ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

مىڭ بىر ھېكايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 17:38:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى داۋاملىق كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن، ئىجادىيەت تۇلپىرىڭىز ھېرىپ قالمىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتىمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق توغراق، مۇنبىرىمىز يېڭى مۇنبەرگە كۆچمىسلا مەن ھېرىپ قالمايمەن! (چاخچاق). ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

35- ھېكايەت
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش

093344g4g5557z557z5upa.jpg


بىر جايدا بىر خەتەرلىك جىلغا بولۇپ، جىلغا ئىچىدە شىددەت بىلەن ئىقىۋاتقان بىر ئىقىن بار ئىكەن. پەقەت بىرنەچچە تال تۈمۈر جىلغا ئىچىگە توغۇرسىغا قويۇلغان بولۇپ ئەشۇ تۈمۈر بۇ دەريادىن ئۆتىدىغان بىردىنبىر كۆۋرۈك ئىكەن.
بىر كۈنى تۆت كىشى بىرلىكتە بۇ دەريادىن ئۆتمەكچى بوپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى ئەما، بىرسى گاس، قالغان ئىككىسى ساق، نورمال كىشىلەر بولۇپ، تۆت كىشى ئارقا-ئارقىدىن تۆمۈرنى تۇتۇپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. نەتىجىدە قارغۇ بىلەن گاس ئامان- ئىسەن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ. يەنە بىر ئەقىللىق كىشىمۇ ئۆتۈپ كىتىپتۇ، لىكىن تۆتىنچى كىشى دەريا غا چۈشۈپ كىتىپ سۇغا غەرىق بوپتۇ.
ئامان قالغان ئۈچەيلەن قارشى قىرغاقتا ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ كۆۋرۈكىن ئۆتۈش تەجىربىلىرى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپتۇ.  بىرىنچى بولۇپ قارغۇ سۆز باشلاپ مۇنداق دەپتۇ: -مىنىڭ كۆزۈم كۆرمەيدۇ. تاغنىڭ قانچىلىك ئىگىز، كۆۋرۈكنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۇقمايمەن. مەن تەبىئىي ھالدا ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ، ماڭغان ھالدا كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كەتتىم.
-مىنىڭ قۇلىقىم ئاڭلىمايدۇ. سۇ ئېقىمىنىڭ قانچىلىك تېز، شىددەتلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يەر ماڭا نېسبەتەن ناھايىتى جىمجىت، قورقماستىن ئەركىن ھالدا ئۆتۈپ كەتتىم دەپتۇ-گاس ئارقىدىنلا.
بۇنى ئاڭلىغان كۆۋرۈكتىن بىخەتەر ئۆتكۈچى يەنە بىر ساغلام كىشى: -مەن كۆۋرۈكتىن ئۆتىمەن، خەتەر بىلەن نېمە كارىم؟ جىددىي ئېقىن بىلەن نېمە كارىم؟ پەقەت بىر قەدەم-بىر قەدەم ئىلىپ توختىماستىن ئالدىغا قاراپ ماڭساملا بولدى دەپ ھەربىر قەدىمىمنى ئىھتىيات بىلەن بىسىپ مىڭىۋەردىم. ھەي! قەدىناس ھەمراھىم، قارىماققا ساغلامدەك كۆرىنگىنى بىلەن بەك ئىشەنچىسىز ئادەم ئىدى. ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىناتتى. ئاخىرى ئارسالدىلىق ئۇنىڭ بىشىغا چىقتى-دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 14:33  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

