41- ھېكايەت
ھەققانىيەتنىڭ كۈچى
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، ئەرەبىستاندىكى بىر كىچىك قەبىلىدە ئالۋاستى پەيدا بولۇپ قاپتۇ ۋە قەبىلىدىكىلەر ئاشۇ ئالۋاستىنىڭ دەردىنى ناھايىتى كۆپ تارتىپتۇ.
بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن قەبىلە باشلىقى، قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىپ، ئالۋاستىنى يوقىتىپ قەبىلە ئاھالىسىنى جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتقۇزماقچى بوپتۇ ۋە ئوزۇق تۈلۈك راسلاپ يولغا چىقىپتۇ. بىر كۈنى قەبىلە باشلىقى قۇملۇقتا ئالۋاستىنى ئىزدەپ كىتىۋىتىپ بىر ئادەمنى ئۇچرىتپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا سالاملاشقاندىن كىيىن، قارشى تەرەپ قەبىلە باشلىغىدىن نەگە كىتىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئالۋاستىنى ئىزدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھىلىقى ئادەم نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغاندا، كەنت باشلىقى: -مەن ئۇنى يوقىتىپ كەنت ئاھالىسىنى قۇتۇلدۇرماقچى،دەپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم ئۆزىنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. كەنت باشلىقى بۇنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئىككى تەرەپ دەرھال جەڭگە ئۆتۈپتۇ. ئىلىشپتۇ، ئىلىشپتۇ. ئاخىرى قەبىلە باشلىقى ئالۋاستىنى يېڭىپ، ئۇنى يەرچېشلىتىپ قويۇپتۇ ۋە قىلىچىنى چىقىرىپ قول سېلىشقا تەييرلىنىپتۇ. لېكىن ئالۋاستى ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: -قول سېلىشقا ئالدىراپ كەتمە، سەن مىنى ئۆلتۈرسەڭ بولىدۇ، بىراق ئاۋۋال مېنىڭ بىر قانچە ئېغىز گىپىمگە قۇلاق سىلىپ باققىن دەپتۇ.
-قېنى سۆزلە، دەپتۇ قەبىلە باشلىقى.
-سەن مىنى ئۆلتۈرسەڭ ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيسەن، ئەگەر سەن ماڭا رەھىم قىلىپ مىنى ئۆلتۈرمىسەڭ، چوڭ پايدىغا ئىرىشىسەن-دپتۇ ئالۋاستى.
-قانداق پايدا؟-دەپ سوراپتۇ قەبىلە باشلىغى.
-ئەگەر سەن مىنى ئۆلتۈرمىسەڭ، مەن تاكى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ياستۇقىڭنىڭ ئاستىدا 20تەڭگە پەيدا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، دەپتۇ ئالۋاسىتى.
قەبىلە باشلىقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئىككىلىنىپ قاپتۇ ۋە «مىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرمىگىنىمنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمىدۇ؟ ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرمىسەم، ھەر كۈنى 20تەڭگىگە ئىرىشەلەيدىكەنمەن ئەمەسمۇ!» دەپ ئويلاپتۇ-دە ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئۇنى قويىۋىتىپ كەچقۇرۇنلۇقى جىمجىتقىنە ئۆيىگە قايتىپ كىلىۋاپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، قەبىلە باشلىغى ياستۇقنىڭ ئاستىدا 20تەڭگىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بوپتۇ. بۇ ھال ئۇدا بىر ھەپتە داۋام قىپتۇ. قەبىلە باشلىقى بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماپتۇ. ئۇ ئىنتايىن خوشال بولغان ھالدا، مەن ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنىڭ ئالتۇن ئامبىرىنى كونترول قىلىۋالدىم-دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى سەھەردە، قەبىلە باشلىقى ئويغىنىپ قولىنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا سوزۇپ پۇلنى سىلىسا ، پۇل يوق تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىچى سىقىلغاندەك بوپتۇ ۋە كۆڭلىدە مۇنداق ئويلاپتۇ: -بەلكىم ئالۋاستى ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، ئەتە چوقۇم ئىككى كۈنلۈك پۇلنى بىراقلا قويۇپ قويىشى مومكىن-دەپ ئويلاپتۇ.
