ئىگىسى: ئابدۇمىجىت.م

مىڭ بىر ھېكايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 15:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

54-ھېكايەت
سەھرا چاشقىنى

9780399226229.jpg


    بۇرۇننىڭ بۇرنىسدا، سەھرا چاشقىنى بىلەن شەھەر چاشقىنى ياخشى دوستلاردىن ئىكەن. بىر كۈنى سەھرا چاشقىنى شەھەر چاشقىنىغا خەت يېزىپ ئۇنى سەھراغا تەكلىپ قىپتۇ. ھەم خىتدە: «بۇرادەر، بۇ يەردە سەن يىزىنىڭ گۈزەل، ئەركىن تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلىنالايسەن، ساپ ھاۋاسى، ئەركىن-ئازادە تۇرمۇشىدىن خالىغانچە بەھرىمەن بولالايسەن، ناھايتى ساددا ئەمما ئاقكۆڭۈل دوستلۇرۇڭ بولىدۇ. بۇ يەرگە كىلىشكە ۋاقتىڭ چىقارمۇ؟» دەپتۇ.
شەھەر چاشقىنى خەتنى تاپشۇرۋىلىپ، دوستىنىڭ سەمىمىيتىدىن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ-دە، دەرھال سەھراغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
    شەھەر چاشقىنى سەھراغا كەلگەندىن كېيىن، سەھرا چاشقىنى ئۇنى قەدىرلەپ تەبئىي يمەكلىكلەردىن ئارپا، بۇغداي، تىرىقلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈپتۇ. ئۇنى كەڭرى دالادىكى خامانلارغا، گۈلە قاقلار دۆۋلەنگەن باغلارغا، تاللانغان مىۋىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرىدىن كىشىنى مەسىت قىلغۇدەك ئامبار، ساڭلارغا باشلاپ بىرىپتۇ. شەھەر چاشقىنى بۇ نەرسىلەرنى مەنسىتمىگەن ھالدا :-دوستۇم. بۇنداق نامراتچىلىقتا قانداقمۇ كۈن كەچۈرىۋاتقانسەن؟ نە مۇزىكا، نازى ئۇسۇلچى قىزلار، نە ھاراق شاراپ. بۇ يەردە تاماقتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىكەن. سەن يەنىلا مەن بىلەن شەھەرگە قايىتقىن، سىنى ياخشى بىر مىھمان قىلىپ، كۆزۈڭنى ئىچىپ قوياي،- دەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن سەھرا چاشقىنى شەھەرلىك بۇرادىرى بىلەن شەھەرگە كىرىپتۇ. سەھرادىن كەلگەن چاشقان شەھەرگە كىرىپلا تۇنجى قېتىم ئىگىز بىنالارنى، ھەشەمەتلىك باغچىلارنى، رەڭدار چىراقلارنى كۆرۈپ دوستىغا بەكمۇ ھەۋەس قىلىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ سەھرادا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېتىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئارپا-بۇغدايلارنى يەپ، قىش كۈنلىرى قەھرىتان سوغۇقتا قار ئۈستىدە يېتىپ ئاشلىق يېغىپ ياز كۈنلىرى تەرلەپ پىشقان ھالدا ئىشلىگىنىنى ئويلاپ كۆڭلى يىرىم بوپتۇ. ئۆزىنى شەھەرلىك چاشقان بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھەقىقەتەنمۇ بەختسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.
    بىردەمدىلا شەھەرلىك چاشقاننىڭ خىلمۇ-خىل تائىپەلەردىن بولغان ئاغىنە-بۇرادەرلىرى يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ پاراڭلىشىشقا باشلاپتۇ. ئاندىن كىين ئۇلار تاماق ئۈستىلىگە كىلىپ ھەر خىل مەززىلىك تائاملاردىن ھوزۇرلىنىپ يىيىشكە باشلاپتۇ. تۇيۇقسىز پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن بۇرادەرلەرنىڭ بىرىسى قىسماقتا جان بېرىپتۇ. ساق قالغانلىرى «ۋاي بىچارە، شەھەر دېگەن شۇنداق بولىدۇ» دېيىشىپ پەرۋاسىز ھالدا تاماققا قول سوزۇشۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر چاشقان ۋاي دەپ قورسىقىنى توتقىنىغىچە تاماقتىن زەھەرلىنىپ داستىخان ئۈستىگىلا يىقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىشىك ئىچىلىپ بىر ئادەم مۈشۈكىنى ئەركىلەتكىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ كەپتۇ. چاشقانلار قورققىنىدىن ئۆزىنى تامنىڭ تۆشۈكىگە ئىتىشىپتۇ. سەھرا چاشقىنى نىمە قىلىشنى بىلمەي قاپتۇ. ئۇ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، دوپپىسىنى كىيىپ بۇرادىرىگە: ماڭا يەنىلا يىزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشى ماس كىلىدىكەن. گەرچە بۇ يەردە ھەشەمەتلىك ئۆيلەر، مەززىلىك تاماقلار بولسىمۇ لىكىن ھايات ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدىكەن. جانغا تاقىشىدىغان خەۋىپلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئۇنىڭدىن يىزىدا بۇغداي يەپ، تىنچ ئۆتكەن ھايات مىڭ ياخشى ئىكەن،-دەپتۇ ۋە شەھەرلىك دوستىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 15:14  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 14:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