36-ھېكايەت
سەمەرقەنت ھېكمېتى

u=189733361,94047593&fm=15&gp=0.jpg


بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزۇن بولمىغان زامانلارنىڭ بىرىدە، ئاتۇشلۇق بىر باي سودىگەر سودا ئىشلىرى بىلەن سەمەرقەنىتكە چىقىپ قاپتۇ. ھەم بۇ ئۆزبەك شەھرىدە سودا تىجارەت قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دادىسىنىڭ «بالام، ئۆزبەكلەر بەك چىڭ خەق. ئۇلار بىلەن سودىلىشىشقا بولىدۇ. ئەمما تويلىشىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلەن تويلىشىپلا قالدىڭمۇ يۇرتۇڭدىن، مال بېساتىڭدىن تامامەن ئۆمۈد ئۈزۈشكە، بىر ئۆمۈر ھاياتىڭنى كىشى يۇرتىدا سەرسان، سەرگەردانلىقتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىسەن» دېگەن نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تازا پىشقان بىر ئۆزبەك جۇۋان بىلەن توي قىپتۇ. دېمىسىمۇ ئىلگىرى نەچچە ئەرگە تېگىپ پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەن بۇ جۇۋان ئۇزاق ئۆتمەي كەينى كەينىدىن پەرزەنىتلىك بولۇشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن سودىگەر بىر تۇرۇپ خۇشال بولسا، يەنە بىر تۇرۇپ دادىسىنىڭ نەسىھىيتىنى ئەسلەپ كۆڭلى يېرىم بولىدىغان بوپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ مەيلى «بۇ مۇ تەغدىر پىشانە» دەپ تەرتۈكۈپ ئىشلەپ نورغۇن مال دۇنيا تىپىتۇ. تېپىپتويۇ ئەمما مال دۇنيانىڭ پەقەت بەركىتى بولماپتۇ. ئارىدىن ھەش پەش دېگۈچە 20 يىل ئۆتۈپ، سودىگەرنىڭ بېلى پۈكۈلۈشكە، ھاردۇق يېتىپ چىكىنىشكە باشلاپتۇ. موشۇ كۈنلەردە بارغانسىرى ئەل يۇرتنى سىغىنىدىغان، ئاتا بوۋىسىنىڭ قەبىرىسنى تاۋاپ قىلغۇسى كېلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئەمما سودىگەرنىڭ بوۋىسى ئاتۇشنىڭ ئىسىمنى چىقسىلا جەڭگە جىدەلنى باشلاپ، ئاللا- دات قىچقىرىشقا باشلايدىكەن. خوتۇننىڭ غەم ئەندىشىلىرىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى مال دۇنيادا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ قاتتىق ئازاپ ھېس قىلغان باي، يەنە بىر مەزگىل  بالىلىرىغا تارتىشىپ، لېۋىنى چىشلەپ ياشاپ بېقىتۇ. ئەپسۇسكى قىرىغانسىرى تەن كىندىك قان تۆكۈلگەن تۇپراقنى تارتىپ پەقەت ئارام بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەتئى نىيەتكە كەلگەن سودىگەر بىركۈنى ئاخىشىمى ئايالىغا مەسلىھەت سېلىپ « ھېچ بولمىسا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاتۇش دىيارىنى بىر زىيارەت قىلىۋىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ». بۇنى ئاڭلىغان ئايالى ئاتۇش بىلەن سەمەرقەنت ئارلىغىنى قايتا قايتا ھېسابلاپ، بېرىپ كەلگۈچە قانچىلىك پۇل كېتىدىغىنىدىن ئاغرىنىپ تازا كوتۇلداپتۇ. سەۋىر تاقىتى چىكىگە يەتكەن سودىگەر ئايالىنى پۈتۈن مال دۇنيا بىلەن قوشۇپ تالاق قېلىۋىتىپ، تاڭ يورىشى بىلەن ئېغىلدىكى ئشېكىنى يىتىلەپ ئاتۇش زېمىنىغا قاراپ ئاتلانماقچى بوپتۇ. بۇنى سېزىپ تۇرغان ئايال ئېشىك يۇچۇغىدىن سودىگەر نىمىنى ئالدى ، نېمىنى قويدى ھەممىنى كۈزىتىپ تۇرۇپتۇ. ھەتتا نەچچە قېتىم يۈگۈرۈپ چىقىپ يولدا يەتكۈدەك نان، سۇ دىن باشقا يېڭنىچىلىك نەرسىنى ئارتۇق كۆتەرتمەپتۇ. ئاتا نەسھىيتىنى ئەسلەپ قاتتىق پۇشايمان قىلغان باي « بۇ زېمىندا تارتىشقىدەك نىمەم بار؟» دەپ قارىسا، ئامراق پەرزەنىتلىرى ياش تۆكۈپ تۇرۇشقان. ھەرنىمە بولسا بالىلىرىم بولسىمۇ ئايرىلىشقا قىيماي ياش تۆكۈۋىتىپتۇ. ئۇلارنى بولسىمۇ باغرىمغا بېسىۋالاي دەپ ئىشەكنى بىر بالىسىغا تۇتقۇزۇپ يەنە بىر بالىسىنىڭ يىنىغا باغرىنى ئېچىپ مېڭىپتۇ. ئاڭغىچە بىرىنچى بالىسى ئېشەكنى ئىغىلغا يىتىلەپ كېرىپ كېتىۋاتقۇدەك. -بوپتۇ، بۇ بالامنىڭ مەندىن ئايرىلغۇسى كەلمىسە قايتىمىسام قايىتماسمەن ئۇ ئاتۇش دېگەن يەرگە دەپ ئىككىنچى بالىسىنى باغرىغا بېسىپ ئاتا بالا تازا يىغلىشىۋاتسا بىر يەرلەردىن سودىگەرنىڭ ئايالى پەيدا بوپتۇ. ھەم بالىسىنى سودىگەرنىڭ قۇچىقىدىن تارتىپ ۋاقىراشقا باشلاپتۇ؛ -ھۇي، جىنىمنىڭ چايانلىرى، ئۆزبىكىمنىڭ دۈشمەنلىرى، نىمېگە شۇنچە يىغلىشىسەن. ئەجىبا قىيالمايۋاتامسەن بۇ قىرىغا!...
سودىگەر، نەچچە ئون يىل بىر ئۆيدە ياشىغان ئايالىنىڭ بۇ قوپاللىغىغا قاتتىق رەدىيە بىرەي دەپ تۇرغاندا ھازىرلار قۇچىغىدا ئۆكسۈپ تۇرغان پەرزەنىتىدىن شۇنداق جاۋابنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ:
-ياق، ئانىجانىم، مەن دادام ئۈچۈن ئەمەس، دادام يىتىلەپ ئېلىپ ماڭغان ئاۋۇ ئېشەك ئۈچۈن يىغلاۋاتىمەن-دېيىشىگە، سودىگەرنىڭ بىرىنچى بالىسى ئىشەكنى ئىغىلغا باغلىۋىتىپ چىقىپ گەپكە قوشۇق ساپتۇ:- ئاڭلىساق قاشقالىقلار دىيارىمىزغا پىيادە چېقىپ تىكەن. دادامنىڭ بەك كەتكۈسى بولسا، قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كەتسۇن!.. ئۇ كەتسە بىزگە پۇل تېپىپ بىرىدىغان كېم بار. يەنە شۇ با بېساتلار ئەسقاتىدۇ...
بۇنى ئاڭلىغان سودىگەرنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ، «ئاتا نەسھىيتىنى ئاڭلىمىغانغا مىڭ لەنەت!» دېگىنىچە بېشىغا توپا چىچىپ:

«كۆڭۈلنىڭ مەينىگە كىرمە،

كۆڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ.

سەمەرقەنت ئالمىسدەك بىركۈن،

ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ»

      دېگەن غەزەلنى دۆڭ توۋىلاپ سەمەرقەنت زېمىنىدىن غايىپ بوپتۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 23:30  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

37- ھېكايەت
تەجرىبە-ساۋاقنىڭ چېكى

f337_6da2_359-best-action-photography.jpg


    ئىككى كالا سەپەرگە چىقىپتۇ، ئۇلار ماڭا-ماڭا بىر كۆۋرۈككە ئۇچراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرى ئالدىدا، بىرى كەينىدە كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپتۇ. ئالدىدىكى كالا ئەمدىلا كۆۋرۈكنىڭ  ئۇ قىتىغا ئۆتۈشىگە، ئارقىدىكى كالا كۆۋرۈككە دەسسەپتۇ. دەل شۇ چاغدا كۆۋرۈك تۇيۇقسىز گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. بەختكە يارىشا ھەر ئىككى كالا ئامان قاپتۇ. ئۇلار خۇشاللىقىدىن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ:
    -بەختكە يارىشا مەن تېزرەك مىڭىپتىمەن، ئەگەر ئاستا ماڭغان بولسام، ھاياتىمدىن ئايرىلار ئىكەنمەن، كىيىن چوقۇم كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە تېز مېڭىپ ئۆتىمەن دەپتۇ-ئالدىدا ماڭغان كالا.
   -بەختكە يارىشا مەن ئاستا ماڭغان ئىكەنمەن. سەل تىزراق ماڭغان بولسام، ھاياتىمدىن ئايرىلار ئىكەنمەن. بۇندىن كىيىن كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، چوقۇم ئاستا ماڭىمەن دەپتۇ-ئىككىنچسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 01:33  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 13:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

