53-ھېكايەت
سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن
بىر جوپ قىز يېگىت تويدىن ئىبارەت مۇقەددەس سەھنىگە قەدەم قويۇپ، نىكاھدىن ئىبارەت ئۈزۈلمەس زەنجىر بىلەن مۇستەھكەم باغلىنىپتۇ. ئۇلار بىرمەزگىل مۇھەببەتنىڭ يۇقىرى، شېرىن دولقۇنلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرگەندىن كىيىن ئۇلار ئاستا-ئاستا تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈل كىرزىسلىرىغا دۈچ كېلىشكە باشلاپتۇ.
ئايال باغانسىرى يېڭى خۇيلارنى چىقىرىپ، خەجلەيدىغان پۇلنىڭ ئازلىغىدىن ئاغىرىنىپ چىرايى ئېچىلمايدىغان بولىۋاپتۇ. ئۇلار نامرات بولغاچقا چىرايلىق ئۆيدە، ئىسىل ماششىنىلاردىمۇ ئولتۇرالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ يىگىت پۇرسەت بولسىلا ئايالىغا ئىديىۋىي خىزمەت ئىشلەپ تۇرمۇشقا ئۆمۈتۋار قاراپتۇ.
بىر كۈنى ئۇلار دوختۇرخانىغا بىر دوستىنى يوقلاپ بارغاندا، دوستى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پۇل تىپش ئۈچۈن دائىم تاماق يىمەي، ئۇخلىماي يۈرۈپ كېسەل بولۇپ يىتىپ قالغانلىغىنى ئىيىتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەر-ئايالىدىن:- ئەگەر بىرسى كەلگۈسىدە ساڭا نورغۇن پۇل بېرىپ دوستىمىزغا ئوخشاش ئاغرىپ يات دېسە قانداق قىلاتتىڭ؟- دەپ سوراپتۇ.
ئايالى بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن:-ھەرگىز ئۇنىمايتىتىم،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار ئايلىنىپ بىر داچىنىڭ يىنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە ھەشەمەتلىك داچىدىن چىقىۋاتقان بىر جۇپ ئاپئاق چاچلىق ئەر ئايالنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە يىگىت ئايالىغا ئۇلارنى كۆرسىتىپ: -ئەگەر بىرەرسى ساڭا ئەشۇ چىرايلىق داچىنى بىرىپ ئۇلاردەك بوۋاي موماي بولغىن دېسە ماقۇل بولامتىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
-ئەلۋەتتە قوشۇلمايىتتىم دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال.
شۇ مەزگىلدە بۇ شەھەرد بىر چوڭ بۇلاڭچىلىق دىلۇسى پاش قىلىنىپتۇ ۋە بىر مىللىيۇن يۈۋەن پۇل بۇلىغان باش جىنايەتچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. يىگىت ئايالىدىن:- ئەگەر بىرەرسى ساڭا ئەشۇ بىر مىللىيۇن دوللار پۇلنى بىرىپ سىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىمەن دېسە قوشۇلامتىڭ؟ دەپ سوراپتۇ،
-ياق! -دەپتۇ ئايال ئاچچىقلىنىپ، - نىمە بىمەنە سۇئاللارنى سورا ۋېرىسىز؟
-قارا، دەپتۇ ئەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -بىز نىمە دېگەن بەخىتلىك! بىز ساغلام، بىزدە موھاببەت بار. ئەگەر قاچانكى پۇلغا مۇھتاج بولساق ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ ھالال ئىشلەپ تاپساق بولىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بايلىق بولامدۇ؟
ئايال بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن ئېرىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بارلىغىنى ھىس قىپتۇ. ھەم شۇندىن باشلاپ ئارتۇقچە ئۇنىڭدىن زارلانمايدىغان بوپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-18 18:40