمىدىن چىققان، سىخى بىر ئادەم» دېگەن ئاجايىپ ئىشەنچلىك سۆز مېنى ئىرىتىۋىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. ۋاڭجىياڭدىكى ئىجارىگە ئالغان كىچىككىنە ئۆيدە ئۇدا 4 ئاي ئىشلىدىم، كېچە- كۈندۈر تىرىشىتىم. ئەسەر قولۇمدىن چالا پېتى چىقمىسۇن دىدىم. ئارىدا ئۇ «خوجايىن» قايتا- قايتا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىگىلەپ تۇردى. ھەتتا تەرجىمىنى بىۋاستە كومپىيۇتېردا قىلغانلىقىمنى، كېيىن خەت ئۇرغۇچى ھاجەت قىلمايدىغانلىغىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. بولسا تەھرىرلىكنىمۇ قوشۇپ قىلىپ مېڭىشىمنى ئېيتتى، -ماقۇل دېدىم. 5-ئايغا كەلگەندە ئۇياق تەمىنلىگەن كىتابتىن ئاران 865 پارچە ھېكايەت ئۇيغۇرتىلىغا ئۆرۈلۈپ بولدى. ئەمما تەلەپ 1001 پارچە بولۇشى كىرەك ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا مىڭ بىر جاپادا دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدىن ۋە ئەنقەرەلىك مۇئەللىمىم ئايىشە مەلەكتىن كۆپەيتىۋالغان دەسمىلىرىمنى چىقىرىپ قېسقا ھېكايىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ئاندىن كېيىن توردىكى «ئىسلام ھېكايەتلىرى»گە مۇراجىئەت قىلدىم. مەن تىرىشقاچقا، خۇدا تېنىمنى ساق، ئەقلىمقى ئوچۇق قىلغاچقا كىتابمۇ تۈزۈلۈپ بولدى. «خوجايىن» بىلەن ئالاقىلاشتىم. -مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس-دېدى ئۇ، خاپا بولماي «خوجايىنىمنى» ئىزدىسىلە، شۇنداق قىلىپ خوجايىننىڭ خوجايىنىنى ئىزدەيدىغان بولدۇم. تېلىفۇن قىلدىم. ئىشخانامغا كېلىڭ دېدى. تۇمارس مىھمانخانىسى ئالدىدىكى «كاتتا بىنا» ئالدىدا خىلى ئۇزاق ساقلىدىم. خوجايىن بىنادىن ئەمەس يېنىمدا شارتتىدە توختىغان ھەيۋەتلىك قارا ماشىندىن چۈشتى. ئۆزۈمنى تېخىمۇ بىچارە سېزىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسغا چىقتۇق. جىددىيچىلىكتە قانچىنچى قەۋەتكە چىققىنىممۇ ئېسىمدە يوق. قانچىلىك پاراڭلاشتۇق ئەيتاۋۇر، خوجايىن ئاخىرى قەيەردىندۇر بىر يەردەىن 7،8بەت ئا ئۈچ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلغان مۇندەرىجىنى ماڭا ئۇزاتتى. بۇ ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلەر، سىز تۈزگەن كىتابتا تەكرارلانغان مەزمۇنلار بولسا چىقرىۋىتىپ، قايتىدىن بىر تەھرىرلەپ چىقىڭ، ئۆزۈم سىزنى ئىزدەپ ئېلىۋالىمەن-دېدى ئالدىراپ. -ماقۇل دېدىم ناھايتى سىپايىلىق بىلەن، شۇنداق قىلىپ خوجايىن بىلەن خوشلىشىپ يەنە ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بىرەر ئايغا قالماي سېلىشتۇرۇش ۋە تەھرىرلەشمۇ پۈتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالدىمدىكى ئەمگەكلىرىمدىن زوقلىنىپ ناھايىتى جىق «شېرىن خىيال»لارنى قىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئارىدىن خىلى ۋاقىتلار ئۆتتى. مەنمۇ بۇ كىتاب ھەققى تەرجىمە ئىشلىرىغا تاىينىپ جان بېقشىنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئارتۇق ساقلىماسىتن