لېكىن ئىككىنچى كۈنى ياستۇقنىڭ ئاستىدا يەنىلا پۇل كۆرۈنمەپتۇ. قەبىلە باشلىغى يەنە بىر كۈن ساقلاپتۇ. ئەمما پۇلدىن دىرەك بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئالۋاستىنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ھەم بۇ قىتىم ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىۋىتىمەن دەپ قەسەم قىپتۇ. مىڭىپتۇ، مىڭىپتۇ. ئوخشاش بىر يايلاقتا، ئوخشاش ئورۇندا ئۇلار يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. -ھەي ئالدامچى، بۇ سېىنىڭ نىمە قىلغىنىڭ؟ دەپتۇ سوراپتۇ قەبىلە باشلىقى.
-مەن سىنى قانداق رەنجىتىپ قويدۇم؟ دەپتۇ ئالۋاستى.
-سەن ماڭا ھەر كۈنى 20تەڭگە بىرىمەن دېگەن ئىدىڭغۇ؟ دەسلەپتە مەن راستىنلا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، لېكىن ھازىر ئۇدا ئۈچ كۈن بولدى. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم-دەپتۇ.
-بەرھەق. دەپتۇ ئالۋاستى: -مەن دەسلەپتە ساڭا پۇل بەرگەن، بىراق كىيىن بەرگۈم كەلمىدى، ئەگەر رازى بولمىساڭ بىز يەنە چىلىشىپ باقايلى، قىنى كىمنى كىم يېڭىدىكىن.
قەبىلە باشلىقى ئۆز كۈچىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇنى ئالدىنقى قېتىم يېڭىۋالغان ئىدىم. بۇ قېتىممۇ چوقۇم يېڭىۋالىمەن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. ئۇلار بىر قەپەس قاتتىق ئېلىشىپتۇ. لېكىن قەبىلە باشلىقى ئۇنى يەڭمەكتە يوق بەك ھالسىزلىنىپ كېتىپتۇ، ئاخىرى ئالۋاستى قەبىلە باشلىقىنى كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلاپ ئۇنىڭ كۆكرىكىدە ئولتۇرىۋاپتۇ-دە. قىلىچنى چىقىرىپ قول سېلىشقا تەييارلىنىپتۇ.
قەبىلە باشلىقى ناھايىتى قورققان ھالدا ئالۋاستىغا: -ئالۋاستى، سەن مىنىڭ بىر سۇئال سورىشىمغا رۇخسەت قىل، ئاندىن ئۆلتۈرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن، دەپتۇ يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
-قېنى سورا ! دەپتۇ ئالۋاستى.
-بىر ھەپتە ئىلگىرى ئىككىمىز ئۇچرىشىپ كۈچ سىناشقاندا سېنى مەن يەڭگەنىدىم، نېمىشقا ھازىر ئىككىلىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان تۇرۇپ، سەن يېڭىۋالىسەن؟- دەپ سوراپتۇ قەبىلە باشلىغى.
-ھەي ئىنسان! دەپتۇ ئالۋاستى ئەپسۇسلۇق بىلەن: -سەۋەبى سەن بىرىنچى قىتىم مەن بىلەن ئۇچراشقاندا ھەققانىي ئىش ئۈچۈن مەن بىلەن ئىلىشقانىدىڭ،شۇڭا مىنى يىڭىۋالغان. لېكىن سەن بۇ قېتىم ئۆز نەپسىڭ ئۈچۈن ئېلىشتىڭ، شۇڭا مەن سىنى ئاسانلا يېڭىۋالدىم. ئىسىڭدە بولسۇنكى قاچانكى ھەقىقەت سەندە بولسا ھەرقانچە چوڭ زور كۈچمۇ سىنى يىڭەلمەيدۇ. يەڭگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئۆزىنى ئىتىراپ قىلالماي ئازاپ ئىچىدە خاراپ بولىدۇ. ئەمما قاچانكى سەن ھەقىقەتتىن ئايرىلىپ قالدىڭ ئۇ ھالدا قانچە كۈچلۈك بولساڭلا سىنىڭ ئاقىۋىتىڭ مەغلۇبىيە بولىدۇ خالاس- دەپتۇ ئالۋاستى قىلىچىنى شارىتلا قىلىپ قەبىلە باشلىغىنىڭ بوينىغا ئۇرۇپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 20:13