38- ھېكايەت
ھايات ۋە ئۆلۈم

00016ce4f3840dcedb2307.jpg


بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان زامانلاردا، ئاۋات بىر شەھەردە بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆلۈمدىن ناھايىتى قورقىدىكەن، ھەر كۈنى مەيلى تاماقتا بولسۇن، مەيلى خىزمەت ياكى يول ماڭغاندا بولسۇن دائىم باشقىلاردىن تېز ھەركەت قىلىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ ئالدىراش كېتىۋاتسا، تۇيۇقسىز بىر ئاقساقال مويسىپىت ئۇنى چاقىرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن شۇنداق سوراپ قاپتۇ:
-سەن بۇنچىۋالا ئالدىراش زادى نېمىنى قوغلاۋاتىسەن؟
-مەن قوغلاۋاتقىنىم يوق، بەلكى قېچىۋاتىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قورقۇنچاق.
-ئۇنداقتا نېمىدىن قېچىۋاتىسەن؟
-ئۆلۈمدىن.
-سەن ئۆلۈمنىڭ كەينىڭدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسەن؟-يەنە سوراپتۇ مويسىپىت.
-چۈنكى بارلىق ھايۋانلار كەينىدىن قوغلىشىپ كەلگەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرەيدۇ ئەمەسمۇ؟-  دەپ جاۋاب بېرىپتۇ  قورقۇنچاق.
-سەن خاتالاشتىڭ، ئۆلۈم ھەرگىزمۇ ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشقىلارنى قوغلىمايدۇ. بەلكى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ، تېز ياكى ئاستا ماڭغىنىڭدىن قەتئىينەزەر، سەن ھامان بىر كۈنى ئاشۇ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارىسەن،-دەپتۇ.
-سىز قانداق بىلىسىز؟-دەپ سوراپتۇ  قورقۇنچاق.
-چۈنكى مەن بولسام ئۆلۈم ئەرۋاھى،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مويسىپىت.
-قورقۇنچاق بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ  ۋە جۈرئەت بىلەن سوراپتۇ:
-سىز بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بوپسىز، ئەجەبا مېنىڭ ئۆلۈمۈم يېقىنلاشقاندىمۇ؟
-ياق، سەن قورقما. سېنىڭ ئۆلۈم كۈنۈڭ كەلگىنى يوق، پەقەت سەن توختىماي تېز يۈگۈرگەچكە، مىنىڭ ئىنىم «ھايات» ساڭا يېتىشەلمىگەنلىكىدىن ئاغرىندى. ئەگەر سەن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشمىسەڭ، ساڭا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق. ئىنىم ماڭا قايتا-قايتا جىكىلەپ، ساڭا ئاستا يۈرۈشۈڭنى ئېيىتپ قويۇشىمنى تاپىلىدى،- دەپتۇ بوۋاي.
-مەن قانداق قىلسام ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشەلەيمەن؟-سوراپتۇ قورقۇنچاق.
-ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ، كۆڭلۈڭنى  تىنچلاندۇرىسەن. ئاندىن تۆت ئەتراپقا بېقىپ يۈرىكىڭ بىلەن چۈشىنىپ، مۇھەببىتىڭ بىلەن سىزىپ، بارلىق كۈچۈڭ بىلەن تىنىساڭ، ھايات ساڭا يېقىنلىشىدۇ،-دەپتۇ.
ھىلىقى ئادەم كۆڭلىنى تىنچلاندۇرغان چاغدا، ھېلىقى مويسىپىت: سەن قاراپ باق، ئىنىم كەلدى؟ دەپ سوراپتۇ.
ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغۇدەك بولسا، بوۋاي غايىب بولغان، ئۇنىڭ ئورنىدا ناھايتى گۈزەل بىر مەنزىرە ئۇنىڭغا قۇچاق ئىچىپ تۇرغان ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 13:58  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 15:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

39- ھېكايەت
سان ۋە سۈپەت

88.jpg


ئۆزىنى مەشھۇر ھىسابلايدىغان بىر يازغۇچى بىرقىتىملىق خەلىقئارالىق ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. يىغىندا، ئۇنىڭ يىنىدا بىر ياش ئامرىكىلىق ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنىشى ئاددىي-ساددا، ئېغىر-بېسىق، كەمتەر ئىكەن. ئەر يازغۇچى  قانچە قىلىپمۇ بۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەپتۇ. ھەمدە ئۇنى ئادەتتىكى بىر يازغۇچى ياكى ئىجادىيەت ھەۋەسكاۋى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل كەمسىتىش ھېسياتى پەيدا بوپتۇ.
-خېنىم، سىز كەسپى يازغۇچىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئەر گۇمان بىلەن.
-شۇنداق ئەپەندىم،  دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال.
-ئۇنداقتا سىز ئىلان قىلغان ئەسەرلەردىن قايسىلار بار؟
-مەن پەقەت ھىكايە يازىمەن، چوڭ ئەسەر دىگىلىمۇ بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال ئاددىيلا.
بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئەر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى جەزملەشتۈرۈپ سۇئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-ئىككىمىز كەسىپداش ئىكەنمىز، مەنمۇ ھىكايە يازىمەن، ھازىرغىچە  39پارچە ئەسىرىم خەلىقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىندى. سىزنىڭچۇ؟
-مەن پەقەت بىر پارچىلا ئەسەر يازغان-دەپتۇ ئايال.
-ئاران بىر پارچىمۇ؟ ھىكايىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ دەپتۇ ئەر يازغۇچى مەنسىتمىگەن ھالدا.
- لەيلەش.
بۇنى ئاڭلىغان ئەر يازغۇچىنڭ ئاغزى ئىچىلىپلا  قاپتۇ.  ئەسلىدە، بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ ئىسمى مارگىرىت مىچېل بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر پارچىلا ئەسەر يازغان. لېكىن شۇ بىرپارچە ئەسىرى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دۇنياغا تونۇتقان ئىكەن.  بىراق 39 پارچە ئەسەر ئىلان قىلغان ھىلىقى يازغۇچىنڭ ئىسمىنى كىشلەر تىخى ئانىچە ئىنىق بىلمەيدىكەن، بىلىدىغانلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىسىمنى ئۇنتۇپ كىتەي دەپلا قالغان ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 15:16  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 23:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