ئۆزۈمنىڭ كىچىكرەك بولسىمۇ بىر تەربىيىلەش مەركىزىمنى قۇرۇپ ئالدىراش ئىشقا كىرىشپ كەتتىم. ئەنە شۇنداق ئالدىراش كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە نىجىس تېلىفۇن يەنە جىرىڭشىپ، بىر ناتۇنۇش مېھمان پەيدا بولدى. ئۇ مەندىكى كىتابنىڭ ئىلىكترونلۇق نۇسخىسىنى ئېلىپ كەتمەكچى ئىدى. -ياق دېدىم كەسكىنلىك بىلەن، مەن قىلىدىغاننى قىلىپ بولدۇم. ئەمدى سىلەرمۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاندىن ئىشمىز چىرايلىق ئاخىرلاشسۇن. ئۇياق ئازراق سۆزلەپ باقتى، ئاندىن «خوجايىن»ئاكىسىغا تېلفۇن قىلىدى. خوجايىن مەن بىلەنمۇ سۆزلەشتى. ئاخىرى ئۇلار ناھايىتى ئىلمىي يوسۇندا «ھۆججەت»يېزىپ بېرىپ باسما نۇسخىسنى ئېلىپ كەتتى. بۇ قېتىم تىلخەتكە ئىشەندىم. ئالدى كەتتى. مانا ھازىر توپتوغرا 3 يىل بوپتۇ. ئۇلاردىن («شېئىرىيەت ئالىمى»دىن يېتىشىپ چىققانلاردىن)ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدىم. تۈزگەن كىتابىم، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تەرجىمەم بولدىمۇ بولمىدىمۇ بۇنىمۇ بىلمىدىم. كىتابخانىلارنى ئارلىدىم. «مىڭ بىر ھېكايەت» نامىدا كىتاب يوق. ئۇلار ئۇنى نەشىر قىلىشنى كۈتۈپ يېتىۋاتامدۇ ياكى پىشقان كىتابچىنىڭ ماھارىتىنى ئىشلىتىپ كېسىپ سۆكەپ قانداقتۇر نامدا كىتابچىلارغا تەن قىلىپ بېرىۋەتتىمۇ بارلىق تەرجىمىلەرنى زىغىرلاپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىم چىقماي قالدى. ۋاقتىم چىقمىدى ئەمەس ئۈچ يىل بۇرۇن چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى خىلى چۈشەندىم، بىلدىم. ئاخىردا بولدىلا دەيدىغان بولدۇم. ئىچىرقىغان تەنلەر ھامان بىر كۈنى تويار دېدىم. ..
ئاندىن ئەشۇ جاپالىق كۈنلىرىمنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئەشۇ ھېكايەتلىرىمنى ناھايىتى ئاددىي بىر سوۋغا سۈپىتىدە ھېچقانداق ئارزۇ-ئىستەكسىز، مۇنبىرىمىزگە «ۋەخپە»قىلىشنى، ئېھتىياجى چۈشكەنلەرنى ئۆزىلىرى خالىغان رەۋىشتە ئوقۇپ پايدىلىنىشى، ئەگەر سۆيۈنسە ياخشى نىيەتلىرىدە مېنى تىلغا ئىلىپ قويۇشىنى، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرمىگەن ، خاتا دەپ قارىغان يەرلىرى بولسا مەندىن ئىبرەت ئېلىشنى، ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، ھەركۈندە بىردىن ئۇدا 1001كۈن مۇنبىرىمىزگە يوللاشنى توغرا تاپتىم. ئەزىز قىرىنداشلىرىمنىڭ قەلىبلىرىدە يوشۇرۇن ئويلار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى مېنىڭ ھېچكىمدە رەنجىشىم ياكى ھەققىم يوقتۇر. باشقىلارنىڭمۇ ھەم مەندە يوق. بۇ ھىكايەتلەرنى ئاندىن كىين يەنە تەكرار تەكرار يېڭىلىدىم. بىرقسىم لىرىنى ئۆزۈم يازدىم ۋە ئەسەرنىڭ خاتىسىمى قىلدىم.
ئەپۇ-ئىززەتلەر بىلەن ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
2010-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ، ئۆرۈمچى
(تېما تەسسىقلانغاندىن كىين يوللاشقا باشلايمەن. قىنى تەھرىرلەرنىڭ مەسلىھەتى قانداقكىن!)