55-ھېكايەت
ئەرنى بويسۇندۇرۇشنىڭ مەخپى ئۇسۇلى

zeus.jpg


   بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا مەلۇم بىر يىزېدا ئىرى ئۈچۈن تولىمۇ باش قاتۇرىدىغان بىر ئايال ئۆتكەن ئىكەن. گەرچە ئۇ ئايال ئىرىنى شۈنچە ياخشى كۆرسىمۇ بىراق ئىرى ئۇنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىكەن. ئۇ قانچە قىلىپمۇ ئىرىنىڭ نىمىشقا ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىغىنى بىلەلمەپتۇ. شۇڭا بىركۈنى ئۇ بىر داخاننىڭ يىنىغا بىرىپ ئۆزىنىڭ باش قېتىچىلىغىنى بايان قىپتۇ . ۋە سىز ماڭا ئازراق ياردەم قىلىپ، يولدىشىمغا مىنىڭ نەقەدەر ئوماقلىغىمنى ھېس قىلدۇرالامسىز؟- دەپ سوراپتۇ.
- مەن تامامەن قىلالايمەن! ئەمما مەن سىزگە بۇ سىرنى  ئىيىتىپ بىرىشتىن ئاۋال سىز شىرنىڭ ئۈچ تال تۈكىنى يۇلۇپ كىلىشىڭىز كىرەك دەپتۇ.
   ئۇ ئايال گەرچە داخاننىڭ شىرنىڭ تۈكىنى نىمە قىلدىغىنىنى بىلمىسىمۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ بەختى ئۈچۈن داخانغا رەخمەت ئىيتىپ  ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرمەكچى بوپتۇ.  ئۇ ئۆيىگە ئازقالغاندا بىر چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئارام ئالغاچ قانداق قىلسام شىرنىڭ  تۈكىنى يۇلالارمەن؟ مەھەللىمىز يېنىدىكى ئورماندا دائىم پەيدا بولۇپ قالىدىغان شىر شۈنچە قورقۇنۇچلۇق تۇرسا ئۇنىڭ تۈكىنى قانداقمۇ يولارمەن! دەپ ئويغا پىتىپتۇ- دە ئاخىرى بىر ئامال تىپىپ چىقىپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى ئۇ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بىرقوينى يىتىلەپ شىر دائىم كېلىدىغان جايغا كەپتۇ ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن شىرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئاخىرى شىرمۇ چىقىپتۇ.  ئۇ چاققانلىق بىلەن قوينى شىرغا قالدۇرۇپ قايتىپ كىتىپتۇ ۋە بۇنى ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشتۇرۇپتۇ، شىرمۇ ئۇنى تۇنىۋاپتۇ. چۈنكى ئۇ ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش بىرجايدا بىر قوينى شىرغا سوۋغا قىلىدىكەن. ئۇ راستىنلا بىر مولايىم ئىشچان ئايال ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي شىر ئۇ ئايالنى كۆرسىلا تۆۋەن ئاۋازدا نەرە تارتىپ ئەھۋال سورايدىغان، ئۇنىڭغا يىقىن كېلىپ بېشنى سىلىتىدىغان بوپتۇ. ھەمدە ئاستا ئاستا بۇ ئايالغا كۆنۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايال ئاۋايلاپ شىرنىڭ ئۈچ تال تۈكىنى يولىۋاپتۇ ۋە ئۇنى داخاننىڭ ئالدىغا ئىلىپ بىرىپتۇ.
داخان ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:  -سىز بۇنىڭغا قانداق ئامال قىلدىڭىز؟
ئايال داخانغا ئۆزىنىڭ قانچىلىك سەۋىرچانلىق بىلەن شىرنىڭ تۈكىنى يولۇپ كەلگەنلىكىنى داخانغا سۆزلەپ بىرىتپۇ.
داخان كۈلۈپ كىتىپ، مانا ئەمدى سىز شىرنىڭ تۈكىنى يۇلغان ئۇسۇل بويىچە ئىرىڭىزنى بويسۇندۇرۇڭ! دەپتۇ.
ئايال داخاننىڭ دېگىنى بويىچە ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىرىنىڭ مەيلىنى ئۇتىۋاپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 14:07  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 23:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