40- ھېكايەت
ھەۋەسنىڭ سىرى

bird-lover-live-wallpaper-10-1.jpg


      بىر كۈنى قويۇق ئورمانلىقتىكى ئوت-چۆپ يوپۇرماققا قاراپ شۇنداق نىدا قىپتۇ:
     -مەن ساڭا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن، سەن ئېگىز دەرەختە تۇرىسەن، يىراقلاردىن ھوزۇرلىنىسەن، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ سېنى دەسسىۋىتىشىدىن غەم قىلمايسەن. سەن نەقەدەر بەختلىك ھە!
     بۇنى ئاڭلىغان يوپۇرماق ئوت-چۆپكە  شۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:
    -دەرەخ قانچە ئېگىز بولغانسىرى شۇنچە كۈچلۈك بورانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سەن بىلمەيسەن. مەن ھەر ۋاقىت شامالنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمەن، دەرەخ ئۈستىدە نەدىمۇ سەندەك جىمجىت ھالدا قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلانغىلى بولسۇن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ساڭا ھەۋەس قىلمەن، سەن مەندىنمۇ بەخىتلىك.
بۇ سۆزلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالغان ئاپئاق بۇلۇت ئۆزى ھەققىدە ئويلىنپ قاپتۇ ۋە يېنىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشقاچقا قاراپ شۇنداق دەپتۇ:
   -مەن ساڭا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن، ئۇچقۇڭ كەلسە ئۇچىسەن، قونغۇڭ كەلسە قونىسەن، ئېگىز ئۇچقۇڭ كەلسە ئىگىز، پەس ئۇچقۇڭ كەلسە پەس ئۇچىسەن، ماڭا ئوخشاش بىر بورانغا ئۇچرىساڭ بوران تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلۇپ ئاللىقاياقلارغا كېتىپ قالمايسەن، -دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان قۇشقاچ يۇم-يۇم يىغلىغىنىچە بۇلۇتقا شۇنداق دەپتۇ:
   - نەدىكىنى، سەن ئوۋچىنىڭ قورالنىڭ مېڭەمدىن قانداق  تۈتۈن چىقىرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. مەن ھەر ۋاقىت ئوۋچىلار ياكى كەپسىز بالىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىمەن. مەندە نەدىمۇ سەندەك خاتىرجەملىك، ھايات-ماماتتىن ئەنسىرەپ يۈرمەيدىغان ئەركىنلىك بولسۇن؟
بۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان ھەيۋەت تاغ باغرىنى يارا قىلىپ ئويناقشىپ ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇغا دەپتۇ:
- مەن سېنىڭ تۇرمۇشۇڭغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن، ھەر كۈنى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ توختىماستىن ئويناقشىپ يۈرىسەن، ھەرگىزمۇ مەندەك قىمىر قىلماي تۇرمايسەن، مېنىڭ كۈنۈم بەكمۇ زېرىكىشلىك.
بۇنى ئاڭلىغان ئېقىن سۇ بوينىنى بىچارىلەرچە ئېگىپ تاغقا شىۋىرلاپتۇ:
    - لېكىن دوستۇم سەن بىلمەيسەن. ناۋادا مەن سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ خاتا ئېقىنغا كىرىپ قالسام ياكى بېلىق، راكلار يوق، سىسىق پۇراقلار تارقىلىپ تۇرىدىغان كۆلچەكلەرگە كىرىپ قالسام، بىردەمدىلا پاكلىقىمنى،ساپلىقىمنى يوقۇتۇپ، سىسىق پۇراققا ئايلىنىپ كېتىدىغىنىمنى سەن بىلمەيسەن؟ مەندە نەدىمۇ سەندەك ھەر پەسىلدە ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئازادىلىك بولسۇن؟-دەپتۇ.
   بۇنى ئاڭلىغان بىر زاھىت، تاغ ئۆڭكۈرىدىن چىقىپ ئېقىن سۇغا پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرۇپتۇ ۋە بۇلۇت، قۇشقاچ، ئېگىز دەرەخ شاخلىرىدىكى ياپراق ۋە ئەتراپىدىكى چۆپلەرگە سىنچىلاپ قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:- قانداقلا بولسۇن،ھەر قانداق شەيئىدە ئورتاق بىر خۇسۇسىيەت باركى ھەرقاچان ئۆزىدىن زارلاپ ئۆزگىگە ھەۋەس قىلىپ ئالەمدىن كېتىدۇ. ئۆزىنى، رەببىنى تونۇيدىغانلار، قانائەت دېڭىزدىن شاتلىق گۆھەرلىرىنى سۈزىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.  بۇ خۇسۇسىيەت ئالدىدا بىز ئىنسانلارمۇ تەبىئەتنىڭ ھەر بىر زەررىسى بىلەن ئورتاقمىز. ئىنسانلارغا قاراڭلار، ئەرلەر ئاياللارنىڭ لاتاپەتلىكىگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ  ئەركىن تۇرمۇشىغا ، ئەرلىك جاسارىتىگە ھەۋەس قىلىدۇ. داڭلىق كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا  ھەۋەس قىلىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر داڭلىق كىشىلەرنىڭ رەڭدار، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدۇ. بويتاقلار جۈپلەرگە، جۈپلەر بويتاقلارغا، بالىلار ياشلارغا، ياشلار قىرانلارغا، قىرانلار مويسىپىتلارغا، مويسىپىتلار بولسا كۈچ قۇۋىتى، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بالىلارغا، ياشلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ھايات يىغا بىلەن باشلىنىپ پۇشايمان ۋە قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشدۇ. نەتىجىدە بىز ئاخىرى شەيتان ھەۋىسىدىن غالىپ كېلەلمەيدىغان ئىنسانىيلىق ماقامىغا يېتىمىز!...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 23:57  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 10:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