قوشۇمچە:
«مىڭ بىر ھېكايەت»نىڭ يېڭى مۇنبەر يوللانمىسىغا كېرىش سۆز
«مىڭ بىر ھېكايەت» مۇنبىرىمىزگە يوللىنىشقا باشلدى. ۋەدەم بويىچە ھەركۈنى بىر پارچىدىن يوللاشقا باشلىدىم. قىززىق ئىش، مۇنبەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك يىرى شۇ يەردە ئىكەنكى، مەن ھېكايىلەرنىڭ مۇنبەرگە يوللاشتىن بۇرۇن قايتا قايتا تۈزىتىدىغان بولدۇم. ھېكايە يوللىنىپ مۇنبەرداشلار تەلەپ پىكىرلەربەرگەندىن كېيىن يەنە تەھرىرلىدىم. ئۇدا 100 كۈن ئۆتتى. ھېكايەتلەر 101-گە ئۆتكەندە كاللامغا ھېكايىلەر ئارىسىغا رەسىم قستۇرۇش ئويى كەلدى. ھەم نەچچە كۈن سىناپ باقتىم. گەرچە ھەربىر ھېكايىگە ماس كىلىدىغان رەسىملەرنى ئىزدەپ تىپىش، ياكى سىزغۇزۇش ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ دەسلەپكى ئۈنۈم ۋە مۇنبەرداشلرىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئارىدىن ئىككى تەتىل ئازراق ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا «ھەركۈنى بىر پارچە ھېكايەت يوللاش» ۋەدەمگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم. بىر يىل بولاي دېگەندە يەنى ھېكايەت سانى 301-گە ئۇلاشقاندا تەرەپ تەرەپتىن كىتانى نەشىرقىلىش ۋاقتىنچە تورغا يوللىماي تۇرۇش ھەققىدە تىلىفۇنلار كېلىشكە باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن ھېكايەتلەر ھەققىدە يەنە قايتا ئويلىنشىقا باشلىدىم. نەچچە ھېكايە ئانچە ياخشى چىقمىغان ئىدى. ئۇلارنى ئالماشتۇرماقچى يەنە نەچچە پارچە ھېكايەتنى ئۆزگەرىتمەكچى بولدۇم. ئەمما كونا مۇنبىرىمىزدە ئەسەر ئاپتۇرلىرىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەشكە بىرىگەن ۋاقىت نىسبەتەن قىسقا بولغاچقا سەل بۇرۇنراق ئەۋەتىلگەن ھېكايەتلەرنى قايتا تەھرىرلەشكە، تۈزىتىشكە ئامال بولمىدى. دەل موشۇنداق ئارزۇ بىلەن يۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەلىيىمگە يېڭى مۇنبەر ئىچىلدى. بىر تۇرۇپ قاتتىق خاپا بولدۇم . چۈنكى كونا مۇنبەردىكى 301-كۈنلۈك ئەمگىكىم ئۇزاققا قالماي ئىچىلمايدىغان ھالغا كىلەتتى. ياكى ئارقا ھويلىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە چىلىقماستىن تاشلىنىپ قالاتتى. بىر تۇرۇپ خۇشال بولدۇم. بۇ مىنىڭ ئەسەرنى قايتا تۈزىتىشىم ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىدىم. ئارىدا بىرقانچە يىقىنىم مەخسۇس مىنى ئىزدەپ كېلىپ بۇ ھېكايەتلەرنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانى كۆپرەك، ئۇنىۋىرسال مۇنبەرلىرىگە يۆتكەش، داۋامىنى شۇيەردە بىرىش، ھەتتا ھەر بىر ھېكايەت ئۈچۈن قەلەم ھەققى بېرىش تەكلىپلىرىنى بىرىشتى. گەرچە بۇ تەكلىپلەر دەسلىۋىدە مىنى ئازراق قىزىقتۇرغان بولسىمۇ بىراق دەسلەپكى «ۋەخپەقىلىش» ھەققىدىكى ۋەدەمنى ئويلىدىم. ئەسىرىمگە تۇنجى ئورۇننى بەرگەن «يازغۇچىلار مۇنبىرى»نىڭ مىھرىي يەنىلا ئسسىق ئىدى. نەشىريات ئورۇنلىرىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھېكايەتلەرنى ئەمدى يوللىماسلىق، كىتاب قىلىپ چىقىرىش ھەققدىكى تەكلىپلىرىنى ھەم ئويلاشتىم. ئەمما ۋاقىت قارارى تىخى ئىنىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا ۋاپاسىز يوق بۇ ھاياتقا ئىشنىپ ، ۋاقىتنى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كۆرە بىر پارچە بولسىمۇ يازغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر نەزىرىگە سۇنۇپ ئەسەر يېزىشتىكى ساپ نىيەتلىرىمنى ھەق داغىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىتاب نەشىر قىلىش ھەققىدىكى سۆيۈملۈك مىنۇتلار يىتىپ كەلگۈچە داۋاملىق يوللاۋىرىشىنى، ئەسەرنى يەنە قايتا قايتا تۈزىتىپ ، كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى كىتاب جازىسىدىكى «مىڭ بىر كىچە»، «كەلىلە دە دىمىنە»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» يىنىدىن بىر ئورۇنغا گۈل تېزىشنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم. شۇڭا بۇ ھېكايەتلەرنى قايتىدىن تۈزىتىپ، بىرقىسىملىرىنى تىخىمۇ جەۋھىرى ھېكايەتلەرگە ئالماشتۇرۇپ، يېڭى مۇنبىرىمىزگە يوللاشقا باشلىدىم. ئىشىنىمەنكى ، قاچانكى 1001كۈن تامام بولسا، دۇنيادا ھېچكىشى قىلمىغان، ھەم بۇندىن كېيىن خىلى مەزگىللەرگىچە قىلالمايدىغان يەنە بىر ئۇلۇغ ئەمگەك ئۇيغۇر ئەدەبىيات گۇلزارىدا كۆز ئاچىدۇ. قالغىنى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ.
2012-يىل ، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىيجىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 01:37