56-ھېكايەت
ھارغىن قۇش ۋە تەنھا دەرەخ

P200908131945515383092128.jpg


   بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ھارغىن قۇش ئۆتكەن بولۇپ، توختىماستىن ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ يۈرىيدىكەن. ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈپ ھارغانلىقنى ياكى ھارغانلىقتىن ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. دەل ئەشۇ چاغلاردا، ئەشۇ ماكاندا يەنە بىرتۈپ تەنھا دەرەخ چەكسىز كەتكەن قاقاسلىقتا ئۈن تۈنسىز ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ شۈنچە جىمجىت تۇرغانلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ يالغۇزلۇقتىن ئىكەنلىگىنى ياكى جىمجىتلىق سەۋەبىدىن يالغۇز قالغانلىقنى بىلمەيدىكەن. بىركۈنى ھارغىن قۇش تەنھا دەرەخنىڭ  ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قاپتۇ ۋە قۇش دەرەخنىڭ تەنھالىغىنى، دەرەخ قۇشنىڭ ھارغانلىقنى بىلىپتۇ. قۇش موشۇ يەرگە ماكانلىشىپ ئۆزىنىڭ يىقىملىق ناخشىسى ئارقىلىق تەنھا دەرەخنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشنى ئويلاپتۇ. دەرەخمۇ قۇشنىڭ موشۇ يەردە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەڭرى باغرىدا ھارغىنلىقىنى چىقرىشنى ئىستەپتۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ھەرئىككىلىسى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە مۇھتاج بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىغىز ئاچالماپتۇ. بىردەملىك قايغۇلۇق سۈكۈتتىن كىيىن ھارغىن قۇش تەنھا دەرەختىن ئايرىلىپتۇ. تەنھا دەرەخمۇ ھارغىن قۇشنى ئىلىپ قالالماپتۇ. ھارغىن قۇش يەنىلا ھارغىن، تەنھا دەرەخ بولسا يەنىلا تەنھا پىتى قاپتۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇلار قايتا ئۇچىرىشالماپتۇ. لىكىن ھىلىقى ئۇچىرىشىشىتىن كىيىن ئۇلار  ھەر ئىككەيلەن ئۆزلىرىدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورايدىغان بوپتۇ: «ئەگەر ئەشۇ ۋاقىتتا مەن ئاۋال ئىغىز ئىچىپ سورىغان بولسام ئۇ قانداق جاۋاپ بىرەر بولغۇيىتتى؟»
    ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 23:21  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