41- ھېكايەت
ھەققانىيەتنىڭ كۈچى

101257_zmb-bj02.gif


بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، ئەرەبىستاندىكى بىر كىچىك  قەبىلىدە ئالۋاستى پەيدا بولۇپ قاپتۇ ۋە قەبىلىدىكىلەر ئاشۇ ئالۋاستىنىڭ دەردىنى ناھايىتى  كۆپ تارتىپتۇ.
بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن قەبىلە باشلىقى، قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىپ، ئالۋاستىنى يوقىتىپ قەبىلە ئاھالىسىنى جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتقۇزماقچى بوپتۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈك راسلاپ يولغا چىقىپتۇ. بىر كۈنى قەبىلە باشلىقى قۇملۇقتا ئالۋاستىنى ئىزدەپ كىتىۋىتىپ بىر ئادەمنى ئۇچرىتپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا سالاملاشقاندىن كىيىن، قارشى تەرەپ قەبىلە باشلىغىدىن نەگە كىتىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئالۋاستىنى ئىزدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھىلىقى ئادەم نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغاندا، كەنت باشلىقى: -مەن ئۇنى يوقىتىپ كەنت ئاھالىسىنى قۇتۇلدۇرماقچى،دەپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم ئۆزىنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. كەنت باشلىقى بۇنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئىككى تەرەپ دەرھال جەڭگە ئۆتۈپتۇ. ئىلىشپتۇ، ئىلىشپتۇ. ئاخىرى قەبىلە باشلىقى ئالۋاستىنى يېڭىپ، ئۇنى يەرچېشلىتىپ قويۇپتۇ ۋە قىلىچىنى چىقىرىپ قول سېلىشقا تەييرلىنىپتۇ. لېكىن ئالۋاستى ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: -قول سېلىشقا ئالدىراپ كەتمە، سەن مىنى ئۆلتۈرسەڭ بولىدۇ، بىراق ئاۋۋال مېنىڭ بىر قانچە ئېغىز گىپىمگە قۇلاق سىلىپ باققىن دەپتۇ.
-قېنى سۆزلە، دەپتۇ قەبىلە باشلىقى.
-سەن مىنى ئۆلتۈرسەڭ ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيسەن، ئەگەر سەن ماڭا رەھىم قىلىپ مىنى ئۆلتۈرمىسەڭ، چوڭ پايدىغا ئىرىشىسەن-دپتۇ ئالۋاستى.
-قانداق پايدا؟-دەپ سوراپتۇ قەبىلە باشلىغى.
-ئەگەر سەن مىنى ئۆلتۈرمىسەڭ، مەن تاكى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ياستۇقىڭنىڭ ئاستىدا 20تەڭگە پەيدا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، دەپتۇ ئالۋاسىتى.
قەبىلە باشلىقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلىنىپ قاپتۇ ۋە «مىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرمىگىنىمنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمىدۇ؟ ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرمىسەم، ھەر كۈنى 20تەڭگىگە ئىرىشەلەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ!» دەپ ئويلاپتۇ-دە ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئۇنى قويىۋىتىپ كەچقۇرۇنلۇقى جىمجىتقىنە ئۆيىگە قايتىپ كىلىۋاپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، قەبىلە باشلىغى ياستۇقنىڭ ئاستىدا 20تەڭگىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بوپتۇ. بۇ ھال ئۇدا بىر ھەپتە داۋام قىپتۇ. قەبىلە باشلىقى بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماپتۇ. ئۇ ئىنتايىن خوشال بولغان ھالدا، مەن ھېچقانچە  كۈچىمەيلا ئۇنىڭ ئالتۇن ئامبىرىنى كونترول قىلىۋالدىم-دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى سەھەردە، قەبىلە باشلىقى ئويغىنىپ قولىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا سوزۇپ پۇلنى سىلىسا ، پۇل يوق تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىچى سىقىلغاندەك بوپتۇ ۋە كۆڭلىدە مۇنداق ئويلاپتۇ: -بەلكىم ئالۋاستى ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، ئەتە چوقۇم ئىككى كۈنلۈك پۇلنى بىراقلا قويۇپ قويىشى مومكىن-دەپ ئويلاپتۇ.
لېكىن ئىككىنچى كۈنى ياستۇقنىڭ ئاستىدا يەنىلا پۇل كۆرۈنمەپتۇ. قەبىلە باشلىغى يەنە بىر كۈن ساقلاپتۇ.  ئەمما پۇلدىن دىرەك بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئالۋاستىنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ھەم بۇ قىتىم ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىۋىتىمەن دەپ قەسەم قىپتۇ. مىڭىپتۇ، مىڭىپتۇ. ئوخشاش بىر يايلاقتا، ئوخشاش ئورۇندا ئۇلار يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. -ھەي ئالدامچى، بۇ سېىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟ دەپتۇ سوراپتۇ قەبىلە باشلىقى.
-مەن سىنى قانداق رەنجىتىپ قويدۇم؟ دەپتۇ ئالۋاستى.
-سەن ماڭا ھەر كۈنى 20تەڭگە بىرىمەن دېگەن ئىدىڭغۇ؟ دەسلەپتە مەن راستىنلا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، لېكىن ھازىر ئۇدا ئۈچ كۈن بولدى. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم-دەپتۇ.
-بەرھەق. دەپتۇ ئالۋاستى: -مەن دەسلەپتە ساڭا پۇل بەرگەن، بىراق كىيىن بەرگۈم كەلمىدى، ئەگەر رازى بولمىساڭ بىز يەنە چىلىشىپ باقايلى، قىنى كىمنى كىم يېڭىدىكىن.
قەبىلە باشلىقى ئۆز كۈچىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇنى ئالدىنقى قېتىم يېڭىۋالغان ئىدىم. بۇ قېتىممۇ چوقۇم يېڭىۋالىمەن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئۇلار بىر قەپەس قاتتىق ئېلىشىپتۇ. لېكىن قەبىلە باشلىقى ئۇنى يەڭمەكتە يوق بەك ھالسىزلىنىپ كېتىپتۇ، ئاخىرى ئالۋاستى  قەبىلە باشلىقىنى كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلاپ ئۇنىڭ كۆكرىكىدە ئولتۇرىۋاپتۇ-دە. قىلىچنى چىقىرىپ قول سېلىشقا تەييارلىنىپتۇ.
قەبىلە باشلىقى ناھايىتى قورققان ھالدا ئالۋاستىغا: -ئالۋاستى، سەن مىنىڭ بىر سۇئال سورىشىمغا رۇخسەت قىل، ئاندىن ئۆلتۈرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن، دەپتۇ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
-قېنى سورا ! دەپتۇ ئالۋاستى.
-بىر ھەپتە ئىلگىرى ئىككىمىز ئۇچرىشىپ كۈچ سىناشقاندا سېنى مەن يەڭگەنىدىم، نېمىشقا ھازىر ئىككىلىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان تۇرۇپ، سەن يېڭىۋالىسەن؟- دەپ سوراپتۇ قەبىلە باشلىغى.
-ھەي ئىنسان! دەپتۇ ئالۋاستى ئەپسۇسلۇق بىلەن: -سەۋەبى سەن بىرىنچى قىتىم مەن بىلەن ئۇچراشقاندا ھەققانىي ئىش ئۈچۈن مەن بىلەن ئىلىشقانىدىڭ،شۇڭا مىنى يىڭىۋالغان. لېكىن سەن بۇ قېتىم ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن ئېلىشتىڭ، شۇڭا مەن سىنى ئاسانلا يېڭىۋالدىم. ئىسىڭدە بولسۇنكى قاچانكى ھەقىقەت سەندە بولسا ھەرقانچە چوڭ زور كۈچمۇ سىنى يىڭەلمەيدۇ. يەڭگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئۆزىنى ئىتىراپ قىلالماي ئازاپ ئىچىدە خاراپ بولىدۇ. ئەمما قاچانكى سەن ھەقىقەتتىن ئايرىلىپ قالدىڭ ئۇ ھالدا قانچە كۈچلۈك بولساڭلا سىنىڭ ئاقىۋىتىڭ مەغلۇبىيە بولىدۇ خالاس- دەپتۇ ئالۋاستى قىلىچىنى شارىتلا قىلىپ قەبىلە باشلىغىنىڭ بوينىغا ئۇرۇپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 20:13  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 20:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

