49- ھېكايەت
مۇھەببەت ۋە ئەركىنىلىك
يىراقتىكى ئورمانلىقتا بىر جۇپ قۇشقاچ ياشايدىكەن، ئۇلار بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈدىكەنكى، ئۇلار كىچە كۈندۈز بىر بىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قيماي پىنھان بىر دەرەخكە بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر چوڭ ئۇۋا ياساپ چىقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۈندۈزى بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، كەچلىرى بىرلىكتە ئۇۋىسىغا قايتىپ كىلىپ ئۇخلايدىكەن.
بىراق بۇ ئىككى قۇشقاچ بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە، شۇنچە قىلسىمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشكە تىخى يېتەرلىك بولمىدى دەپ ئويلايدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئورماندا ئوزۇقلۇق ئىزدەش جەريانىدا، بەزىدە قارشى تەرەپنى يۈتتۈرۈپ قويسا، بەزىدە بۈركۈتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىپ بىر بىرىنى ئەسلىرىدىن چىقرىپ قويىدىكەن.
-ئۆزىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ تىخمۇ مۇستەھكەم ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، قانىتىمىزنى بىر قىلىپ باغلاپ قويايلى دەپتۇ،-قۇشقاچلارنىڭ بىرسى .
-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغانتىم،-دەپتۇ يەنە بىرسى جاۋابەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورمانلىقتىكى ئەڭ چىداملىق شاخچىلارنى تىرىپ كىلىپ قاناتلىرىنى بىر قىلىپ باغلاپتۇ. ھەمدە بىر –بىرىگە: -پۈتۈن دۇنيادا بىر-بىرىنى بىزدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان قۇش يوق!- دېيشىپ، خاتىرجەم ھالدا ئۇۋىسىغا قايتىپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئىللىق قۇياش نۇرى ئۇلارنى ئويغىتىپتۇ. ئىككىسى بىرلىكتە بىر بىرىگە بىقىشىپ، تۇمشۇقلىرىنى يىقىشىپ ئۇزۇنغىچە ناخشا ئېيتىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە تەييارلىنىپتۇ. ئۇلار ئۇۋىسىدىن شۇنداق سەكرەپ چىقىشىغىلا، ئىككىلىسى تەڭ پوكلا قىلىپ يەرگەموللاق ئىتىپ چۈشۈپتۇ. ئۇلار مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ لېىكىن ئۇچالماپتۇ. ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئىككىسىنىڭ قانىتنى بىر قىلىپ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى،قانات مەھكەم باغلانغىنىدا بۇرۇنقىدەك ئەركىن پەرۋاز قىلالمايدىغانلىقنى ھېس قىلىشىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتەقانىتى چىگىلگەن دەرەخ شاخلىرىنى چوقۇپ يەشكەندىن كېيىن، قاناتلىرىنى كەرگىنىچە بوشلۇققا قاراپ ئۇچۇپ كۆكلەردە ئەركىن پەرۋاز قىپتۇ. بۇ چاغدا ھايات ۋە مۇھاببەت ئۇلارغا تىخىمۇ رەڭدار ۋە جەلىپكار بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ.
-مۇھەببەت بوشلۇققا مۇھتاج ئىكەن، دەپتۇ بىرى.
-مۇھەببەت يەنە ئەركىنلىككىمۇ مۇھتاج ئىكەن،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
بۇ ئىككى قۇشقاچ شۇنىڭدىن كېيىن ئەسلى تەبىئىيتى بويىچە كۈنلىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. كۈندۈزلىرى بەخت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەر قايسىسى ئۆز يۆنىلىشىدە پەرۋاز قىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، كەچلىرى مۇھەببەت ۋىسالى ئۈچۈن ئىككىسىگە ئورتاق بولغان ئىللىق ئۇۋىسىغا قايتىپ بىرگە بولىدىغان بوپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 21:12