كىمدۇر بىرى «ئاقكۆڭۈللۈك ئەمالار ئوقۇيالايدىغان،گاچىلار چۈشىنەلەيدىغان تىلدۇر» دەپ ئېيتقان ئىكەن.بېشىمدىن ئۆتكەن قىسمەتلەر ۋە ئىنىمىز ئابدۇمىجىتنىڭ يۇقارقى بايانلىرى ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنىڭ بىر ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى،بىر قىسىم قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكنى ئاجىزلىق،بىچارىلىق دەپ قاراپ،ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنى ھەرخىل ئۇسۇل،شەكلىدە بوزەك قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇردى.ئىنمىز ئابدۇمىجىتنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك،ھوسۇللۇق بولغاي!
|