42- ھېكايەت
خىسلەتلىك سۇ

9227665-1_o.jpg


    قەدىمقى يەھۇدىيە دۆلىتىدە بىر پىرىخۇن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى پادىشاھ ھوزۇرىغا بېرىپ: -ھۆرمەتلىك خان ئالىيلىرى، مەندە بىر قۇتا خىسلەتلىك سۇ بار ئىدى، ئەگەر سىلى ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم ئىچىۋالغان بولسىلا، مەڭگۈ قىرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتىلا-دەپتۇ.
   پادىشاھ ئىنتايىن ئىھتىياتچان ۋە ئەستايىدىل كىشى بولۇپ، بۇ سۇنىڭ سىرلىرىنى تەپسىلى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ياساۋۇللىرىغا ئوردا يېنىدىكى يولدىن تۇنجى بولۇپ ئۆتكەن ئۈچ كىشنى باشلاپ ئەكىلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش توغرىسىدا پەرمان قىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئوردا لەشكەرلىرى بىر ئەسكەر، بىر سودىگەر ۋە بىر كەمبەغەل دېقاننى باشلاپ كىرىپتۇ.
پادىشاھ ئاۋۋال ئەسكەردىن: -سەن ماڭا ئېيتىپ بەرچۇ، بۇ خىسلەتلىك سۇنى ئىچسەم مەن بەختلىك بولالامدىم-يوق؟-دەپ سوراپتۇ.
   - شۇنداق بەختلىك بولالايلا، سىلى قىرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، دۇنيادىكى ۋاقىتىنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالايلا. ئەجەبا ئەتراپتىكى بارلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئەڭ زور بەخت ھېسابلانمامدۇ؟-دەپتۇ ئەسكەر.
ئارقىدىنلا پادىشاھ سودىگەردىن يۇقىرىقى سۇئالنى سوراپتۇ.
   - موشۇ خىسلەتلىك سۇنى ئىچىش بىلەن بەخىتلىك بولغىلى بولامدۇ؟
   -شۇنداق بەختلىك بولالايلا، سىلى تۈمەنمىڭ يىللار ياشايدىلا، سىلىنىڭ بايلىقلىرى بارا-بارا كۆپىيىدۇ. ئەجەبا ئۆزىنىڭ بايلىقىنىڭ توختىماستىن كۆپىيىشىنى كۆرۈش بىر بەخت ئەمەسمۇ؟
جاۋاب بېرىش نۆۋىتى دېھقانغا كەلگەندە دېھقان:
   -ئىي ئالىيلىرى، يىنىمدىكى بۇ ئەسكەر ۋە  سودىگەر ئىككەيلەن سىلىگە نېمىشقا بەختلىك بولىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ بەردى. لېكىن قەستەن نېمىشقا  بەختسىز بولۇپ قالىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ قويمىدى،- دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئەسكەر بىلەن سودىگەر تەڭلا: -نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن لەقۋا؟-دەپتۇ، تەڭلا ۋارقىراپ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ قىرىمايدىغان پادىشاھ بولۇش قانداقمۇ بەختسىزلىك ھېسابلانسۇن؟
   -دانا ئالىيلىرى، سىلى مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ باقسىلا، سىلى بۇ خىسلەتلىك سۇنى ئىچكەندىن كىيىن، مەڭگۈ قىرىماي، ئۆز كۆزلىرى بىلەن بايلىقلىرىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەشلىرى ۋە ئۆز كۈچ-قۇدرەتلىرىدىن پەخىرلىنشلىرى مۇمكىن، لېكىن سىلىنىڭ سۆيۈملۈك ئاياللىرى ھامان ئۆلۈپ كىتىدۇ، سىلى قىزغىن سۆيىدىغان بالا-چاقا، نەۋرىلىرى كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھەم ئۆلۈپ كىتىدۇ. دوست-بۇرادەرلىرى ۋە قۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن سىلى يەنىلا ياشاۋىرىلا. ھامان بىر كۈنى ئەتراپلىرىغا نەزەر تاشلىغانلىرىدا ئۆز يانلىرىدا ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقايدىلا، ئەقىللىق پادىشاھى ئالەم، مانا بۇ سىلى قىرىماي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئېرىشمەكچى بولغان بەخت.  ئەگەر سىلى خالىسىلا ھازىرلا بۇ خىسلەتلىك سۇنى ئىچسىلە، شۇندىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىلا، قالغىنى خۇداغا ئامەنەت-دەپتۇ دېھقان.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: -ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر مەن يىقىن ئادەملىرىمنى يوقىتىپ قويسام، ئۇ ھالدا ئۇزۇن كۆمۈر كۆرۈشۈمنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار بولسۇن؟
پادىشاھ شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى خىسلەتلىك سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىنى يەرگە ئۇرۇپ چىقىۋىتىپتۇ. سۇ يەرگە سىڭىپ غايپ بوپتۇ. پادىشاھ بوتۇلكىنىڭ پارچىلىرىنى ھىلقى يەھۇدىنىڭ بوينىغا ئىسىپ ئۇلارنى دىڭىزغا مەڭگۈلۈك غەرىق قىلىۋىتىشكە بويرۇپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-9 20:15  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 16:10:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

