14- ھېكايەت
ئۆزىنى ئۆزگەرتىش
ئىلگىرى، مەلۇم بىر ئەلدە كۈن بويى غەمكىن، ئىچى تىتىلداپ يۈرىدىغان بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىك كۈنلىرىدىن زېرىكىپ خۇشال-خۇرام ياشاشنى قارار قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ روھىي تەسەللى ئىزدەش مەقسىتىدە ئەتىراپىدىكى بىرقىسىم دانىشمەن كىشىلەرنى زىيارەت قىپتۇ. ئەشۇ كۈنلەرنىڭ بىرسىدە بىر ئۈمىدۋار كىشى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ سۇئاللىرىنى ئاڭلاپتۇ:
-سىزنىڭ ھاياتتا بىرەرمۇ دوستىڭىز بولمىسا، ھەممە ئادەم سىزگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىسا سىز يەنىلا خۇشال يۈرەلەمسىز؟- سوراپتۇ غەمكىن كىشى.
-ئەلۋەتتە، مەن يەنە خۇشال بولىۋىرىمەن، مەندە يوق نەرسە-پەقەت دوست، ئىمان ئەقىدە ئەمەس.
-ئەگەر سىز يول بويىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىر پاتقاق ئازگىلىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئۈستى-باشلىرىڭىز مەينەت ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىنىڭىزدا يەنىلا خۇشال بولالامسىز؟
- ئەلۋەتتە، چۈنكى مېنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىم پەقەتلا بىر پاتقاق ئازگىلى، ھەرگىزمۇ تېگى يوق ھاڭ ئەمەس.
-ئەگەر باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تاياق يەپ كەتكەن ئەھۋالدا قانداق قىلىسىز، يەنىلا خۇشال بولالامسىز؟
-ئەلۋەتتە، ئۇ ئادەم ھىلىمۇ ياخشى مىنى ئۇردى، زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويمىدى دەپ ئويلايمەن.
-ئەگەر چىشىڭىز ئاغرىپ چىش دوختۇرىنىڭ يېنىغا چىشىڭىزنى تارتقۇزغىلى بارغاندا، دوختۇر ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ ساق چىشىڭىزنى تارتىۋەتسىچۇ؟
-ھىلىمۇ ياخشى تارتقىنى پەقەتلا بىر چىش، مېنىڭ ئىچكى ئەزالىرىم ئەمەس، دەپ خۇشال بولىمەن.
- شېرىن ئۇيقۇدا ياتقىنىڭىزدا بىرەيلەن كېلىپ، يېقىمسىز ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپ كەيپىڭىزنى بۇزسىمۇ، سىز يەنە خۇشال بولامسىز؟
-ئەلۋەتتە، مەن خۇشاللىق بىلەن ھىلىمۇ بۇ يەردە ۋارقىراۋاتقىنى ئادەم، بۆرە ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
-ئەگەر سىز ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بولسىڭىز يەنىلا خۇشال بولالامسىز؟
-ئەلۋەتتە، مەن خۇشاللىق بىلەن ئاخىرى ھاياتلىق يولۇمنى مېڭىپ تۈگەتتىم دەيمەن. بۇ جاھاننىڭ دەرت ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ، بىر مىنۇت بولسىمۇ بۇرۇنراق مىنى ياراتقان ئەشۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشتىن خوش بولىمەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ، بۇ ئادەمدە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تېخىمۇ زور ئۈمىد پەيدا بوپتۇ ۋە ھاياتقا بولغان كۆز-قاراشنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 18:32