57-ھېكايەت
سودىگەر بىلەن ئوتۇنچى

12c4D5643T0-23194.jpg


قۇيۇق دەرەخلىك ئارىسىدىكى چىغىر يولدا بىر سودىگەر بىلەن بىر ئوتۇنچى ئۇچىرىشىپ قاپتۇ. سودىگەرنىڭ ئۇزۇن سودا كارۋىنى، ساندۇق ساندۇق شايى گەزمىلى بار ئىكەن. ئوتۇنچى بولسا ھەركۈنى تاغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىدىكەن. ئوتۇندىن باشقا پالتا بىلەن ئارغامچا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرالىرىدىن ئىكەن. لىكىن سودىگەر دائىم چىرايى تۇتۇلۇپ ئىچى پۇشۇپ ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈيدىكەن، ئوتۇنچى بولسا خۇشال –خورام ناخشا ئىيتىپ يۈرىيدىكەن. ئۇ راستىنلا بەخىتلىك ئىكەن.
بىركۈنى سودىگەر بىلەن ئوتۇنچى يەنە ئۇچىرىشىپ قىلىپ، بىر تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئاپتۇ.
-ھەي! دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ سودىگەر-ھىچ بىلەلمىدىم يىگىت، سەن نىمىشقا شۈنچەنامىرات تۇرۇپ شۈنچە خۇشال. يۇشۇرۇپ قويغان بىباھا گۆھىرىڭ بارمۇ يا؟
-ھاھاھا! ئوتۇنچى قاقاقلاپ كۆلۈپ كىتىپتۇ. مەنمۇ بىلەلمىدىم سىنىڭ شۈنچە بايلىقىڭ تۇرۇپ نىمىشقا دائىم قايغۇرۇپ يۈرۈيسەن!
ھەي مىنىڭ نورغۇن بايلىقىم بولسىمۇ ئائىلەمدىكى بالا چاقىلىرىم پۇل ئۈچۈن جىدەللىشىپ يۈرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ كەچكىچە ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا باشقىلاردىن كۆپرەك نەپكە ئىرىشىش .بىرەر سىمۇ ئازراق سەمىمى بولۇشنى ئويلىمايدۇ. گەرچە مەن ناھايتى باي بولساممۇ دائىم ئۆزۈمنى ھىچنىمىسى يوق قەلەندەردەك ھىس قىلىمەن. شۇڭا قايغۇرىمەن،-دەپتۇ.
-سىنىڭ ئائىلەڭدە چوقۇم بىر زىرەك ئايالىڭ بارغۇ –دەيمەن؟- دەپ سوراپتۇ سودىگەر  ئۇلاپلا.
- ياق ، مەن بىر بەخىتلىك بويتاق-دەپتۇ ئوتۇنچى جاۋابەن. ئۇنداقتا سىنىڭ چوقۇم پات ئارىدا توي قىلىدىغان لايىقىڭ بار!  دەپتۇ باي سودىگەر ئىشەنىچ بىلەن.
-ياق مىنىڭ ئەزەلدىن توي قىلىدىغان لايىقىم بولۇپ باققان ئەمەس.
-ئۇنداقتا سىنىڭ چوقۇم يۇشۇرۇپ يۈرگەن ئەتىۋارلىق نەرسەڭ بار!
-ئەگەر سەن راستىنلا شۇنداق دەپ ئويلىساڭ مەندە راستىنلا بىر گۈزەل قىز سوۋغا قىلغان بىرنەرسە بار.
-ھە! سودىگەر ھەيران قاپتۇ. سىنى شۈنچە بەخىتلىك قىلغان قانداق مەڭگۈلۈك ئەتىۋارلىق نەرسە ئۇ؟ يالتىراپ تۇرغان خاتىرە بويۇمىمۇ، ياكى تاتلىق بىر سۆيۈش؟...
-ياق بۇ گۈزەل قىز ئەزەلدىن مەن بىلەن پاراڭلىشىپمۇ باقمىغان. ھەرقىتىم بازاردا ئۇچىرىشىپ قالساق بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ئۆتۈپ كىتەتتى. لىكىن بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر چۈشتىن كىيىن ئۇ ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ھاممىسى بىلەن يىراق، ناتونۇش بىرشەھەرگە كەتتى. ئۇ مىڭىش ئالدىدا ھارۋىغا چىقىۋىتىپ ئۇ... ئوتۇنچى بەخىتلىك ھىسياتقا چۈمدى.
-ئۇ نىمە بولدى؟ -سودىگەر ئالدىراپ سوراپتۇ.
-ماڭا شۇنداق بىر مىھىر بىلەن قاراپ قويدى.- دەپتۇ ئوتۇنىچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇچاغدىكى بىر قارىشى ماڭا نىسبەتەن بىر ئۆمۈرلۈك بەخىت بولۇشقا يىتىدۇ. مەن ئۇنى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۇشۇرۇپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈ خاتىرەمگە ئورناپ كەتتى. سودىگەر بەخىت ئىچىدىكى ئوتۇنچىغا قاراپ ئىچىدە –ھەقىقى باي ئەسلىدە ئۇ ئىكەن. ئەسلى مەن ئىسمى جىسمىغا لايىق قەلەندەر ئىكەنمەن. دەپ ئويلاپ ئاستاغىنە يولىغا راۋان بوپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 01:01  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

58-ھېكايەت
ھايات تەسىراتى

putukqi 1.jpg


    ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى بىلگەن بىر بوۋاي ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق قۇرلارنى يېزىپ قويۇپتۇ: ئەگەر مەن قايتىدىن بىر ياشىغان بولسام، ھەممە ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلاشماستىن، كۆپرەك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سىناپ  باقاتتىم. كۆپرەك ئارام ئىلىپ، خاتىرجەم ياشاپ، بىغەمرەك ئۆتۈشكە رازى ئىدىمكى كەلگۈسىدە يۈز بىرىدىغان ئىشلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئۇلارغا ئۇنچىلىك باش قاتۇرۇپ يۈرمەيتتىم. ئەمەليەتتە، ئىنسانلار دۇنياسىدا ئۇنچىلىك ئىنچىكە ھېساب قىلىدىغان  نېمە ئىشلار بار؟
    ئەگەر مەن مۇمكىن بولسا، كۆپرەك ساياھەت قىلاتتىم، تاغ-داۋانلاردىن ئىشىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان جايلارغا بىرىشتىنمۇ قورقمايتتىم. ئىلگىرى مەن دوغ ئىچىشتىن، لەمپۇڭ ييىشتىن قورقاتتتىم. چۈنكى سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەيتتىم، مۇشۇ پەيتتە مەن ئەشۇ قىلىقلىرىمدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا مەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئىھتىيات بىلەن ياشاپتىكەنمەن، ھەر بىر سىكۇنت نىمۇ ئىسراپ قىلماي قائىدىلىك ياشاشقا تىرىشىپتىكەنمەن.
ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا مۇمكىن بولىدىغان بولسا، مەن ھېچنەرسىگە تەييارلىق قىلماستىن بازارغا چىقاتتىم. ھەتتا كىملىك، پاسپۇرت دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئىلىۋالمايىتتىم. مەن ھەر بىر مىنۇت، ھەر بىر سېكۇنتتىن ئەركىن، ئازادە ھوزۇرلىناتتتىم.
    ئەگەر قايتا ياشاش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، مەن يالىڭاياق سىرتلاردا يۈرەتتتىم. ھەتتا كىچىچە ئۇخلىماستىن پۈتۈن  جىسمىم بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇر ئالاتتىم. يەنە كۆڭۈل ئىچىش باغچىسىغا بىرىپ، كۆپرەك ئوينىۋالاتتىم، كۆپرەك كۈن چىققاننى كۆرۈۋالاتتىم، كىچىك  دوستلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم.
پەقەت ھاياتلىق قايتا مۇمكىن بولىدىغان بولسا... لېكىن مەن ئۇنىڭ مەڭگۈ ماڭا  نېسىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 10:19  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 10:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتوق يوللىنىپ قاپتۇ. تەھرىرلىۋەتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 10:09  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 10:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