43- ھېكايەت
كىم قىلىدۇ؟

tomandjerry.jpg


    قەدىمدە، بىر توپ چاشقانلار بىر باينىڭ ئۆيىدە غەم-ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگەن ئىكەن. بىركۈنى باينىڭ بىر دوستى ئۇنىڭ ئۆيىدە چاشقان ئۇۋىلاپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭغا بىر مۈشۈك سوۋغا قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن باينىڭ ئۆيىدە چاشقانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى پەيدا بوپتۇ. تىخىمۇ چاتاق بولغىنى بۇ مۈشۈك چاشقان تۇتۇش ماھىرى بولۇپ، چاشقانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئازلاشقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەبىدىن چاشقان جەمەتىدىكىلەر بىر ئومومى يىغىن ئىچىپ، ئۆز ھاياتىغا خەۋىپ ئەكىلىۋاتقان بۇ مۆشۈكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كىڭەش ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۆلۈمنىڭ كۆلەڭگىسى پۈتۈن يىغىن سورۇننى قاپلاپتۇ. ئەمما بەزىلەر بېشى ئىچىگە تىقىپ بىپەرۋا قىياپەتتە مۈگىدەپ ئولتۇرسا، يەنە بەزىلەر مۆشۈك بىلەن سۆلىھ تۈزۈپ ئۇنىڭغا مۇددەت بۇيىچە سىلىق تۆلەپ، جىنىنى جان ئىتىشنى تەشەببۇس قىپتۇ. ھەممەيلەن ئەڭ ئەقىللىق دەپ قارايدىغان، ئۆزىمۇ ئۆزىنى چاشقانلار توپىنىڭ سەركىسى دەپ قارايدىغان بىر چاشقان ئورنىدىن تۇرۇپ گىلىنى قىرىپ قويۇپ گەپ باشلاپتۇ: -مەن بىر ياخشى چارە تاپتىم. ھەممىمىزگە مەلۇم، بارلىق تەھدىت ئاشۇ مۆشۈكتىن كىلىۋاتىدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالمىساقلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن توختىماي قىچىپ يۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ داۋاملىق ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇدەك ئۇنداق كەڭرى زېمىنىمىز يوق. ئۈچ تەرىپىمىز تام، بىر تەرىپىمىز خەتەرلىك ئازگال. يەنە بىر ئامال بۇ مۈشۈكنىڭ ھەركىتىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش. شۇڭا بىز بىر قوڭغۇراقنى مۆشۈكنىڭ بوينىغا ئسىپ قويساق ئۇ بىزگە يىقىنلاشقان ھامان قوڭغىراق جىرىڭلايدۇ. بىز قوڭغىراق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان قىچىپ كەتسەك بولمىدىمۇ دەپتۇ.
دانا چاشقاننىڭ گىپى تۈگىشىگىلا يىغىن مەيدانىدا گۈلدىراس ئالقىش ياڭراپتۇ ۋە ھەممىسى بىردەك:- توغىرا، ھەقىقەتەن ياخشى چارىكەن! دېيىشىپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر كىچىك چاشقان:- ئۇنداقتا قوڭغىراقنى مۆشۈكنىڭ بوينىغا كىم ئاسىدۇ؟ مەن بەك ئاجىز، ھەم كىچىك. بۇ ئىشنى مەن ھەرگىز قىلالمايمەن-دەپ كەينىگە داجىپتۇ، شۇنداق، مەنمۇ قىلالمايمەن. مەن بەك سىمىز، پۇت قولۇمدا كۈچ يوق-دەپتۇ يەنە بىر سى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇنى دەپ، بۇ بۇنى دەپ ئاخىرى ھىچكىممۇ تەۋەككۇل دەرياسىغا قىيىق سىلىشنى خالىماپتۇ. ئاخىرى ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ ئەزەلدىن مۆشۈكتىن قورۇقۇپ قىچىپ يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغانلىقنى، پەقەت مۆشۈكنىڭ قورسىقى تويغاندىلا چاشقان قوغلاشنى توختۇتۇپ كۇلۇڭغا بىرىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ  يىغىن مەيدانىدىن  جىمجىت تارقىشىپ كىتىپتۇ.   ئەپسۇسكى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇيەردىكى باياشاتلىق غايىپ بۈلۇپ، ھەممە يەردە مۇسىبەت پۇرايدىغان، ھېچكىممۇ بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدىغان بوپتۇ. مۈشۈك قورسىقىنى تويغۇزۇپ كۇلۇڭغا بىرىپ ئۇخلاشنىڭ ئورنىغا، نەپسى تېخىمۇ يوغىناپ بىر قىتىمدا ئون نەچچە چاشقاننى بىراقلا يىمىسە قانائەت قىلمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پات پات قولۇم قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىكى مۈشۈكلەرنى چىللاپ كىلىپ بۇ يەردە ئوۋقىلىش ئادىتىنى چىقرىۋاپتۇ.
ئامالنىڭ يوقلۇغىدىن چاشقانلار يەنە بىر نەچچە قتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ مۈشۈكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى كىڭېشىپتۇ. كىڭەشتە نورغۇنلىغان ياخشى تەدبىرلەر ئوتىرغا قويۇلۇپتۇ. ئەمما ھەل قىلىغۇچ پەيىتتە ھېچكىممۇ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ چىقىشقا پىتىنالماي، بۇ ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ مۈشۈكنىڭ يوقىتىشنىڭ نەزىريەسى زادى قانداق؟ دەپ پىچىرلاشقىنىچە بىر دىن بىردىن مۈشۈككە يەم بولۇپ تۈگەپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 16:11  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 15:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

44- ھېكايەت
بۇغېنىڭ  يەكۈنى

g0_14159203.jpg


   بىر چىپار بۇغا ھەر كۈنى تاغنىڭ تۆۋىنىدىكى ئىرىق بويىغا كىلىپ سۇ ئىچىدىكەن. ھەر قىتىم سۇ بويىغا كەلگەندە گۈزەل قامىتىنىڭ سۇدىكى ئەكسىگە قاراپ بەك ھوزۇرلىندىكەن. بولۇپمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ھەم باراقسان مۆڭگۈزىدىن بەكراق ھوزۇرلۇندىكەن. بىراق ھەر دائىم ئۆز ئەكسىگە قارىغاندا، بىر جۇپ ئىنچىكە پۇتى ئانچە قاملاشمايدىغاندەك، ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە نوقسان ئىلىپ كىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەن. ھەمدە «ئەگەر بۇنداق سەت ھەم ئۇزۇن پۇتلىرىم بولمىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولغان بولاتتى –ھە!» دەپ ئويلايدىكەن.
   بىر كۈنى چىپار بۇغا يەنە ئادەتتىكىدەكلا ئېرىق بويىغا سۇ ئىچكىلى كەپتۇ. ھەمدە سۇ دىكى ئۇ ئۆزئەكسىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندا ئالدىدا ئۇشتۇمتۇت بىر يولۋاس پەيدا بوپتۇ. ئۇ قورقۇپ جىنى چىققان ھالدا ئورمانغا قاراپ قىچىپتۇ. ئۇ بەك تىزيۈگىرىگەنلىكتىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ چىرايلىق مۆڭگۈزى دەرەخ شىخىغا ئىلىشىپ قىلىپ، جىنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قاپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مىڭ تەسلىكتە چەبدەس پۇتلىرىغا تايىنىپ، يوۋاستىن قىچىپ قۇتۇلۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇرسىنغان ھالدا «ئەمىلىيەتتە ماڭا ھەقىقى ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ئەشۇ ئىنچىكە، سەت بولسىمۇ چەبدەس پۇتلىرىم ئىكەن ئەمەسمۇ!» دەپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-11 15:28  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 17:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

