12- ھېكايەت
موللىنىڭ پىكىرى
بۇرنقى زامانلاردا يەھۇدىيەدىكى بىركەنتتە بىر ساددا يەھۇدى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بىرقىتم نورغۇن توخۇ بىقىپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ توخۇلىرى ئۆلۈپ كىتىشكە باشلاپتۇ. نىمە قىلارىنى بىلمىگەن يەھۇدى بىرەر ياخشى مەسىلىھەت چىقپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ مەھەللىسىدىكى يەھۇدى مۇللىسىنىڭ يىنىغا بىرىپ: -تەقسىر، مىنىڭ توخۇلىرىم يىقىندا توخ ۋاباسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ ئۆلۈپ كىتىشكە باشلىدى، قانداق قىلسام بولارـ دەپ سوراپتۇ.
-سەن ئۇلارغا نىمە بىرىپ باققان؟ دەپتۇ موللا.
-ئارپا ھەي نادان، سەن ئەسلىدە ئۇلارغا بۇغداي بېرىشىڭ كىرەك ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەھۇدى يەنە موللىنىڭ يىنىغا يۈگىرەپ كىلىپ: -تەقسىر،مەن ئۇلارغا بۇغداي بەرگەن بولساممۇ يەنە 50 توخۇم كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى-دەپتۇ. -سەن ئۇلارغا نىمە ئىچۈرگەن؟ -سوغۇق سۇ. -ھەي نادان، سەن ئەسلى ئۇلارغا ئىسسىق سۇ بىرىشىڭ كىرەك ئىدى ئەمەسمۇ. يەنە ئىككى كۈندىن كىيىن بۇ يەھۇدى يەنە ئالدىراپ كىلىپ: -تەقسىر، مىنىڭ ھازىر پەقەت ئونلا توخۇيۇم قالدى دەپتۇ ناھايتى ئازاپلىق ھالدا. -سەن ئۇلارغا ئىچۈرگەن سۇنى قەيەردىن ئىلىپ كەلگەن؟ -قۇدۇقتىن. - ئەستا، سەن ئۇلارغا بۇلاق سۈيى ئىچكۈزۈشۈڭ كىرەك ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەھۇدى يەنە بىر خەۋەر ئىلىپ كەپتۇ، ۋە پۈتۈنلەي ئۆمۈتسىزلەنگەن ھالدا: - تەقسر، مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرتوخۇممۇ ئۆلۈپ كەتتى دەپتۇ. ۋاي ، ۋاي ، ۋاي-دەپتۇ يەھۇدى موللىسى ئەپسۇسلىنىپ تۇرۇپ: – بۇ بەك ئەپسۇسلنارلىق ئىش بوپتۇ. مەن ساڭا يەنە نورغۇنلىغان ياخشى پىكىرلەرنى دەپ بىرىشكە ئۈلگۈرمەپتىمەن- ئەمەسمۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-15 15:33
|