59-ھېكايەت
خىزىرنىڭ كۆرسەتمىسى

u=279654931,4170285356&fm=15&gp=0.jpg


     بىر يازغۇچى چۈشىدە خىزىر نى كۆرۈپتۇ:
-سەن مىنى زىيارەت قىلماقچىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ خىزىر.
-سىزنى شۇنداق زىيارەت قىلغۇم بار ئىدى، بىراق بىلمىدىم،سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بارمۇ –يوق؟ دەپتۇ يازغۇچى.
-مىنىڭ ۋاقتىم چەكسىز، نىمە سۇئالىڭ بار؟ دەپتۇ خىزىر.
-سىزنىڭچە ئىنسانلاردىكى ئەڭ غەلىتىلىك نېمە؟ دەپ سوراپتۇ يازغۇچى.
-ئىنسانلار بالىلىق دەۋرىگە ئۆچ، شۇڭا ھەممىسى تېزرەك چوڭ بولۇشقا ئالدىرايدۇ، لېكىن قىرىغاندا بولسا، بالىلىققا قايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز سالامەتلىكى بەدىلىگە پۇل تاپىدۇ، بىراق يەنە شۇ پۇل بىلەن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، لېكىن ھازىرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايات ياكى كەلگۈسىگە ۋە ياكى ھازىرغا تەۋە بولماي قالىدۇ. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك ئۆلگەندىن كېيىن خۇددى ياشاپ باقمىغاندەك خىياللارنى قىلىشىدۇ ھەم سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشىدۇ.
    خىزىر يازغۇچىنىڭ قولىنى تۇتقان ھالدا ، بىر پەس سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ.
-ئۇستاز بولۇش سۈپىتىڭىز  بىلەن، سىزنىڭ ئىنسانلارغا دەيدىغان يەنە قانداق گەپلىرىڭىز بار؟ دەپ سوراپتۇ يازغۇچى يەنە.
-ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ پەرىشتىلەرگە ئايلىنىشنى خام خىيال قىلىدىغان ئىنسانلار ھەممە ئادەمنى تەڭ خۇشال قىلىپ بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك. ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشىش. ئۇلار  ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەت نەرسىنىڭ بىرەر نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىراۋنىڭ قەلبىگە ئىرىشىش ئىكەنلىگىنى بىلىشى كىرەك.
    بايلارنىڭ ئىگە بولغىنى ئەڭ كۆپ بولماستىن بەلكى ئىھتىياجلىق بولىدىغىنى ئەڭ ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك.
ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن چۇڭقۇر جاراھەت قالدۇرۇشنىڭ بىر نەچچە مىنۇتلۇق ئىش ئىكەنلىكى، لىكىن جاراھەتنى ساقايتىش  ئۈچۈن نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتنىڭ كىتىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك.
ئۇلار باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى، پۇلغا ھەر قانداق نەرسىنى سىتىۋالغىلى بولسىمۇ بەختنى سىتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك.
   ئۇلار ئىككى ئادەم ئوخشاشلا بىر نەرسىگە قارىسا، ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەرسىنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك.
ئۇلار باشقىلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ رەھىمىگە ئېرىشىش كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك دەپتۇ-دە يازغۇچىنىڭ چۈشىدىن غايىپ بوپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 12:41  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 18:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

60-ھېكايەت
توخۇ بىلەن تۆمۈرتۇمشۇق


140.jpg


   خوراز بىلەن مىكىيان ھەر  كۈنى دېگۈدەك ئۇرۇشىدىكەن، بىر كۈنى ئۇلار ئۇرۇشۇپ ھىرىپ كېتىپ، ئارام ئېلىشنى ئويلاپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز يان تەرەپتىكى خوشنىسى دەرەختىكى تۆمۈر تۇمشۇق ئائىلىسى ئېسىگە كېلىپ قاپتۇ.
-ساڭا دېسەم، سەن ئەگەر تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ ئايالىنىڭ يىرىمىچىلىك بولغان بولساڭمۇ، بىز ئۇرۇشۇپ يۈرمەس ئىدۇق- دەپتۇ خوراز ئېغىز ئېچىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى مىكىياننىڭ تازا ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ.
    -قاراڭ تۆمۈر تۇمشۇق ئەپەندىگە، مانا شۇ ھەقىقىي ئەركەككە ئوخشايدۇ. ئۇنى قانداقمۇ سىزدەك سۈر-ھەيۋە قىلىپ، ئادەم تىللاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قەدىرسىز بىر ئەرگە ئوخشاتقىلى بولسۇن؟ -دەپتۇ مىكيان.
توخۇلارنىڭ جىددىلەشكەن ئاۋازى تۆمۈر تۇمشۇق ئائىلىسىگە ئاڭلىنىپتۇ. ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇچۇپ كىلىپ، توخۇ ئەر-ئايالغا نەسىھەت قىپتۇ:
   -بولدى، ئەمدى ئۇرۇشماڭلار، ۋاقتىڭلارنى باشقىلارنى ئەيىبلەشكە سەرپ قىلىۋەتسەڭلار ھېچقانداق نەرسىگە ئىرىشەلمەيسىلەر!
   -بىز نەدىمۇ سىلەرگە ئوخشايمىز؟ تەلەي، خۇشاللىق سىلەرنىڭ ئۆتمۈشۈڭلار، ھازىرىڭلار ۋە كەلگۈسىڭلارغا ھەر ۋاقىت ھەمرا بولۇپ كىلىۋاتىدۇ... دېيىشىپتۇ توخۇ ئەر-ئايال ئىككىسى خۇرسىنغان ھەم ھەسەت قىلغان ھالدا .
   -كىمنىڭ ئازاپلىق، بەختسىز،ئەپسۇسلىنارلىق ئۆتمۈشى بولمىغان؟ بىز ئۆتمۈشىمىزنى دەپ ئۇرۇشمايمىز. چۈنكى بىز ھازىرقى گۈزەللىكتىن ھوزۇر ئېلىش ۋە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرگە تېخىمۇ گۈزەل بىر بەت قوشۇش بىلەن ئالدىراش دەپتۇ،-تۆمۈرتۇمشۇق ئەر –ئايال توخۇلارغا نەسىھەت قىلىپ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 12:33  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 12:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

61-ھېكايەت
سۇ ئۈزۈش ماھىرىنىڭ جاۋابى

0013729e4a9d0af1ce0310.jpg


    -سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولۇش ناھايىتى خەتەرلىك ئىشمۇ؟-دەپ سوراپتۇ بىر ئادەم سۇ ئۈزۈش ماھىرىدىن.
-بىر ئادەم ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيسە، ئۇ ھەر قانداق خەتەردىن قورقمايدۇ. بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەر بىرىمىز دېڭىزنى سۆيىمىز،-دەپتۇ ھىلىقى ماھىر.
    -سىزنىڭ دادىڭىز ھازىر نەدە؟ دەپ سوراپتۇ ھىلىقى ئادەم.
-ئۇ دېڭىزدا ئۆلۈپ كەتكەن، دەپتۇ ماھىر.
-بوۋىڭىزچۇ؟
-ئۇ غەربىىي ئوكياندا ئۆلۈپ كەتكەن.
-ئاكىڭىز؟
   -ئۇ دەريادا سۇ ئۈزىۋاتقاندا بىر تىمساھ يۈتىۋەتكەن،
   -شۇنداق بولغانىكەن، ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام، ھەرگىز دېڭىزغا چۈشمىگەن بولاتتىم، دەپتۇ ھىلىقى ئادەم.
    -سىز مۇ ماڭا دادىڭىزنىڭ قەيەردە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟ دەپ سوراپتۇ سۇ ئۈزۈش ماھىرى.
-ئۇ كارىۋاتتا جان ئۈزگەن، دەپتۇ ھىلىقى ئادەم.
-بوۋىڭىزچۇ؟ سوراپتۇ ماھىر.
-ئۇمۇ ئوخشاش .
    -دېمەك مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدابولغان بولسام، مەڭگۈ كارىۋاتقا يېقىنلاشمىغان بولاتتىم، دەپ سۆزى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ سۇ ئۈزۈش ماھىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 12:23  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 741
تۆھپە : 0
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 10:17
58-ھېكايەت
ھايات تەسىراتى
    ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن قا ...