45- ھېكايەت
بېلىقچى شاھنىڭ ئوغۇللىرى

251039006840.jpg


    بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، دېڭىزغا يىقىن بىر جايدا بىر بېلىقچى بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ،ئۇ بىلىق تۇتۇشقا ئۇستا بولغانلىقتىن، كىشىلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ «بىلىقچى شاھ» دەپ ئاتالغان ئىكەن. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ «بىلىقچى شاھ» كۈنسېرى قىرىپ غەم-ئەندىشىسىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ بىلىق تۇتۇش ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولۇپ، كەسىپتە ئۇنى دورىماپتۇ. شۇڭا بوۋاي دائىم باشقىلارغا ئۆز دەردىنى ئېيتىپ شۇنداق قاقشايدىغان بولۇپ قاپتۇ:
    -ھېچ بىلمىدىم، مېنىڭ بېلىق تۇتۇش تېخنىكام شۇنچە ياخشىيۇ، لېكىن ئوغۇللىرىمنىڭ بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى نېمىشقا شۇنچە ناچاردۇ! مەن ئۇلار ئىش ئۇققاندىن باشلاپلا بېلىق تۇتۇش بىلەن تەربىيىلەشكە باشلىدىم، تورنى قانداق يايغاندا بېلىقنى ئەڭ ئوڭاي تۇتقىلى بولىدىغانلىقنى، كېمىنى قانداق ھەيدىگەندە بېلىقنى ئۈركىتىۋەتمەيدىغانلىقنى، قانداق قىلغاندا بېلىقنى ئەڭ ئوڭاي قارماققا ئېلىندۇرغىلى بولىدىغانلىقنى ... ئشىقىلىپ مەن ئۇلارغا بارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەتتىم. ئۇلار چوڭ بولدى، مەن ئۇلارغا يەنە دېڭىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا كۆتىرىلىپ، قانداق ۋاقىتتا پەسىيىدىغانلىقنى، بېلىق تاشقىنىنى قانداق پەرق ئېتىشنى ئۆگەتتىم. ئۇلار ھەممىدىن ياخشى بېلىقچىلاردىن بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇزۇن يىللار توپلىغان تەجرىبلىرىمنى ھېچ ئايىماي ئۇلارغا ئۆگەتتىم. لېكىن ئۇلارنىڭ بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى مەندىن تۆۋەن تۇرىدىغان بېلىقچىلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ!
    بوۋاينىڭ قاقىشاشلىرىنى ئاڭلىغان بىر يولۇچى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
    - سىز ئۇلارغا ئىزچىل بىۋاستە ئۆگەتتىڭىزمۇ؟
    -شۇنداق ئۇلارنى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەن ئىنتايىن ئەتراپلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆگەتتىم،-دەپتۇ بېلىقچى شاھ.
    -ئۇلار ئىزچىل سىزگە ئەگىشىۋاتامدۇ ؟-دەپ سوراپتۇ ھېلىقى يولۇچى.
-شۇنداق ئۇلارنى ئەگرى يولنى ئاز ماڭسۇن دەپ ئۇلارغا بارلىق تېخنىكىلىرىمنى بىۋاستە ئۆگەتتىم، ئۇلارمۇ ماڭا ئىزچىل ئەگىشىۋاتىدۇ-دەپتۇ بوۋاي.
    -ھە، سىزنىڭ خاتالىقىڭىزنىڭ قەيەردىلىكىنى ئەمدى ئۇقتۇم. سىز پەقەت ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگتىپسىز، لېكىن تەجرىبە-ساۋاق ئۆگەتمەپسىز. ئۇلارغا مەغلۇبىيەت ۋە تەپەككۇر قىلىش پۇرسىتى بەرمەپسىز. شۇڭا ئۇلار ئۆگەنگەنسېرى سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپتۇ. ئەستە تۇتۇش كېرەككى، قابىلىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەجرىبە-ساۋاقنىڭ يوقلىقى بىلمسىزلىككە ئوخشاشلا ئادەمنى مەڭگۈ ھەقىقىي قابىلىيەتكە ئىگە قىلمايدۇ،-دەپتۇ يولۇچى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 17:38  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 21:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

46- ھېكايەت
نەپسىنىڭ قۇلى

2003122000030103.jpg


    بىرەيلەن بىر ئاقىلنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئازابلانغان ھالدا بىرسىنىڭ ئۆزىنى ئالداپ كەتكەنلىگىدىن شىكايەت قىپتۇ.
ئاقىل ئۇنىڭدىن: -ئۇ سىنى قانداق ئالدىدى؟ -دەپ سوراپتۇ.
   -ئۇ ماڭا ھەرقانداق مىتالىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدىم. ئەمما ئۇ شۇئانلا ماڭا بىر تال مىتالنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭ ھۆنىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم. كىيىن ئۇ ماڭاھەرقانداق نەرسىگە خىمىر تۇرۇچ كىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىمىز تۇرۇچ كۆپراق بولسا، ئازغىنە مىتالمۇ شۈنچە كۆپ ئالتۇنغا ئايلىندىغانلىقىنى، ھەتتا ياغاچ، تاش ۋە توپا تۇپراقتىنمۇ ئالتۇن تاۋلىغىلى بولىدىغانلىقنى تەكىتلەپ، ئازراق ئالتۇن ئەكىلىپ دەسمايە قىلىشنى بويرۇدى ھەم ماڭا موشۇنداق قىلغاندا ئون ھەسسە ھەتتا يىگىرمە ھەسسە پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقنى ئىيىتتى. مەن ئايالىمنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ۋە باشقا بارلىق ئالتۇنلىرىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا بەرگەندىن كىيىن ئۇ يوشۇرۇنچە قىچىپ كىتىپتۇ. ھەي!  مەن نىمە دېگەن شورپىشانە! – دەپتۇ ھىلىقى ئالدانغۇچى ھەسرەت بىلەن.
    -مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماڭ،-دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئاقىل، - سىزنى ئۇ ئادەم ئەمەس بەلكى ئاچكۆزلۈك، تويماس نەپىس ئالداپتۇ. ئۇ ئادەم پەقەت بىر قىتملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپتۇ –خالاس. سىزنىڭ ھەقىقى مەسىلىڭىز شۇيەردە ئىكەنكى: سىز  موشۇ ئاچكۆزلۈكىڭىز بىلەن ئەگەر بۇ قىتىم بۇ ئادەم تەرىپىدىن ئالدانمىغان بولسىڭىز، ھامان بىر كۈنى باشقا بىرسى تەرىپىدىن ئالدانغان بولاتتىڭىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-12 21:49  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  938
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 25
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 22:32:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشتاغ ئۇزۇندىن بىرى ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشنى كۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدىم  ، ئەمدى يەنە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالىغىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش