ئەسكەرتىش: بۈگۈن مۇنبەرنى ئارلاۋىتىپ، پەيزاۋات ناھيىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى دىھقانلار ئارىسىدىن يىتىشپ چىقىۋاتقان ئەدەبىيات خۇمار ياش مۇھەممەتجاننىڭ «مىڭ بىر ھېكايەت» نىڭ تۇنجى ھېكايىسىدىن پايدىلىنىپ يازغان ماقالىسىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىلان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم. ھەم بۇنى ھېكايەتلەرنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تۇنجى مۇۋاپىقيىتى دەپ ئويلاپ، كېينكى تەقلىدى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئۆلگە بولسۇن دەپ بۇ يەرگىمۇ قوشۇپ قويدۇم.
تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق بىر سىناق
مۇھەممەدجان تىلىۋالدى
كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممىلا ئادەم ھەر بىر ئىشىدىن نەتىجە يارىتىشنى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، بىرەر كەسىپتە نەتىجە يارىتىش، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئانچە ئاسان ئەمەس. قىيىنچىلىق، سىناق، جاپا - مۇشەققەتلەرگە دادىل يۈزلىنەلىگەن، بەرداشلىق بېرەلىگەن ئىرادىلىكلەرلا كۆزلىگەن نىيەت - مەقسەتلىرىگە يېتەلەيدۇ. ئىرادىسى ئاجىز، كىچىككىنە جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا ۋايسايدىغانلار مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
قەدىمدە بىر پادىشاھ بىر كۈنى كەچتە باشقىلار ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يوغان بىر پارچە تاشنى ئوردا قوۋۇقىدىن چىقىدىغان يولغا قويۇپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى مۆكۈنۈۋېلىپ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىپتۇ. بىرىنچى بولۇپ كالا ھارۋىسى ھەيدىگەن بىر دېھقان كەپتۇ ۋە يوغان تاشنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپ:
− كىمنىڭ بىپەرۋالىقى بۇ؟ − دەپ غۇدۇرىغىنىچە تاشنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر ياش لەشكەر كېلىپ بۇ تاشقا پۇتلىشىپ كېتىپتۇ ۋە ئاچچىقلىنىپ يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ تاشنى يۆتكىۋەتمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپتۇ. لېكىن، ئۆزى تاشنى يۆتكىۋەتمەپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە بۇ يولدىن يەنە بىر نامرات كىشى ئۆتۈپتۇ. ئۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يوغان تاشنى كۆرۈپ تاشنى يولدىن ئېلىۋەتمەكچى بولۇپتۇ. ئۇ تەسلىكتە تاشنى يۆتكەپ قارىسا، تاشنىڭ ئاستىدىن بىر كىچىك قۇتا چىقىپتۇ. قۇتىنىڭ ئۈستىگە «بۇ تاشنى يۆتكىۋەتكەن كىشىگە سوۋغا قىلدىم» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ھېلىقى نامرات قۇتىنى ئېچىپ قارىسا ئىچىدىن لىق ئالتۇن چىقىپتۇ...
بۇ ھېكايىدىن ئايانكى، بىز كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشتا دائىم ئاشۇ يوغان تاشتەك توسالغۇ - پۇتلىكاشاڭلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. بىز ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋالساق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز. ئەگەر ھەممىمىز ھېكايىدىكى دېھقان ۋە ياش لەشكەردەك قىيىنچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتتىن قاچساق ياكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىساق، غەلىبە قازىنىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ھۇرۇنلۇقنىڭ ئانىسى ھەمىشە ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كىشىلىك تۇرمۇش مۇرەككەپ جەريان. ئادەم بۇ جەرياندا ئۆزى ئويلاپ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ھامان غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت ئىچىدە ئۆتمەيدۇ. غەلىبە بار يەردە مەغلۇبىيەت، مەغلۇبىيەت بار يەردە مۇۋەپپەقىيەت بولىدۇ. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، نەتىجە ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەرگىزمۇ ئىرادىسى ئاجىزلارغا، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا قۇچاق ئاچمايدۇ. بەلكى ئۈزلۈكسىز تىرىشقان، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق، سىناق، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭەلىگەنلەرگە مەنسۇپ. غەلىبە قازىنىشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى ئۆزىمىزنىڭ ئۇنى ئەقلىنى بىلىپ تۇتۇش - تۇتال−ماس−لىقىمىزغا باغلىق. دانالار بۇ ھەقتە «غەلىبە بىر ئۈلۈش تەلەيدىن، توققۇز ئۈلۈش قان - تەردىن كېلىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىسىڭىز ھەرگىز باش ئەگمەڭ، توختىماي چىقىش يولى ئىزدەڭ. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئېغىر كۈنلەرنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا، گۈزەل كەلگۈسىنىڭ ئالدىڭىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ. قابىلىيىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، بوشاشماي تىرىشسىڭىزلا چوقۇم غالىبلىق چوققىسىغا چىقالايسىز، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە يېتەلەيسىز. تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت ۋە توسالغۇلار بىز ئۈچۈن بىر سىناق، خالاس.
بۇ ماقالە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2012-يىللىق 8-ئىيۇن سانىدا ئىلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-12 14:01