شۇنداق  خاتالىق ئۆتكۈزۈش قورقۇنۇچلۇق  ئەمەس ،بەلكى خاتالىقنى تۈزۈتمەسلىك قورقۇنۇچلۇق؛

باشقۇرغۇچى تەھرىرلەر مەسئۇلىيەتچانراق بولساڭلار،ئۆچۈرگەن تىماڭلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئېيتىپ قويساڭلار ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:19:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوي، سابا، سىز يەنە پەيدا بوپسىزغۇ. مەن سىزگە قالدۇرغان كىتابلارنى ئوقۇپ بولدىڭىزمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 741
تۆھپە : 0
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2012-5-29 01:19
ھوي، سابا، سىز يەنە پەيدا بوپسىزغۇ. مەن سىزگە قالدۇرغا ...

ياق تېخى ،ئىمكان بار ھەممىنى ئۇقۇيمەن ؛ھەجەپ سىزنىڭ كىتاپلىرىڭىز يوقكەنغۇ ؟

باشقۇرغۇچى تەھرىرلەر مەسئۇلىيەتچانراق بولساڭلار،ئۆچۈرگەن تىماڭلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئېيتىپ قويساڭلار ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەدەبىي كىتابىم يوق. پەقەت ئىنگلىزتىلىغا ئائىت ئۈچ پارچە كىتابىملا بار. سۇئالنى بەك چىڭ يەردىن سوراپ مىنى خىجىل قىلىپ قويدىڭىز. مەندە تېخى سىزگە يېزىپ بەرگەن ئۇ كىتابلارچىلىك كىتاب يازىدىغان بىلىم يوق. شۇڭا توختىماي ئۈگىنىۋاتىمەن.
  ئۇ كىتابلاردىن ھازىرغىچە قايسىلارنى ئوقۇپسىز؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 741
تۆھپە : 0
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كەمتەركەنسىز ؛
زورو ئاستىرشۇنداق دەيدۇ،
ئانا يۇرت
ئىز
ئويغانغان زىمىن
تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ
جاللات خېنىم
قابۇسنامە
كەلىلە رە دىمىنە
  
بۆرە ئانا
ئوغۇزنامە
قۇم باسقان شەھەر
داغ
يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام
ۋاسكىتبول چولپىنى ئادىلجان
مۇشۇلارلا ،يەنە ئۇقۇشنى خالايمەن ؛مۇمكىن بولسا ئەۋەتىپ بىرەرسىز....

باشقۇرغۇچى تەھرىرلەر مەسئۇلىيەتچانراق بولساڭلار،ئۆچۈرگەن تىماڭلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئېيتىپ قويساڭلار ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 01:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى، مەن سىزدىن سۆيۈنۈپ قالدىم. ئۆزىڭىز خەنزۇچىغا شۈنچە پىششىق، يەنە ئانا تىلنىمۇ ئۇنۇتماپسىز. ئەگەر تىرىشىپلا بەرسىڭىز سىزدىن كۆپ نەتىجە چىقىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش